باش بەت / ساقلايمەن

ئاھ! مۇھەببەت (8)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-20 15:56 | ئاپتور: ئاينۇر دولقۇن | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

تىلفۇنىنىڭ جىرىڭلىشى ئۇنىڭ خىيالدىن ئويغاتتى. سىڭلىسى رامىلەنىڭ «ئانام دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى، تىز كەلگىن» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپلا، ئۇدۇل دوختۇرخانىغا يۈگۈردى.

دوختۇرغا بارغىنىدا ئانىسى جىددى قۇتقۇزىلىۋاتقان بولۇپ رازىقنىڭ ئاچا-سىڭىللىرى، ئانىسىنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ يۈرەتتى. رازىق دەرھال كىلىپ ئانىسىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتتى. بۇ ئارىدا ئۇنىڭ دوختۇر ئاغىنىسى غەيرەت كىرىپ كەلدى ۋە رازىقنى بىر ياققا تارتتى.

-بەك ئەنسىرەپ كەتمە. چوڭ چاتاققۇ يوق . لىكىن نىرۋا قاتتىق ئاجىزلاپ كىتىپتۇ. قان قويۇق ۋە قاندا ماي باركەن، ئۆت ياللۇغى، كانايچە ياللۇغى دېگەندەك كىسەللەر. كاللىسىغا قاتتىق تەسىر قىلغۇدەك ئىشلار بولمىسۇن.

-رەھمەت ئاداش.

-بۇ دېگەن بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز. ئەمسە مەن ئىشىمنى قىلىۋىرەي.

رازىق خىلى خاتىرجەم بولۇپ قالدى. رامىلەدىن نېمە ئىش بولغىنىنى سۈرۈشتە قىلغان ئىدى.

-بېرىپ خوتۇنىڭدىن سورا-دېدى رامىلە ئاكىسىغا قارىماي.

رازىقنىڭ مېڭىسىدىن كىرگەن بىر ئوت تاپىنىدىن چىقتى. ئەمدى تېخى ئۇنىڭ بىلەن ياخشىلىنىۋىلىشنى ئويلاۋاتسا يەنە نېمە ئىش بوپ كەتكىنى بۇ. رازىق دەرھال دىلبەرگە تىلفۇن قىلدى. دىلبەرمۇ نېمە ئىش بولغىنىنى بىلەلمىدى. رازىق سىڭلىسى رامىلەنى بىر چەتكە چاقىرىپ زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوردى. رامىلەنىڭ كۆزلىرىدىن توختىماي ياش قۇيۇلاتتى.

-ئاكا، بۇ گەپنى ساڭا قانداق دېيىشنى بىلەلمىدىم. خوتۇنۇڭنى ئاچا دېيىشكە تىلىم بارمايدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىر ئىدارىدا ئىشلىگىنىمگە بەش يىل بوپتۇ. خىلى ئەخلاقلىق ئايال دەپ ئويلايتىم. بىراق... مەن توي قىلماقچى بولغان ئۇ بالىنىڭ ئاكىسى بىلەن ئايالىڭنىڭ ھېلىقىدەك مۇناسىۋىتى بار ئىكەن. شۇڭا، بۇ توي بىكار بولدى. قۇدا بولىدىغان تۇرساق بۇ سەتچىلىكنى قانداقمۇ....

رازىق تۈگۈلگەن مۇشتلىرىنى تامغا تېرەپ چىڭ تۇرۇۋالدى.

-تەپسىلىي دە.

