باش بەت / ساقلايمەن

ئاھ! مۇھەببەت (3)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-20 07:33 | ئاپتور: ئاينۇر دولقۇن | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

رازىق ئىشتىن كىلىپ، دىلبەر بىلەن خەت ئالماشتۇرۋاتقان تارتمىغا قاراپ خەتنى كۆردى، ئۇ دەل بىشى ئۈزۈلگەن ئاق تۇرنا-گۈلباھارنىڭ خىتى ئىدى. ئۇ ئەنە شۇ ئەلەملىك يېغىسى بىلەن خەتنى ئوقۇپ بولدى ۋە دىلبەرگە بىر ئىلىك خەت قالدۇرۇپ قويۇپلا، شۇ كۈننىڭ ئايرۇپىلانى بىلەن غۇلجىغا ماڭدى. يول بويى گۈلباھارنى خىيال قىلىپلا ماڭدى.

رازىق ئۇلار ئايرىلغان كۈننى ئەسلىدى. «ئەگەر تاسادىپى ئۆلۈپ تارتىپ قالغۇدەك بولسام، پۇرسەت بولسا سىزگە خەت يازىمەن. خەتكە تۇرنىنىڭ بېشىنى ئۈزۈۋىتىپ سالىمەن. شۇ چاغدا قەشقەردە تۇرۇپ روھىمغا دۇئا قىلىپ قويۇڭ. روھلار پەقەت دۇئاغىلا مۇھتاج بولارمىش». بۇنى ئاڭلاپ رازىقنىڭ جۇدۇنى تۇتقان ۋە «ساراڭ بولدىڭىزمۇ؟ ئۇرۇڭ ئەشۇ شۇم ئېغىزىڭىزغا. خۇدا ئۆمرىمىزنى ئۇزۇن قىلغاي»، دېگەن. لىكىن، گۈلباھار ئۇنىڭغا «بىز بىر نەرسە دېيەلمەيمىز» دېگەن ئىدى. تىلىسەڭ تاپارسەن دېگەن شۇمىدۇ؟ ياق، تىلىگەننى تاپىدىغان بولسا، گۈلباھار بىلەن رازىق ۋىسالنى قانچىلىك تېلىمىگەن-ھە؟! ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا گۈلباھارنىڭ ئۇزۇن چېچى، قاقاقلاپ كۈلۈشلىرى ۋە يالغاندىن دومسىيىشلىرى... ھەممىسى بىر-بىرلەپ كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ شۇنچە جىمغۇر ھاياتىنى گۈلباھار بىلەن ئاۋۇندۇرۇپ كەلگەن، ئوقۇغان يۇمۇرلىرىنىڭ قىززىق ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ كۈلكىلىرىدىن، ئۆزىنىڭ ناخشا ئاۋازىنىڭ يېقىملىق ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ چاۋاكلىرىدىن ھېس قىلغان ئىدى. ئىككىسى بىر يەرگە كەلسە شۇنچە شوخ، باشقا يەرلەردە بولسا شۇنچە جىمغۇر، تەمكىن بولۇشۇپ كىتەتتى.

رازىق غۇلجىغا بېرىپلا ئاۋال گۈلباھارنىڭ ئۆيىگە باراي دەپ ئويلىدىيۇ، يەنىلا ئىش ئورنىغا بېرىپ بېقىشنى توغرا تاپتى. ئۇ شۇنداق بىر مۆجىزىنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىنى، گۈلباھارنىڭ ئۇزۇن چاچلىرىنى لەپىلدىتىپ كۈلۈمسىرەپ ئالدىغا چېقىشىنى، ئۆزىگە ئەركىلەپ بۇرنىنى قەستەن تارتىپ قويۇشىنى، «ئوھۇي قاچان كەلدىڭىز ماتروس» دەپ قىزغىن قارشى ئىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئاھ خۇدا! مۇشۇ ئارمانلار ئەمەلگە ئاشسا ئۇ ھازىر جان بەرسىمۇ ئارمانسىز كىتەر بەلكىم. ئىلاھىم، گۈلباھار خەتنى يېزىپ بولغاندىن كىيىن ساقىيىپ قالغاندۇر. شۇنداق بىر ئۈمىد ئۇنىڭ پۇتلىرىغا ماغدۇر بېرىۋاتاتتى.

