باش بەت / ساقلايمەن

ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (6)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-20 18:19 | ئاپتور: بىخارد. سېلىنىك | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئۇ ئۆيىدە يوق ئىكەن، بىنانىڭ ئىشىكى يېپىپلا قويۇلغان لېكىن تاقالمىغان ئىدى. مەن پەلەمپەيگە چىقىپ ئىشىك قوڭغىرىقىنى باستىم دە شۇ يەردە ساقلاپ تۇردۇم. مەن يەنە بىر قېتىم باستىم. مەن ئىشىكنىڭ دېرىزىسىدىن ئىچىدىكى ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. مەن كارىدوردىكى ئەينەكنى، كىيىم ئىشكابى ۋە سائەتنى كۆردۈم ھەمدە سائەتنىڭ چىكىلدىغان ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىغان ئىدىم.

مەن پەلەمپەيدە ئولتۇرۇپ ساقلىدىم، ئۆزۈمنى ئازادە ھېس قىلالمىدىم. ئەگەر بىر ئادەم قارار چىقارغان ۋاقىتتا ئاجىزدەك ھېس قالسا، نەتىجىسىدىن ۋەھىمىلىك ھېس قىلسا، قارار بويىچە ئىش يۈرگۈزسە ھەمدە ھېچقانداق يامان ئىشمۇ يۈز بەرمىسە، يەنە خۇشال بولسا، ئۇنداقتا ئۇ قانداق بولۇپ قالار؟ مەنمۇ ئۈمىدسىزلىك ھېس قىلمىدىم. مەن ئۇنى كۆرۈش قارارىغا كەلدىم، چوقۇم ئۇنىڭ قايتىپ كىلىشىنى كۈتىمەن.

كارىدوردىكى سائەت ئالدى كەينى بولۇپ، چارەك، يېرىم سائەت، بىر سائەت بولغانلىقىغا قوڭغۇراق چىلىندى. مەن چىكىلدىغان ئاۋازىنى ساناپ تۇردۇم. بىر قېتىملىق قوڭغىراقتىن باشلاپ سانايتتىم. تاكى كېيىنكى قېتىملىق قوڭغىرىقى چىلىنغانغا قەدەر 900سىكۇنت سانايتتىم. لېكىن، مېنىڭ دىققىتىم چېچىلىپ كىتىپ باراتتى. ھويلىدىكى ياغاچ ھەرىدىگەندىكى چىرقىرىغان ئاۋاز قۇلاققا شۇنچىلىك خۇشياقمايتتى. بىنانىڭ كارىدورىدىن باشقا ئۆيلەردىكى پاراڭلاشقان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى. كېيىن مەن بىرەيلەننىڭ تەكشى، سالماقلىق، ئاستا بىناغا چىقىۋاتقان ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلىدىم. مەن ئۇنىڭ ئۈچىنچى قەۋەتتە تۇرۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم. ئەگەر ئۇ مېنى كۆرسە، مەن ئۇنىڭغا بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتقانلىقىمنى قانداق چۈشەندۈرسەم بولار؟ لېكىن، ئاياق تىۋىشى ئۈچىنچى قەۋەتتە توختىمىدى، ئۇ داۋاملىق يۇقىرىغا چىقىپ كىتىپ باراتتى. مەن ئورنۇمدىن تۇردۇم.

كەلگەن ئادەم شىمىست خانىم ئىكەن، ئۇ بىر قولىدا كوكىس سىۋىتى كۆتىرىۋالغان بولۇپ، يەنە بىر قولىدا كومىلاچ كۆمۈر سېۋىتى كۆتىرىۋالغان ئىدى. ئۇ ئۇچىسىغا فورما كىيىۋالغان بولۇپ، چاپان بىلەن كوپتا بولۇپ، ئۇنىڭ ياسىنىشىدىن تىراللبۇسنىڭ بېلەتچىسى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى. تاكى پەلەمپەي سۇپىسىغا چىققىچۇ مەن ئاندىن ھېسقىلدىم. قارىماققا ئۇ خاپا بولغاندەك ئەمەس، ھەيرانمۇ قالمىدى، مەسخىرە قىلمىدى، ماڭا نىسبەتەن ھېچقانداق بىر ھەيرانلىق چۆچۈش ئالامىتى بولمىغان ئىدى. ئۇ قارىماققا شۇنچىلىك چارچىغان ئىدى. ئۇ سىۋەتنى يەرگە قويۇپ، چاپاننىڭ يانچۇقىدىكى ئاچقۇچىنى ئېلىۋاتقان ۋاقتىدا، تەڭگە پۇلى يەرگە چۈشۈپ كەتتى، مەن ئۇلارنىڭ تېرىپ ئۇنىڭغا بەردىم.