-ئاكا. ئاخشام ئۇمەن توي قىلماقچى بولغان بالىنىڭ ئاكىسى مەن بىلەن كۆرۈشۈپ باقماقچى بوپتىكەن. ئىككىمىز ئۇنىڭ تەكلىپى بىلەن «مىراس» تاماقخانىسىغا بېرىپ، بىر ئايرىم خانىسىدا ساقلىدۇق. ئاكىسى كەلگەندە سەل تەڭشىلىپ قاپتىكەن، مېنىڭ نەدە ئىشلەيدىغىنىمنى سورىدى. ئاندىن دىلبەرنى تونۇيدىغان-تونۇمايدىغانلىقىمنى سوراپ 6 يىل بۇرۇن شۇ ئايرىم خانىدە بىرگە تاماق يىگەنلىكىنى، قانداق ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، ئىسمىم ئەنۋەر، ئۆزۈم باشلىق دەپ قويسا ئىشىنىپ، ئۆيىگە بېرىپ تاماق ئېتىپ بەرگەنلىرىنى سۆزلەۋاتاتتى. ئالىمجان «ئاكا، مەست بوپقاپسەن»دەپ توختىۋالدى. مەن تەپسىلىي سورىسام «ئېرىنىڭ ئىسمى رازىق. ئاجىرشىپ كەتمەكچى بولۇپ تۇرۇپتىكەن»دەپ خىلى گەپلەرنى قىلىپ كەتتى. گەپنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلالماي قايتىپ كەلدىم. ئالىمجان تىلفۇن ئۇرۇپتىكەن، ئامالسىز«دىلبەر ئاكامنىڭ ئايالى»دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار «بۇنداق ئەخلاقسىز ئائىلە بىلەن قۇدىلاشمايمىز، ئەشۇنداق ئايالنى يەنە كىلىن قىلغان بولسا ھايا يوق ئائىلىكەن، شۇڭا قىزىمۇ بىر ئەردە تۇرالماپتۇ-دە» دەپتۇ ۋە ئانىسى بۈگۈن چۈشتە ئانامغا «بۇ توينى بىكار قىلدۇق» دەپ تىلفۇن قىپتۇ. بولغان ئىش مانا شۇ.

-ئالىمجاننىڭ ئاكىسىنىڭ ئىسمى نېمە؟

-ئابلاجان.

-ھېلىقى چاغدا ئىسمىنى نېمە دەپ قويۇپتىكەن دېدىڭ؟

-ئەنۋەر.

رازىق مۇشتىنى تۈگكەن پېتى ئۇچقاندەك چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ كاللىسىدا رامىلە دېگەن مەنزىرىلەر بىر-بىرىگە كىرىشكەن ھالدا قالايمىقان كۆرۈنەتتى. ئۇ ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئىشىك ئوچوق ئىدى، ئۆيدىن بالىلارنىڭ ئاۋازى چىقىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ سەل توختىۋالدى. ئۆيگە كىرگەندە دىلبەر رازىق ئەكەلگەن كىيىمنى كىيىپ ئەينەك ئالدىدا تاماششا قىلىۋاتاتتى. ئۇ رازىقنى كۆرۈپ چىراي ئىپادىسىگە دىققەت قىلمىدى.

-ماڭا ئالدىڭىزمۇ؟ ھەجەپ چىرايلىق نۇسخىنى تاللاپ ئالالاپسىز، رەھمەت سىزگە.

-ئىمران، ئىلمىنۇر. پەسكە چۈشۈپ ئويناڭلار.

رازىق بالىلارنىڭ ئاياغ تېۋىشى ئاڭلانمىغاندىلا ئۆزىنى تۇتۇۋىلىپ كىرىسلودا ئولتۇردى. دىلبەر يەنىلا ئەينەك ئالدىدا ئىدى.

-ئالدىمغا كەل.

دىلبەر نېمە ئىش بولغىنىنى بىلەلمەي قالدى. ئۇ نېمە ئىش بولدى دېگەندەك رازىقنىڭ كۆزلىرىگە قارىدى.

-سوئال سورايمەن. راستچىللىق بىلەن جاۋاب بەر.

-نېمە بولدى؟ مەن قاچان سىزگە يالغان سۆزلەپ باققان.

-ئەنۋەر دېگەننى تونۇمسەن؟

-ھە!- دىلبەر تىتىرەپ كەتتى. نېمە دېيىشنى بىلەلمىدى. ياق دەي دېسە تېخى، ھەئە دەي دېسە تېخى. توۋا ئەمدى تېخى بەختى كۈلەي دەۋاتقاندا، بۇرۇنقى بۇ ئىشلار نەدىن ئۈسسۈپ چىققاندۇ؟

- نېمە بولدى؟ ھەجەپ غەلىتىلا بولۇپ قاپسىزغۇ؟

- سەندىن گەپ سوراۋاتىمەن.

- ھەئە.

- ئۇ قايسى ئىدارىنىڭ باشلىقى.

