باش بەت / ساقلايمەن

ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (2)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-16 10:35 | ئاپتور: بۆلەك | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

 پويىز ئىستانسىسى كوچىسىدىكى ھېلىقى ئۆي ھازىر يوق. مەن ئۇنىڭ قاچان، قانداق سەۋەپ بىلەن چېقىۋېتىلگەنلىكىنى بىلمەيمەن. يۇرتۇمغا قايتمىغىلى ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت بولۇپ كەتتى. 70-80-يىللىرى يېڭىدىن سېلىنغان ھېلىقى ئىمارەتلەر بەش قەۋەتلىك ئىدى. بالخانىسى، سىرتقا چىقىرىلغان ئەينەك دېرىزىسى ھەم بالكونىمۇ بار ئىدى. ئاپپاق يورۇقلۇق چۈشۈپ تۇراتتى. ئىشىك قوڭغۇرىقى ناھايىتى جىق، بۇنىڭدىن كىچىك ھۇجرىلىرىنىڭ جىقلىقىنى بىلدۈرىدۇ. كىشىلەر بۇنداق ئۆيلەرگە تولا كۆچۈپ كىرىپ، كۆچۈپ چىقاتتى. خۇددى كىشىلەر بىر ئاپتوموبىلنى ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلىتىپ يەنە قايتۇرۇپ بەرگەنگە ئوخشاش ئىدى. ھازىر بىرىنچى قەۋەت كومپيۇتېرخانا دۇكىنى ئىكەن، بۇرۇن ئۇ يەردە بىر دورىخانا، كۈندىلىك بۇيۇملار دۇكىنى يەنە بىر سىن- ئالغۇ لېنتىسى ئىجارە بېرىش دۇكىنى بار ئىدى. ئىلگىرىكى كونا ئۆي ھازىرقى يېڭى ئۆينىڭ ئىگىزلىكىگە ئوخشاش، بىراق پەقەت تۆت قەۋەتلا. بىر قەۋىتىنى بىلەنمە چاقماق تاش بىلەن سالغانىكەن. ئۈستىنكى ئۈچ قەۋىتى خىش بىلەن سېلىنغان بولۇپ، قۇم تاش بىلەن سىرتقا چىقىرىلغان ئەينەك دېرىزىسىنى سالغان ئىدى. ھوجۇرىغا كىرىش ئۈچۈن ۋە يۇقىرىغا چىقىش ئۈچۈن بىر قانچە پەلەمپەيدىن چىقىش كېرەك ئىدى. پەلەمپەينىڭ تۆۋىنى كەڭ، ئۈستى تار، ئىككى تەرىپىدە تايىنىش تېمى، ئۈستىدە تۆمۈر تۇتقۇچى بولۇپ، تۇتقۇچنىڭ ئاستىنقى تەرىپىدە قۇلۇلىنىڭ ھەيكىلى بار ئىدى. ئىشىكنىڭ ئىككى يېنىدا ئىككى يۇمىلاق تىرەك، كۆندىلەڭ لىمنىڭ ئىككى بۇلۇڭىدا ئىككى شىر بار بولۇپ، پويىز ئىستانسىسى كوچىسىغا ئىگىزدىن نەزەر تاشلاپ تۇراتتى. ھېلىقى ئايال مېنى ھويلىغا ئەكىرىپ، قول يۇيغۇزغان يەردىكى يان ئىشىك ئىدى. مەن ناھايىتى كىچىك ۋاقىتلىرىمدىلا، شۇ ئۆيلەرگە بەك دىققەت قىلاتتىم. ئۇ شۇ بىر قاتار ئۆيلەرنىڭ ئىچىدە كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. مېنىڭچە، ئۇ يەنە ئازىراق كەڭ بولۇپ كەتكەن بولسا، يەنە ئازىراق كەڭرەك قوپالراق بولسا، يانداش تۇرغان ئۆيلەر يولغا سىقىرىلىپ چىقىرىلىپ، ئۇنىڭغا ئورۇن بوشاتقان بولاتتى. مېنىڭ مۆلچەرىمچە، ئۆينىڭ ئىچىدە گەج بىلەن نەقىشلەنگەن بىزەكلەر، كېسىشكەن گۈمبەزلىك تەكشى چوققىلىق ئۆگزە، شەرق پوسۇنلۇق ئۇزۇن گىلەم ۋە يالتىراپ تۇرغان مىس تۇرۇبىلىق تۇتقۇچى