پېشايۋانلىق كۆۋرۈكتە چالا كۆرگەن
يوللانغان ۋاقىت: 2011-7-13 07:58 | ئاپتور: روبېرىت. جاموس.ۋېللىر | مەنبە: ئامېرىكا | كۆرۈلىشى: 0قېتىم
پېشايۋانلىق كۆۋرۈكتىكى چالا كۆرگەن چۈش روبېرىت. جاموس.ۋېللىر Robert James Waller ئامېرىكا مۇقەددىمە : كېپىنەكگۈللىرى بىلەن پۈركەلگەن چىملىقتىن، نۇرغۇنلىغان يوللارغا تۇتاشقان خىلۋەت يېزا يوللىرىنىڭ چاڭ-توزانلىرىدىن دائىم ئۈزۈلمەس كۈيلەر ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەزكۇر ھېكايە مۇشۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. 1989-يىلىنىڭ بىر كۈز پەسلى، چۈشتىن كېيىنكى كەچرەك ۋاقىتتا، مەن ئۈستىلىم ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئېكرانى توختىماي تىترەۋاتقان كومپىيۇتىرىم، يال-يال يېنىپ تۇرغان مائۇسقا تىكىلىپ قاراپ ئولتۇراتتىم. تېلېفون سايرىدى. تېلېفوننىڭ قارشى تەرىپىدە سۆزلەۋاتقان كىشى بولسا، ئەسلى يۇرتى لاۋىردىن، ئىسمى مايكول.جونسون. ھازىر فىلورىدادا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، لاۋىردىكى بىر دوستى ئۇنىڭغا مېنىڭ يازغان كىتابىمنى سوۋغا قىلغان ئىكەن. كىتابنى ئۇمۇ كۆرۈپتۇ، ئۇنىڭ سىڭلىسى كارولىنمۇ كۆرۈپتۇ. ئۇلارنىڭ بىر ھېكايىسى بارمىش، مەن چوقۇم قىزىقىپ قالىمەنمىش. ئۇ گەپ - سۆزدە تولىمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ، ھېكايىنىڭ مەزمۇنىغا كەلگەندە، ئۇ بىر ئېغىزمۇ چىقارمىغان ئىدى. پەقەت ئۆزىنىڭ كارولىن بىلەن لاۋىرغا كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشۈپ سۆزلىشىپ باقىدىغانلىقىنىلا دېدى. ئويلىمىغان يەردىن ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق زور غەيرەتكە كەلگەنلىكى، ئەزەلدىن بۇ ھەدىيە قىلىنىدىغان ھېكايە ئىشىغا گۇمانىي پوزىتسىيىدە بولغان بولساممۇ، ئەكسىچە مېنىڭ قىزىقىشىمنى قوزغاپ قويغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن كېيىنكى ھەپتىدە مادىنىندا ئۇلار بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدۇم. ئايرودرۇمنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى بىر مېھمانخانىدا ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئوڭايسىزلىق ھالەتلەرنى تۈگەتتۇق. ئۇلار ئىككىسى مېنىڭ ئۇدۇلۇمدا ئولتۇردى. قاراڭغۇ چۈشەي دەپ قالغان ئىدى. سىرتتا ئازراق قار چۈشىۋاتاتتى. ئۇلار مېنىڭ ۋەدە بېرىشىمنى ئېيتتى، مەسىلەن : مەن بۇ ھېكايىنى يازمىسام، ئۇنداقتا 1956-يىلى مادىسون ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ئىشنى ھەمدە كېيىنكى 24 يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ئىشنى ئاشىكارىلاپ قويماسلىقىم كېرەك ئىكەن. بولىدۇ، بۇ ئاقىلانە تەلەپ. نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ ھېكايە ئۇلارنىڭ، مېنىڭ ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن مەن دىققىتىم بىلەن، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئاڭلىدىم، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جاۋابى تەسراق بولغان سۇئاللارنىمۇ قايتۇرۇپ سورىدىم. ئۇلار پەقەت سۆزلەشنىلا بىلەتتى، توختىماي سۆزلىمەكتە، كارولىن نەچچە قېتىم يوشۇرۇپمۇ يۈرمەي يىغلاپ تاشلىدى. مايكول يېشىنى زورىغا تۇتىۋالماقتا ئىدى. ئۇلار ماڭا بىر قىسىم ماتېرىياللارنى، ژۇرناللاردىن