- نېمە؟....

- 6يىل بۇرۇن، ھازىرقى «مىراس»تاماقخانىسىنىڭ 304-خانىسىدە ساڭا مەن نەنىڭ باشلىقى دېگەن.

- رازىق!

- ئەنۋەرنىڭ ئۆيى نەدىكەن. 6 يىل بۇرۇنقى ئۆيى؟

- رازىق....

- گەپ قىلە ھۇ پەس ھايۋان!...

رازىقنىڭ شىردەك ھۆركىرىگەن ئاۋازى بىلەن تەڭ دىلبەرنىڭ ئۈستىگە مۇشت-پەشۋا يېغىپ كەتتى. دىلبەرنىڭ«مەن چۈشەندۈرەي»دەپ يالۋۇرۇشلىرىمۇ كار قىلمىدى. دىلبەر رازىقنىڭ ھەر ئىككى پۇتىغا چىڭ ئىسلىۋالغاندىلا ئاندىن تاياق توختىدى. رازىق زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ بوزلاپ يىغلاپ كەتتى. دىلبەر كۆڭلىدە رازىق مېنى كۈنلىمەيدۇ، دەپ رەنجىيتى. مانا كۈنلەش دېگەن، دىلبەر ئۆزىنىڭ خاتا باسقان بىر قەدىمى ئۈچۈن قانچە رەت پۇشايمان قىلمىدى. ئەمدى ئۇمۇ يەتمىگەندەك تارتقۇلۇقى بار ئوخشايدۇ تېخى.

-خېتىڭنى ئال. ئەتىلا بۇ ئۆيدىن يوقال. سەن چىقمىساڭ مەن چىقىپ كىتىمەن، بۇ يۇرتقا ئاياغ باسمايمەن. قەلەندەر بولۇپ كەتسەممۇ بۇنداق ھاقارەتنى كۆتۈرۈپ ياشىمايمەن.

-جېنىم رازىق. خاتا چۈشىنىپ قاپسىز. ئىش ئەسلى...

-يىغ زۇۋانىڭنى، ھۇ مەينەت. سىنىڭ يۈزۈڭگە قارىغۇممۇ يوق.

-گەپ قىلغىلى قويۇڭ. ئاڭلاپ بولۇپ مېنى ئۆلتۈرۋەتسىڭىزمۇ مەيلى.

-سېنىما؟ پاسكىنا قېنىڭ بىلەن قولۇمنى بۇلغامدىمەن؟

-رازىق. نېمە گەپلەرنى ئاڭلىغانسىز، مەن....- دىلبەرنىڭ رازىققا ئىسىلماقچى بولغان بىلەكلىرى رازىق تەرىپىدىن قاتتىق سىلكىپ تاشلاندى.

-چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلاڭ رازىق. گېپىمنى ئاڭلاپ باقسىڭىز نېمە بولىدۇ. سىز قانداق ئۇقتىڭىز؟- دىلبەر ئاخىرقى بۇ گەپنى خاتا دەپ قالغىنىنى ھېس قىلدى.

-ئۇقمىغان بولسام بىر ئۆمۈر مېنى ئالداپ ئۆتمەكچىمىدىڭ. سېنى مېنى ياخشى كۆرىدۇ، ماڭا خىيانەت قىلمايدۇ دەپ زىيادە ئىشىنىپ كىتىپتىمەن. «ئىشەنگە تاغدا كىيىك ياتماپتۇ» دېگەن شۇدە. ئىسىت...

رازىق ئورنىدىن تۇرۇپ دىلبەرنىڭ ئۇچىسىدىكى يېڭى ئالغان كىيىمنى تارتىپ يىرتىۋەتتى. ئۇ قولىغا چىققانلا نەرسىنى چاقتى، تەپتى. شۇ تاپتا ئۇ غالجىرلاشقان شىرغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. راست، ئايال دېمەك ئەرنىڭ جېنى، غۇرۇرى، ھۆرمىتى، قىممىتى ئەمەسمۇ؟ ئەمدى قانداقمۇ بۇنداق ئايالنى خوتۇنۇم دەپ بىرگە ياشايدۇ، قولىدىن چىققان تاماقنى يەيدۇ. ئىسىت بالىلار...

