باش بەت / ساقلايمەن

ئاھ! مۇھەببەت (1)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-20 07:32 | ئاپتور: ئاينۇر دولقۇن | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئۇلار ئىككىسىنى ھەممە كىشىلەر ئىناق، ياخشى ئۆتۈۋاتقان بىر جۈپلەردىن دەپ ئويلىشىدۇ. چوڭلارمۇ ئۇلارنىڭ ئاللىبۇرۇن ئاجرشىپ كېتىش باسقۇچىغا بېرىپ يەتكىنىدىن ۋە سوتنىڭ مۇرەسسەسى بىلەن ھازىرغىچە بىر ئۆينىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ- چىقىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز. بۇمۇ تۇرمۇش بولدىمۇ؟ رازىق بەرداشلىق بېرەلمىدى، بۇنداق بۇرۇقتۇرما تۇرمۇشتىن زېرىكتى. بىراق شۇنچە يىل بىرگە ئۆي تۇتقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە گەپلەشمەي ئايرىم تۇرۇۋاتقىنىغا ئىككى ئايدىن ئاشقان ئايالىنىڭ يۈزىگە قاراپ تۇرۇپلا «بىز ئاجرىشىپ كېتەيلى» دېيىشكە تىلى بارمىدى. شۇڭا، ئۇ نەچچە كۈن ئويلانغاندىن كىيىن تۇنجى رەت ئايالىغا خەت يازدى.
«سۆيۈملۈك دىلبەر!

سېنى سۆيۈملۈك دەپ ئاتاپ باقمىغىنىمغا قانچىلىك ۋاقىت بولغىنىنى ئەسلىيەلمىدىم. ئەلۋەتتە چىرايلىقچە سالاملىشىپ ئۆتمىگىنىمىزگىمۇ يىرىم يىلچە بولۇپ قالدى. بۇ سۆز بەلكىم ھەر ئىككىلىمىزگە غەلىتە تۇيۇلار. شۇنداقلا بۇ سېنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم شۇنداق ئاتىشىم بولۇپ قالار.

دىلبەر مەن ساڭا ئەزەلدىن خەت يىزىپ باقمىغان، ئىككىمىز يۈرۈۋاتقان ۋاقىتلاردىمۇ يېزىپ باقمىغان، ئەكسىچە سەن ماڭا يازاتتىڭ. ھەتتا سۆيگۈ ئىزھار قىلىش خېتىنىمۇ سەن يازغان ئىدىڭ. شۇڭا بۇ خېتىمنى كۆرسەڭ چوقۇم غەلىتىلىك ھېس قىلىسەن.

بۈگۈن توي قىلغىنىمىزغا دەل ئون يىل بولغان كۈن. ئون يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە ئىككىمىز ھەممە كىشى ھەۋەس قىلغۇدەك بىر جۈپلەرگە ئايلىنىپ، بەخت ئىلكىدە كۈلۈمسىرىگەن ئىدۇق. ئەپسۇس، يىللار نۇرغۇن نەرسىلەرنى يەپ كەتتى. ھازىر بىزنى باغلاپ تۇرۇۋاتقىنى ئوغلىمىز فەرۇق بىلەن قىزىمىز دىلئارام بولۇپ قالغاندەكلا تۇرىدۇ، مەن نىكاھىمىزنى ھەقىقەتەن بىر پاجىئەمىكىن دەيمەن.

بىلىمەن، بۇ قۇرلارنى ئوقۇغۇنىڭدا تارام-تارام ياش تۆكۈپ نالە قىلىشىڭ، ئىھتىمال ئاۋالقى قېتىملاردىكىگە ئوخشاش ھەر خىل ئىشلارنى قىلىپ، مىنى قورقۇتۇشۇڭ مۇمكىن. بىراق ئەمدى ئۇنداق تەنتەكلىك قىلما، بىز ئەمدى كىچىك بالا ئەمەس، ئىككى بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى.

بۇ خەتنى يېزىشتىن ئاۋال كۆپ ئويلاندىم. ئىككىمىز تونۇشقاندىن تارتىپ بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئويلدىم. تۇنجى پارچە خېتىڭنى تاپشۇرۋالغاندىلا ساڭا دىققەت قىلىشقا باشلىغانمەن. ئۇ چاغلاردا چېچىڭ تولىمۇ ئۇزۇن، ئالدىمدا بەكلا مۇلايىم ئىدىڭ. مەن ياتىقىمدا يوق چاغدا شۇنچە يىراقتىن كىلىپ ياتىقىمنى تازىلاپ، كىرقاتلىرىمنى يۇيۇپ دەزماللاپ قويۇپ، كېتەتتىڭ. يەنە تېخى مەن ياخشى كۆرىدىغان مېۋىلەرنى ئالغاچ كېلىپ، كارۋىتىم بىشىدىكى ئۈستەلگە تىزىپ قوياتتىڭ. مەن ياتاققا كىرىپلا سېنىڭ كەلگىنىڭنى بىلەتتىم. ياتىقىمنىڭ ئاچقۇچىنى قانداق قولغا چۈشۈرگىنىڭ تاكى ھازىرغىچە ماڭا قاراڭغۇ، سەن خىلى يىراقتا تۇرساڭمۇ ھەرىكەتلىرىمدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىكەنسەن. دېمەك،شۇ چاغلاردىلا مېنى تىزگىنلەپ ياشاشنى ئويلاپتىكەنسەن.

ئىككىمىزنىڭ تويى قىزىقچىلىقىتىلا ئىككى ھەپتە ئىچىدە بولۇپ كەتتى. بەلكىم بۇمۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇ. مەن شۇ چاغلاردا سىنى ياخشى كۆرۈشكە بەل باغلىغان ئىدىم، كىيىنكى كۈنلەردىمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ تىرىشتىم...

مەن ساڭا چېچىڭنى ئاسراش توغرىلىق گەپ قىلغان ۋە شۇ ئارقىلىق ‹ئۇزۇن چېچىڭنى كەسمە›دېگەننى پۇراتقان ئىدىم. لىكىن تويدىن كىيىن تۇنجى قىلغان ‹ئىسيانكارلىقىڭ› چېچىڭنى كېسىش بولدى. چېچىڭنى گەجگەڭدە قىلىپ كىسىپ، بۈدرە قىلىۋاپسەن. شۇنىڭ بىلەن بىز تويىمىز بولۇپ ئۈچىنجى ھەپتىسىلا ئۇرۇشۇپ قالدۇق.

-گۈلباھارىڭىزنىڭ چېچى ئۇزۇنكەن-ھە. شۇڭا مېنىڭ چېچىمغا ئاشىق بوپتىكەنسىز. شۇڭا كېسىۋەتتىم، قانداق قىلالايتىڭىز؟

‹توۋا› دېدىم سىنىڭ زۇۋاندازلىقىڭغا قاراپ. گۈلباھارنى تىلغا ئىلىپ يارامغا تۇز سېپىشىڭ قاتتىق زىتىمغا تەگدى. توغرا، گۈلباھارنى ياخشى كۆرىدىغىنىم راست، ئىككىمىز بەلكىم توي قىلار ئىدۇق. لىكىن، بىرىمىز شەرقتە، بىرىمىز غەرپتە بولۇپ قالدۇق. ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى ئۇنىڭ يۇرتۇمغا بىللە كىتىشىگە قوشۇلمىغاچقا، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۇ غۇلجىغا ، مەن بۇ ياققا قايتتۇق. لىكىن سەن بۇنى ياخشى بىلەتتىڭغۇ؟ ياتىقىمدىكى سەن مېۋە تىزىپ قويىدىغان ئۈستەلدىكى رامكىدا ئۇنىڭ سۆرىتى بار ئىدىغۇ؟! سەن كۆرمەي قالغانمىدىڭ، شۇنچە قىلساڭمۇ ئىپادە بىلدۈرمىگىنىمدىن كۆڭلۈمدە باشقا بېرىنىڭ بارلىقىنى بىلمىگەنمىدىڭ؟ مەن ئۇ چاغدا سىنى بەك ئاقكۆڭۈلكەن، دەپ ئويلىغانكەنمەن. لىكىن توينىڭ بەشىنجى كۈنى قىلغان ئىشىڭ گۈلباھارنىڭ ھەممە رەسىملىرىنى كۆيدۈرۋىتىش بولدى. يۈرىكىم ئىچىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، سەن بىلەن ياخشى ئۆتۈپ كېتىشنى ئويلاپ، بوپتۇلا دەپ گەپ قىلمىدىم... ئۇزۇن چاچ دېگەن قىز-ئاياللارنىڭ ئەڭ يارقىن گۈزەللىكى تۇرسا، گۈلباھارنى چىشلەپ تارتقىنىڭغا ھەيرانمەن. مانا شۇندىن تارتىپ ساڭا كۆپ قىتىم دېگەن بولساممۇ، لىكىن سەن چېچىڭنى قەتئىي ئۆستۈرۈپ باقمىدىڭ.

