باش بەت / ساقلايمەن

ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (8)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-7-13 08:43 | ئاپتور: بىخارد. سېلىنىك | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

    كېيىنكى بىر قانچە كۈنلەردە، ئۇ ئايال ئەتىگەنلىك ئىسمېنا ئىشلەپ، سائەت 12 دە ئۆيىگە قايتتى. مەن كۈنگە-كۈننى ئۇلاپ ھەر كۈنى ئەڭ ئاخىرقى سائەتلىك دەرسنى تاشلاپ قاچاتتىم، سەۋەبى ئۇنىڭ بىناسى ئالدىدىكى پەلەمپەيدە ئولتۇرۇپ، ئۇنى ساقلايتتىم. بىز بىرگە يۇيىناتتۇق، مۇناسىۋەت ئۆتكۈزەتتۇق. بىر يېرىم بولاي دېگەندە، مەن ئالدىراش كىيىملىرىمنى كىيىپ، تېزدىن ئۇ يەردىن ئايرىلاتتىم. بىزنىڭ ئۆيدە سائەت بىر يېرىمدا چۈشلۈك تاماق يەيتتۇق. يەكشەنبە كۈنى سائەت 12 دە يەيتتۇق. ھەمدە ئۇ ئەتىگەنلىك سىمىنىغا كېيىنرەك باراتتى. ئىشتىن چۈشكەندىمۇ ۋاقچىراق چۈشەتتى.
    مەن يۇيۇنۇشنى خالاپ كەتمەيتتىم. لېكىن ئۇ ھەددىدىن زىيادە بەك پاكىز بولۇپ، سەھەر تۇرۇپلا يۇيۇناتتى. مەن ئۇنىڭ تېنىدىكى ئەتىرە پۇرىقىنى، ساپ تەر پۇرىقىنى، يەنە ئۇنىڭ ئىشتىن قايتىپ كەلگەندىكى تىراللىبوسنىڭ پۇرىقىنى پۇراشنى ياقتۇراتتىم، مەن يەنە ئۇنىڭ بەدىنىگە سوپۇن سۈرگەندىكى ئىللىق تېنىنى، ھەم ماڭا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سوپۇن سۈرۈپ قويۇشلىرىنى ھەم ئۇنىڭغا سوپۇن سۈرۈپ قويۇشلارنى ياخشى كۆرەتتىم. ئۇ ماڭا ئوڭايسىزلانماسلىقىنى، ئىشلارنىڭ ئاشۇنداق بولۇشىنى، پۈتۈنلەي ئۇنى بويسۇندۇرۋېلىشىمنى ئۆگىتەتتى. ئىككىمىز مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، مېنىڭ ئۇسۇللىرىمدىن پايدىلىنىدۇ ، ئەلۋەتتە. چۈنكى ئۇ مەن بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىۋاتىدۇ، مېنىڭ تېنىمدىن ھاۋايى-ھەۋەس ھوزۇرىنى سۈرىۋاتىدۇ. مەن ئۇنى قوپال دېمەكچى ئەمەسمەن، ھەمدە ئۇنىڭدىن ھوزۇر ئالالمىدىم دېمەيمەن. لېكىن، مەن ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىشنىڭ ئالدىدا، مەن پەقەت ئۇنىڭ ھېسسىياتى ۋە خۇشاللىقىنى ئويلىشاتتىم.
    ئۇنىڭدىن ھوزۇر ئېلىشنى ئۆگىنىش، ئۇ كېيىنكى ئىشلار بولۇپ قالاتتى، لېكىن مەن ئەزەلدىن مۇكەممەل ئۆگەنگەن ئەمەس. چۈنكى بۇرۇنلا بۇنداق بولۇشنىڭ زۆرۈرىيىتىنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلغانمەن. ياش ۋاقتىمدا، ناھايىتى تېزلا يۇقىرى پەللىگە يېتەلەيتتى، مېنىڭ سالامەتلىكىم بارا-بارا ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، مەن يەنە ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزدۈم. ئۇ قولىنى مېنىڭ مەيدەمگە تىرەپ تۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر دەقىقىدە مېنى شۇنداق چىڭ تۇتۇپ، بېشىنى كۆتىرىپ، ئۇشتۇمتۇتلا، بىر خىل يەڭگىل تاماكا چەككەندەك چىقىرىغان ئاۋازنى چىقىراتتى. بىرىنچى قېتىم، مەن ئۇنىڭ بۇنداق ۋارقىرىشىدىن قورقۇپ كەتكەن ئىدىم. كېيىن، مەن ئۇنىڭ مۇشۇنداق چىقىرىغان ئاۋازىنى خالايدىغان بولۇپ قالدىم. كېيىن، ئىككىلىمىز روھى جەھەتتىن چارچاپ كەتتۇق. ئۇ مېنىڭ قوينۇمدا يېتىپ ئۇيقىغا كەتكەن ئىدى. مەن ھويلىدىكى ھەرىنىڭ ئاۋازى بىلەن ئۇزاققىچە ھەرىنىڭ يېنىدا تۇرمايدىغان ئىشچىنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ھەرىنىڭ ئاۋازى ئۆچكەن چاغدا، پويىز ئىستانسىسى كوچىسىدىكى بوش قاتناش قالايمىقان ئاۋازلىرى ئاشخانا ئۆيدە ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بالىلارنىڭ ۋارقىراشقان ئاۋازلىرىنى، ئويناشقان ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا، مەن ئاندىن مەكتەپتىن بالىلارنىڭ دەرستىن چۈشۈپ، بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم. چۈشتە ئۆيىگە قايتىدىغان خوشنىلار بالكوندا تۇرۇپ قۇشلارغا دان بېرىۋاتاتتى. كەپتەرلەر ئۇچۇپ كېلەتتى، گىر-گىر ئاۋازلارنى چىقىرىشاتتى.
    -ئىسمىڭىز نېمە؟ 6-7 كۈن بولغاندا مەن ئۇنىڭدىن سورىغان ئىدىم. ئۇ مېنىڭ قوينۇمدا تۇرۇپ تېخى ئەمدىلەتىن ئويغانغان ئىدى. بۇندىن ئىلگىرى مەن «سىز» بىلەن«سەن» دېگەن سۆزنى قىلىشتىن ساقلانغان ئىدىم.
    ئۇ بىردىنلا سەكرەپ تۇرۇپ كېتىپ:

    - نېمە ؟ -دېدى. 
   -ئىسمىڭىز نېمە؟
   - نېمىشقا بىلگىڭىز كېلىپ قالدى؟ -ئۇ ماڭا ئىشەنمىگەندەك نەزەردە قاراۋاتاتتى. 
   -ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا ..... مەن سىزنىڭ فامىلىڭىزنى بىلىمەن، لېكىن ئىسمىڭىزنى بىلمەيدىكەنمەن، ئىسمىڭىزنى بىلگۈم بار، بولمامدۇ ..............
    ئۇ كۈلدى:

   -ھېچ ۋەقەسى يوق، شاكىچىك، بۇنىڭ خاتا يېرى يوق. 
   -ئىسمىم خەننا، -ئۇ كۈلىۋەردى. كۈلكىسىنى توختىتالمىدى. مېنى كۈلدۈرۋەتتى.
   -سىزنىڭ بايا ماڭا قارىغاندىكى ھالىتىڭىز شۇنچىلىك غەلىتە بولۇپ كەتتى .
   -ئۇيقۇم تېخى يېشىلمىدى. سىزنىڭ ئىسمىڭىز نېمە ؟
    مەن تېخى مېنىڭ ئىسمىمنى بىلىدۇ دەپتىمەن، شۇ ۋاقىتتا بىر مەزگىل دەرسلىككە ئائىت نەرسىلەرنى سومكىغا سالماي قولتۇقۇمغا قىسىۋالاتتىم. مەن ئۇ نەرسىلەرنى ئاشخانا ئۆينىڭ ئۈستىلىگە قويۇپ قويغان ۋاقىتتا، مېنىڭ ئىسمىم ئادەتتە ئۈستى تەرەپتە تۇراتتى. تاپشۇرۇق دەپتەرلەر ۋە پۇختا مۇقاۋىلانغان كىتابنىڭ تېشىدا، دەرسلىك كىتابلاردا خەتكۈچكە يېزىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىدە دەرسلىك نامى بىلەن مېنىڭ ئىسمىم بار ئىدى. لېكىن ئۇ ئەزەلدىن دىققەت قىلىپ باقماپتۇ.
    - ئىسمىم مېچىل...پاك
    -مېچىل، مېچىل، مېچىل -ئۇ سىناققا چاقىرىپ بېقىۋاتاتتى.
    -مېنىڭ شاكىچىكىم مېچىلكەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ...
    -ئوتتۇرا مەكتەپ.
    -ئوتتۇرا مەكتەپ؟.... قانچىگە ...كىردىڭىز، 17 ياش ؟ 
    مەن بېشىمنى مىدىراتتىم، ئۇ مېنى ئىككى ياش چوڭ دېدى. مەن شۇنچىلىك پەخىرلىنىپ كەتتىم.
    - 17 ياش، بۇ چوڭ بولسا، داڭلىق بىر ..... -ئۇ ئىككىلىنىپ قارايتتى.
    - مېنىڭ تېخى ئۇنداق ئارزۇيۇم يوق .
    - لېكىن سىز خېلى تىرىشىپ ئوقىۋاتىسىزغۇ؟