-يەر ئاستى ئۆيىدە يەنە ئىككى سىۋەت بار، بېرىپ لىقلاپ ئەكىلىپ بېرەلەمسىز؟ ئىشىك ئوچۇق -دېدى.

مەن يۈگۈرۈپ پەسكە چۈشتۈم. يەر ئاستى ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق بولۇپ، چىرىقىمۇ يېنىق ئىكەن. ئۇزۇن بىر پەلەمپەينى مېڭىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن يەر ئاستىغا كىردىم. ياغاچ تام بىلەن ئايرىپ قويۇلغان يەنە بىر ئېغىز ئۆينى كۆردۈم. ئۇ ئۆينىڭ ئىشىكى قۇلۇپلانمىغان بولۇپ، سولانمىغان بىر تال قۇلۇپ ئىشىكنىڭ زەنجىرىگە ئېسىقلىق تۇراتتى. ئۆي ناھايىتى چوڭ بولۇپ، كوكىس تاكى ئۆينى ئۈستىدىكى كىچىك دېرىزىسىگىچە ئىگىز دۆۋلەنگەن ئىكەن. كوكىسنى شۇ كىچىك دېرىزىدىن تۆككەن ئىكەن. ئىشىكنىڭ ئىككى يىنىدىكى بىر تەرەپتە تەكشى قىلىپ ئايرىلغان بىر دۆۋە خام كېسەكلەر تۇراتتى. يەنە بىر تەرىپىدە كوكىس سېۋىتى بار ئىدى.

ئۆزۈمنىڭ نەدىن كەتكۈزۈپ قويغانلىقىمنى بىلمىدىم، ئۆيۈمدە يەر ئاستى ئۆيىدىن ئۆيگە كۆمۈر ئاچىققاندا، يەنە كىلىپ بۇنداق ئىشلار كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى. پەقەت بىرلا يېرى بىزنىڭ ئۆيىنىڭ كۆمۈرى ئۇنداق ئىگىز دۆگىلەنمىگەن ئىدى.

بىرىنچى سىۋەتنى قاچىلىغان ۋاقىتتا، ھېچقانداق ئىش بولمىغان، ئىككىنچى سېۋەتنى قاچىلىغان ۋاقىتتا، ئىگىز كۆمۈر دۆۋىسى تەۋرەشكە باشلىدى. يۇقىرى تەرەپتىن چوڭ-كىچىك كۆمۈر پارچىلىرى سىيرىلىپ چۈشۈپ، تۆۋەن تەرەپتە يەنە بىر دۆۋە بولۇپ قالدى. كۆمۈرنىڭ قارا چاڭ-تۇزانلىرى ئۆي ئىچىنى بىر ئالدى. مەن بىر تەرەپتە ھاڭۋىقىپ، كۆمۈرلەرنىڭ ئارقا- ئارقىدىن چۈشكەنلىرىگە قاراپ تۇراتتىم. بىر دەمدىلا مېنىڭ ئىككى پۇتۇپ كۆمۈلۈپ قالدى.

كۆمۈر دۆۋىسى جىم بولغاندىن كېيىن، مەن كۆمۈر دۆۋىسىدىن چامداپ چىقتىم. ئاندىن ئىككىنچى سېۋەتنى قاچىلاپ بولۇپ، سۈپۈرگىنى تېپىپ، يەر ئاستى ئۆيىنىڭ كاردورى بىلەن ياغاچلىق ئايرىلغان ئۆيدىكى كۆمۈرلەرنى بىر يەرگە دۇگلاپ قويدۇم. ئىشىكىنى سولىۋېتىپ ئىككى سېۋەتنى كۆتىرىپ بىناغا چىقتىم.

