باش بەت / ساقلايمەن

ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (3)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-17 11:04 | ئاپتور: بىخارد. سېلىنىك | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

    مەن ئۇ ئايالنىڭ ئىسمىنى بىلمەيمەن. قولۇمدا بىر دەستە گۈل بار ئىدى. ئارىسالدا بولۇپ، بىنا ئىشىك ئالدىدىكى قوڭغۇراق ئالدىغا كىلىپ قالدىم. مېنىڭ راستىنلا قايتىپ كەتكۈم كەلدى. بىراق بۇ ۋاقىتتا، ئىشىكتىن بىرەيلەن چىقتى. ئۇ مەندىن كىمنى ئىزدەيدىغانلىقىمنى سورىدى ھەمدە مېنى تۆتىنچى قەۋەتتىكى سىمىت خانىمنىڭ ئۆيىگە ئەچىقىپ قويدى. گەج بىلەن قىلغان نەقىشلەرمۇ يوق، ئەينەك يوق، گىلەممۇ يوق. كارىدوردا ئەسلىدە ھېلىقىدەك تۈز بولغان، ئىشىك ئالدىدىكىسىگە سېلىشتۇرغاندا ناھايىتىمۇ كۆركەم بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇنىڭدىن ئاللىبۇرۇن ئەسەر قالمىغان ئىدى.
    پەلەمپەيدىكى قىزىل سىر دەسسىلىپ يوقاپمۇ كەتكەن ئىدى. پەلەمپەي يېىنىدىكى تامغا چاپلانغان، ئادەم مۈرىسىچىلىك ئىگىزلىكتە، گۈل نۇسخىسى بېسىلغان يېشىل رەڭلىك لاتا سۈركىلىپ پارقىراپ كىتىپتۇ. پەلەمپەي تۇتقۇچىنىڭ ھەممىلا يېرى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، تېخى ئارغامچىمۇ تارتىپ قويۇلغان ئىكەن. كارىدۇردا يەنە كىرلەرنىڭ پۇراقلىرى بار ئىدى. بۇلارنى مەن بەلكىم كېيىن ھېس قىلغان بولىشىم مۇمكىن. بۇ بىنا ئاشۇنداق ناھايىتى ئۇزۇن يىللاردىمۇ رېمونت قىلىنمىغان بولۇپ، دائىم شۇنداق پاكىزە ئىدى. پۇراۋاتقان كىرلەرنىڭ پۇراقلىرى، يېسىۋېلەك بىلەن ياپىلاق پۇرچاقنىڭ پۇرىقى قوشۇلسا، يەنە بەزىدە تاماق ئەتكەن پۇراقلار، كىر يۇيغان پۇراقلار بىرلىشىپ كېتەتتى. بۇ پۇراقلاردىن، ئىشىك ئالدىدىكى پۇت سۈرتكۈچ ۋە ئىشىك قوڭغىرىقى ئاستىدىكى ئىسىم-فامىلىسى تاختىسىدىن باشقا مەن بۇ يەردىكى ھېچقانداق ئادەمنى تونىمايتتى.
    مەن كارىدوردا باشقا تۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنى ئۇچىراتقان ئۇچراتمىغانلىقىمنى ئەسلىيەلمىدىم. مەن يەنە سىمىت خانىم بىلەن قانداق سالاملاشقانلىقىمنىمۇ ئەسلىيەلمىدىم. بەلكىم مەن ئاۋۋال ئۆزۈمنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى توغرىسىدا بىر ئىككى ئېغىز گەپ تەييارلىۋالغان بولۇشىم، ئۇنىڭ قىلغان ياردىمى ۋە ئۇنىڭغا بولغان رەھمەت سۆزلىرىمنى ئۇنىڭغا يادىلاپ بەرگەن بولىشىم مۇمكىن. ئۇ مېنى ئاشخانا ئۆيىگە باشلىدى. ئاشخانىسى باشقا ئۆيلەرگە قارىغاندا ئەڭ چوڭراقى ئىدى. ئۇ يەردە ئايلانما توك ئۇچىقى بار ئىكەن. قول يۇيۇش ئورنى، ۋانا، سۇ ئىسىتقۇچ، بىر ئۈستەل، ئىككى ئورۇندۇق، بىر توڭلاتقۇ، بىر كىيىم ئىشكابى ۋە بىر كىرىسلو بار ئىكەن. كىرىسلو بىلەن ئورۇندۇقتا بىر پارچىدىن قىزىل تۇرنىنىڭ سۈرىتى بار تىۋىتلىق رەخت قويۇلغان ئىكەن. 
    ئاشخانا ئۆيدە دېرىزە يوق بولۇپ، يورۇقلۇق بالخانا ئىشىكىنىڭ دېرىزىسىدىن كىرىپ تۇرىدىكەن. ئانچە يورۇق ئەمەس ئىدى. پەقەت ئىشىكنى ئېچىپ قويغاندا ئاندىن ئاشخانا ئۆي يورۇق بولىدىكەن. بىراق مۇشۇنداق تۇرۇپمۇ ھويلىدىكى لاپاستىكى ياغاچچىنىڭ ياغاچ ھەرىدەۋاتقان چېقىراق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن. يەنە ياغاچنىڭ پۇرىقىمۇ كېلىپ تۇراتتى. يەنە تار ھەم كىچىك بولغان تۇرمۇش ئۆيى بار ئىكەن. ئىچىدە كىچىك ئاشخانا جابدۇقلىرى ئىشكابى بار ئىكەن. ئۈستەل، تۆت ئورۇندۇق، قۇلاق شەكىللىك تۇتقۇچلۇق كىرىسلو ۋە بىر مەش بار ئىكەن.
