باش بەت / ساقلايمەن

ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (5)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-17 13:36 | ئاپتور: بىخارد. سېلىنىك | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

    بىر ھەپتىدىن كېيىن، مەن يەنە ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدىم. بىر ھەپتە ئۇنى ئويلىماسلىقنى سىناپ باقتىم. لېكىن مەن يەنىلا بىكار ئاۋارە بولغان ئىدىم. ھېچكىم مېنىڭ دىققىتىمنى تارتالمىدى. دوختۇر يەنىلا مېنىڭ مەكتەپكە بېرىشىمغا قوشۇلمىغان ئىدى. نەچچە ئاي ئوقۇغاندىن كېيىن، مەن ئوقۇشتىن زېرىكىدىغان بولۇپ قالدىم. گەرچە دوستلىرىم مېنى يوقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن مەن ئاغرىپ قىلىپ مۇشۇنداق ئۇزۇن ۋاقىتقىچە، ئۇلارنىڭ كىلىپ مېنى يوقلىشى بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى كۆۋرۈكلۈك رولنى ئۆتىيەلمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. يەنە كىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرغان ۋاقىتلىرى بارغانسېرى قىسقىراپ كېتىپ باراتتى. ئۇلار سەيلە قىلىشىمنى، كۈندىن-كۈنگە سەيلىنى كۆپەيتىشىمنى، ئۆزۈمنى چارچىتىۋالماسلىقىمنى ئېيتاتتى. ئەمەلىيەتتە مەن مۇشۇنداق چارچاشلارغا مۇھتاج ئىدىم. ئۆسمۈر ۋە ياشلىق دەۋرىلىرىمدە كېسەل بولۇپ قىلىشنى قەتئىي ياقتۇرمايتتىم. سىرتقى دۇنيادىكى، ھويلىلاردىكى، گۈللۈكلەردىكى ياكى كوچىلاردىكى ئارام بەخىش دۇنيانىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى بىلىنەر-ىلىنمەس بالنىس ئۆيىگە كىرىۋالغان ئىدى. ئۇ يەردىكى بىمارلار كىتاب ئوقىۋاتقاندا، كىتابتىكى تارىخ، شەئىيلەر دۇنياسى بارا-بارا چوڭىيىۋاتاتتى.
    قىزىش ئادەم ئەقلىنى ئاجىزلاشتۇرۋېتىدۇ ھەم شۇنچىلىك سەزگۈرلىشىپ كېتىدۇ. بالنىس ئۆيى يېڭى ھەم پىششىق بولغان، يەنە ناتۇنۇش بولغان ياتاققا ئايلىنىپ قالاتتى.
    مۇنسىتېرا دېلىتسىئوزا بامبۇكىنىڭ سايىسى پەردىگە چۈشۈپ تۇراتتى، تام قەزىدە قانداقتۇر رەڭۋازلىق قىلىۋاتقادەك، ئۈستەل، ئورۇندۇق، كىتاب ئىشكابى ۋە كىيىم ئىشكابلىرى گوياكى تاغدەك دۇگلىنىپ، ئىگىز بىنا، پاراخوتقا ئوخشاش بولۇپ قېلىۋاتقاندەك، ئۇلارنى يېقىنلىقتا قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغاندەك، لېكىن يەنە ناھايىتى يىراقتا تۇرغاندەك قىلاتتى.
