ھايات-ماماتلىق ئوقۇش
يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-16 09:11 | ئاپتور: بىخارد. سېلىنىك | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم
تەرجىمە قىلغۇچى : گۈلجەننەت مۇھەممەت ئاپتورى : بىخارد. سېلىنىك ( Bernhard Schlink ) تەرجىمان: جياۋ جۇڭجېن قىسقىچە چۈشەندۈرۈش : «ئوقۇرمەن» مېشىل ئالبىزى ئىسملىك بىر ياش ئۆسمۈر. ئالبىزى ئون بەش ياش ۋاقتىدىكى شۇ يىلىدا، تاساددىپىي 36 ياشلىق خەننا بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. خەننا ئۇنىڭ ئاپىسى دىمەتلىك ئايال ئىدى. لېكىن ئۇلار يوشۇرۇنچە ئاشنا بولۇپ قالدى. ئۇلار ئادەتتىكى نورمال جىنسىي مۇناسىۋەتتىنمۇ ھالقىغان، تېخىمۇ قورقۇنۇنچلۇق بولغىنى ، خەننا ئاپتوبۇستا بېلەت ساتقۇچى بولۇپ، ناتسىستلار دەۋرىدە، كىشىنىڭ خىيالىغىمۇ كېلىپ باقمىغان ، سېسىق نامى پۇر كەتكەن جازا لاگىرىنىڭ ئايال كۆزەتچىسى ئىكەن. خەننا ئۆزىنىڭ بۇ تارىخىنى ئالبىزىدىن يوشۇرغان ھەمدە تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن. ئالبىزى قانۇن فاكۇلتىتېنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن سوتتا پىراكتىكا قىلىۋاتقان مەزگىلىدە، ھۆكۈم چىقارغان ئۇرۇش جىنايەتچىسىنىڭ بىرى دەل خەننا بولۇپ چىققان. لېكىن ئالبىزى ئۆزىنىڭ خەننانى ناھايىتى چوڭقۇر سۆيىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. بۇ دەل كىشىنىڭ يۈرىكىنى تىتىرىتىدىغان ۋاقىت ئىدى. «ھايات-ماماتلىق ئوقۇش» تا كىيىم-كېچەك، ئوزۇق-تۈلۈك تولۇق، خاتىرجەم زاماندىكى ئوتتۇرا بۇرژىئازىيە مەسىلىسىنىڭ يادروسىغا قارىتىلغان. كۆپ مەنالىق ۋە كەڭ كۆلەملىك رېزونانىس خاراكتېرلىق ھېكايە بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇشقۇن كەيپىياتتا ئوقۇلۇشقا مۇيەسسەر بولدى. ئۇنىڭ نەتىجىسى تولىمۇ كۆرىنەرلىك بولغان. كېيىن ئالبىزى خەننانىڭ بىر ساۋاتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدى. خەننانىڭ پەقەت ئۆزىنىڭ ساۋاتسىزلىقىنىڭ ئاشكارلىنىپ قىلىنىشىدىن نومۇس قىلىپ ھەربىيىلىككە قاتناشقانلىقىنى بىلدى. بىراق ئالبىزىزى ئاخىرى بىر قارارغا كېلىپ، خەننا تۈرمىدىن چىققاندا ئالدىغا بارغان، ئۇ چاغدا خەننا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئىدى. بۇ كىشىنى ناھايىتى تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايە. ئۇ ئىلگىرىكى قەلبىدە چىڭ ساقلانغان مۇھەببەتنىڭ كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگىدەك شەكىلدە راۋاجلىنىپ، كەچۈرۈم قىلغىلى بولمايدىغان تارىخنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى مەلۇم بىر ئورۇنغا ساقلىنىپ قىلىپ، مەڭگۈ- مەڭگۈگە يوقالماس جاراھەتكە ئايلىنىپ قالغان. پۇشايماندىنمۇ بەكرەك كىشىنى يۈرىكىنى ئېزىدىغان، ناھايىتى تېزلا 25 دۆلەتتە بازىرى ناھايىتى ئىتتىك بولغان، كىتاب ناھايىتىمۇ كىچىك، ھەم قىسقا، لېكىن ئۇنىڭ كىشىلەرگە ئېلىپ كەلگىنى " لەرزىگە كەلتۈرۈش! كىشىنىڭ بېشىنى ئايلاندۇرۇش! تۇنجۇقتۇرۇش! " بولغان. ئەگەر كىتاب ئوقۇشتىكى ھوزۇرلىنىشتا يۇلتۇز دەرىجىسى قويۇلۇشقا توغرا كەلسە، بۇ شەكسىز بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك ھېكايە بولالايدۇ. ئەسكەرتىش : خۇشدىل تور بېتىگە يوللانغان گۈلجەننەت مۇھەممەت تەرجىمە ئەسەرلىرىنىڭ توردىكى تارقىتىش ھوقۇقى خۇشدىل تورى ۋە شۇ ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، تور بېتىمىزدىن باشقا بېكەتلەرگە بىردەك يوللاشقا بولمايدۇ. باشقا بېكەتلەر بىزدىن خالىغانچە كۆچۈرىۋالغان بولسا مەسئۇلىيەت قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. پەقەت ئۇلىنىش قىلىشقىلا رۇخسەت! بېكىتىمىزدىكى ئىجادىي ئەسەرلەرنى ھەرقانداق شەخس ۋە ئورۇننىڭ خالىغانچە خۇشدىل تورىدىن يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
- تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس ئىنكاس 0 قېتىم نۇمۇرى 0 نۇمۇر
- ئىنكاس يوللاش
- تەۋسىيە