باش بەت / ساقلايمەن

ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (7)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-20 20:10 | ئاپتور: بىخارد. سېلىنىك | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئىككىنچى كۈنى كېچىدە، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. مەن ئۇخلىيالمىدىم، ئۇنى ئويلىدىم، ئۇنى چۈشۈمدە كۆردۈم. ئۇنى قۇچاقلىغان ۋاقتىمنى ھېس قىلىۋاتاتتىم، كېيىن، ياستۇقنى ياكى يوتقاننى چىڭ قۇچاقلىۋالدىم. تۈنۈگۈن سۆيىشىۋېرىپ ئاغزىممۇ ئاغرىپ كىتىپتۇ. مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغۇم كەلدى.

ئۇنىڭ مەن بىلەن بولغاندىكى ھېسسىياتى مېنىڭ ئۇنى سۆيگەنلىكىمنىڭ يانغىنىمۇ؟ تاكى بۈگۈنگە قەدەر، ھەرقانداق بىر ئايال بىلەن بىر كېچە بىللە بولغاندىن كېيىن، مەندە ئورتاق ھېسسيات تۇيغۇ پەيدا بولاتتى. مەن ياخشى كۆرۈلدۈم، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن چوقۇم جاۋاپ قايتۇرىشىم كېرەك. مۇھەببەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرىشىم كېرەك. ئۆزۈمنىڭ دۇنياسى بىلەن جاۋاب قايتۇرىشىم كېرەك ئىدى.

بالىلىق دەۋرىمدىكى ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېسىمدە قالماپتۇ. لېكىن، تۆت ياش ۋاقتىمدىكى بىر قىش سەھىرىدە مېنىڭ ئەسلىمىلىرىم يېڭىلانغان ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا، مەن ئۇخلايدىغان ئۆيلەردە پار يوق بولۇپ، كېچە كۈندۈز ئوخشاشلا ئىنتايىن سوغۇق ئىدى. يەنە ئاشخانا ئۆيدىكى ئازغىنا يېنىپ تۇرغان كالامپاي تۆمۈر مەشمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە بىر داس سۇ قايناپ تۇراتتى. ئەگەر ئۈستىدىكى پىلىتنى ئېلىۋەتسە قىزىل چوغلارنى كۆرگىلى بولاتتى. مەشنىڭ يېنىدا، ئاپام بىر ئورۇندۇق قويۇپ قويغان بولۇپ، ئاپام مېنى يۇيۇندۇرغاندا ياكى كىيىم كىيگۈزگەن ۋاقىتتا، مەن ئۇ ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىدە تۇراتتىم. ئېسىمدە قىلىشىچە ئۇنداق ئىللىقلىق ھېسسىياتى شۇنچىلىك راھەت ئىدى. ئىسىمدە باركى ئۇنداق ئىللىقلىقنى مەن يۇيۇنغاندا ۋە كىيىم كىيگەندە ھوزۇرلىنالايتتىم. ئېسىمدە قىلىشىچە، ھەر قېتىم ئىشلار مېنىڭ خاتىرەمدە پەيدا بولغاندا، مەن شۇنى ئويلايمەنكى، ئاپام نېمە ئۈچۈن ماڭا شۇنچىلىك كۆيىدۇ؟ مېنىڭ كېسەل بولغانلىقىم ئۈچۈنمۇ؟ مېنىڭ ئاكا-ئاچا قېرىنداشلىرىم مەن ئېرىشەلمىگەن نەرسىلەرگە ئېرىشىۋالغانمىدۇ يە؟ ياكى بولمىسا مېنى مەن چوقۇم زىممەمگە ئالىدىغان ياخشى بولمىغان، ھەل قىلىغىلى بولمايدىغان ئىشلار مېنى كۈتۈپ تۇرىۋاتامدۇ يە؟

دەل مەن ئىسمىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان ئايالنىڭ تۇنجى كۈنى چۈشتىن كېيىن، مېنى شۇنچە سۆيگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئىككىنچى كۈنى مەن مەكتەپكە دەرىسكە بارغان ئىدىم.