    بىمارنىڭ ئاستا ئۆتىۋاتقان ئۇزۇن كىچىلىرىگە چىركاۋنىڭ قوڭغىراقلىرى ھەمرا بولاتتى. بەزىدە ماشىنا ھەيدەپ باققان نەي ئاۋازى ۋە ئۇنىڭ ئالدى چىرىقىنىڭ نۇرى تامغا ۋە كۆرپىدىكى چىراق يورىقىغا ياناتتى. ئۇ ئۇزۇندىن ئۇزاق ۋە ئۇيقىسىز كېچىلەر بولۇپ، مەنىسىز ھەمدە يېتەرلىك كېچە ئىدى. بىمار بەزى ۋاقىتلاردا نېمىلەرنىدۇ ئارزۇ قىلاتتى، بەزى ۋاقىتلاردا ئۆتمۈشلىرىنى ئەسلەيتتى، بەزى ۋاقىتلاردا ۋەھىمىيىلىك ۋە قورقۇنچ قاپلىۋالاتتى. بەزى ۋاقىتلاردا شۇنداق خۇشال بولۇپ كىتەتتى. بۇنداق ياخشى يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسى كېچىدە يۈز بېرەتتى. ئەگەر بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىپ قالسىلا بۇنداق ئالامەتلەر ئازىيىپ قالاتتى. بىراق، ئەگەر بىمار كېسىلى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ ساقايماي قالسا، ئۇنداقتا كېسەلخانىنى دەل ئاشۇنداق كەيپىيات قاپلىۋالاتتى ھەمدە قىزىتمىسى بولمىغان تەقدىردىمۇ بۇنداق نورمالسىزلىق يۈز بېرىۋېرەتتى. مەن ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپلا خىجىل بولمامسەن دەپ سورايمەن، چۈنكى بەزى ۋاقىتلاردا ئۇخلاش كىيىمىم ھۆل بولۇپ نىجاسەت بىلەن بۇلغىنىپ كېتەتتى. چۈنكى چۈشۈمدىكى ئەھۋاللار دۇرۇس ئەمەس ئىدى. بىلىپ تۇرۇپتىمەنكى ئاپام، يەنە مەن دائىم ھۆرمەتلەيدىغانلار، بىز قەتئىي ئىشىنىدىغان پوپلارمۇ ھەمدە مەن دەردلىرىمنى تۆكۈپ بېرىدىغان ئۆسمۈرلۈك دەۋرىمدىكى مەخىپىي ئاچاممۇ مېنى ئەيىبلەپ كەتمەيتتى. دەل ئەكسىچە ئۇلار مېھرىبانلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلۈش ئارقىلىق ماڭا تەسەللىي بېرەتتى. لېكىن ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەسەللىي بېرىش، مېنى ئەيىبلىگەندىنمۇ بەكىرەك ئازابلاپ قوياتتى. ھەممىدىن بەك تەڭشەلمىگىنى شۇكى، ئەگەر چۈشلىرىمدىكى ئامالسىز چۈشەپ قالغان ئۇنىڭ ئەھۋاللىرىنى مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن پەزەر قىلىپ بولاتتىم. مەنمۇ بىلمىدىم، ماڭا نەدىن كەلگەن جاسارەتكىن شىمىست خانىمنىڭ يېنىغا بېرىپتىمەن. ئەجەبا ئەخلاق تەربىيىسى مەلۇم مەزگىلگە يەتكەندە ئەكسى تەسىر بېرىپ قويارمۇ؟ 
    ئەگەر ئاچكۆزلۈك نەزىرى جىنسى ھەۋەسنى قاندۇرۇشقا ئوخشاش قەبىھ بولسا، ئەگەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئويلاش ۋە ئارزۇ قىلىش ھەرىكەتلىرى ئوخشاشلا پەشكەشلىك بولسا، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن جىنسىي ھەۋەسنى ۋە ئارزۇ ئىستەكلىرىنى قاندۇرۇشتىكى ھەرىكەتلەرنى تاللىمايدۇ؟ مەن كۈنسىرى ئېنىق بىلىۋاتىمەنكى، مەن بۇنداق يامان نىيەتنى كاللامدىن ساقىت قىلالمىدىم. مۇنداق دېسەكمۇ بولىدۇ، مەن بۇ يامان نىيەتنى ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق كۆرسىتىشنى قارا قىلدىم. مەندە ئۇنىڭ يېنىغا بارسام چوقۇم ناھايىتى خەتەرلىك ئىش بولىدىغاندەك ئەندىشە پەيدا بولۇپ قالدى. لېكىن، ئەمەلىيەتتە بۇنداق خەتەرنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شىمىست خانىم مېنىڭ پەيدا بولغىنىمدىن ھەيران قالاتتى. لېكىن، ئۇ يەنىلا مېنى قارشى ئالاتتى. مېنىڭ شۇ كۈنى كىلىشىمدىكى مەقسەتنىڭ رەھمەت ئېيتىش ئىكەنلىكىنى ئاڭلايتتى. ئاندىن مەن بىلەن دوستانىلارچە خۇشلىشاتتى. بارمىسام تېخى خەتەرلىك بولارمىكىن، بارمىسام مەن ئارزۇ- ئىستەكلەر ئىچىگە