باش بەت / ساقلايمەن

ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (4)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-17 13:09 | ئاپتور: بىخارد. سېلىنىك | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

    «توختاڭ» مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ماڭماقچى بولغاندا، ئۇ ماڭا«مەنمۇ سىرتقا چىقماقچى، بىردەم بىللە ماڭساق بولىدىغاندۇ؟» دېدى. مەن كارىدورغا چىقىپ ئۇنى ساقلىدىم. ئۇ ئاشخانا ئۆيدە كىيمىنى ئالماشتۇردى. ئىشىكتىن كىچىك يوچۇق ئېچىلىپ قالدى. ئۇ كۆينىكىنى سېلىۋەتتى. بىر ئاچ يېشىل رەڭلىك كوپتىنى ئالماشتۇردى. ئورۇندۇقنىڭ كەينىگە ئىككى جۈپ ئۇزۇن پايپاق ئارتىپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇ بىر جۈپنى ئالدى، ئىككى قولى بىلەن ئۇنى پۈرلەپ يومىلاق ھالەتكە ئەكىلىپ، بىر پۇتى بىلەن تۈز تارتىپ تۇرۇپ يەنە بىر پۇتىنى تىزى بىلەن بۇ پۇتىنىڭ كەينىگە تىرەپ تۇرۇپ، بىلىنى ئىگىپ تۈگىۋالغان ئۇزۇن پايپاقنى پۇتىغا كىيدى. ئاندىن پۇتىنى ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، پايپاقنى پۇتىنىڭ ئۇچىدىن تىزىغىچە تارتتى. ئاندىن تىزىدىن يوتىسغىچە تارتتى. ئۇ بەدىنىنى يەنە بىر تەرەپكە يۆتكەپ، پۇتىغا كىيىپ بولغان پايپاقنى پايپاقنىڭ يىپى بىلەن باغلىدى. ئاندىن تۇرۇپ، پۇتىنى ئورۇندۇقتىن چۈشۈرۋالدى. يەنە بىر پايپىقىنى قولىغا ئالدى.
    مەن كۆزۈمنى ئۈزمەي ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇردۇم. ئۇنىڭ بوينىدىن تارتىپ مۈرىسىگىچە، ئۇنىڭ ئاۋۇ بىر جۈپ كوپتا بىلەن يېپىلغان لېكىن يوشۇرۇنمىغان كۆكسىدىن تاكى ئۇنىڭ كوپتىسى بىلەن يېپىلغان كاسىسىغىچە قاراپ چىقتىم. ئۇ بىر پۇتنى تىزىغا ئېلىپ، ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئوچۇق يالىڭاچلىقلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى. ئاپپاق، كېيىن پايپاق بىلەن يېپىلغاندىن كېيىنكى سىلىق پاچىقى. ئۇ مېنىڭ قارىغىنىمنى سېزىپ قالدى. ئۇ ناھايىتى مەلىكىلىك قىلىپ يەنە بىر پۇتىنىڭ پايقىنىمۇ كىيىپ بولۇپ، يۈزىنى ئىشىك تەرەپكە قىلىپ، مېنىڭ كۆزۈمگە قاراپ تۇردى. مەن ئۇنىڭ ماڭا قانداق قارىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن، ھەيرانلىقمۇ، سوراق تەرىقىسىدىمۇ، ئەھۋالىمنى بىلگەندەكمۇ ياكى ئەيىبلەشمۇ؟ مېنىڭ يۈزۈم قىزىرىپ كەتتى. مەن پوكاندەك قىزىرىپ بىردەم تۇرۇپ كەتتىم. ئاندىن زادى بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆيدىن ئۇچقاندەك چىقىپ، پەلەمپەيدىن يۈگۈرۈپ چۈشۈپ كەتتىم. ھېلىقى ئۆيدىن يۈگۈرگەن پېتى چىقىپ كەتتىم.