رازىق گۈلباھارنىڭ ئىش ئورنىغا كىلىپ بىر ئايالدىن سورىدى:

-سېز نېمىسى بولىسىز؟

-مەن ساۋاقدىشى. خىزمەت بىلەن ئۆتكەن، كۆرۈشۈپ ئۆتەي دەپ كىرىشىم ئىدى.

-ۋېيەي. ئالاقىلاشمىغىلى ئۇزۇن بوپتۇ-دە سىلەرگە.

-ھەئە، ئالتە يىل بولدى.

-جان دېگەن شۇنچىلىكلا نەرسىكەن قاراڭ. شۇ ئالتە يىل بولدى ، بىچارە كىسەل بىلەن تۈگەپ كەتتى. رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.

رازىقنىڭ ئۈمىدى يوققا چىقتى. نومۇس كۈچىلا ئۇنىڭ تىتىرەۋاتقان پۇتلىرىنى تەستە ئۆرە تۇرغۇزىۋاتاتتى. بوغۇزىغا كەپلەشكەن بىر نەرسە ئۇنىڭ ئۈنىنى چىقارمىدى. ئۇنىڭ ئىدىيە تەييارلىقى خىلى بار ئىدىغۇ؟! تۇيۇقسىز ئاڭلىغان بولسا قانداق قىلار بولغىيدى. ئۇ ئۆزىنى تەستە تۇتۇۋىلىپ يەنە سورىدى.

-قىزى قەيەردە تۇرۇۋاتىدۇ؟

-خۇدا ھېچ بىر بەندىسىنىڭ بېشىغا ئۇ كۈنلەرنى سالمىسۇن.بىلەمسىزكىن گۈلباھار يالغۇز قىز ھەم يالغۇز بالا ئىدى. بىچارە تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن يىل نەزىرىسىنى بېرىدىغاندا ئانىسى رەھمىتى تۈگەپ كەتتى. ئانىسىنىڭ قىرىق نەزىرىسى بولىدىغان كۈنى دادىسى تۈگەپ كەتتى. قىزى يىتىم-يىسىرلار مەكتىپىدە تۇرۇۋاتىدۇ.

-دادىسىچۇ؟

-بىلمەيدىكەنسىزدە. قاتناش ھادىسىسىدە تۈگەپ كەتكەن.

-كىيىن يەنە بىرى بىلەن توي قىپتۇ دەپ ئاڭلىغانغۇ مەن.

-ۋاي ياق. نەدە توي قىلىدۇ. بىز بەك ياخشى ئۆتەتتۇق ئۇ رەھمەتلىك بىلەن. يالغۇز بالا بولغىنى ئۈچۈنلا ئۆيدىكىلىرى قەشقەرگە كىتىشىگە يول قويمىغان. سىز ساۋاقدىشى بولسىڭىز چوقۇم بىلىسىز، رازىق دېگەن قەشقەرلىك بالا. بىچارە جان ئۈزىدىغان چاغدىمۇ ئەشۇ بالىنىڭ ئىسمىنى يادلاپ تۇردى. ماڭىمۇ رەسىمىنى كۆرسەتكەن بەك قاملاشقان بالىكەنتۇق ئۆزى. نېمىلەرنى دەپ كەتتىم...