بار ئىدى. مېنىڭچە بۇنداق چىرايلىق ئۆينىڭ ئىچىدە چوقۇم چىرايلىق، سالاپەتلىك ئادەملەر تۇراتتى. ئۇزۇن يىللىق ئاي يىللارنىڭ ئايلىق پويىزلىرىنىڭ ئىس- تۈتەكلىرى سەۋەبىدىن، ئۆيلەر قارىداپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئۇ ئۆينىڭ ئىچىدىكى ئېسىل چىرايلىق ئادەملەرگىمۇ ئويلىغىنىمدىن بەكرەك كېمەيتىپ پەرەز قىلىپ، ئۇلارنى ئاجايىپ غەيرى ئادەملەر، گاس-گاچا، ئەمالار، ئاقساق-توكۇر مېيىپلار دەپ بىلىدىغان بولدۇم. كېيىنكى نۇرغۇن يىللار داۋامىدا، مەن دائىم قايتا-قايتا ئۇ ئۆينى چۈشەپ قالىمەن. ئۇلار چۈشۈمدىكىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيتتى. ھەممىسى ئوخشاش بىر چۈشنىڭ تەكرار نۇسخىسى ياكى بولمىسا ئوخشاش بىر تېمىدىكى تەكرار نۇسخىسى ئىدى. مەن ناتونۇش بىر شەھەردە مېڭىۋېتىپ، ھېلىقى ئۆينى كۆردۈم. ئۇ ماڭا ناتونۇش بولغان رايوندىكى بىر قاتار ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئىدى. مەن داۋاملىق ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم. گاڭگىراپ چۈشىنەلمىدىم. چۈنكى مەن پەقەت ئۇ ئۆينىلا پىششىق بىلەتتىم، لېكىن ئۇ رايونغا نىسبەتەن ناتونۇش ھېسسىياتتا ئىدىم ھەم باشقا بىر شەھەر، باشقا بىر دۆلەت ئىدى. مەسىلەن: مەن چۈشۈمدە رومىنىيىدە ئۇ ئۆينى كۆرگەن ئىدىم. لېكىن مېنىڭ ئېسىمدە قالغىنى ئۇ ئۆينى ئىلگىرى مەن راستىنلا بېرلىندا كۆرگەن. چۈشۈمدىكى مۇشۇنداق ئەسلىمە ماڭا تەسەللىي بولىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولاتتىم. باشقا بىر مۇھىتتا ئۇ ئۆينى يەنە ئۇچىراتسام، ماڭا نىسبەتەن باشقا بىر ناتونۇش مۇھىتقىمۇ ئوخشىمايتتى ۋە كونا دوستلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەت كۆرۈشمەي ئۇچىرىشىپ قالغاندەك ھېسسىياتتا بولۇپ قالاتتىم. مەن ئارقامغا ئۆرۈلۈپ ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. مەن پەلەمپەيدىن چىقتىم. مەن ئۆيگە كىرمەكچى بولدۇم. مەن تۆۋەنكى تۇتقۇچنى باستىم. ئەگەر مەن سەھرادىكى ئۇ ئۆينى چۈشەپ قالسام، چۈشۈمنىڭ ۋاقتى ئۇزۇنراق بولۇپ قالاتتى ياكى بولمىسا شۇندىن كېيىن تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ ئېسىمگە ياخشى كېلەتتى. مەن ماشىنا ھەيدەۋاتاتتىم. ئۇ ئۆينىڭ مېنىڭ ئوڭ تەرىپىمدە ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. مەن داۋاملىق ئالدىمغا قاراپ ھەيدىدىم. دەسلەپ سەل گاڭگىراپ قالدىم. نېمە ئۈچۈن قارىماققىلا شەھەر كوچىلىرىنىڭ ئىككى يانلىرىغا ئورۇنلىشىدىغان ئۆي، بۇ كەڭ دالىدا نېمە قىلىدۇ؟ ئاندىن كېيىن مەن ئۇ ئۆينى بۇرۇن كۆرگەنلىكىمنى ئېسىمگە ئالدىم، شۇڭلاشقا مەن تېخىمۇ بەك گاڭگىراپ قالدىم. ئەگەر مەن قەيەردە ئۇنى كۆرگەنلىكىمنى ئېسىمگە ئالالىساملا، مەن دەرھال ماشىنىنى كەينىگە ئايلاندۇرۇپ، ئارقامغا ھەدەيتتىم. چۈشۈمدىكى كوچىلاردا دائىم ئادەم يوق ئىدى. مەن ماشىنىنى ئايلاندۇرغان چاغدا چاقنىڭ چىقارغان ئاۋازىنى قۇلاققا خۇشياقمايدىغان چىرقىراق ئاۋاز چىقاتتى. مەن ماشىنىنى ئۇچقاندەك ھەيدەپ كەينىمگە ياناتتىم. مەن كېچىكىپ بېرىپ قىلىشتىن ئەنسىرەيتتىم. شۇڭا يەنىمۇ تېز ھەيدەيتتىم. كېيىن، مەن ئۇنى كۆرەلىدىم. ئۇنىڭ ئەتراپىنىڭ ھەممىسى ئېتىزلىق، قىچا ئېتىزلىقى، دانلىق زىرائەتلەر ئىدى. خان سارىيىدىكى ئۈزۈمزارلىق ۋە فىرانسىيە ئېتىزلىقىدىكى لاتىروس چۆپلىرى ئىدى. بۇ يەر تولىمۇ تەكشى، كىچىك ئىدىرلار بەكمۇ ئاز، دەل-دەرخلەرمۇ يوق ئىدى. ھاۋا ئوچۇق، قۇياش نۇر چېچىپ تۇرغان، بوشلۇق تىنچ. كوچا ئسسىقلىقىدىن نۇر چېچىپ تۇراتتى. خەتەرلىك بىر تام ئۇ ئۆينى ئايرىپ تۇراتتى. ئېنىق كۆرۈش سەل قىيىنراق ئىدى. ئۇ بەلكىم ئۆينىڭ خەتەرلىك بىر تېمى بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ئۆي پويىز ئىستانسى يېنىدىكى ئۆيگە ئوخشاش ئۇنداق قارا ئەمەسكەن، بىراق دېرىزىسى شۇنداق مەينەت ئىكەن. ئۆيدە قانداق نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى پەرق ئەتكىلى بولمايتتى. مەن ماشىنىنى يول بويىغا توختىتىپ قويۇپ، يولدىن ئۆتۈپ ئۆينىڭ ئىشىك ئالدىغا كەلدىم. بىرمۇ ئادەمنى كۆرگىلى بولمايتتى. ھېچقانداق ئاۋاز ئاڭلانمايتتى. ھەتتا يىراقتىكى ماتورنىڭ ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىغىلى بولمايتتى. شامالمۇ يوق، تىپتىنچ، دۇنيا خۇددى ئۆلگەندەك تىمتاس ئىدى. مەن بىر قەدەم چامداپ پەلەمپەيگە چىقتىم. ئىشىك تۇتقۇچىنى باستىم. بىراق مەن ئىشىكنى ئاچالمىدىم. مەن ئويغىنىپ كەتتىم. پەقەت ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇپ تۆۋەنگە باسقىچە بولغان يەرگىچىلا بىلەتتىم. كېيىن، بارلىق چۈشلىرىم كاللامدا يۈزەكى بولۇپ، مۇشۇنداق چۈشنى كۆرگەنلىكىملا مېنىڭ ئېسىمدە ئىدى.


ھايات-ماماتلىق ئوقۇش باشقا تېمىلار
ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (1)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (2)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (3)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (4)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (5)
ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (6)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (7)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (8)