ماڭا ئىشەنمىگەن ئادەم نېمىشقا مەن بىلەن توي قىلىسەن؟ تويدىن كىيىنكى قانچىلىك كۈنىمىز ئۇرۇش -جىدەل ئىچىدە ئۆتتى. ئىشىكتىن كىرسەم ئىللىق چىراي بىلەن قارشى ئالغىنىڭ قانچە قىتىم؟

دىلبەر، كۈنلەشنىڭمۇ لايىقىدا بولغىنى ياخشى. ھەتتا سەن تىلفۇن ئۇرغان سىڭلىمنىمۇ سۈرۈشتۈرمەيلا سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ كەتتىڭ. مەن ئايال خىزمەتداشلىرىم بىلەن سالاملىشىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدىم. چۈنكى سەن ئىدارىدىكى كۆپ ئاياللار بىلەن ئۇرۇشۇپ بولدۇڭ . توۋا، قانداق قىلاي؟ ھېلىمۇ باشقىلارغا ئانچە گەپ قىلىپ كەتمەيدىغان"مۆڭ"بولغىنىم، بولمىسا قانداق قىلاتتىڭ؟

مىھمانلىرىم، تۇغقانلىرىم ئۆيدىن توزۇپ كەتتى. ئاي-يىللاپ ئۆيىمىزگە مىھمان كەلمەيدۇ. ساڭا كۆپ قىتىم قولۇپ تىگىپ كەتتى دىلبەر. ئەسلى مەن بۇنداق قىلمايتتىم. مېھمانلىرىمغا ئىللىق چىراي ئېچىپ، بىر ئىززىتىمنى قىلساڭ ھە كاشكى.

بالىلارغا ئىچىم ئاغرىپ كەتتى. قاتار چايلارغا ئاز بار دىسەم، شەنبە-يەكشەنبەڭ ئولتۇرۇشلار بىلەن كىتىدۇ. چوڭلارنىمۇ ھىيت-ئايەملەردە، يىلدا بىرەر قىتىم يوقلاۋاتىمىز. مانا ئىككى ھېيىت ئۆتۈپ كەتتى. سەن قىيىنئاناڭ بولغان ئانامنىڭ ئۆيىگە قەدەم بىسىپ باقمىدىڭ، ئەھۋالمۇ سوراپ قويمىدىڭ. ئانام تىلفۇن قىلسا چىرايلىققىنە ‹ئانا› دېگەن سۆز ئېغىزىڭدىن چىقماي، ‹ئوغلىڭىز› دەپ گەپ قىلىپ كىتىپسەن. ئانام بۇ قىلىقىڭنى كۆتۈرەلمىدى. ئاجرىشايلى دېسەم تېخى ئۇنىمايسەن، ياخشى ئۆتۈشكە تېخى؟ سەنچە مۇھەببەت مۇشۇنداق بولامدۇ دىلبەر! يازغىنىم شىكايەتنامە ئەمەس. شۇڭا قالغانلىرى ئۆزۈڭگە ئايان. بالىنىڭ ھەر ئىككىسىنى مەن باقىمەن. ئەگەر ئۇنىمىساڭ بىردىن باقساقمۇ بولىدۇ. ئويلىنىپ تىزرەك جاۋابىنى بەرگىن.

خەير، رازىقتىن»

«ئەسسالام رازىق. خېتىڭىزنى ئوقۇدۇم. بىلەمسىز، خەتنى باشتا كۆرۈپ ئالەمچە شادلىققا چۆمگەن بولسام، ئوقۇغاندىن كىيىن دۇنيا قاراڭغۇدا قالغاندەك، ئۆزۈم كۆرگىلى بولمايدىغان ئۇلۇغ بىر ئوتنىڭ ئىچىدە كۆيۈۋاتقاندەك يۈرىكىم پۇچۇلاندى. ساق بىر ھەپتە ئەستايىدىل ئويلاندىم. سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىزنى، دېمىگەنلىرىڭىزنىمۇ قوشۇپ ئويلىدىم. توغرا دەيسىز رازىق. سىز دېگەن گۇناھلار مەندە بار. چاچ كىسىش، چاي ئويناش، جىدەل قىلىش، ئاپشاركىدەك ئىزىڭىزنى قوغلاش، سىزگە توختىماي قارشىلىق قىلىش... لېكىن شۇنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ئەگەر مەندە پەقەتمۇ ياخشىلىق بولمىسا، بىز ئون يىل بىرگە تۇرمۇش كەچۈرەلەرمىدۇق؟ بەلكىم ‹بىر كۈنلۈك ئەر-خوتۇننىڭ يۈز كۈنلۈك مېھرى بار› دەپ بۈگۈنگە ئۇلاشقاندىمىز. سىزگە دېسەم، خاتالىق سادىر قىلىۋاتقىنىمدا بولسا سىزنىڭ ھىسياتىڭزنى ئويلاشقا ئۈلگۈرمەيمەن. رەنجىگىنىڭىزدە بولسا، كەچۈرۈڭ دىيىشكە تىلىم بارمايدۇ. راستىمنى دېسەم، سىزنى ئەر كىشى بولغاندىكىن ئاۋال ماڭا گەپ قىلسىكەن، ماڭا يالۋۇرسىكەن دەپ ئويلايتىم. بىراق، بۇنداق ئىش بىر قىتىممۇ بولۇپ باقمىدى. يەنە مەن ئىزچىل ئاكتىپ ئورۇندا تۇرۇپ كەلدىم. ئويلاپ باقسام ئۇرۇشقىمۇ ۋە مۇرەسسەگىمۇ ھەمىشە مەن ئاكتىپ ئورۇندا تۇرۇپ كەپتىمەن. چېچىمغا كەلسەك، ئويلىغىنىڭز توغرا، گۈلباھارغا قانچىلىك ئۆچمەنلىك قىلىدىغىنمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بىرەلمەيمەن. بەلكىم بۇ سىزگە بولغان مۇھەببىتىمنىڭ زىيادە چوڭقۇرلىقىدىن بولسا كېرەك. نېمە ئۈچۈن مېنىڭ ھەممە ھەركىتىم كۆزىڭىزگە شۇنچە سىغماي، كىچە-كۈندۈز شۇ گۈلباھارنىلا ئويلاپ يۈرۈيسىز؟ مېنىڭ ئورنۇمدا ئويلاپ بېقىڭ دېسەممۇ بەرىبىر ئويلىيالمايسىز، چۈنكى سىز ئاياللارنى چۈشەنمەيسىز.