    -ئىشقىلىپ شۇ بويىچىلا، -مەن ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ مېنىڭ ئوقۇشۇمدىنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشنى بەكىرەك خالايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم:- ئىشقىلىپ سىنىپ قالىدىغان بولدۇم.
    -نەدە سىنىپتىن قالدىڭىز؟ -ئۇ ئولتۇردى. بۇ بىزنىڭ ئارىمىزدىكى تۇنجى قېتىملىق پاراڭلىشىشىمىز ئىدى.
    - تولۇق بىرىنچى يىللىقتا، ئۆتۈپ كەتكەن نەچچە ئاي ئىچىدە، كېسەل سەۋەبىدىن نۇرغۇن دەرسلەر قالدى. ئەگەر مەن يېتىشىۋالىمەن دېسەم، چوقۇم قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشىم كېرەك .بۇنداق قىلىش بەكمۇ مەنىسىز، -مانا ھازىرقى ۋاقىتنىڭمۇ مەكتەپتە بولۇشۇم كېرەكلىكىنى، ئۇنىڭغا دەرستىن قاچقانلىقىمنى دەپ بەردىم.
    - يوقىلىڭ! -ئۇ ئۆردەك مامۇقلۇق يوتقاننى ئاچتى :- مېنىڭ يوتقىنىمدىن يوقىلىڭ، ئەگەر سىز دەرسنى بېرىلىپ ئۆگەنمەيدىغان بولسىڭىز، ئىككىنچى مېنىڭ يېنىمغا كەلمەڭ، ئۆگىنىش مەنىسىز؟ مەنىسىز، سىزنىڭچە بېلەت كېسىش، بېلەت يېزىش دېگەنلەر شۇنچىلىك كۆڭۈللۈك ئىشمىدۇ؟ -ئۇ ئورنىدىن تۇردى. ئانىدىن تۇغما ھالەتتە تۇرۇپ ئاشخانا ئۆيدە بېلەتنى قانداق كېسىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتاتتى. ئۇ سول قولىدا بېلەت دەپتىرىنىڭ قىسقۇچىنى ئېچىپ، رېزىنكە ئۆتكۈزىۋالغان باش بارمىقى بېلەت ئىككى تال بېلەتنى يىرتتى. ئوڭ قولىدا مۇنداقلا مىدىرلاتسا قولىغا چىقىدىغان قايچا بىلەن بىلەتنىڭ كۆتىگىنى تۇتۇپ، كارت-كارت قىلىپ ئىككى كېسىپلا:- روب دەرياسىغا ئىككى بېلەت - دېدى. ئۇ بېلەت كېىسش تايىقىنى قويدى. قولىنى سۇنۇپ، بىر تال قەغەز بېلەتنى ئېلىپ، قورسىقى ئالدىدىكى پۇل قىسقۇچقا پۇلنى قىستۇرۇپ سېلىپ قويدى. ئاندىن پۇل قىسقۇچىنى يېپىپ قويدى. پۇل قىسقۇچىنىڭ سىرتىدىكى تەڭگە سالىدىغان يەردىن پارچە پۇللارنى چىقاردى :- كىم يەنە بېلەت ئالمىدى؟ -دېدى. ئۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپ :- مەنىسىز، سىز نېمىنىڭ مەنىسىزلىكىنى بىلدىڭىزمۇ؟ -دېدى.