قىيىۋېلىنغان بەتلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئانىسى فىرانشىسكونىڭ بىر قىسىم خاتىرىلىرىنى كۆرسەتتى. مېھمانخانا مۇلازىمەتچىسى يەنە كىرىپ، يەنە چىقىپ دېگەندەك قەھۋە لىقلاۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ بايان قىلىشى بويىچە، مەن دەسلەپتىلا بىر قىسىم ئوبرازلارنى، ئاۋۋال بولۇشقا تېگىشلىك ئوبرازلارنى كۆرسەم ئاندىن يازغىلى بولاتتى. ئاندىن كېيىن مەن ئۇلارنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى ئاڭلىدىم. مەن بۇ سۆزلىگەنلىرىنى قەغەزگە يېزىشقا باشلىدىم. يېرىم كېچە بولۇپ كەتتى، مەن بۇ ھېكايىنى يېزىپ بېقىشقا قوشۇلدۇم، ياكى بولمىسا، ھېچ بولمىغاندا سىناق تەرىقىسىدە بولسىمۇ بولىدىغانغا قوشۇلدۇم. ئۇلار بۇ ھېكايىنى خەلقى - ئالەمگە بىلدۈرۈشنى قارار قىلدى. بۇ ئۇلارغا نىسبەتەن ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. ئەھۋال ناھايىتىمۇ نازۇك. ئىش ۋەقەلىكى ئۇلارنىڭ ئانىسى ۋە دادىسىغا تاقالغان. مايكول بىلەن كارولىن ھېكايە سۆزلىگەندىكى بەزىبىر قوپاللىق ۋە ئەزۋەيلىگەن ئۇششاق گەپلەرنىڭ بولۇپ قالغانلىقىغىمۇ ئىقرار، ئۇنىڭ ئۈستىگە رىچارد بىلەن فرانشىسكونىڭ ئىشى ئىدى. جونسون ئەر- ئايالنىڭ كىشىلەر قەلبىدە قالدۇرغان تەسىرى ناھايىتىمۇ رەھىمسىزلەرچە كەمسىتىشلەرگە ئۇچرىغان. لېكىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ قىممەتلىك ۋەدىلەر ئۆزلىكىدىن ئېچىلماقتا، مۇھەببەت پەقەت كۆڭۈل خۇشىغا ئايلىنىپ قالغان دۇنيادا، ئۇلار بىنورمال دەپ قارىغان بۇ ھېكايىنى يەنىلا سۆزلەپ بەرسە قىممىتى بار دەپ قارىغان، مەن شۇ ۋاقىتتا پەقەت مۇشۇ نۇقتىغىلا ئىشىنەتتىم. ھازىر ئىرادەم تېخىمۇ مۇستەھكەم بولدى. ئۇلارنىڭ مۆلچەرى ھەقىقەتەن توغرا ئىدى. مەن تەتقىق قىلىش ۋە يېزىش جەريانىدا، مايكول ۋە كارولىن بىلەن ئۈچ قېتىم ئۇچرىشىشنى تەلەپ قىلدىم. ھەر قېتىم ئۇلار ئېرىنمەي تېرىكمەي ئىئوۋاغا كېلەتتى. چۈنكى ئۇلار بۇ ھېكايىنىڭ توغرا مۇكەممەل بايان قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. بەزى ۋاقىتلاردا بىز پەقەت مۇڭدىشىپ قوياتتۇق، بەزى ۋاقىتلاردا ماشىنا ھەيدەپ يوللارغا چىقاتتۇق. ئۇلار ماڭا شۇ ھېكايىدە سۆزلەنگەن بىر قىسىم نەق مەيدانلارغا ئاپىرىپ كۆرسىتەتتى. مايكول بىلەن كارولىننىڭ ياردىمىنى سۆزلىگەندىن سىرت، مەن تۆۋەندە ھېكايىدىكى فىرانشىسكو جونسوننىڭ خاتىرىسىدىكى ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى جايلارنى، بولۇپمۇ ۋاشىنگىتون شىتاتىنىڭ سېئاتىل ۋە بىرمىنھامدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىمنى، ئىئوۋا شىتاتى مادىسونىئان ناھىيسىگە ئاستىرىتتىن ئەھۋال ئىگەللەپ بارغانلىقىمنى، روبىرت گايكىمنىڭ رەسىملىك ئەسىرىدىن نۇرغۇن ئەھۋاللارنى توپلىغانلىقىمنىمۇ يازدىم. ھەر خىل ژۇرنال تەھرىراتلىرىنىڭ تەمىنلىشى ياردىمىدە، فوتو سۈرەتلەرنىڭ نىگاتىۋى ۋە ئەسۋابلارنى ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقان ئورۇنلىرىدىن ئىبارەت ئىنچىكە نۇقتىلارنىمۇ، يەنە گايكىم بىلەن يۇرتداش بولغان ئوخېخو شىتاتى بابېسۋورلۇق مويسېپىتلار بىلەن مەنىلىك ھەم چوڭقۇر پىكىرلىشىشلەردىن ئۇلارنىڭ گايكىمنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋىرلىرىنىڭ ئېسىدە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغانلىقىمنىمۇ يازدىم. مۇشۇنداق چوڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولساقمۇ، يەنىلا نۇرغۇنلىغان بوشلۇقلار بار ئىدى، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، مەن ئازىراق تەسەۋۋۇرۇمدىن پايدىلاندىم، ئەمما، پەقەت ئەقلىگە مۇۋاپىق بولغان ھۆكۈم بولغاندىلا ئاندىن مەن مۇشۇنداق قىلالايتتىم. بۇ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىم گايكىم ۋە فىرانشىسكونىڭ ئىشلىرىنى ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈش، چۈشىنىشتىن كەلگەن ئەلۋەتتە. يۈز بەرگەن ئەمەلىي ئىشلارغا نىسبەتەن مېنىڭ چۈشەنگەنلىرىم ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەللىشىپ قالغانلىقىمنىمۇ جەزىملەشتۈرەلەيتتىم. بىر بوشلۇق بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ گايكىمنىڭ شىمالىي ئامېرىكىنى بېسىپ ئۆتكەندىكى بىر قىسىم ساياھىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار ئىدى. كېيىنكى بايان قىلىنغان سۈرەتلەرگە ئاساسلانغاندا، فىرانشىسكونىڭ خاتىرىسىدە قىسقىغىنا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ژۇرنال تەھرىراتىغا قويغان كالتە ئىمزاسىمۇ بار ئىدى. بىز بۇنىڭدىن ھەقىقەتەن بۇ قېتىملىق ساياھىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۇق. مۇشۇ ماتېرىيالنىڭ يىپ ئۇچىدىن مەن گايكىمنى 1965-يىلى 8-ئايدىكى بېرمىنھامدىن مادېسون ناھىيىسىگىچە بولغان بۇ بىر قېتىملىق لىنىيىسىنىلا بويلاپ ماڭساملا، مۇشۇ مۇساپە ئاخىرلاشقان ۋاقىتتا، مەن ئۆزۈمنىڭ نۇرغۇن تەرەپلەردىن روبرېت گايكىمغا ئۆزگىرىپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلىپ قالىمەن. ئەمما، ئەگەر گايكىمنىڭ باشقىلارغا بولغان ئادىمىيلىكىنى تونۇشنى، يەنىلا ئۆزۈمنىڭ يېزىش ۋە تەتقىقاتىمدىكى ئەڭ چوڭ قىيىن مەسىلە دەپ قارايتتىم. ئۇ بىردىنبىر چۈشەنمەك قىيىن بولغان شەخىس ئىدى. بەزىدە شۇنداق ئاددىي، بەزىدە شۇنداق خىيالى، ھەتتاكى ئەرۋاھلارغىمۇ ئوخشاپ قالاتتى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان كەسپىي سەۋىيە گەۋدىلىنىپ تۇراتتى. شۇڭلاشقىمۇ ئۇ ئۆزىنى تەشكىللىنىشكە كۈندىن-كۈنگە مەستانە بولۇپ قېلىۋاتقان دۇنيادا شاللىنىپ قېلىۋاتقان كەمدىن كەم ئۇچىرايدىغان بىر خىل ئەركەك ھايۋانلاردەك بىلەتتى. ئۇ بىر قېتىم ئۆزىنىڭ ئەقىل-ئىدراكلىك دەۋرىدىكى «رەھىمسىز پىغان»نى سۆزلەپ بەرگەن. فىرانشىسكو ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا «يوچۇن، گاھ پەيدا بولۇپ گاھ يوقايدىغان بولۇپ، دارۋىن تەدىرىجىي تەرەققىيات نەزىرىيىسىدىكى تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ئىلگىرىكى دۇنيادىنمۇ يىراقتا تۇرىدىغان» دەپ تەسۋىرلەنگەن. كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يەنە ئىككى سۇئالنىڭ جاۋابى تېخى تېپىلمىغان ئىدى: بىرىنچى، بىز گايكىمنىڭ رەسىملەر توپلىمىنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلالمىدۇق. ئۇنىڭ خىزمەت قىلىش خاراكتېرىدىن قارىغاندا، چوقۇم نەچچە ئون مىڭلىغان سۈرەتلەرنى تارتقان، لېكىن نۇرغۇنلىغانلىرى تېپىلمىدى. بىز پەرەز قىلىپ باقتۇق. لېكىن، ئۇ ئۆزىنى بۇ دۇنيا بىلەن باراۋەر ئورۇندا قويغان، ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا ھەممىنى يوقىتىۋەتكەن. ئىككىنچى مەسىلە ، ئۇنىڭ 