دىلبەر يەردە ئۆمىلەپ يۈرۈپ رازىقنىڭ پۇتىغا ئىسلىۋالدى، غەزەپلەنگەن رازىق ئۇنىڭ بىلىكىگە قاتتىق دەسسىۋەتكىنىنىمۇ بىلەلمىدى. دىلبەر يەنىلا ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ سۆزلىدى. دىلبەرنىڭ يۈزى ئېغىزى ۋە بۇرنىدىن چىققان قان بىلەن بويىلىپ كەتتى. بۇ چاغدا بالىلار سىرىتتىن كىردى-دە، «ئانا»دەپ يىغلىشىپ كەتتى. دىلبەر بالىلارغا نەسىھەت قىلىپ مەجبۇرى يەنە سىرىتقا چىقىرۋەتتى. ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرماقچى بولۇۋىدى، لىكىن يەنە يېقىلىپ چۈشتى.

-سەن خەقنىڭ ئەمىرىدىكى خوتۇن تۇرۇپ، ھەر قانچە ئاجىرشىدىغان بولساڭمۇ ئاشۇنداق قىلامسەن. خىيالىڭدا باشلىق دەپ قاپسەندە. خوتۇن خەق دېگەندە زادى ...

-جېنىم رازىق. ھېچ ئىش بولغىنى يوق. مەنمۇ ئۇ ئىشىم ئۈچۈن كۆپ پۇشايمان قىلدىم. مېنى بىر رەت كەچۈرۋىتىڭ. راستىنلا ھېچ ئىش بولغىنى يوق. مەن ئۇنىڭ بېشىغا تەخسە بىلەن ئۇرۇپ يېرىۋەتكەن. پىشانىسىدا تارتۇقىمۇ قاپتىكەن. ھۇ ئەبلەخ، قارا چاپلىغىنىنى... ئىشەنمىسىڭىز يۈزلىشەيلى.

-تۈفى، ساراڭمۇ مەن. بولدى گەپ مۇشۇ يەردە تۈگىسۇن.

دىلبەر «ئۇنداق قىلماڭ رازىق» دېگىنىچە تۇرماقچى بولۇۋىدى كىرىسلونى تۇتقان قولى ئىشلىمەي يەنە يېقىلىپ چۈشتى.

-مېنى يۆلەپ قويۇڭە.

-ھۇ ھايۋان...

رازىق شۇنداق دېگىنىچە ئىشىكنى گۈم قىلىپ يېپىپ چىقىپ كەتتى. دىلبەر ئۆمىلەپ تۇرۇپ ئاستا تىلفۇننىڭ يېنىغا كەلدى ۋە بۈۋى زەينەپ خېنىمغا تىلفۇن قىلدى. ئۇزاق ئۆتمەيلا بۈۋى زەينەپ خېنىم كىرىپ، دىلبەرنى يۆلەشتۈرۈپ تۇرغۇزدى ۋە ياتقۇزۇپ يۈز-كۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ، كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ دوختۇرغا ئىلىپ چىقتى. دوختۇرلار ئوڭ قولنىڭ پوزىسى سۇنۇپتۇ، دەپ بوينى بىلەن قوشۇپ تېڭىپ قويدى. دىلبەر توختىماي يىغلايتى. ئۇنىڭ ئەنۋەرگىمۇ، ئۆزىگىمۇ ئۆچلۈكى كەلدى. نېمىدىگەن ئەخمەقسەن دىلبەر، نېمە دېسە ئىشىنىپسەنغۇ. ئىسىم كارتىسى دېگەننى كومپىيۇتىردا باسسىلا بولىدىغان نەرسە تۇرسا، باشلىق دېسىمۇ سۈرۈشتە قىلىپ باقمايلا ئالدام خالتىغا چۈشكىلى تاس قاپسەن.

دىلبەر دوختۇرخانىدا ياتتى. ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇۋاتقان بالىلارغا قاراپ يۇم-يۇم يىغلايتى. دىلبەر ئانىسى «موتۇسېكلىتتىن يېقىلىپ چۈشتۈم» دېگىنىگە ئىشەنسىمۇ، رازىقنىڭ ئەر تۇرۇپ ئايالىنىڭ يېنىدا بولماسلىقىدىن گۇمانلىنىپ، ئاخىرى بولغان ئىشنى بىلىپ قالدى. بۇ قتىم ئانىسىمۇ دىلبەرنى تىللىدى.