    مەن كارۋاتنىڭ گىرۋىكىدە ئولتۇردۇم، بۇتتەك قېتىپلا قالدىم.

    -ئەپۇ قىلىڭ، مەن ئامال بار يېتىشىۋالىمەن، لېكىن يېتىشىۋالالامدىم-يوق بىلمەيمەن، يەنە ئالتە ھەپتىدىلا بۇ مەۋسۈم ئاخىرلىشىدۇ. مەن سىناپ كۆرەي. لېكىن، ئەگەر سىز مەن بىلەن كۆرىشىشنى رەت قىلسىڭىز، بۇنى مەن قىلالماسلىقىم مۇمكىن، مەن.... -دېدىم دۇدۇقلاپ. بۇرۇن «سىزنى سۆيىمەن» دېمەكچى بولغان، لېكىن ھازىر دىگۈم كەلمىدى. بەلكىم ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئاساسى بولۇشى مۇمكىن، مەلۇم دەرىجىدە ئاساسى بار. ئەمما، ئۇنىڭ ماڭا نۇرغۇنلىغان دەرسلەرنى ئىشلەشكە بۇيرۇيدىغان ھوقۇقى يوق، يەنە تېخى مېنىڭ دەرسلىكىمنىڭ ئىشىنى ئىككىمىزنىڭ ئۇچىرىشىشتىكى شەرت قىلىۋېلىش ھوقۇقىمۇ يوق ئىدى. « مەن ئۇنى كۆرمەي تۇرالمايمەن». 
    كارىدوردىكى قوڭغىراقلىق سائەت بىر يېرىم بولغان قوڭغىرىقى چېلىندى :

    - سىز چوقۇم قايتىشىڭىز كېرەك. -ئۇ دىلغۇلدا تۇراتتى. ـ ئەتىدىن باشلاپ مەن كۈندۈزلۈك ئىسمىنېغا چىقىمەن. بەشتە ئىشقا چىقىمەن، ئىشتىن چۈشۈپلا ئۆيگە يېنىپ كىلىمەن، سىز شۇ چاغدا كەلسىڭىز بولىدۇ. سىز ئاۋۋال دەرسىڭىزنى ياخشى ئېلىپ بارالىسىڭىز بولىدۇ.
    بىز ئانىدىن تۇغما ھالەتتە ، بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ تۇراتتۇق. ئۇ مەن ئۈچۈن بىر رەت قىلغىلى بولمايدىغان ئادەم ئىدى. ئەگەر ئۇ خىزمەت فورمىسىنى كىيىۋالغان بولسا، رەت قىلالماسلىقىم بۇنچىلىك بولۇپ كەتمەس ئىدى. يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارنى مەن بىلەلمەي قېلىۋاتىمەن. بۇلار ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىدۇ ياكى مەن بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىدۇ؟ ئەگەر مېنىڭ دەرسلىكىم مەنىسىز بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ خىزمىتى ھەقىقىي مەنىسىز بولغان بولىدۇ. بۇنداق دېسەك ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئازابلاش بولۇپ قالارمۇ؟  لېكىن، مەن بىركىمنىڭ قىلغان ئىشى مەنىسىز دېگىنىم يوق، بەلكىم ئۇ دەرستە ياخشى ئەمەس بىرىنىڭ ئۆزىنىڭ سۆيگۈنى بولۇشىنى خالىماسلىقىمۇ؟  لېكىن، مەن ئۇنىڭ سۆيگۈنىمۇ؟ مەن ئۇنىڭ ئالدىدا نېمىگە ھېساب؟ مەن ئالدىرىماي كىيىملىرىمنى كىيدىم، ئۇنىڭ بىر نېمىلەرنى دېيىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم. بىراق ئۇ ھېچنىمە دېمىدى. مەن كىيمىمنى كىيىپ بولدۇم، ئۇ يەنىلا ئۇچىسىغا ھېچنىمە كىيمەي شۇ يەردە تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ خۇشلاشقاندىمۇ، ئۇ ھېچقانداق ئىنكاش قايتۇرمىغان ئىدى.


ھايات-ماماتلىق ئوقۇش باشقا تېمىلار
ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (1)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (2)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (3)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (4)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (5)
ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (6)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (7)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (8)