    بۇ ئۆيگە قىشتا ئەزەلدىن ئوت قالاپ باقمىغان بولۇپ، يازدىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئىشلىتىلىپ كەتمەيدىكەن. دېرىزىسى پويىز ئىستانسىغا قارالغان، ئىلگىرىكى كولاپ ۋەيرانە بولۇپ كەتكەن كونا پويىز ئىستانسىسى بىلەن يېڭىدىن ئۇل سالغان سوت مەھكىمىسى ۋە ھۆكۈمەت دەرىجىلىك خىزمەت بىنالىرىنى كۆرگىلى بولاتتى. ئۆيدە يەنە بىر دېرىزىسى يوق ھاجەتخانىسىمۇ بار ئىدى. ئەگەر ھاجەتخانا ئىچىدە سېسىق پۇراق بولسا، ئۆي، كارىدورلار پۇراپ قالاتتى. ئاشخانىدا ئولتۇرۇپ بىزنىڭ نېمە دىيىشكەنلىكىمىز يادىمدا قالماپتۇ.
    سىمىت خانىم كىيمگە دەزمال سېلىۋاتقان ئىكەن. ئۇ ئۈستەلگە بىر تال يۇڭ ئەدىيال بىلەن بىر شارپىشىنى يېيىۋالغان ئىكەن. سېۋەت ئىچىدىن بىر تالنىڭ كەينىدىن بىر تالدىن چىقىرىۋاتاتتى. دەزماللاپ بولغاننى ئورۇندۇقلارنىڭ بىرگە ئارتىۋاتقان ئىدى. مەن يەنە بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئىدىم. ئۇ تېخى ئۆزىنىڭ كالتە ئىشتىنىنى دەزماللاۋاتقان ئىدى. مېنىڭ قارىغۇم يوق ئىدى. لېكىن كۆزۈمنى باشقا ياققا قاچۇرالمىدىم. ئۇ بىر كامانە يەڭلىك كۆك تەگلىك كىچىك قىزىل گۈللۈك پەرتۇق كىيىۋالغان ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ مۆرىسى بىلەن تەڭ ئالتۇن رەڭلىك ئۇزۇن چېچىنى چاچ قىسقۇچ بىلەن كەينىگە تاراپ قىسىۋاپتۇ.
    ئۇنىڭ يالىڭاچ قالغان بېلەكلىرى شۇنچىلىك ئاپپاق ئىدى. ئۇ دەزمالنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇپ ، بىردەم دەزماللاپ يەنە قويۇپ، دەزماللاپ بولغانلارنى ئورۇندۇق ئۈستىگە ئارتىپ قىلاتتى. ئۇنىڭ قولىنىڭ ھەرىكىتى شۇنچىلىك ئاستا، شۇنچىلىك ئەستايىدىل، كەينىگە بۇرۇلۇشى، بېلىنى ئىگىشى، تۇرغاندىكى ھەرىكىتى ئوخشاشلا ناھايىتى ئاستا ئىدى. ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى چىراي ئىپادىسىنى مېنىڭ كېيىنكى ئەسلىمىلىرىم ئۇنتۇلدۇرۇپ قويۇپتۇ. ئەگەر مەن كۆزۈمنى يۇمۇپ ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى قىياپىتىنى ئەسلەپ باقساممۇ، ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىنىڭ قانداقلىقىنى ئەسلىيەلمىدىم. مەن چوقۇم ئۇنى قايتىدىن ياساپ چىقىشىم كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭ پىشانىسى ئىگىز، ياڭاق سۆڭىكى( مەڭزىدىكى سۆڭىكى) ئىگىز، بىر جۈپ سۇس كۆك رەڭلىك كۆزى، ئاستى-ئۈستى تولغان تەكشى لىۋى، ئىڭىكى شۇنداق كۈچلۈكتەك كۆرىنەتتى. بىر ئاددى، سوغۇق ئايالنىڭ چىرايى. بىلىشىمچە مەن بۇرۇن ئۇنى ناھايىتى گۈزەل دەپ قارايتتىم. كۆزىنىڭ ئاسىتىدا ئۇنىڭ چىرايلىق يەنە بىر يېرىنى كۆرگەن ئىدىم.


ھايات-ماماتلىق ئوقۇش باشقا تېمىلار
ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (1)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (2)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (3)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (4)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (5)
ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (6)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (7)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (8)