رازىقنىڭ ئۆپكىسى ئۆرۈلۈپ شىردەك ھۇۋلىغۇسى، ئۆزىنى مۇشتلاپ يىغلىغۇسى كىلىۋاتاتتى. بىچارە گۈلباھار، ئاخىرقى تىنىقىدىمۇ رازىقنى ياد ئەتكەن، بىراق رازىقچۇ؟ ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز... رازىق ئۆزىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكىنىنى ھېس قىلدى. ماۋۇ ئايال ئۇنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپ بېقىپتىكەن. لىكىن ئالدىدا تۇرغان سۈرەتتىكى رازىقنى تونالمىدىغۇ؟ ئالتە يىل ئالدىدا بۇ يەرگە خېلى كۆپ كەلگەن، ھەجەپ بۇ ئايالنى كۆرمەپتىكەنغۇ؟!

-ئېرىنىڭ ھېچقانداق ئۇرۇق-تۇغقىنى يوقمىتى؟ نېمانداق ئۇ قىزنى يىتىم-يىسىرلار مەكتىپىگە تاشلاپ بەرگەندۇ.

ئۇلار پاراڭلىشىپ تۇرغاندا بىنا ئىچىدىن گۈلباھار مەن توي قىلىدىغان بولدۇم، دەپ كۆرسەتكەن كىشى چىقىپ كەلدى. رازىق بىر قاراپلا تونۇغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇ رازىقنى تونۇمىدى. رازىق ئۇ ئايالغا رەھمەت ئىيتىپ خوشلاشتى ۋە ھېلىقى ئەر بىلەن سالاملاشتى.

-ئەسسالامۇئەلەيكۇم. مېنى تونۇدىڭىزمۇ؟

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سىز...

-گۈلباھارنىڭ ساۋاقدىشى رازىق. ئالتە يىل ئاۋال بىز بىر كۆرۈشكەن.

-ھە، ۋاي ئىسىمگە كەلدىڭىز. تىنچلىقمۇ؟

-تىنچلىق. مەن بەزى ئىشلارغا سەل ھەيران قالدىم. ۋاقتىڭىز بولسا پاراڭلاشساق بولارمۇ؟

-مەيلى ئەمسە.

ئۇلار يىقىن ئەتراپتىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ تاماق بۇيرۇتتى. رازىقنىڭ گىلىدىن تاماق تۈگۈل چايمۇ ئۆتىدىغاندەك قىلمايتتى.

-سىلەر توي قىلمىغانمۇ؟

-مەن ئۇ چاغدا بىر رول ئالغان خالاس. سىزنىڭ ئائىلىڭىز ۋە ئىككى بالىڭىز بار ئىكەن. لىكىن، غۇلجىغا كىلىمەن دەپ تۇرۇۋاپسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈلباھار ئېغىر ئاغرىق تۇرسا. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماڭا يالۋۇرۇپ تۇرۇۋالدى. سىزنى كەتكۈزۈشنىڭ ھەم ئۈمىد ئۈزگۈزۈشنىڭ ئامالى شۇ ئىدى.

-بىز دوختۇرغا بىرىپ تەكشۈرگەن چېغىمىزدا ساق چىققان ئىدىغۇ؟

-ئۇمۇ يالغان. گۈلباھار ئالدىن بىرىپ دوختۇر بىلەن كۆرۈشكەن ۋە شۇ مەيداننى ياساپ سىزگە كۆرسەتكەن. بولمىسا كىتەمتىڭىز سىز؟ ئۇ چاغدىكى ئەلپازىڭىزدا بىر ئۆمۈر گۈلباھارنى باقىمەن دەيدىغاندەكلا تۇرۇپتىكەنسىز. گۈلباھار پۈتۈنلەي سىزنى ئويلاپ شۇنداق قىلغان. ھەي، تولىمۇ ئاقكۆڭۈل ئايال ئىدى ئۇ.

رازىقنىڭ كاللىسى قېيىشقا باشلىدى. ئۇ نەگە بېرىشنى نېمە قىلىشنى بىلمەيتتى. پۈتۈن ئەسيادى ئەينى چاغدىكى گۈلباھارنىڭ ئۆزىنى ئالدىغان مەنزىرىلەر بىلەن... گۈلباھار! ھەقىقەتەن باغرى باھارنىڭ مۇھەببىتىگە تولغان تەڭداشسىز گۈزەل گۈل ئىدىڭ، ھەجەپ ۋاقىتسىز توزۇپ كەتتىڭ-ھە!...