شۇڭغۇپ كېتىپ ئۆزۈمنى قۇتۇلدۇرالماي قالاتتىم. بارغىنىم توغرا بولىدۇ. ئۇنىڭ پوزىتسىيىسى چوقۇم نورمال بولىدۇ. مېنىڭكىمۇ چوقۇم نورمال پوزىتسىيە بولىدۇ. ھەممە ئىشلار چوقۇم قايتىدىن نورمال ئەھۋالغا چۈشەتتى. مانا مۇشۇنداق قىلىپ، مەن شۇ ۋاقىتتا ئاقىلانىلىق بىلەن ھاۋايى ھەۋىسىمنى كەم ئۇچىرايدىغان ئەخلاق بىلەن مۇلاھىزە قىلدىم ھەمدە روھى ئازابىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ ئاشكارلىمىدىم. بىراق، بۇ مېنىڭ شىمىسىت خانىمنىڭ يېنىغا بارغۇدەك جاسارەت غەيرەت بېرەلمىدى. مېنىڭچە ئاپام، ھۆرمەتلىك پوپ يەنە ئاچام ئىچنىلىكىلىك بىلەن ئويلىشىپ مېنى توسمىدى، ئەكسىچە مېنى شۇ يەرگە بېرىشىمغا دەۋەت قىلدى. بۇمۇ بىر ئىش بولدى. راستىنلا ئۇنىڭ يىنىغا بېرىشمۇ يەنە بىر ئىش بولدى. مەن نېمىشقا بارغانلىقىمنى بىلمىدىم. ھازىر مەن شۇ ۋاقىتتا كۆرگىنىمگە ئوخشاش بولغان ئىشنى كۆرۋاتاتتىم. بۇ بىر خىل ئىدىيەمدىكى ۋە ھەرىكىتىمدىكى ھازىرغا قەدەر چىقالمىغان ھالەت ئىدى. مەن ھەر قانداق ئىشتا ئاۋۋال ئويلىشاتتىم، ئاندىن بىر نەتىجە چىقىراتتىم. مۇنداق قارار چىقارغان ۋاقىتتا قەتئىي شۇ قاراردا تۇراتتىم دە ئاندىن بىلەتتىم. ئىش قىلغاندا چوقۇم ئۆزىنىڭ قائىدىسى بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇ بەلكىم سىزنىڭ قارارىڭىز بويىچە يۈرىشى مۇمكىن، لېكىن، قارار بىلەنمۇ يۈرۈشۈپ كەتمەيتتى. بۇ ئۆمرۈمدە، مەن نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى قارار قىلمايلا قىلغان ئىدىم. يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قارار قىلىپمۇ قىلمىغان ئىدىم. لېكىن، مەيلى مەن نېمىلا قىلىشىمدىن قەتئىي نەزەر، ھەممىنى قىلدىم. مەن كۆرگۈم يوق ئايالنى بېرىپ كۆردۈم. سوتچىنىڭ ئالدىدا بىر قىسىم مەسىللەرنى جان تىكىپ چۈشەندۈردۈم. مەن تاماكا تاشلاشنى قارار قىلغان بولساممۇ ھەمدە تاماكا چىكىشتىن ۋاز كەچكەن بولساممۇ، لېكىن مەن ئۆزۈمنىڭ تاماكا چىكىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلگەن ۋاقتىمدا، بۇنداق ھالەتنى ساقلاپ قالماقچى بولغىنمىدا، مەن يەنىلا داۋاملىق تاماكىنى چىكىۋەردىم. مەن بۇ يەردە ئىدىيە بىلەن قارارنىڭ پوزىتسىيە بىلەن ھېچقانداق تەسىرى يوق دېمەكچى ئەمەسمەن. لېكىن، ئىش-ھەرىكەت ئومۇمىي جەھەتتىن ئاساسەن ئاۋۋال ياخشى ئويلاش ياكى بولمىسا قاراردىن كېيىن شۇنداق يۈز بېرىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ھەرىكەتنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئۇسۇلى بولىدۇ. شۇنىڭدەك مېنىڭ ئىش-ھەرىكىتىمدىمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئۆز ئالدىغا ئۇسۇلى بولىدۇ. خۇددى ئويلىغىنىم دەل مېنىڭ ئىدىيىمگە ئوخشاش بولغاندەك، مېنىڭ قارارىم مەن بېكىتكەنگە ئوخشاش بولغاندەكلا ئىش ئىدى.


ھايات-ماماتلىق ئوقۇش باشقا تېمىلار
ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (1)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (2)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (3)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (4)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (5)
ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (6)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (7)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (8)