ئوربېتا
يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-10 03:44 | ئاپتور: خالىدە ئىسرائىل | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم
خالىدە ئىسرائىل " ئوربېتا " ناملىق پوۋېستىدا ، ئائىلىدىن ئىبارەت جەمئىيەتنىڭ كىچىك ئوربېتاسى ئىچىدە تەكرارلىنىپ تۇرىۋاتقان زىددىيەت ، بۇرۇقتۇرما تۇرمۇش كارتىنىسىنى ، كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرۇپ ، غەشلىكنى بىردەم بولسىمۇ ئۇنتۇلدۇرىدىغان تاتلىق ئەسلىمىلەر بىلەن گارمونىك بىرلەشتۈرىۋەتكەن . مەزكۇر ئەسەردىكى ئاسىيە، نىكاھتا بەخىتسىز بولغان نۇرغۇن ئازاپلىق كەچۈرمىشلەرگە ئىگە ئايال. ئۇ، سەھرادىكى نامرات ئائىلىدىن كىلىپ چىققان بىردىن- بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى. مۇھەببەتسىز نىكاھ تۇرمۇشى، ئۇنىڭغا غايەت زور جىسمانى ۋە روھى ئازاپ ئېلىپ كىلىدۇ. ئۇ پەقەت مەجبۇرىيەت ئۈچۈنلا ياشايدۇ. ئائىلىدە ئۇنىڭ ھەقىقىي ئاياللىق سالاھىتى مەۋجۇت ئەمەس، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ ئاسىيەگە بولغان ئۆچمەنلىكى ۋە نەپرىتى تۈپەيلىدىن يوقالغان. ئۇنىڭدا بارى پەقەت ئانىلىق سالاھىيەت. بۇ ئۇنىڭ بىردىن- بىر ئاياللىق ماھىيتى ۋە ئىجتىمائىي سالاھىيتىگە ئايلانغان، شۇنداقلا بۇ خىل بىرلىككە كەلگەن ئائىلىۋى ۋە ئىجتىمائىي سالاھىيەت مۇھىتى ئاسىيەنىڭ كىچىك «ئوربىتا »سىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
- تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس ئىنكاس 0 قېتىم نۇمۇرى 0 نۇمۇر
- بۇ ئەسەرنىڭ نامىنى كۆپ ئاڭلىغان بولساممۇ ، كىتاپخانىدىن < قۇملۇقنىڭ چۈشى> ناملىق پوۋېستلار توپلىمىنى تاپالماي ، بىر ئوقۇپ بېقىش ئىستىكىدە يۈرگەنتىم . ئاخىرى ئوقۇش نىسىپ بوپتۇ ....
ھەقىقەتەن ئۆزگىچە يېزىلغان ئەسەركەن ، ئاسىيەنىڭ ئازاپلىرى ھەم ئائىلە ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقلىرىدىن بىر ھەقىقىي ئانىنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم ھەم ئۇنىڭغا قايىللىقىم ئاشتى . خالىدە ئىسرائىل ھەدىنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن! سالامەت بولۇڭ ...ئۆچۈرۈش2011-6-24 13:18[5 نۇمۇر]مەھشىيە - مەن بۇ ئەسەرنى ئۇقۇشنى باشلىغاندا ئۆزەمنى شۇنچىلىك خۇشال،يىنىك ھىس قىلغان ئىدىم.كېيىن بىراقلا ھەممىنى ئۇقۇپ تۈگەتكىنىمدە بولسا قەلبىمنى نۇرغۇنلىغان مەن ھالقىپ كىتەلمەيدىغان ،بۇرۇن ئويلاشمىغان ،ئەمما مۇقەررەر مىنىڭمۇ بىشىمغا كىلدىغان نۇقتىلارنى ئويلاپ ئېغىر تىنىقلار،ۋەزمىنلىك ھسىياتتا ئەسەر ھەم ئەتراپىمدىكى مۇھىت ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم.ئۆچۈرۈش2011-6-20 04:28[3 نۇمۇر]ئايزىت
- بۇ ئەسەرنىڭ نامىنى كۆپ ئاڭلىغان بولساممۇ ، كىتاپخانىدىن < قۇملۇقنىڭ چۈشى> ناملىق پوۋېستلار توپلىمىنى تاپالماي ، بىر ئوقۇپ بېقىش ئىستىكىدە يۈرگەنتىم . ئاخىرى ئوقۇش نىسىپ بوپتۇ ....
- ئىنكاس يوللاش
- تەۋسىيە