-داداڭ بىلىپ قالسا مېنىڭمۇ پۇتۇمنى چاقىدۇ جۇۋاينىمەك، مۇشۇنداق تاياق سېغىنىپ تۇرىدىغان نەرسە سەن. قۇدىلارنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز. يۈزىمىزنى پوق قىپسەن دېگىنە. خەق بىلىپ قالسا نېمە دەيدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە رامىلەنىڭ ئىككىنجى قېتىمقى تويى ئېدى بۇ. خەقلەر بىلسە نېمىمۇ دېگۈلۈك.

-ھېچقانداق ئىش بولمىغان ئانا.

-بىر ئىش بولسىلا بولامدۇ. ئېرى بار ئادەمگە نېمە قويدى يات ئەرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ يۈندە بەرسە ئىچىشنى.

-سەن بولساڭمۇ چۈشەنسەڭ بولمامدۇ؟

-قۇدىمىزمۇ ياتاقتا يېتىپ قاپتۇ، قېشىغا نېمە دەپ كىرەرمەن دەپ تىت-تىت بولۇۋاتسام. قىز بالا خاپىلىقى نېمانداق يامان دەيمەن.

ھەپتىدىن كىيىن دىلبەر ئاسمىسى چۈشۈپ بولغاندا دوختۇرغا كۆرۈنمەستىن، چىقىپ كەتتى ۋە بىر ئاماللار بىلەن ھېلىقى ئەنۋەر، ياق ئابلا دېگەننىڭ نومۇرىنى تاپتى ۋە باشقا بىر قىزنىڭ نامىدا تىلفۇن قىلدى. دېمەك ئەنۋەر ئۇنىڭ «قۇشقاچ» تۇتىدىغان تەخەللۇسى ئىكەندە. دىلبەر ئالدىن تەييارلاپ قويغان ئۈن ئېلىش قەلىمىنى جايلاشتۇردى ۋە كۆرۈشۈشكە دېيىشىپ قويغان ئاشخانىنىڭ دەرىزىگە يېقىن بىر ئورۇندا ئولتۇرۇپ ئۇنى كۈتتى. ئەنۋەر كىلىپ ئايرىم خانىغا كىرىپ كەتكەندىن كىيىن ئاستا كەينىدىن كىردى. ئۇ سۇنۇپ كەتكەن قولىنى بىلىندۈرمەي ئىتىكىگە قويۇۋالدى. ئەنۋەر دىلبەرنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ كەتسىمۇ دەماللىققا بىلدۈرمىدى.

-ۋاي-ۋۇي دىلبەرقىز مەن دەڭە. پەزىلەت دېسە كىمكىن دەپتىمەن. ئادەم ئالداشنى نەدىن ئۆگەندىڭىز؟

-سىزدىن.

-مەن سىزنى قانداق ئالداپتىمەن.

ئىسمىڭىز نېمە؟

-ئەنۋەر.

-نەدە ئىشلەيسىز.

-توۋا، نېمە گەپ بوپ كەتتى بۇ. سىز ساقچىمۇ يا. ئىش ئورنى دېگەن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

-ئالىمجان سىزنىڭ ئۇكىڭىزمۇ؟

-ھە؟ قايسى ئالىمجان.

-ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن گەپ ئوينىتىۋاتىسىز ھە! ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسىز.

-قانداق قىلدىم؟

-ئۆيىڭىزدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردىن خەۋىرىڭىز يوقكەندە. قايسى كۈنى سىز كۆرۈشكەن، ئېنىڭىز ئالىمجان ئالماقچى بولغان قىز ئېرىم رازىقنىڭ سىڭلىسى. ئۇ كۈنى سىز نېمىلەرنى دېدىڭىز.

-توۋا. جاھان نېمىدېگەن تار. مۇنداق ئۇقۇشماسلىقلارمۇ بولىدىكەن-ھە! نېمىگە رەنجىيسىز؟ ناھايىتى شۇ توي بىكار قىلىنىپتۇغۇ. ئەرگە تىگەلمەي دەردىنى سىزدىن چىقارغان ئوخشىمامدۇ ئۇ قېرى قىز؟ بولمىسا مەن توقاللىققا ئەپ قويارمەن.