سىز مېنى چېچىمنى ئۆستۈرۈشكە دەۋەت قىلغىنىڭىز راست. مەنمۇ سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىزنى بىجاندىل ئورۇنداشنى ئارزۇ قىلاتتىم. لىكىن سىز مەن تەلەپ قىلغان ئىشنىڭ قايسى بىرىنى قىلىپ باقتىڭىز؟ تاماكا چەكمەڭ دېدىم، مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۇنتۇپ قالماڭ دېدىم، مېنىڭ ئاتا-ئانامغا ئايدا-يىلدا بىرەر قىتىم بولسىمۇ ئۆز ئوغلىدەك مۇئامىلە قىلىڭ دېدىم. مەن بىلەن ئەركىن-ئازادە بىرەر قىتىم بولسىمۇ پاراڭلىشىڭ دېدىم، ئائىلىنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى تەڭ مەسلىھەتلىشىپ قىلايلى دېدىم... مەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى دېدىم. سىز بىرەرىنىمۇ قىلىپ باقمىدىڭىز. ئىككى ئېنىمنىڭ تويى بولغاندا ‹بىر كۈن ئاۋال بېرىپ نېمە ئىشلار بار دەپ بولسىمۇ كىلىڭ› دېدىم. سىز ئەل قاتارى كىرىپ قويۇپلا، يەنە ئىشخانىڭىزغا تور ئويناشقا كەتتىڭىز. سىز ئىزچىل مېنى ئىتائەت قىلدۇرۇشنى ئويلاپ كەلدىڭىز. ئەجىبا مۇھەببىتىمگە دەممۇ-دەم سوغۇق سۇ سېپىش بەدىلىگە مەندىن ئىتائەت تەلەپ قىلسىڭىز ئادىللىق بولامدۇ؟ بەلكىم مۇھەببەتتە ئادىللىق تەلەپ قىلىش ياخشى ئەمەستۇر. گاھىدا ھەممە سۆزلىرىڭىزگە قارشلىقسىز ئىتائەت قىلسام، خۇددى سىزنىڭ ئايالىڭىز ئەمەس، قۇلىڭىزغا ئوخشاپ قالىمەنمىكىن دەيمەن. سىز بىرەر قىتىممۇ ماڭا تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى بىرىپ باققان، ياكى بولمىسا «سىنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن گەپلەرنى دەپ باققان ئەمەس. ئاياللارنىڭ مۇشۇنداق كىچىك ئىشلاردىنمۇ ئالەمچە خۇشاللىق تاپالايدىغىنىنى بىلمەمسىز؟ لىكىن، رازىق! سىز كەم سۆز، ئېغىر بىسىق، مەرد، مەسئۇلىيەتچان ياخشى ئادەم. ۋاپادار ئوغۇل، لاياقەتلىك دادا، قاملاشقان ئەر. ئەمما، سىز كۆزلىرىمگە بىرەر قىتىممۇ كۈلۈپ تىكىلىپ باقمىدىڭىز، ئىشقا ماڭىسىز، ئىشىك تۈۋىگىچە ئۇزۇتۇپ چىقسام، ئىڭىكىمدىن يۆلەپ مەڭزىمگە بولسىمۇ بىرەرنى سۆيۈپ باقمىدىڭىز، ئون قىتىم تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە ئاتاپ تاماق ئېتىپ كۈتۈپ تەبرىكلىگىنىمگە، ئالغان سوۋغىلىرىمغا بىرەر قىتىممۇ رەھمەت دەپ قويمىدىڭىز. سىزنىڭ چىرايلىقكەن، ياخشىكەن دېگەن سۆزلىرىڭىزدىن خۇشال بولۇپ، ئەتراپىڭىزدا پەرۋانە بولۇپ كەتسەممۇ ئارتۇق گەپ قىلمايسىز. شۇنىڭ بىلەن سىز ئېيتقان ساراڭلىقىم تۇتىدۇ. مەن توي قىلغاندىن ئۆزۈم كۈتكەن گۈزەل چۈشلەرنىڭ تالايلىرىنى رەنجىشلىرىم ئىچىگە دەپنە قىلىۋەتتىم. مىنى يېرىم كىچىدە قانچە قىتىم ھوجرىدىن قوغلاپ چىقارغىنىڭىز ئىسىڭىزدە بارمۇ؟ بىر ئايالغا بۇ نە ئەلەم ھە!

ئالتە يىل بولدى. سىز بىلەن كارىم بولمايدىغان بولۇپ كەتتىم. بۇنىڭ سەۋەبىنى سىزگە دېمىدىم. ئالتە يىل بۇرۇن سىز غۇلجىغا يىرىم يىللىق تەجىربە ئالماشتۇرۇشقا كەتتىڭىز. سىز بىر ئائىلىنىڭ بېشى تۇرۇپ بېرىش-بارماسلىقنى ماڭا مەسلىھەتمۇ سالماي، قارار چىقىرۋىتىپسىز. سىزغۇ ئەزەلدىن ماڭا بىر ئىشنى مەسلىھەت سالمايلا قارار قىلىۋىتىسىز. مەنمۇ تىخى بۇ خەۋەرنى خىزمەتداشلىرىڭىزدىن ئۇقتۇم. شۇ چاغدا غۇلجىغا بارىدىغىنىڭىزدىن يۈرىكىم تەشۋىشكە چۈشكەن ئىدى. ئاخىرى مەن ئەنسىرىگەن ئىش يۈز بەردى. سىز قايتىپ كەلگەندىن كىيىنكى يىرىم يىل ئىچىدە تۆت پارچە خەت تاپشۇرۋالدىم. لىكىن بۇ خەتنى سىزگە بەرمىدىم. ئىككى پارچىسى گۈلباھاردىن، ئىككى پارچىسى دوستىڭىزنىڭ سىڭلىسى ئالمىگۈلدىن كەلگەن خەت ئىكەن. بۇلار سىزنىڭ غۇلجىدا ئىلىپ بارغان تەجىربە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىڭىزنىڭ جەريانىنى ئاشكارىلاپ قويدى. ئۇ ئايال ئىككىنجى پارچە خېتىدە رەسىمىنى ئېۋەتىپتۇ، تۆت ياشلىق قىزنىڭ مەڭزىگە مەڭزىنى يىقىپ تۇرغان، ئۇچىسىغا ئەتلەس كىيگەن، چېچىنى ئۆرۈپ بېشىدىكى گىلەم دوپپىسىنىڭ ئۈستىدىن يۆگىمە قىلىۋالغان بۇ چىرايلىق ئايال ھەقىقەتەن كۈندەشلىكىمنى تىخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. ئۇ خىتىدە سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان ياردەملىرىڭىزگە ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، 5000يۈەننىڭ پۇل چېكىنى ساپتۇ. بۇنى سىز ئۇنىڭ قىزى دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا بېرىپتىكەنسىز. ئاچچىقىمدا ئۇ پۇلغا پەلتو ئىلىپ كىيىۋەتتىم. ئۇ يەنە تېخى مەن بىلەن ياخشى ئۆتۈش توغۇرلۇق نۇرغۇن ۋەز-نەسىھەتلەرنى ئوقۇپتۇ. ياخشىچاق بولۇشقا ئۇستىلىقىنى! دېگەن ئىدىم شۇ چاغدا. ھازىر ئويلىسام، ئۇنىڭ شۇ تەرەپلىرى سىزنى جەلىپ قىلىۋالغان ئىكەن. ئۇ چاغدا مېنى ئەڭ ئازابلىغىنى سىزنىڭ خىيانىتىڭىز بولدى. سىزنىڭ خىزمەتنى تاشلاپ غۇلجىغا بېرىپ، سودىگەرچىلىك قىلىپ بولسىمۇ تۇل قالغان ئۇ گۈلباھارىڭىزنى بەختلىك قىلماقچى بولغىنىڭىز، ئۇ ئايالنىڭمۇ ئەينى چاغدا ئۆيدىكىلىرىگە قارشى چىقىپ بولسىمۇ سىزگە تەگىمىگىنىگە بولغان ئۆكۈنۈشى يېزىلغان بۇ خەت سىزگە بولغان مۇھەببىتىمنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتتى. شۇندىن بىرى كۆزلىرىڭىزدە گۈلباھار دەپلا يىزىقلىقتەك كۆرۈنۈپ، سىز بىلەن توختىماي ئۇرۇشىدىغان بولۇپ كەتتىم. شۇ چاغدا، ئەمدىلا قۇچاقتا قالغان سۆيۈملۈك بالىمىزنىمۇ ئويلاپ قويمىدىڭىزما؟ بۇ غەزىپمنى قوزغاتتى. شۇندىن كىيىن سىز ئوڭ دىسىڭىز، مەن سول دەپ قوپىدىغان بولدۇم. چىچىمنى كىسىۋىرىپ، تاسلا قالدىم ئاخىرى تاقىر باش بولۇپ قالغىلى. چۈنكى سىز گۈلباھارنىڭ چېچىغا ئاشىق ئىدىڭىز. تويدىن كىيىنلا چېچىمنى كەستۈرۈشۈم خاتا بولغانىكەن، ئۇنىڭدىن كىيىن بىر قانچە قىتىم ئۆستۈرۈپ باقتىم، لىكىن سىز ماڭا پەقەتلا دىققەت قىلمىدىڭىز. ئاياللار بىلەن بولغان ئالاقىڭىز توغرىسىدىكى ھەر خىل گەپلەر مېنى تىنماي بىئارام قىلىپ، توختىماي ياسىنىشقا ئۈندەيتتى. سىز تولىمۇ قاملاشقان، كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان، كەمسۆز، ئەڭ مۇھىمى مەرت. شۇڭا ياش قىزلارمۇ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئەنە دوستىڭىزنىڭ سىڭلىسى ئالمىگۈلنى ئادىمەتچىلىك يۈزىسىدىن مۇنداقلا يوقلاپ قويسىڭىز، سىزنى ياخشى كۆرۈپ قىلىپ، ھەر ھەپتىسى بېرىپ كىرلىرىڭىزنى يۇيۇپ كىتىپتىغۇ؟! تېخى ئىككى بالىڭىزنى ياخشى باقىمەن، دەپ كىتىپتۇ خېتىدە. سۆزلىرىمدە ئاشۇرۋىتىدىغىنمىنى بىلىمەن، لىكىن قانچە قىلساممۇ كۈندەشلىك ئوتىدىن قۇتۇلالمىدىم. نېمىشقا قىلغانلىرىمنى بىرەر قىتىممۇ مۇھەببەت دەپ ئويلىيالمايسىز؟ توغرا، يەنە تىخى تىلفۇنىڭزغا كىرگەن-چىققان نومۇرلارنىڭ ھەممىنى تەكشۈرۈپ، كىملىكىنى، نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى، قانچىلىك ۋاقىت، قانداق چاغدا، قانچە قىتىم پاراڭلاشقانلىقىنى ئېنىقلىدىم. گاھى ئاياللار بىلەن ئۇرۇشتۇم، ساراڭ بولايلا دېدىم رازىق. نېمىشقا بۇنى مۇشۇ ئائىلىمىزنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تېرىشچانلىق دەپ قارىيالمايسىز. قانداقسىگە سىزدەك باغرى تاشنى سۆيۈپ قالغاندىمەن دەيمەن. باشتىلا ئاكتىپلىق بىلەن سىزگە سۆيگۈ تەلىپى قويغىنىم ئۈچۈنلا ئىزچىل ھەممە مەجبۇرىيەت ماڭا يۈكلىنىۋاتامدىغاندۇ؟

بۇ خەتنى يېزىشتىكى مەقسىتىم سىزنىڭكىگە ئوخشاشلا. سىزنى ئەيىپلەپ نۇقسانلىرىڭزنى يۈزىڭىزگە سېلىش ئەمەس بەلكى مۇشۇ ئائىلىنى قوغداپ قىلىش، ئىككى بالىمىزنى يېتىم قىلماسلىق ئۈچۈن يەنە تېرشىپ باقايلى.

ئىتىراپ قىلىمەن، رازىق، سىز دېگەن خاتالىقلارنىڭ ھەممىسى مەندە بار، مەن تۈزىتەي. خىزمەتنى تاشلاپ ئۆيدە ئولتۇر، دېسىڭىزمۇ مەيلى. چېچىمنى ئۆستۈرەي، ئالدىڭىزغا كۈلۈپ چىقىپ، ئۆيدىكىلىرىڭىزگە ياخشى مۇئامىلىدە بولاي، ئانامنىڭ ئالدىغا بېرىپ ناماقۇل بولاي... ئەمما سىزمۇ ئويلاپ بېقىڭ، ئون يىلدىن بۇيان ھەر ۋاقىت پارقىراپ تۇرىدىغان ئايىغىڭىز، قىرلىرى پىچاقنىڭ بىسىدەك چىقىپ تۇرىدىغان شىملىرىڭىز، ھەر ۋاقىت ياقىلىرى ئاپئاق تۇرىدىغان كۆينىكىڭىز، يانتۇ بولاي دىسىڭىز دەرھال قولتۇقىڭىزغا يۆلەنگەن مامۇق ياستۇق، سافادا ئولتۇرسىڭىز قولىڭىزغا دەرھاللا چىقىدىغان تىزگىنەك، بىرەر قىتىممۇ ئاسىتىڭىزغا سېلىنىشنى ئۇنتۇلۇپ قالمايدىغان كۆرپە، تىنماي-تىپىرلاپ تۇرىدىغان مەن ...نى ئويلاپ بېقىڭ. بىزمۇ كىچىك ئەمەس. ئەمدى ئىككى بالىمىزنى يېتىم قىلىپ، يەنە قانچىلىك بەختلىك بولۇپ كېتەرمىز؟! ئۆزىڭىز ئۈستىدە يەنە ئەستايىدىل ئويلىنىپ بىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

سىزنى سۆيۈپ:

دىلبەردىن»



«خېتىڭنى كۆردۈم دىلبەر. ھازىرقى ھېسياتىمنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلمەيمەن. سەن بىلەن كۆرۈشۈشنى ئويلىغان بولساممۇ، ئېغىر كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەپ يەنە خەت يازدىم. ئاۋال سەندىن سورايدىغىنىم گۈلباھارنىڭ خېتى قىنى؟ ماڭا نېمىشقا ئۇنى بەرمەيسەن، ئەجىبا مۇشۇ قىلغىنىڭ توغرىمۇ؟ سەن ئۇ چاغدىكى ئەھۋالنى چۈشەنمەيسەن، شۇڭا قارىغۇلارچە مۇشۇنداق قىپسەن. سەن مۇھەببەتنى چۈشەنمەيدىكەنسەن دىلبەر، ساڭا دىلبەر دېگەن ئىسىم خاتا قويۇلۇپ قاپتۇ. 5000يۈەنگە پەلتۇ كىيىۋەتتىڭمۇ؟ ئەشۇ پۇلنى گۈلباھارنىڭ قانچە تەستە يېغقىنىنى سىنىڭ بۇ چىرىك ۋۇجۇدۇڭ ھېس قىلالمايدۇ. مەن سەن بىلەن توي قىلىشنى قارار قىلغىنىمدا ماڭا ياخشى ئايال، ئىزىمنى باسقۇچى باللىرىمغا ياخشى ئانا بولالايدۇ، ئۆي تۇتۇشقا پىششىق، ئىغىر-بىسىق، مۇلايىم دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەپسۇس...