ئۇ چاپىنىنى سېلىۋەتكەن بولۇپ، گالىستۇكىنىمۇ بوشىتىپ قويۇپتىكەن. ئەڭ ئۈستىنكى تۈگمىسىنىم ئېچىۋېتىپتۇ. قولىدا بىر ئىستاكان سۈت بار بولۇپ، ئاشخانا ئۆيدىكى ئۈستەل يېنىدا ئولتۇرۇپتۇ. ئۇمېنى كۆرگەن ۋاقىتتا، ئاۋۋال خىرىلداپ كۈلۈپ كەتتى، ئاندىن كېيىن يۇقىرى ئاۋازدا قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. ئۇ بىر قولىنى ماڭا شىلتىپ تۇرۇپ، بىر قولىدا ئۈستەلنى شاپلاقلاۋاتاتتى.

-قاراڭە ئەپتىڭىزگە، قانداق بولۇپ قالدىڭىز، شۇمتەك، ئەپتىڭىزگە قاراڭ قانداق بولۇپ قالدىڭىز؟

بۇ ۋاقىتتا مەنمۇ تازىلىق ئۆيىنىڭ ئەينىكىدىن ئۆزۈمنىڭ قاپقارا بولۇپ كەتكەن يۈزۈمنى كۆردۈم. مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كۈلۈپ كەتتىم.

-سىز بۇنداق قايتسىڭىز بولمايدۇ، مەن سىزگە يۇيۇنىدىغانغا سۇ ئىسىتىپ بېرەي، ئاندىن كىيىملىرىڭىزنى پاكىزلاپ بېرەي- دېدى دە ، ئۇ ۋاننا تەرەپكە بېرىپ تۇرۇبىنى ئاچتى. تۇرۇبىدىن ئىسسىق سۇ شارىلداپ چۈشۈشكە باشلىدى.

ـ سىز كىيمىڭىزنى سالغاندا ئاۋايلاپ سېلىڭ جۇمۇ، ئاشخانا ئۆيدە كۆمۈرنىڭ توزانلىرى بولسا بولمايدۇ -دېدى.

مەن سەل دىلغۇل بولۇپ پوپايكام بىلەن كۆينىكىمنى سالدىم، ئاندىن يەنە ئىككىلىنىپ قالدىم. سۇ ناھايىتى تېز چۈشىۋاتاتتى، ۋاننا توشۇپ قالاي دېگەن ئىدى.

ـ سىز ئايىقىڭىز ئىشتانلىرىڭىز بىلەن يۇيۇنماقچىمۇ شاكىچىك؟ مەن قارىمايمەن- دېدى. لېكىن مەن كالتە ئىشتىنىمنى سېلىۋېتىپ تۇرۇبىنى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ جىمجىت تۇرۇپ، ماڭا ئىنچىكىلەپ قاراۋاتاتتى. يۈزۈم قىزىرىپ كەتتى، ۋاننىغا چامداپ چۈشىۋالدىم دە، سۇ ئىچىگە شۇڭغۇۋالدىم. مەن بېشىمنى سۇدىن كۆتۈرگەن ۋاقتىمدا، ئۇ مېنىڭ نەرسىلىرىمنى بالكونغا ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. مەن ئۇنىڭ ئايىقىمنى بىر-بىرىگە ئۇرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. يەنە مېنىڭ كىيىملىرىمنى قېقىشتۇرۋاتقانلىقىنىمۇ ئاڭلىدىم. ئۇ تۆۋەندىكىلەرگە « كۆمۈرنىڭ تۇزانلىرى» دەۋاتاتتى. پەستىكىلەرمۇ «ياغاچ كىپىكىما» دەپ ۋارقىراۋاتاتتى. ئۇ كۈلۈپ كەتتى، ئاشخانا ئۆيگە قايتىپ كىرىپ، مېنىڭ نەرسىلىرىمنى ئورۇندۇققا ئارتىپ قويدى.

ئۇ پەقەت ماڭا تېزلا بىر قاراپ قويماقچى بولغان ئىدى،

ـ چاچ سوپۇنى ئىشلىتىپ، بېشىڭىزنى يۇيىۋېلىڭ، مەن سىزگە ھازىرلا لۆڭگە ئەكىلىپ بېرەي- دېدى ئۇ كىيىم ئىشكابىدىن بىر نېمىلەرنى ئالدى دە، ئاشخانا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.

