باش بەت / ساقلايمەن

ئوربېتا(2)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-10 05:40 | ئاپتور: خالىدە ئىسرايىل | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

     چوڭ يولنى كېسىپ ئۆتۈپ قويۇق ئورمانلىق ئىچىگە كىرىپ كەتتىم. ئاياغ ئاستىمدا شاخ-يوپۇرماقلار غىرىسلايدۇ. چاچلىرىمغا، يۈز-كۆزلىرىمگە ئىسسىق ، يۇمشاق ئۆمۈچۈك تورلىرى يېپىشىدۇ. كىچىك، يېشىل يوپۇرماق قۇرۇتلىرى بوينۇمغا كىرىۋېلىپ غىدىقىمنى كەلتۈرىدۇ. ئورمانلىققا ئىچكىرلەپ كىرگەنسېرى گاھ يەر بويلاپ، گاھ تولغۇشۇپ گىرەلىشىپ ئاجايىپ-غارايىپ شەكىللەردە ئۆسكەن قېرى سۆگەتلەر ئۇچراشقا باشلىدى. بىر پارچە بوشلۇقتا گويا يەر تېنىدىن ئۈنۈپ چىققان گىگانت قولغا ئوخشايدىغان بىر تۈپ سۆگەت بار ئىدى. ئۇنىڭ قۇرۇپ قالغان يېرىم ئېچىلىپ تۇرغان بارماقلارغا ئوخشايدىغان شاخلىرىغا قۇشلار قونىۋالغان ئىدى ... بۇنىڭدىن 22 يىل ئىلگىرى، كۆز يەتكۈسىز تاشلىق ساينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كىچىككىنە ۋەيرانە يېزىدا ئىسكەندەر ماڭا: «مەن ھەرگىز تەغدىرىمگە تەن بەرمەيمەن، قاراپ تۇر مەن تېخى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن. چوڭ شەھەرلەردە كاتتا ئورۇنلاردا ئىشلەيمەن... گېپىمگە كۈلمە، ئەمەلدارمۇ بولۇپ قالامدىم تېخى! شۇ چاغدا... سەن نەدىلا بولغىن، پەقەت خەققە تېگىۋالمىساڭلا بولدى، مەن سېنى ئىزدەپ تاپىمەن، مېنى چوقۇم ساقلاپتۇر!» دېگەن ئىدى. ئىسكەندەر يۆلۈنۈپ تۇرغان ئاسمان پەلەك ئىگىز سۇۋاداننىڭ خازان بولغان يوپۇرماقلىرى سوغۇق شامالدا پىرقىراپ ئۇچۇپ چۈشىۋاتاتتى. بىر تال يوپۇرماق دەل ئىسكەندەرنىڭ مۈرىسىگە قوندى. ئۇ تېخى يېشىل رەڭگىنى، پارقىراقلىقىنى يوقاتمىغان يۇپۇرماق ئىدى. ئىسكەندەر ئۇنى ئالقىنىغا ئېلىپ بىردەم سىلاپ تۇرغاندىن كېيىن: « مانا مۇشۇ يوپۇرماق بۈگۈنكى سۆزلىرىمنىڭ گۇۋاھى بولۇپ قالسۇن، ئۇنى خاتىرەمنىڭ ئارىسىدا ساقلايمەن» دېدى.
      ئىككىنچى يىلى ھەقىقەتەنمۇ جەنۇبىي جوڭگۇدىكى بىر ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كەتتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا مەنمۇ كەتتىم. خۇددى ئۇچۇرما بولغان قۇش بالىلىرىدەك تەرەپ-تەرەپكە كەتتۇق. بىراق ، يۈرەكنىڭ قېتىغا ئورناپ كەتكەن ئاشۇ ۋەدىلەر قېنى؟ ئاشۇ ئۇزاق يىللار داۋامىدا ئۇ ماڭا ئاران ئىككى پارچە خەت يازدى. كېيىن پەقەتلا خەت يازماس بولدى. ھاياتىمدىكى تۇنجى مۇھەببىتىم گويا بالىخانىغا تاشلاپ قويۇلغان كونا خاتىرىدەك يىللارنىڭ چاڭ-توزانلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغان ئىدى. كۈتمىگەندە ئۇ يەنە قولۇمغا چىقىپ قالدى. ئۇنىڭدىكى ئىزلار ئۆچۈپ تونۇغۇسىز بولۇپ كەتتىمىكىن ياكى چاڭ-توزان ئاستىدا ھېلىمۇ پارقىراپ يېلىنجاپ تۇرامدىكىن؟