ئۇندىن باشقا، مەن ئۆزۈمنىڭ پىشقان ئەر ئىكەنلىكىمنى نامايەن قىلىپ باققۇم كەلدى. ئۆزۈمنى ھېس قىلىشىمچە، مەن بىر ساغلام كۈچلۈك ئەر كىشى، ھەرقانداق بىرىدىن كۈچلۈك ئىدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ ساغلام كۈچلۈكلىكىم ۋە ئۆزۈمنى چوڭ تۇتىۋېلىشىمنى مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىمغا ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمغا كۆز-كۆز قىلىپ كۆرسىتىشنى ئويلىغان ئىدىم. يەنە تېخى، مەن ئۇنىڭ بىلەن دىيىشىپ باقمىغان تەقدىردىمۇ، لېكىن ئويلاپ يەتكىلى بولىدىكى، بىر تىراللىبوس بېلەت ساتقۇچىسى دائىم ناھايىتى كەچكىچە خىزمەت قىلاتتى. ئەگەر مېنىڭ پەقەت ئۆيدىلا تۇرۇپ سالامەتلىكىم ئۈچۈن مېڭىپ بەر دېسە، ئۇنداقتا مەن قانداقمۇ ھەر كۈنى ئۇنى كۆرەلەيتتىم؟

مەن ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ ئۆيگە قايتقان ۋاقتىمدا، ئاتا-ئانام، ئاكا-ئىنى قېرىنداشلىرىم كەچلىك تاماقنى يەپ بولغان ئىدى.

ـ سەن نېمىشقا بۇنچە كەچ قالدىڭ؟ ئاپاڭ سەندىن شۇنداق ئەنسىرەپ كەتتى. -مەن دادامنىڭ سۆزنى ئاڭلاپ بىرخىل بولۇپ قالدىم، لېكىن ئاچچىقلىنىش دەپ كەتكىلى بولمايتتى.

مەن يولدىن ئېزىپ قالدىم، مەن ئەسلىدە شەرەپ قەبرىستانلىقىدىن مۇكېنكىرغا بارماقچى ئىدىم. لېكىن ماڭا-ماڭا ئەڭ ئاخىرىدا ناشرۇگقا بېرىپ قاپتىمەن. يېنىمغا پۇل سېلىۋالماپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن ناشرۇگتىن مېڭىپ كەلدىم.

ـ سەن ماشىنا توسىساڭ بولاتتىغۇ! -سىڭلىم بەزىدە تاكسىغا چىقاتتى، لېكىن ئۆيدىكىلەر بۇنداق قىلىشىغا قوشۇلمايتتى.

ئاكام مېنىڭ سۆزۈمگە دىمىغىدا كۈلۈپ قويۇپ، ـ مۇكىنكېر بىلەن ناشرۇگ پۈتۈنلەي ئىككى تەرەپتە دېدى.

ئاچاممۇ ماڭا سىنچىلاپ قاراۋاتاتتى.

ـ مەن ئەتە مەكتەپكە بارىمەن -دېدىم.

ـ ئۇنداقتا جۇغراپىيىنى ياخشىراق ئۆگىنىپ قويغىن. شەرىق جەنۇبلارنى ئېنىقراق ئايرىۋالغىن...يەنە....قۇياش دېگەن.....- دېدى.

ئاپام ئاكامنىڭ گىپىنى ئۈزىۋەتتى دە ـ دوختۇر يەنە ئۈچ ھەپتە بار دېگەن -دېدى.

ـ ئەگەر ئۇ شەرەپ قەبرىستانلىقىدىن ناشرۇگقا كىلەلىگەن بولسا، يەنە تېخى پىيادە قايتىپ كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ مەكتەپكە بېرىپ دەرس ئوقىيالايدۇ. ئۇنىڭدا كەم ماغدۇرلۇق يوق. پەقەت ئەقلىلا كەمچىل -دېدى.