-تۈفى ئەبلەخ. نېمىشقا ماڭا قارا چاپلايسەن.

-ئاغزىڭنى يۇم. نېمە ۋاي دەپ قويسام ئۆزىنى بىلمەيدۇ بۇ. بېشىمنى يېرىۋەتكىنىڭنىڭ ئۆچىنى تىخى ئالمىدىم جۇمۇ مەن.

-شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭما؟

-قالغىنىنى تېخى ئالدىڭدا كۆرىسەن. قولۇمدىن قولىنىڭ ئۇچىنى تۇتقۇزماي چىقىپ كەتكەن مېكىجىندىن پەقەت سەن بىرسى بار. سېنىمۇ...

-خەپ، سېنى بوش قويۇۋەتمەيمەن. ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلىمەن.

-ھا ھا ھا ھا....

دىلبەر شۇنداق دەپلا چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ئەنۋەرنىڭ ياۋۇز كۈلكىسى جاراڭلايتى. ئەرز قىلىش دېگەن بىر پوپوزا خالاس. نېمە دەپ ئەرز قىلىدۇ؟ دىلبەر بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلمىدى، ئۇ رامىلەنى ئىزدەپ تىپىپ ئۈنگە ئىلىۋالغان پاراڭنى قويۇپ بەردى ۋە ئالىمجاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئالىمجاننىڭ ئانىسىغىمۇ ئاڭلاتتى ھەم رازىقلارنىڭ ئائىلىسىگە قىلغان ھاقارىتىنىڭ ئىشىپ كەتكىنىنى ئىيتىشتى.

-قانداق خوتۇن بۇ. ئەر كىشى نوچى بولسا ئەشۇنداق ئالدايدۇ. ئېرى بار خوتۇنغا نېمە قويۇپتىكەن تالادا يالاق يالايدىغاننى...

ئاچچىق ۋە ئەلەمدىن يۈزلىرى قىزارغان دىلبەر ھېچنەرسە دېيەلمىدى. رامىلە بولسا ئۆزىگە قىيىنئانا بولىدىغان ئايالنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ لاسسىدە بولۇپ قالدى. ئالىمجان بىلەنمۇ باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق تونۇشقان. «بوپتۇلا، بۇنداق ئۆزىگە خاس مەيدانى يوق بالا بىلەن توي قىلغاندىن مۇشۇنداق ئۆتۈپ كەتنىممۇ ياخشى»دەپ ئويلىدى رامىلە ۋە دىلبەرنىڭ سۇنۇپ كەتكەن قولىغا قاراپ ئىچى ئاغرىپ قالدى. دىلبەرگىمۇ ئۇۋال بولغىنىنى، بۇ جاھاندا ئازمايدىغان ئادەم بولمايدىغانلىقىنى ئاكىسىغا ئىيتتى. دىلبەرمۇ بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى قىيىنئانىسىغا چۈشەندۈردى ۋە يۇم-يۇم يىغلاپ ئەپۇ سورىدى. ئانىلار پەرىشتىدەك ئۇلۇغ، بولۇپمۇ رازىقنىڭ ئانىسى، ھەممە ئادەملەر ياخشى گىپىنى قىلىدىغان، يامان گىپىنى قىلاي دىسىمۇ تېپىلمايدىغان ياخشى ئايال ئىدى. يەنىلا ئايال ئايالنىڭ قاياشىدە، رازىقنىڭ ئانىسىمۇ دىلبەرنى كەچۈرۋەتتى. بۇ ئىشنى دەپ ئىككى بالىنى يېتىم قىلسا بولمايتى-دە.


ئاھ! مۇھەببەت باشقا تېمىلار
ئاھ! مۇھەببەت (1)ئاھ! مۇھەببەت (2)ئاھ! مۇھەببەت (3)ئاھ! مۇھەببەت (4)ئاھ! مۇھەببەت (5)
ئاھ! مۇھەببەت (6)ئاھ! مۇھەببەت (7)ئاھ! مۇھەببەت (8)ئاھ! مۇھەببەت (9)