ئاڭلا دىلبەر، بىر ئادەم ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تەۋرەنمەس ئىتىقادى بولۇش ئىنتايىن مۇھىم. سەن ئاۋال ئۆزۈڭنىڭ ھايات نىشانىڭنى ئويلاپ باققىن. مەن سېنىڭ بىردىنبىر ھايات نىشانىڭ بولۇپ قالغىنىم ئۈچۈنلا بەلكىم مۇشۇنداق بىمەنىلىكلەرنى قىلغانسەن. بىلەمسەن، بىز ئاجراشمىغان بولساقمۇ ئىككى بالا ئاللىبۇرۇن تىرىك يېتىم بولۇپ قالدى. ئائىلە تەربىيىسى دېگەنلەر بىزدىن يىراقلاپ كەتكەندەك... ئىككىلىمىز چۈشەنگىلى بولمايدىغان بۇرۇختۇملۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىپىرلاپ ئۆتۈپ كەتتۇق. سەن چايلارغا قاتىرىدىڭ، مەن تورغا ياماشتىم... بىزنىڭ ئائىلىمىز تاملىرىغا يول-يول دەز كەتكەن كونا تۈگمەنگە ئوخشاپ قالدى، بىرەرىمىز قاتتىقراق يۆتەلسەكمۇ چوقۇم ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. بىلىمەن، مەنمۇ دادىلىق بۇرچۇمنى ياخشى ئادا قىلالمىدىم. سەن بالىلارنىڭ تامىقىنى ئېتىپ كىيىمىنى كەيگۈزگەندىن سىرت، نېمە ئىش قىلىپ باقتىڭ؟ ئوغلىمىزنىڭ سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ئىسمىنى بىلەمسەن؟ بىرەر قىتىم ئاتا-ئانىلار يىغىنىغا قاتنىشىپ باقتىڭمۇ؟ ئانا تۇرۇپ سەن نېمە ئىش قىلىپ بەردىڭ؟ بۇنى ئويلاپ باقتىڭمۇ؟ مېنىڭچە سېنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىڭ مېنىڭ ئوي-خىياللىرىم ۋە ئىش-پائالىيەتلىرىمىنى كۆزىتىش، پەرەز قىلىش ۋە قانداق قىلىپ مېنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن كەتتى. مەنمۇ ئۆز بۇرچۇمنى ئويلاپ قالىمەن، بولۇپمۇ تورغا چىققانلىرىمدا. تور ئالدىدا تونۇشمايدىغان كىشىلەر بىلەن سائەت-سائەتلەپ پاراڭلىشىپ كىتىمىز-يۇ، بالىمىزغا يىرىم سائەت ھېكايە سۆزلەپ بەرمەيمىز، مەنمۇ ئەلۋەتتە شۇنىڭ ئىچىدە. لىكىن تورغا چىقىشىم يەنە ئۇرۇشۇپ قالماسلىقنىڭ ئالدىنى ئىلىش، ئۆزىمىزنى كۆڭۈلسىزلىكلەردىن خالىي قىلىش ئۈچۈن تېپىپ چىققان ئىچ پۇشۇقى.

گۈلباھارغا كەلسەك، ئۇنى ئەسلەيدىغىنىم راست. لىكىن، نېمىشقا مېنى كىچە-كۈندۈز شۇنىلا خىيال قىلىدۇ، دېگەن ۋەسۋەسە ساڭا چېپىلىپ قالغاندۇ دىلبەر. مەن جىمىپ قالساملا سەن مېنى گۈلباھارنى ئويلاۋاتىدۇ دەپ قارايسەن. راستىمنى دېسەم، بۇ ئويلىرىڭ ياكى شۇنى دەپ مەن بىلەن جىدەل قىلىشىڭ راستىنلا مەن ئويلىمىغان گۈلباھارنى ئېسىمگە سېلىپ، سېغىندۇرۇپ قويىدۇ. سەن ئەزەلدىن مەندىن كەچۈرۈم سورىمايسىز، دەپسەن. مەنچە ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا بۇنداق تەكەللۇپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. لىكىن سەن قەستەن ماڭا گەپ قىلمايسەن، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ پەرۋاسىز يۈرۈيمەن.

ئىشىنىشڭ كىرەك دىلبەر، كۆڭلۈمدە خىيانەت قىلىپ سالغان بولساممۇ ئەمەلدە خىيانەت قىلمىدىم ھەم ئائىلىگە سادىق بولۇشنى ئۆزۈمگە ھەر ۋاقىت ئەسكەرتىپ تۇردۇم. مەن غۇلجىدىن قايتىدىغان چېغىمدا ئۇ ماڭا توي قىلماقچى بولغان ئادىمىنى كۆرسىتىپ قويغان ھەم ئەمدى ئۆزىنى ئىزدىمەسلىكىمنى تەلەپ قىلغان. مەنمۇ ھەم ئۆز ئائىلەم بار، ئۇنىڭمۇ بەختلىك تۇرمۇشى بار بولدى، دەپ ئىزدىمىگەن. ئىزدەش نىيىتىم بولسا غۇلجا بىلەن قەشقەرنىڭ ئارلىقى قانچىلىك؟ مەن بارالماي قالارمىدىم؟

دىلبەر، سەن ياخشى ئايالسەن. سېنىڭ ئەشۇ قىلغانلىرىڭ بولغىنى ئۈچۈنلا كىيىنكى قەھر-غەزىپىڭگە تولغان ئالتە يىلنى ھېلى تۈزىلەر، مانا تۈزىلەر دەپ ئۆتكۈزدۇق. تۇغۇلغان كۈنۈڭگە كەلسەك، ئۇنتۇپ قاپسەن. بىز توي قىلغان تۇنجى يىلى مەن ساڭا بىر تال كارتا بىلەن ئەتىرگۈل نۇسخىلىق بۇلاپكا ئېلىپ سوۋغا قىلغان. راستىمنى دېسەم، مەن بۇنداق ئىشلارغا قېيىق. گۈلباھارغىمۇ ئۇنداق نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىپ باقمىغان، ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرۈپ ياقتۇرغىنىنى ئىلىپ بېرەتتىم. مەنمۇ سىنىڭ رومانتىكىلىقىڭغا جۆر بولاي دەپ ئويلىدىممۇ ئىشقىلىپ، ئۇ بۇلاپكىنى ئالغان ھەم ئالدىڭدا بېرىشتىن غەلىتىلىك ھەم سۈنئىيلىك ھېس قىلىپ، مال يەتكۈزۈش ئورنىدىن يەتكۈزگەن ئىدىم. سەنمۇ ماڭا بىرەر قىتىم رەھمەت ئىيتىپ باقمىدىڭ، ھەتتاكى، ئۇ بۇلاپكىنى بىر قىتىممۇ تاقاپ باقمىدىڭغۇ؟ شۇنىڭدىن كىيىن مەن بۇنداق كىچىك بالىدەك ئىشنى قىلمايدىغان بولۇپ قالدىم. ئەجىبا ساڭا پەقەت ياخشى مۇئامىلىدە بولۇپ باقمىدىمما؟ سەن ھەر ھەپتىدە بىر قىتىم بولسىمۇ مېنى خاپا قىلىپ تۇرىسەن، ئاچچىقىم يېشىلىشكە ئۈچ-تۆت كۈن كىتىدۇ. ئۇ ئارلىقتا سەن بىرەر قىتىم بولسىمۇ تاتلىق گەپ قىلىپ باقمايسەن. خۇددى ئىتنىڭ ئالدىغا يالاق قويغاندەك تاماقنى داستىخانغا قويىسەندە، ئۆزۈڭ تاماقنى ئاشخانىدا ئۆرە تۇرۇپ يەيسەن. بىلىمەن، بىزگە چاي ئاچىقىسەن. لىكىن، دەرقەمدە ئولتۇرۇپ بىر ھەپتىدە قانچە قىتىم تاماق يەرمىز؟