ئاكام بىلەن ئىككىمىز كىچىك ۋاقتىمىزدا تولا ئۇرۇشاتتۇق. كېيىن چوڭ بولغانسېرى گەپ تالىشىدىغان بولۇپ قالدۇق. ئۇ مەندىن ئۈچ ياش چوڭ بولۇپ، ھەر قايسى جەھەتتە مەندىن ياخشى ئىدى. قاچاندىن باشلاپ بولدىكىن بىلمىدىم، مەن قارشىلىق كۆرسىتىشنى توختاتقان ئىدىم. ئۇ ئۇرۇشقاقلىقىغا رىقابەتچى تاپالمىدى. ئۇ پەقەت كوتۇلداپلا قوياتتى ، خالاس.

ـ سىزنىڭچىچۇ؟ -ئاپام دادامغا قاراپ سورىدى.

دادام ئارىنى تەخسىنىڭ ئىچىگە قويۇپ قويۇپ، بەدىنىنى ئورۇندۇق يۆلەنچۈكىگە يۆلەپ، ئىككى قولىنى يوتىسىغا قويدى. دادام ھېچنىمە دېمىدى. قارىماققا چوڭقۇر ئويلىنىۋاتاتتى. خۇددى ئاپام ھەر قېتىم ئۇنىڭدىن باللىرىنىڭ ئەھۋاللىرى ۋە ئىشلىرىنى سورىغاندەك، ھەر قېتىمقىغا ئوخشاش بولاتتى، مەنمۇ كۆڭلۈمدە ئويلاپ قالاتتىمكى، دادام راستىنلا ئاپامنىڭ سورىغان سۇئالىنى ئويلىشىۋاتامدۇ ياكى ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ئويلاۋاتقانمىدۇ؟ بەلكىم داداممۇ ئاپامنىڭ سۇئالىنى ئويلاۋاتقان بولىشى مۇمكىن. لېكىن ئۇ چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈپ كەتكەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئويلاۋاتقىنى شەكسىز ئۆزىنىڭ خىزمىتى ئىدى. ئۇ پەلسەپە پروفىسسورى بولۇپ، ئۇنىڭ مۇلاھىزە قىلىۋاتقىنى ئۆزىنىڭ ھاياتى ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتى دەل ئۇنىڭ مۇلاھىزە، ئوقۇش، يېزىقچىلىق ۋە ئوقۇتۇش ئىدى.