    مەن ئاستا كىتىۋاتىمەن، پويىز ئىستانسىسى كوچىسى، ئۆيلەرنىڭ كوچىسى، گۈللۈك كوچىسى مەن بۇ بىر قانچە يىل مەكتەپتە ئوقىۋاتقاندا، مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىنكى چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان يوللىرىم ئىدى. مەن ھەر بىر ئۆينى، ھەر بىر گۈللۈكنى ۋە رىشاتكىلارنى بىلەتتىم. ئۇ رىشاتكىلار ھەر يىلى يېڭىدىن سىرلىناتتى. رېشاتكىلارنىڭ ياغاچلىرى پورشىلىپ كەتكەن بولۇپ، مەن قولۇمنى چىڭراق بېسىپ قويساممۇ قولۇم پېتىپ كىتەتتى. كىچىك ۋاقتىمدا، يولدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارغاچ كىچىك تاياق بىلەن رېشاتكىلارنى ئۇرۇپ ماڭاتتىم. يەنە تېخى ئاشۇ ئېگىز خىش تاملارمۇ بار ئىدى. مەن ئىلگىرىكى گۈزەل ھەم قورقۇنۇچلۇق بولغان ئۆتمۈشلەرنى ئەسلىيەلەيمەن تاكى مەن ئەڭ يۇقىرىغا يامىشىپ چىقىپ ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى قاتار-قاتار قۇرۇپ كەتكەن، كىشىنىڭ خىيالىغۇ كەلمەيدىغان گۈللەر، شىرنىلىك مېۋىلەر ۋە كۆكتاتلارنى كۆرگەن ئىدىم. مەن يەنە تېخى يەرلەرگە ياتقۇزۇلغان خىشلارنىڭ ۋە يوللارغا قويۇلغان سىرلارنى، يەنە تېخى ئالماشتۇرۇپ قويۇلغانلىقىنى، شەكىلنىڭ ھەر خىل سىلىق تاشلار ھەمدە دولقۇنسىمان شەكىلدە تىزىلغان كىچىك بازالىت، سىر ۋە ئۇششاق تاشلارنىمۇ بىلەتتىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ئىنتايىن تونۇش ئىدى.
    بۇ ۋاقىتتا مېنىڭ يۈرىكىم قاتتىق سوقاتتى، يۈزۈم قىزىرىدىغان ۋاقىت ئاشخانا ئۆي بىلەن كارىدور ئارلىقىدىكى كۆرگەن شۇ بىر دەقىقىدىلا يوقالغان ئىدى. چۈنكى مەن خۇددى كىچىك بالىدەكلا يۈگۈرۈپ چىققان ئىدىم. ئۆزۈمنىڭ كۈتكىنىدەك ئۇنداق تەمكىنلىككە ئوخشىمايلا قالغان ئىدى. مەن ئەمدى توققۇز ياشلىق كىچىك بالا ئەمەس، بەلكى مەن 15 ياش بولدۇم. مۇشۇنداق بولغانىكەن. قانداق قىلغاندا ئۆزۈمدىكى ئىشەنچىنىڭ ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر خىل مەپتۇن بولۇش ئىدى. يەنە بىرى ئاشخانا ئۆيدە ۋە كارىدور ئارلىقىدا يۈز بەرگەن شۇ دەقىقىدىكى ئازدۇرۇلغان شۇ بالا دەل مەن ئىدىم. نېمىشقا كۆزۈمنى ئۇنىڭ تىنىدىن يۆتكىيەلمىدىم. ئۇنىڭ تېنى شۇنچىلىك ساغلام، ئاياللىق پۇراق شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىدى. مېنىڭ بۇرۇن ياختۇرغىنىمدىن كۆپلىگەن كۆزۈمنىڭ قۇيرىقىدا قارىغان قىزلارنىڭ بەدىنىدىن بەكرەك تولغان ئىدى. مەن ئىشىنىمەنكى، ئەگەر مەن ئۇنى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە كۆرۈپ قالغان بولسام، مېنىڭ دىققىتىمىنى تارتالمىغان بولاتتى. ئۇمۇ مەن ئىلگىرى سۇ ئۈزگەن ۋاقىتتىكى خانىم قىزلار ۋە ئاياللارغا ئوخشاش يالىڭاچ ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك قىزلارنىڭ يېشىدىن بەكمۇ چوڭ بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ 30 نەچچىلەردە بار، كىشىلەر ئۇنىڭ ئىلگىرىكى كەچۈرمىشلىرىنى بىلمەيتتى ياكى بولمىسا، يېشىغا توشمىغان كىشىلەرنىڭ يېشىغا جەزمەن ئوخشىمايتتى. كۆپ يىللاردىن كېيىن، مەن ئاندىن چۈشەندىم. ئۇنىڭ تېنى سەۋەبىدىن ئەمەس بەلكى، ئۇنىڭ نازاكەتلىكى ھەرىكىتى دىققىتىمنى باشقا ياققا بۇرغۇزمىدى. مەن قىز دوستلىرىمنىڭ پايپىقىنى كىيىۋېلىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن مەن ئۆزۈمنىڭ تەكلىپىنى چۈشەندۈرمىگەن ئىدىم. مەن باشقىلارغا ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالغانلىقىمنى، ئاشخانىدىكى ۋە كارىدور زالى ئارىسىدىكى ۋاقتىمنى بىلدۈرگىم كەلمىدى. مۇشۇنداق قىلىپ مېنىڭ تەكلىپىم ھېچبىر تارتىنماستىن ھاۋايى ھەۋەس ئىزدەيدىغان نەرسە بولۇپ قالدى. بىر خىل يۇقىرى پەللىلىك ئارزۇنى ئىزدەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.
    مېنىڭ بۇ خىل ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئېشىپ قالسىلا، بىر خىل نازلىنىش بىلىنىپ تۇرىدىغان ھالەت پەيدا بولاتتى. شۇنداق ھالەت بولسىلا مەن كۆزۈمنى ئۈزمەي قارايتتى. خەننا ئۇنداق ھالەتنى پەيدا قىلمىغان، ئۇنداق نازلانمىغان، مەنمۇ ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتا قانداق ھالەتتە تۇرغانلىقىنى ئېسىمگە ئالالمىدىم. قانداق ناز كەرىشىملىك قىلغانلىقىنىمۇ بىلمىدىم. پەقەت ئۇنىڭ بەدىنىلا ئېسىمدە قاپتۇ، ئۇنىڭ ھالىتى ۋە ھەرىكىتى قوپال كۆرۈنگەن ئىدى. لېكىن ئۇ راستىنلا ئۇنداق دۆت ئەمەس ئىدى. شۇ ۋاقىت ئۇنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ بارلىق بۇيرۇقلارنى بېرىپ شۇنداق تېنىچ تۇرمۇش كەچۈرۈشكە تەقسىم قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ سىرتىدىكىنى پۈتۈنلەي ئۇنتىغان ئىدى. بۇ خىلدىكى ئۇنتۇش تاشقى دۇنيادىكى ھالەتتە يەنە ھازىرقى ئۇنىڭ شۇ قىتىمدىكى ئۇزۇن پايپاق كىيگەن قىياپىتى بىلەن ھەرىكىتىدە ئىدى. لېكىن شۇ بىر قېتىمدا ئۇنىڭ ھەرىكىتى شۇنچىلىك ئاستا ئىدى. ئەكسىچە تولىمۇ تىتىك، مەپتۇن قىلارلىق ۋە شۇنچىلىك جەلىپكار ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ كۆكسى، كاسسى ۋە يوتىسى كىشىنى ئازدۇراتتى. يەنە ئادەمنى مەپتۇن قىلىپ ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا كىرىپلا، سىرتقى دۇنياسىنى ئۇنتۇيدىغان بىر خىل كۈچ بار ئىدى. شۇ ۋاقىتتا مەن بۇلارنى ھېس قىلماپتىمەن، لېكىن ئەمدى بىلدىم. يەنە تېخى نېمە ئۈچۈنلىكىنىمۇ بىلىدىم. ئۇ ۋاقىتتا، ھەر قېتىم مېنىڭ مۇلاھىزەم مېنى شۇنچىلىك خۇش قىلىدىغان ۋاقتىمدا، مەن تېخىمۇ بەك خۇش بولۇپ كېتەتتىم.


ھايات-ماماتلىق ئوقۇش باشقا تېمىلار
ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (1)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (2)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (3)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (4)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (5)
ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (6)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (7)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (8)