مەن يۇيۇنۇپ تۇردۇم، ۋاننىدىكى سۇ مەينەت بولۇپ كەتكەن ئىدى. مەن پاكىز سۇنى چۈشۈرىۋەردىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بېشىم بىلەن يۈزۈمنى يۇيىۋالدىم. ئاندىن كېيىن، مەن بىر دەم جىم ياتتىم. سۇ ئىسسىتقۇچىنىڭ غوڭۇلدىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ تۇراتتىم. يۈزۈم ئاشخانا ئۆيدىكى ئېچىلغان بىر خىل سالقىنلىقنى ھېس قىلدى. بەدىنىم ئىسسىق سۇ ئىچىدە ئىدى. مەن شۇنداق راھەت ھېس قىلدىم. راھەتلىكتىن شۇنداق خۇشال بولدۇم. مېنىڭ جىنسىي ئەزايىممۇ جانلىنىپ كەتتى.

ئۇ ۋاقىتتا، ئۇ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەلدى، مەن بېشىمنى كۆتۈرمىگەن ئىدىم. تاكى ئۇ ۋاننا ئالدىغا كەلگۈچە مەن بېشىمنى ئاندىن كۆتەردىم. ئۇ قولىنى كەڭ ئېچىپ، بىر يوغان لۆڭگىنى كۆتىرىۋالغان ئىدى. « كېلىڭ، مەن ۋاننىدا ئۆرە تۇرغان ۋاقتىمدا، مەن ئۇنىڭغا ئارقامنى قىلىپ تۇرغان ئىدىم. ئۇ لۆڭگىنى مېنىڭ ئارقامدىن ئوراپ قويۇپ، باشتىن ئايىغىمغىچە مېنى سۈرتۈپ قۇرۇتتى. كېيىن بەدىنىمدىكى ئورالغان لۆڭگە سېرىلىپ چۈشۈپ كەتتى. مەن مىدىرلىيالمىدىم. ئۇ ماڭا شۇنچىلىك يېقىن تۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمچەكلىرى مېنىڭ دۈمبەمگە تىگىپ تۇراتتى. مېنىڭ كاسسام ئۇنىڭ قۇرساق تەرەپلىرىنى سېزىۋاتاتتى. ئۇمۇ ئانىدىن تۇغما ھالەتتە بولۇپ، ئۇ مېنى كەينىمدىن چىڭ قۇچاقلىۋالدى.

«مەن...» مەن نېمە دىيىشىمنى بىلەلمىگەن ئىدىم، «ھە!» مۇ دېمىدىم، «ياق!» مۇ دېمىگەن ئىدىم. مەن كەينىمگە ئۆرۈلدۈم، ئۇنىڭ ھېچيېرىنى كۆرمىدىم، بىز شۇنچىلىك يېقىن تۇرغان ئىدۇق. لېكىن، ئالدىمدىكى ئۇنىڭ يالىڭاچ بەدىنى مېنى بويسۇندۇرۋالغان ئىدى. « سىز نېمە دېگەن گۈزەل ھە ! » دېدىم. ـ شاكىچىك، نېمە دەۋاتىسەن؟- ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ئىككى قولى بىلەن بوينۇمغا گىرە سالدى. مەنمۇ ئۇنىڭ بىلىدىن قۇچاقلىدىم.

مەن قورقىۋاتاتتىم، ئۇنى سىلاشتىش، ئۇنى سۆيۈشتىن، ئۇنى رازى قىلالماسلىقتىن قورقىۋاتاتتىم. لېكىن، بىز بىر دەم قۇچاقلاشقاندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭ تېنىدىكى خۇش پۇراقنى پۇرىدىم. ئۇنىڭ تىنىدىكى ھارارەت ۋە كۈچ بارچە شارائىتنى پىشىلدۈرگەن ئىدى. مەن قولۇم بىلەن، ئېغىزىم بىلەن ئۇنىڭ تېنىنى ئىزدەپ چىقتىم، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنى ئېغىزىنى سۆيدۈم. مەن كۆزۈمنى يۇمىۋالدىم، دەسلەپتە ئۆزۈمنى شۇنداق كونترول قىلىۋالغان ئىدىم. كېيىن يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ كەتتىم. مەن شۇنچىلىك يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىغان ئىدىمكى، ئۇ ئامالسىز قولى بىلەن ئاغزىمنى ئېتىۋالدى.


ھايات-ماماتلىق ئوقۇش باشقا تېمىلار
ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (1)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (2)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (3)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (4)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (5)
ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (6)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (7)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (8)