بەزى ۋاقىتلاردا، مەندە بىر خىل ھېسسىيات پەيدا بولاتتى. بىز ـــــــ يەنە كىلىپ ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى ـــــــ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئائىلە دېگەن ئۇنىڭ ئامراق كىچىك ھايۋانىغا، خۇددى ئادەم بىلەن بىرگە سەيلە قىلىدىغان ئىتىدەك، ئادەم بىلەن بىرگە ئوينايدىغان مۈشۈككە ئوخشاش ئادەمنىڭ قوينىغا تۈگۈلۈپ كىرىپ، بىر تەرەپتىن تىتىرەپ، بىر تەرپتىن ئاۋاز چىقىرىپ ئادەمنىڭ سىلاپ قويىشىنى كۈتىشىگە ئوخشايتتى. ئائىلىدىكى ئامراق كىچىك ھايۋاننىڭ بەلكىم كىشىگە ئازراق پايدىسى بولۇشى مۇمكىن، كىشىلەر مەلۇم دەرىجىدە ئۇلارغا مۇھتاج بولىدۇ. لېكىن، يەم سېتىۋېلىش، تەرەتلىرىنى تازىلاش، ھايۋاناتلار دوختۇرىغا كۆرسىتىش بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. چۈنكى تۇرمۇش ئەزەلدىنلا بۇ جايىدىلا ئەمەس. مەن تولىمۇ بەك ئارزۇ قىلاتتىم. بىز ـــــ ئۇنىڭ ئائىلىسى، ئۇنىڭ ھاياتى بولۇشقا ھەقلىقمىز، بەزى ۋاقىتلاردا مەن ھەقىقەتەن دائىم رەنجىىيدىغان ئاكام بىلەن كەپسىز سىڭلىمنىڭ بۇنداق بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتىم. ئەمما ئۇ كۈنى كەچتە ئۇلار شۇنچىلىك سۆيۈملۈك تۇيۇلۇپ كەتكەن ئىدى. سىڭلىم تۆت بالىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كىچىكى بولۇپ، بېلىشىمچە ئۆينىڭ كىچىكى بولۇشمۇ ئانچە ئوڭاي ئەمەس. ئۇ شوخلۇق قىلمىسا بولمايدىغاندەكلا ئىدى. ئاكام، بىز بىر ھوجۇرىدا ئۇخلايمىز، ئۇ چوقۇم مەندىن بەكىرەك قۇلايسىز ھېس قىلىدۇ. بۇندىن باشقا، مەن كېسەل بولۇپ قالغاندىن بۇيان، ئۇ چوقۇم ئۆينى ماڭا تاشلاپ بېرىپ ئۆزى مېھمانخانا ئۆيىدىكى كىرىسلودا ئۇخلايتتى. ئۇ نېمىشقا مەندىن رەنجىمىسۇن؟ دادام بىز پەرزەنتلەر نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۇنىڭ ھاياتى بولۇپ قالىمىز؟ بىز ناھايىتى تېز چوڭ بولۇپ، بۇ ئائىلىدىن ئايرىلىدىغان تۇرساق.

ھېس قىلىشىمچە، بۇ بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم بىرلىكتە مىرسىن ماركىلىق چىراغلىق ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرىشىمىز بولۇپ قالغان ئىدى، خۇددى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم يېشىل قىرلىق تەخسە بىلەن تاماق يېگەنگە ئوخشاش بولغان ئىدى. خۇددى بىز ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆز-ئارا ئىشىنىپ پىكىر ئالماشتۇرغاندەك بولغان ئىدى. بىز خوشلىشىۋاتقاندەك قىلاتتۇق. مەن ئۆزۈم بار بولغىنىم بىلەن خىيالىم باشقا يەردە ئىدى. مەن بىر تەرەپتىن ئاتا-ئانام، قېرىنداشلىرىم بىلەن بىرگە بولۇشنى ئارزۇ قىلسام يەنە بىر تەرەپتىن، ھېلىقى ئايال بىلەن بىللە بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم.

دادام ماڭا قاراپ تۇرۇپ:- «مەن ئەتە مەكتەپكە بارىمەن» سەن مۇشۇنداق دېدىڭغۇ توغرىمۇ؟ -دېدى.

ـ «ھەئە!» -ئۇ دېققەت قىلدى. مەن دادامدىن سوراۋاتقان ئىدىم، ئاپامدىن ئەمەس. يەنە كىلىپ ئىلگىرى مۇنداق گەپمۇ بولۇپ باقمىغان ئىدى. ئەتە مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇش-ئوقىماسلىقنى ئويلىشىۋاتقان ئىدىم. دادام بېشىنى لىڭشىتىپ:- ئەتە مەكتەپكە بېرىشىڭغا يول قويايلى، ئەگەر بەرداشلىق بېرەلمىگىدەك بولساڭ، ئۆيدە جىم ياتقىن -دېدى.

مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلاردىن ھازىر ئايرىلغاندەك ھېسسىياتقا بولۇپ قالغان ئىدىم.


ھايات-ماماتلىق ئوقۇش باشقا تېمىلار
ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (1)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (2)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (3)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (4)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (5)
ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (6)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (7)ھايات-ماماتلىق ئوقۇش (8)