دىلبەر، ئائىلە ئۈچۈن قىلغانلىرىڭ ھەقىقەتەن كۆپ. لىكىن ئەر كىشىنىڭ ئايال كىشىدىن كۈتىدىغىنىنىڭ نېمىلىكىنى ئويلاپ باقتىڭمۇ؟ خېنىمنىڭ قىشىغا قارىماي، تاۋىقىنىڭ تېشىغا قارا، دېگەن گەپلەر توغرا. لىكىن تاۋاق پاكىز بولسىمۇ، مۇز يىغىپ تۇرىدىغان قاپاق ئىشتەينى تۇتۇپ قويىدۇ. ئۆينى چېنىدەك پاكىز تۇتىسەن، پايپىقىمنى پۇتۇمدىن سىلىپ بولغىچە يۇيىۋىتىسەن، گاھى چاغلاردا بۇرنۇڭنى توسۇپ كىتىشلىرىڭ ئاچچىقىمنى كەلتۈرسىمۇ گەپ قىلمايمەن. سەن مېنىڭ سەل قالايمىقان بولۇشىمغىمۇ يول قويمايسەن. ئۆيدە تاماكا چىكەلمەيمەن. تاماكا چېكىش خاتا، لىكىن سەن بۇنداق قىلىۋەرسەڭ مېنىڭ تاشلىيالىشىم ناتايىن. چۈنكى، مەن ئاچچىقىمنى ئۇنىڭدىن چىقىرىمەن. ئايىغىمنى پۇتۇمدىن سىلىپ قويغان پېتىم جايىغا قويماي تۇرۇپ ئۆيگە كىرەلمەيمەن. چاپىنىمنى سېلىپلا كارىۋتقا تاشلاپ، ئۆزۈمنى چاپىنىمنىڭ ئۈستىگە تاشلىيالمايمەن. تاماقتا ئۆزۈم ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەرنى ئاشۇرۇپ قويالمايمەن، دوستلىرىمنى خاتىرجەم ئۆيگە باشلىيالمايمەن. چۈنكى ھەر بىر قەدەمدە سىنىڭ كۆزۈڭ، تۈزىتىش سۆزۈڭ تەييار. مەن ‹ئۆز ئۆيۈڭنىڭ خوشلۇقى، پۇت-قولۇڭنىڭ بوشلۇقى› دېگەننى پەقەت ھېس قىلالمايمەن. ئۆزۈمنىڭ ئۆيىدىمۇ مېھماندارچىلىققا بارغاندەك ئولتۇرىمەن.

تىنىم-تاپماي ئىشلەۋاتقانلىقىڭنى كۆرىمەن، لىكىن سېنىڭ چىرايىڭدا ئىللىق كۈلكىنى تاپماق تەس. سېنىڭ بىزگە ماس كەلمەيدىغان رومانتىكىلىقىڭ سېنى تۇرمۇشىمىزدىكى ھەممە نەرسىدىن نارازى بولىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويغان ئوخشايدۇ. بىز پارژنىڭ كىنولىرىدا چىققاندەك ئۆينىڭ پەردىسىنى چۈشۈرۋىتىپ، شاملارنى ئۈستەل ئۈستىگە تىكلەپ قويۇپ كۆزىمىزگە قاراپ ئولتۇرۇشۇپ كەتسەك، دەپ ئويلايسەن. لىكىن، بۇ مېنىڭ نەزەرىمدە نېمىدىگەن تەنتەكلىك...

سېنىڭ ئۆيدە ئائىلە خىزمەتچىسى ئەمەس بەلكى ئايال بولىشىڭنى ئۈمىد قىلاتتىم. سىنىڭ ئۆيدىكىلىرڭگە تۇتقان مۇئامىلەمگە كەلسەك، خۇيۇم ساڭا ئايانغۇ؟ مەن ئانامنىڭ ئۆيىسىگە بارساممۇ كۆپ گەپ قىلمايدىغان تۇرسام، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيۈڭدىكىلەرگىمۇ مېنى سۆرۈن قىلىپ كۆرسىتىپ قويغان تۇرساڭ، شۇڭا بارغان بىلەنمۇ ئوڭايسىزلىنىمەن شۇ. ئاخىرىدا سەن ئۆزۈڭنى ئۆزگەرتىدىغىنىڭنى يىزىپسەن، بۇنىڭدىن خۇش بولدۇم. لىكىن بۇ ئىشلارنى چىن دىلىڭدىن خالاپ قىلساڭ قىل، بولمىسا ئۆزۈڭنى زورلىما. بىز يەنىمۇ ئەستايىدىل ئويلىنايلى!

بولدى دىلبەر سۆزلىسەك گەپ ئۇزۇن. گۈلباھارنىڭ خىتىنى ساقلغان بولساڭ ماڭا بەر.

خەير! رازىقتىن»

گۈلباھارنىڭ خىتى

بىرىنجى پارچە خەت

«سالام ماتروس، قانداق ئەھۋالىڭىز! دىلبەر ۋە پەرزەنتلىرىڭىز ياخشى كىتىۋاتامدۇ؟ مەنمۇ ياخشى كىتىۋاتىمەن. سىزمۇ دوختۇرغا بىللە بىرىپ دىئاگىنوزنىڭ خاتا قويۇلۇپ قالغانلىقىنى ئۇقتىڭىز، شۇندىن بۇيان مەنمۇ خاتىرجەم خۇشال كىتىۋاتىمەن. مەندىن ئەنسىرىمەڭ!

ماتروس، سىز مېنىڭ نەزىرىمدە ئەڭ ئۇنتۇلماس، يېڭىلمەس، ئۇزۇن سەپەرلەرنى باسالايدىغان ماتروس! ماڭا نۇرغۇن بەختلەرنى ئېلىپ كەلگەن ماتروس. رەھمەت سىزگە! مەن ئۈچۈن يۇرتىڭىز، ئائىلىڭىزنى تاشلاپ يىنىمغا قايتىپ كەلمەكچى بولغىنىڭىز يۈرىكىمنى چەكسىز مۇھەببەتكە تولدۇردى. بىراق، ئادەم ئۇنداق شەخسىيەتچى بولماسلىقى كىرەك. دىققەت قىلسام، يىنىڭىزدا تىخىچە مېنىڭ رەسىممىنى ساقلاپ كىلىۋىتىپسىز، بۇنىڭغا رەھمەت. ئەمما، ئەمدى سىز مېنىڭ ئەمەس، دىلبەرنىڭ رەسىمىنى ئىلىپ يۈرىشىڭىز كىرەكلىكىنى ئۇنتۇماڭ. چۈنكى مەنمۇ ئېرىمغا ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغىنىمنى، ئۇنىڭسىز ياشىيالمايدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ تۇراتتىم. پورتمالىمدىمۇ ئۇنىڭ رەسىمى ساقلانغان. بىراق تەقدىر مۇشۇنداق ئوخشايدۇ. ئۇ قاتناش ھادىسىسىدە مەن ۋە قىزى گۈلگىنەنى تاشلاپ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى. سىزگە نۇرغۇن گەپلەرنى دىگۈم بولسىمۇ، دىيەلمىدىم ھەم قانداق دىيىشنىمۇ بىلەلمىدىم. بولدى خىتىمنى مۇشۇ يەردە توختىتاي! خۇداغا ئامانەت!

ھۆرمەت بىلەن ئاق تۇرنا»



گۈلباھارنىڭ ئىككىنجى خېتى

«ئەسسالام ماتروسۇم، ئەسلى ئالدىنقى قىتىملىق خىتىمنى سىزگە يازغان ئاخىرقى خىتىم دەپ ئويلىغان. لىكىن، تۇرنىنىڭ بېشى ئۈزۈلۈش ئالدىدا يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى دېگۈم كىلىپ خەت يازدىم. چۈنكى بۇ مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خىتىم بولۇپ قالىدۇ. ئاۋال سىزنىڭ بۇ يەردە ماڭا قولغا قول، پۇتقا پۇت بولغىنىڭزغا، تۇرمۇش ئىشلىرىمغا ھەر كۈنى دېگۈدەك ياردەملەشكىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت. قىزىمنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن بېرىپ تۇرغان 5000يۈەن پۇلىڭىزنى كارتىغا سېلىپ ئېۋەتتىم. مەخپى نومۇر ئىككىمىز ۋەدىلەشكەن كۈن، 920428 . سۆيۈملۈك ماتروس، ئىككىمىزنىڭ بەرگەن ۋەدىلىرى، قىلغان قەسەملىرى، دېيىشكەن سۆزلىرىمىز، قىلغان ھەر بىر گەپلىرىمىز مۇشۇ دەمدە قۇلاق تۈۋىمدە ياڭراۋاتىدۇ، كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈۋاتىدۇ.

ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئىككىمىز ساۋاقداش بولساقمۇ تونۇشقان جاي مەكتىۋىمىزنىڭ چايخانىسى ئىدى. ئۇ كۈنى ئىككى قولۇمغا چاي قاچىلانغان چايداندىن ئۈچنى كۆتۈرۈپ چايخانا ئىشىكىدىن چىقىۋاتقىنىمدا، سەل يانتۇ بولۇپ قالغان بىر چايدان پۇتىڭىزىغىلا تىگىپ قولۇمدىن چىقىپ كەتتى ۋە ساپما كەش كىيگەن پۇتىڭىزغا تۆكۈلۈپ پۇتىڭىز كۆيۈپ قالدى. ئۇ چاغدا مەن چايداننى تاشلاپ ‹ۋايجان› دەپ بىر چەتكە ئۆتۈۋاپتىكەنمەن، چاي پۇتۇمغا ئازراقلا چاچرىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ھەممىسى سىزنىڭ پۇتىڭىزغىلا تۆكۈلۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىدا يىتىپ قالدىڭىز. ياتاقداشلىرىمنىڭ تۈرتكىسىدە سىزنى يوقلاپ دوختۇرخانىغا باردىم. شۇ چاغدىكى سۆزلىرىم ئىسىڭىزدىمۇ؟

-ۋاي ۋۇي، ماۋۇ بالا ئاپئاق كىيىملەرنى كىيىپ، ئاپئاق داكىغا ئورالغان پۇتىنى سۆرەپ ماتروسقىلا ئوخشاپ قاپتۇ-ھە!

مەن شۇنداق دەپلا تازا قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم. لىكىن ئەتراپىمغا قارىسام ھېچكىم كۈلمەپتۇ. مەن ئوڭايسىزلىق ئىچىدە كۈلكىدىن توختاپ قالدىم. ئەمما بۇ تۇرقۇمغا قاراپ ئاخىرىنى سىز كۈلۈۋەتتىڭىز. شۇندىن كىيىن نەدە كۆرسەم سىزنى «ماترۇس» دەيدىغان بولدۇم. بىراق بىر قىتىم سىنىپتا خىلى كۆپ ساۋاقداشلار بار يەردە سىز ماڭا «سىز دېگەن پاراخۇت، مەن سىزنى ھەيدەيدىغان ماتروس»دېدىڭىز... بىز مۇشۇنداق يېقىنلىشىپ قالدۇق. نۇرغۇن ۋاقتىمىز بىرلىكتە دەرس ئۆگىنىش بىلەن ئۆتەتتى. سىزنى ھەممەيلەن دۆت، چاقچاق قىلىشنى، كۈلۈمسىرەشنى بىلمەيدۇ دەيتى. لىكىن مەن ئۇنداق قارىمايتىم. چۈنكى ئىككىمىز بىر يەرگە كەلسەكلا شۇنداق كۈلۈشۈپ كىتەتتۇق.

سىز يۇمۇرغا ئۇستا ئېدىڭىز. ھېلىقى يۇمۇرىڭىزنى ئويلىسام ھازىرغىچە كۈلىمەن.

مەن كۆڭلۈم يېرىم گاھى چاغلاردا شۇنداق ئويلاپ قالىمەن سۆيۈملۈك ماتروس، كىچىككىنىلا ياشايدىغان جاھانكەنغۇ بۇ. نېمىشقا شۇ چاغدا ئۆيدىكىلەرنى قانداق قىلىپ بولمىسۇن قايىل قىلىپ سىز بىلەن بىرگە قەشقەرگە كەتمىگەن بولغىيدىم، سىز غۇلجىغا كىتەي دېسىڭىزمۇ ئۇنىماپتىكەنمەن. ھازىر گاھى گاھى پۇشايمان قىلمەنۇ، ئارقىدىنلا يەنە توي قىلغان بولساقمۇ پۇشايمان قىلار ئىدۇق بەلكىم، دەپ ئويلايمەن.

ئايرىلىدىغان كۈنىمىز كەچتە بىز خوشلاشتۇق. مەن توختىماي يىغلاپ كەتكەن ئىدىم ۋە بىر ئېغىز سۆز قىلغان ئىدىم. ھەجەپ بىر ئېغىزىمنى ئۈششۈتۈپتىكەنمەن. شۇ چاغدا سىز «ئېغىزىڭىزغا ئۇرۇڭ، خۇدا ساقلىسۇن» دېگىنىڭىزدە ئېغىزىمغا ئۇرماپتىكەنمەن! ئېسىت، ھازىر بولسا ئۇرۇپ قانىتىۋەتكەن بولار ئىدىم.

سۆيۈملۈك ماترۇس، ھەممەيلەننىڭ بىزگە ھەۋىسى كىلەتتى. لىكىن بىز تولىمۇ چىرايلىق مۇھەببەتلەشتۇق، پەقەت ئىككىلا قىتىم قول تۇتۇشۇپ بىقىپتىمىز ھە! ھەر ئىككى قىتىم مەكتەپتە قار تازىلىغان چېغىمىزدا قولۇم مۇزلاپ كەتكەندە سىز «يانچۇقۇمغا سېلىڭ قولىڭىزنى، مەن قولۇمنى سېلىۋالمايمەن»دېگەنتىڭىز-يۇ، يەنە قولىڭىزنى قولۇم بار يانچۇقىڭىزغا سېلىۋالغان ھەم ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي ئۇششاق بارماقلىرىمنى چوڭ، كۈچلۈك، ئوتلۇق بارماقلىرىڭىزدا ئىسسىتىپ قويغان ئىدىڭىز. بىز ئايرىلىدىغان كۈنىمىز بىر-بىرىمىزگە تىكىلىپ قاراشمىدۇق. سىز مېنى سۆيمەكچى بولغان ئىدىڭىز، لىكىن يۈزىڭىزگە قاتتىق تەگكەن تەستەكتىن چۆچۈپ كەتتىڭىز، ئۇ چاغدا قانداقلارچە سىزنى بىر تەستەك سېلىپ تاشلىغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، شۇنىڭ بىلەن دەرھال ئۈن-تىنسىز خوشلاشتۇق، سىز مىنى قۇچاقلاپمۇ قويالمىدىڭىز. باغرىڭىزغا چۆكۈپ كەتكۈم ۋە لەۋلىرىڭىزدىن سۆيگۈنى ھېس قىلغۇم بولسىمۇ، بىز كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرسەك بولمايتتى. ئۆزۈمنى ھەر ۋاقىت قانداق تۇتۇۋىلىشنى بىلەتتىم. مەن ئامانەتكە خىيانەت قىلالمايتىم، ئەشۇ بىر سۆيۈش بىلەن قەلبىمنىڭ سىزگە تېخىمۇ چىڭ باغلىنىپ قىلىشىنى خالىمايتىم. بىراق، كۆڭۈل دېگەن سۆيۈشتە ئەمەس ئوخشايدۇ. ئەتىسىمۇ سىز بىلەن كۆرۈشكىلى ئۇنىمىدىم. مەن بىكەتتە سىزنى كۆرگەن، لىكىن مۆكۈۋالغان... نېمىلەرنى دەپ كەتتىم، ئىھتىمال مۇشۇنداق چاغدا ھەممە ئەسلىمىلەرنى ئەسلىگۈم كىلىۋاتقاندۇ. شۇندىن كىيىنكى قايتا كۆرۈشۈشىمىزدە سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىز يەنە بىر قىتىم يۈرىكىمگە كۆمۈلۈپ قالغان تۇيغۇلىرىمنى ئويغاتتى. لىكىن، بىز بۇرۇنقى ئىككىمىز ئەمەس. شۇڭا، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم. قوپال تىگىپ قويغان يەرلىرىم بولدى، كۆڭلىڭىزدىن چىقىرۋىتىڭ.