1975-يىلىدىن 1982-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىگىلىگەن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار شۇنچىلىك ئاز. بىز ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ نەچچە يىل سېئاتلىدا رەسىم تارتىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى ھەمدە داۋاملىق توختىماستىن پىككات جىلغىسىنى سۈرەتكە تارتقانلىقىنى بىلدۇق. بۇندىن باشقا ھېچقانداق مەلۇماتنى بىلمىدۇق. قىزىقارلىق بولغىنى، بارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مىنىستىرلىكى ۋە ھەربىيلىكتىن چېكىندۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئەۋەتكەن بارلىق خەتلىرىدە ئۇنىڭ «خەت ئەۋەتكۈچىگە قايتۇرۇلدى» دېگەن خەتلىك پوچۇركىسى يېزىلىپ، قايتۇرۇلغان ئىكەن. بۇ كىتابنى يېزىش ۋە تەييارلاش مەزگىلىدە مېنىڭ دۇنيا قارىشىم ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ، مېنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلۇمدا ئۆزگىرىش يۈز بەردى. ئەڭ مۇھىمى، مېنىڭ كىشىلەر ئارىسىدىكى يېتىش مۇمكىنچىلىكى بولىدىغان بىزار بولۇش تۇيغۇم ئازايغان ئىدى. مېنىڭ تەكشۈرۈش تەتقىقاتىمدىن فىرانشىسكو جونسۇن ۋە روبىرېت گايكىم بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، مەن كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى چەك چېگرانى ئەسلىدىكى مۇناسىۋەتتىن تېخىمۇ بەك كېڭەيتكىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدىم. بەلكىم سىز بۇ كىتابنى ئوقۇش جەريانىدا ماڭا ئوخشاش تۇيغۇدا بولۇشىڭىز مۇمكىن. لېكىن بۇ ئىش ئۇنداق ئوڭاي ئەمەس ئىدى. بۇ كۈنسايىن سېزىمچانلىقىنى يوقاتقان دۇنيادا، بىزنىڭ تۇيغۇمىز قاقاش ھالەتتە بولۇپ، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز قاپ ئىچىدىكى پىلىگە ئوخشاش بولۇپ قالغانىدى. بۈيۈك ھېسسىيات ۋە كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئاينىتىدىغان مېھرى- شەپقەت ئوتتۇرىسىدىكى چەك - چېگرا زادى قەيەردە؟ مەن بۇنى جەزىملەشتۈرەلمىدىم، ئامالسىز قالدىم. لېكىن بىز دائىم خاھىشىمىز بويىچە ئالدىنقىسىنىڭ مۇمكىنچىلىق بولۇش ئىمكانىيىتى بارلىقىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ، ھەقىقىي ھېسسىياتقا ساختا ئارتۇقچە ھېسسىياتنى بەلگە قىلىپ چاپلايمىز، بۇ دەل بىزنىڭ كىرمەك قىيىن بولغان شۇ خىلدىكى سىرلىق بولغان چەك-چېگرىدۇر، يەنە كېلىپ بۇ فىرانشىسكو جونسون بىلەن روېبرېت گايكىمنىڭ ھېكايىسىنى چۈشەندۈرۈشتە چوقۇم بولىدىغان چېگرادۇر. دەسلەپتىلا ئۆزۈمنىڭ بۇنى يېزىشتىن بۇرۇنلا مۇشۇ خىلدىكى خاھىشىم بويىچە بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتىم. لېكىن، سىز بۇنى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدا خۇددى شائىر Samuel Taylor Coleridge كالەردىگ ئېيتقاندەك، ۋاقتىنچە سىزنىڭ قىلالماسلىقىڭىزنى قوبۇل قىلىپ تۇراي، مەن شۇنداق دەپ ئېيتالايمەنكى، سىز چوقۇم ماڭا ئوخشاش تېگىگە يېتىپ قالىسىز. سىزنىڭ سوغۇق قەلب قەسىرىڭىزدە، سىز بەلكىم فىرانشىسكوغا ئوخشاش بولۇپ قېلىشىڭىز، يەنە بىر ئۇسۇل ئوينىغىلى بولىدىغان جاينى بايقىيالىشىڭىزمۇ مۇمكىن.
- مەزمۇن قاتارى
-
- تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس ئىنكاس 0 قېتىم نۇمۇرى 0 نۇمۇر
- ئىنكاس يوللاش
- تەۋسىيە