باش بەت / ساقلايمەن

ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (1)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-16 09:29 | ئاپتور: بىخارد. سېلىنىك | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

    مەن ئون بەش ياشقا كىرگەن يىلى ئال كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدىم. كېسىلىم قوزغالغان ۋاقىت كۈز پەسلى ئىدى. ئەتىيازدا ساقىيىپ بولدۇم. يىل ئاخىرلاشقانسېرى، كۈنلەر بارغانسېرى سوۋۇپ كەتتى. مېنىڭ سالامەتلىكىم بەك ئاجىز، يېڭى يىل كىرسە ياخشىلىنىپ قالاتتىم. 

بىرىنچى ئاينىڭ ھاۋاسى تولىمۇ ئىللىق، ئاپام ماڭا پىشايۋانغا بىر كارىۋات قويۇپ بەرگەن ئىدى. مەن ئاسماننى، قۇياشنى، بۇلۇتلارنى، يەنە تېخى كىچىك بالىلارنىڭ ھويلىدا ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيتتىم. ئىككىنچى ئاينىڭ ئىچىدىكى بىر يېرىم كېچىدە، مەن بىر قاغىنىڭ ناخشا ئېيتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. بىزنىڭ ئۆي گۈللەر كوچىسىدىكى بىر ئەسىر ئالماشقان ۋاقىتتا سېلىنغان ناھايىتى چوڭ بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە ئىدى. مېنىڭ بۇ يەردىكى ماڭىدىغان بىرىنچى بۆلەك يولۇم گۈللەر كوچىسىدىن پويىز ئىستانسىسى كوچىسىغىچە ئىدى. 10-ئاينىڭ بىر دۈشەنبە كۈنى، مەكتەپتىن قايتىۋاتقان يولۇمدا، مەن ياندۇرىۋەتتىم. نەچچە كۈندىن بېرى، مېنىڭ سالامەتلىكىم شۇنداق ئاجىزلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۆمرۈمدە ئۇنداق بەك ئاجىزلىشىپ باقمىغان. ھەر بىر قەدىمىمنىمۇ ئېلىش ئۈچۈن شۇنچىلىك قىينىلاتتىم. ئۆيىمىز ياكى مەكتەپتىكى پەلەمپەيگە چىققاندا، پۇتۇمنى ئاساسەن كۆتۈرەلمەي قالاتتىم. ئىشتىھايىم تۇتۇلۇپ قالمىدى بولمىسا، قورسىقىم شۇنداق ئېچىپ تاماق ئۈستىلى ئالدىغا كەلسەملا، ناھايىتى تېزلا ياندۇرىۋېتەتتىم. ئەتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرغاندا، ئېغىزلىرىم قۇرۇپ، پۈتۈن ئەزايىم بىئارام بولۇپ، خۇددى تېنىمدىكى ئەزا خاتا يۆتكىلىپ قالغاندەك بولاتتىم. مېنىڭ سالامەتلىكىم شۇنچىلىك ناچار ، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەن ناھايىتى خىجىللىق ھېس قىلىپ كېتەتتىم. بولۇپمۇ مەن ياندۇرغان ۋاقتىمدا. مېنىڭ ئۇنداق ياندۇرىشىم ئۆمرۈمدە تېخى بىرىنچى قېتىم ئىدى. مەن ئامال بار ئاغزىمدىكى يۇتىۋېتەتتىم. ئاستىنقى لىۋىمنى ناھايىتى چىڭ چىشلىدىم. قولۇمدا ئاغزىمنى ئېتىۋالدىم. بىراق ئاغزىمدىكى نەرسىلەر قولۇم تەرەپكە پۈركىلىپ چىقاتتى. مەن تامغا يۆلىنىپ پۇتۇمنىڭ يېنىدىكى مەينەت قۇسۇقلارغا قاراپ يەنە ياندۇىرۋەتتىم. مېنى يۆلىۋالغان ئۇ ئايالنىڭ ھەرىكەتلىرى شۇنداق قوپال ئىدى. ئۇ مېنىڭ بىلىكىمنى قولتۇقلىۋېلىپ، قاراڭغۇ پىشايۋاندىن ئۆتكۈزۈپ، بىر ھويلىغا ئېلىپ كىردى. ھويلىدا دېرىزىلەر ئارىسىدا ئارغامچا تارتىپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا قۇرۇتىلىدىغان كىيىملەر ئارتىلغان ئىكەن. ھويلىدا يەنە بىر دۆۋە ئوتۇن دۆگىلەنگەن ئىدى. بىر ئېغىزلىق ئۈستى ئوچۇق لاپاستا، بىرەيلەن ياغاچ كېپىكىنى چاچىرىتىپ ياغاچ ھەرىدەۋاتاتتى. ھويلا ئىشىكىنىڭ يېنىدا بىر سۇ تۇرىبىسى بار ئىكەن، ئۇ ئايال تۇرۇبىنى ئېچىپ، ئاۋۋال مېنىڭ قولۇمنى يۇيۇپ قويدى. ئاندىن قولىغا سۇ تولدۇرۇپ يۈزۈمنى يۇيۇپ قويدى. مەن قولياغلىقتا يۈزۈمنى ئېيتىپ قۇرىتىۋالدىم. «سەن يەنە بىرىنى كۆتىرىۋال!» سۇ تۇرۇبىسىنىڭ يېنىدا ئىككى سۇ چېلىكى بار ئىدى. ئۇ بىرنى ئېلىپ لىق سۇ چۈشۈردى. مەنمۇ يەنە بىرىنى ئالدىم ئۇنىڭغىمۇ لىق سۇ چۈشۈردۈم. مەن ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدىم. ئۇ ناھايىتى كۈچەپ سۇنى تۆكۈپ ھېلىقى قۇسۇقلارنى يۇندا يولىغا ئاقتۇرۋەتتى. ئۇ مېنىڭ قولۇمدىكى چېلەكنى ئېلىپ يەنە يولغا چاچتى. ئۇ ئۆرۈلۈپلا، مېنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ قالدى.  ئۇ ھەيرانلىق بىلەن « ھەي سېنى » دەپ ،  مېنى باغرىغا باستى. بويۇم ئۇنىڭ بىلەن تەڭ دىگۈدەك ئىكەن. ئۇنىڭ كۆكسىنىڭ مېنىڭ مەيدەمگە چاپلاشقىنىنى ھېس قىلدىم. مۇشۇنداق چىڭ قۇچاقلاشقاندا مەن ئۆزۈمنىڭ سېسىق تىنىقىم بىلەن ئۇنىڭ تېنىدىكى يېڭى، ساپ تەر پۇرىقىنى پۇرىدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ ئىككى بىلىكىمنى قەيەرگە قويىشمنى بىلەلمەي قالدىم. مەن يىغلاشنى توختاتتىم. ئۇ مەندىن مېنىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىمنى سورىدى، ئاندىن سۇ چېلىكىنى پىشايۋاننىڭ ئاستىغا قويۇپ، مېنى ئۆيگە ئەكىلىپ قويدى. ئۇ مېنىڭ يېنىمدا مېڭىۋاتاتتى. بىر قولىدا مېنىڭ سومكامنى كۆتىرىۋېلىپ، بىر قولىدا مېنىڭ بىلىكىمدىن يۆلىۋالغان ئىدى. پويىز ئىستانسىسىدىن گۈللەر كوچىسىغا ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى. ئۇ ناھايىتى تېز مېڭىۋاتاتتى. ناھايىتى كەسكىن ئىدى. بۇنداق بولغاندا مەن ئۇنىڭ قەدىمىگە ناھايىتى ئاسانلا يېتىشىۋالاتتىم. بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدا ئىككىمىز خوشلاشتۇق. دەل مۇشۇ كۈندە ئاپام دوختۇر چاقىرىتىپ كەپتۇ. مېنى ئال كېسلىگە گىرىپتار بولدى دەپ دىئاگنوز قويدى. قاچانلاردىن ئاپامغا ئۇ ئايالنىڭ گىپىنى قىلغانلىقىمنى بىلمەيمەن، مەن ئۇنى بېرىپ يوقلاپ قويۇشنى ئويلىماپتىمەن، بىراق ئاپام مېنىڭ شۇنداق قىلىشمنى ئورۇنلۇق دەپ قارىدى. ئۇ ماڭا پەقەت ئىمكانىيەتلا بولىدىكەن، مەن ئۆزۈمنىڭ يىغقان پۇللىرىمغا بىر دەستە گۈل سېتىۋىلىشىمنى، ئاندىن ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا رەھمىتىمنى بىلدۈرۈشۈمنى ئېيتتى. مانا مۇشۇنداق قىلىپ، مەن ئىككىنچى ئاينىڭ ئاخىرىدا پويىز ئىستانسىسى كوچىسىغا باردىم.


ھايات-ماماتلىق ئوقۇش باشقا تېمىلار
ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (1)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (2)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (3)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (4)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (5)
ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (6)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (7)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (8)