ئۇ ئاشخانىدىن چىققان چاغدا كەچ بولغان ئىدى. رازىق شۇ ئەتراپتىكى بىر مىھمانخانىدىن ياتاق ئالدى، ئۇ كىچىچە كىرپىك قاقمىدى، نۇرغۇن نەرسىلەر ئۇنىڭ يۈرىكىنى تىرنىلايتتى. ئەتىسى ئۇ گۈلباھارنىڭ قەبرىسىنى تېپىپ شۇ يەردە خەتمەقۇرئان قىلدى. ئاندىن يىتىم-يىسىلار مەكتىپىگە بېرىپ گۈلباھارنىڭ 5-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان قىزىنى تاپتى. پاھ، ئانىسىغا نېمىدىگەن ئوخشىغان-ھە! قاچانلا قارىسا مەيۈسكىنە كۈلۈپ تۇرىدىغان بۇ قىز ھەقىقەتەن گۈلباھارنىڭ ئۆزىگىلا ئوخشىغان ئىدى. ئۇ قىزغا ئۆزىنىڭ ئاپىسىنىڭ ساۋاقدىشى ئىكەنلىنى تونۇشتۇردى.

-مەن سىزنى بىلىمەن. بۇ ئانامنىڭ ماڭا قالدۇرغان سائىتى، بۇ يەردە سىزنىڭ رەسىمىڭىز بار.

رازىق سائەتنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. ئۇلار ئىككىسى بىر قىتىم قەدىمى بويۇملارنى ساتىدىغان دۇكاندىن مۇشۇ سائەتنى ئالغان ۋە ئۇنى گۈلباھارغا سوۋغا قىلغان ئىدى. بۇ يۇمىلاق شەكىللىك، قاتلىنىدىغان، قوش قاتلىق سائەت بولۇپ، بىرىنجى قىتى ئېچىلغاندا ئۈستى تەرىپىدە بىر رەسىم سىلىش ئورنى، ئاستى تەرىپى ئەينەك، ئىككىنجى قىتىنىڭ ئۈستى تەرىپىمۇ رەسىم سالىدىغان ئاستى تەرىپى سائەت بار ئىدى. بۇنىڭ بىرىنجى قەۋىتىدە رازىقنىڭ ئىككىنجى قەۋىتىدە گۈلباھارنىڭ رەسىمى بار ئىدى.

- ئوقۇشىڭىز قانداقراق كىتىۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى تۇرمۇشىڭىز قانداقراق؟

-ياخشى. ھەممىمىز دېگۈدەك ئاتا-ئانىسى يوق بالىلار بولغاندىكىن بىر-بىرىمىزنىڭ ھالىغا يېتىپ ياردەمدە ئۆتىمىز. بۇ يەرنى ياخشى كۆرىمەن.

رازىق ئۇ كۈنى قىز بىلەن خىلى ئۇزاق پاراڭلاشتى. قىزنىڭ ئۆزىنىڭ يىتىملىكىنى كۆڭۈلسىزلا ئىتىراپ قىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقى ۋە تەمكىنلىكى رازىقنىڭ يۈرىكىنى ئىزىۋەتتى. ئۇ قىزنى قەشقەرگە ئىلىپ كىتىپ بېقىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، گۈلباھارنىڭ شۇ يەردىكى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى ئىزدىدى، قانۇن ئورۇنلىرىدىن مەسلىھەت سورىدى.


ئاھ! مۇھەببەت باشقا تېمىلار
ئاھ! مۇھەببەت (1)ئاھ! مۇھەببەت (2)ئاھ! مۇھەببەت (3)ئاھ! مۇھەببەت (4)ئاھ! مۇھەببەت (5)
ئاھ! مۇھەببەت (6)ئاھ! مۇھەببەت (7)ئاھ! مۇھەببەت (8)ئاھ! مۇھەببەت (9)