قەدىرلىك ماتروس، بىزگە نىسىپ بولمىدى، سىزنىڭ ھايات كىمىمىزگە ماتروس ، ماڭا سىزنىڭ كۆلىڭىزدىكى ئاققۇيىڭىز بولۇش نىسىپ بولمىدى.

دىلبەرنى قەدىرلەڭ، بەلكىم ئىككىمىز توي قىلغان بولساقمۇ مەن ئۇنىڭچىلىك قىلالماسلىقىم مۇمكىنكەن. ئۇنىڭدىن كۆپ نەرسە تەلەپ قىلىپ كەتمەڭ. تۇرمۇشتىن، بولۇپمۇ مۇھەببەتتىن كۆپ نەرسە تەلەپ قىلسا ياخشى بولمايدۇ. مېنى ئۇنتۇپ كىتىڭ. بۇ ھەقىقى ئەڭ ئاخىرقى خەت.

سىزنى سۆيۈپ: بېشى ئۈزۈلگەن ئاق تۇرنىدىن»



«سالام سىزگە رازىق.

كىيىنكى خىتىڭىزدە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن بايانلارنى يازغىنىڭىز بىلەن ئاخىرى گۈلباھارنىڭ خىتىنى تەلەپ قىپسىز. سىزنىڭ ئۇ مۇقەددەس تۇماردەك خىتىڭىزنى قانداقمۇ يوقىتىۋىتىشكە پېتىناي!!! مەن باشتا بۇ خەتنى پارچە-پارچە قىلىپ يىرتىۋەتكەن. كىيىن نېمىلا بولمىسۇن ساقلاپ قوياي دەپ، 40نەچچە پارچە ئۇششاق قەغەزنى چاپلاپ چىققان ئىدىم. مەنمۇ تىركەشمەيمەن ئەمدى. لىكىن، سىزمۇ بىلىسىز! مەنمۇ ئەسلى بۇنداق ئايال ئەمەس، سىزنىڭ تۇنجى خىتىڭىزلا مېنىڭ ئەسلىمگە قايتىشىمغا تۈرتكە بولىدۇ. ئۇنى ئۆزەم خالاپ تاللىدىم. بوپتۇ بىز ئايرىلىپ كىتەيلى. گۈلباھارنىڭ خىتىنى بۇنچە جىددى سورىغىنىڭىز ھەم دەرھال ‹مەن غۇلجىغا كەتتىم، كىلىپ ھېسابنى سەندىن ئالىمەن› دېگەن خېتىڭىزنى قالدۇرۇپلا غۇلجىغا قاراپ يولغا چىقىشىڭىز مېنى مۇشۇنداق قارارنى چېقىرىشقا مەجبۇر قىلدى. مەندىن تىخى قانداق ھېسابنى ئالىدىغىنىڭزنى بىلمەيمەن. بىراق، سىز ئۇنى شۇنچىۋالا ياخشى كۆرگەن ئىكەنسىز، ئەمدى مەن قانداق قىلاي!

5000يۈەننى باشقىلاردىن قەرز ئىلىپ ئاندىن تۆلەپسىز، بۇنىڭدىن خەۋەرسىزمەن. شۇڭا، ئاچچىقىمدا ئۆي تۇتۇش مېنىڭلا ۋەزىپەممۇ دەپ شۇنداق قىلدىم. مۇشۇ يەردە بىر گەپنى دەي رازىق. ھېلىقى بۇلاپكىنى سىزنىڭ سوۋغا قىلغىنىڭىزنى بىلگەن بولسام، ئۇنى كىچە-كۈندۈز يېنىمدىن ئايرىماي تاقاپ يۈرمەسمىدىم؟ نېمىشقا ماڭا بىرەر قىتىم بولسىمۇ «مەن سوۋغا قىلغان بۇلاپكىنى ياقتۇرمىدىڭمۇ» دەپ باقمايسىز؟ مەن ئۇنى باشقا بىرسىنىڭ سوۋغىسى دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. بۇ گەپنى ئەزەلدىن سىزگە دەپ باقمىغان ھەم دىگۈدەكمۇ ئىش يوق ئىدى. ئەمدى دەي، بىر ساۋاقدىشىم بار ئىدى. ئۇ مىنى تولۇق ئوتتۇرىدىن تارتىپ تاكى توي قىلغۇچە ياخشى كۆرۈپ كەلدى. ھەر يىلى تۇغۇلغان كۈنۈمدە سوۋغا ئەۋەتىشنى ئۇنتۇمايتى. بىراق مەن سىزنىلا قوغلاپ يۈرەتتىم. شۇڭا ئۇ بۇلاپكىنى شۇ ساۋاقدىشىم ئەۋەتتىمىكىن، دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. شۇڭا ئۇنى سىزنى كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ تاقىماپتىمەن. مۇشۇنداقمۇ ئۇزۇن يىللىق ئۇقۇشماسلىق بولامدۇ؟

بىر داستىخاندائولتۇرۇپ تاماق يېيىشنىڭ ئىشىغا كەلسەك، سىز ئادەتتە لەڭمەنگە بەك ئامراق. ئۆيدە ھەركۈنى بولمىسا ئىككى كۈندە بىر قىتىم لەڭمەن ئېتىمەن. سىزگە ئاۋال تاماقنى ئاچىقىپ بالىلارغا بېرىپ بولغۇچە، سىز تامىقىڭىزنى يەپ بولىسىڭىز، شۇنىڭ بىلەن پۇتىنى سۇنۇپ ئولتۇرسۇن، دەپ داستىخاننى ئېلىۋىتىمەن-دە، ئۆزۈم ئاشخانىدا تاماق يەيمەن. مەن سىزنى بۇنداق ئويلار دەپ ئويلىماپتىمەن. مېنىڭ پاكىزلىقىممۇ بىر گۇناھ بولدىمۇ رازىق؟ بۇ ئىشتا قانداق قىلسا توغرا بولىدىغىنىنى بىلەلمىدىم.

ئەمدى سىز غۇلجىغا كىتەمسىز ياكى قانداق قىلىسىز مەن ئارىلىشىۋالمايمەن. ھەر ئىككى بالىنى مەن باقىمەن. سىز مەندىن ئانىلىق مەسئۇلىيەتنى سوراپسىز، مېنىڭ جاپالىق خىزمەت ئورنۇم، يەنە سىزنىڭ سەۋەبىڭىزدىن ئۆزۈمنىڭ تەنتەكلىكى تۈپەيلىدىن يىتەرلىك ئادا قىلالمىغانلىقىم راست. سىز مېنىڭ تەربىيەمنى، بالىلارنى باغچىغا ئاپىرىپ ئوينىتىپ تاپشۇرۇقلىرىغا ئىمزا قويىدىغىنمنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلىسىز. بىز شىكايەتنامە يىزىۋاتامدۇق ياكى تۆۋىنامىمۇ بىلمىدىم. لىكىن، ئەمدى ھەر ئىككى بالامنى ئۆزۈم ياخشى تەربىيلەيمەن. بۇرۇن ھايات نىشانىم سىز بولغان بولسىڭىز، ئەمدى ئىككى بالام بولىدۇ. سىز غۇلجىدىن قايتىپ كەلگىنىڭىزدە مەن بۇ ئۆيدە بولماي قىلىشىم مۇمكىن. بۇ خەتنى كۆرگەندىن كىيىن جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن. مەن ئاناملارنىڭ قىشىدا، شۇ ئۆينىڭ تىلفۇنى ئارقىلىق ئىزدەڭ. خەير، خۇداغا ئامانەت!


ئاھ! مۇھەببەت باشقا تېمىلار
ئاھ! مۇھەببەت (1)ئاھ! مۇھەببەت (2)ئاھ! مۇھەببەت (3)ئاھ! مۇھەببەت (4)ئاھ! مۇھەببەت (5)
ئاھ! مۇھەببەت (6)ئاھ! مۇھەببەت (7)ئاھ! مۇھەببەت (8)ئاھ! مۇھەببەت (9)