     گۇگۇم پەردىسى يېيىلىشقا باشلىدى . ئەتراپ گويا خىيالدەك تۇتۇق، سېھىرلىك تۈس ئالدى. توساتتىن دەرەخلەر ئۈستىدىن قۇشلارنىڭ ئەنسىز قانات قېقىشلىرى ۋە چۇۋۇلداشلىرى ئاڭلىنىپ قالدى. ھايال ئۆتمەي ئورمانلىق دېڭىز دولقۇنىدەك شاۋقۇنلاشقا، دەرەخلەر ھەريان ئىرغاڭلاشقا باشلىدى. شاۋقۇن بارغانسېرى كۈچەيدى. سۆگەت شاخلىرى ئېچىنىشلىق غىرسىلداپ ئۇچى يەرگە تەگكىچە ئىگىلەتتى، ئاجايىپ بىر كۈچ بىلەن ئۆزىنى بىر پەس رۇسلايتتى. بىراق بوران مەيلىگە قويمايتتى. ئازابلىق ئېلىشىش يەنە باشلىناتتى... بوراندا چۇۋۇلغان چاچلىرىمنى تۈزىگەچ كەلگەن يولۇمغا قاراپ يۈگۈردۇم. شامال مەن بىلەن ئېيتىشاتتى، كەينىمگە كۈچ بىلەن ئىتتىرەتتى، چاچلىرىمنى چۇۋۇپ ئوينايتتى ، كۆڭلىكىمنى كۆپتۈرەتتى. خۇددى بالىلىق ۋاقىتلىرىمغا قايتقاندەك بولدۇم. شامالغا قارشى مۇشۇنداق مېڭىش ماڭا ئاجايىپ كۆڭۈللۈك تۇيۇلدى... يىراق قەدىمقى زامان بىلەن يېقىنقى ئۆتمۈش ئوتتۇرىسىدا، ھېسسىياتسىز تارىخ بىلەن قەلب سادالىرىم ئوتتۇرىسىدا ئەنە شۇنداق يېرىم كۈن ئېلىشتىم. چارچاپ ماجالىم قالمىدى.
     چۈشتىن كېيىن ھەممىمىز دوختۇرخانىغا يەنە بىر خىزمەتدىشىم پەرىزەنى يوقلاپ باردۇق. شۇنداق قاۋۇل، گۈزەل ھەم تېتىك بىر ئايال ئورۇقلاپ بىر تېرە ، بىر ئۇستىخان بولۇپ قاپتۇ. بىچارە ئۆيۈم، بالىلىرىم، خىزمىتىم دەپ تېنىم تاپمايتتى. راكنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ئىكەن. كۆڭلىدە ھەممىنى تۇيۇپ تۇرسا كېرەك. بىچارە تۆكۈلۈپ-تۆكۈلۈپ يىغلىدى، بىزمۇ يىغلىدۇق. ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۆزىمىز ئۈچۈنمۇ يىغلىدۇق. ئۇ ئىشخانىمىزنىڭ گۈلى، ئىككى ئايدا بىر چىقىدىغان ژۇرنىلىمىزنىڭ تۇۋرۈكى ئىدى. ھۆسۈندىمۇ، ئەقىلدىمۇ بار ، ھەممە كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان ھەقىقى ئايال ئىدى. دۇنيادا كامالەتكە يەتكەن گۈزەل شەيئىلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. بىراق ، ھەقىقىي گۈزەللىكنىڭ ئۆمرى قىسقا بولۇشى بىر قانۇنىيەتمىدۇ؟ قات-قېتىدىن سولۇپ، قۇرۇشقا باشلىغان بىر تال گۈل، كۆيۈپ، ئېرىپ، ئېقىپ تۈگىگەن، پىلدىرلاپ ئۆچۈش ئالدىدا تۇرغان شام ... بىر نەچچە ۋاقىتقىچە كۆز ئالدىمدىلا تۇردى.

* * *


     كەچتە ئۆيگە قايتقىنىمدا بالىلىرىم تېلىۋىزۇر كۆرۈپ ئولتۇرغان بولىدۇ. ئۇلار تېلىۋىزۇرنىڭ ئالدىدا چوڭ بولدى. تېلىۋىزۇردىن بەك كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندى. بىزنىڭ شۇ يېشىمىزدا كۆرمىگەن، ئاڭلىمىغان ئالەم ئايرۇپىلانى، ماشىنا ئادەم ، ئالەم كىشىلىرى ۋە ئۇچار تەخسە ھەققىدىكى پاراڭلار، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى نۇرغۇن ئىشلار ئۇلار ئۈچۈن سىر ئەمەس . ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلۇم مىكائىل جوردان بىلەن مىكائىل جېكسۇن توغرىسىدا خۇددى ئۆز سىنىپىدىكى بىرەر ساۋاقدىشى توغرىسىدا سۆزلەۋاتقاندەك ئىشەنچ بىلەن سۆزلەيدۇ. تاپقان پۇلىغا رىچارت كىلەيدىماننىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى سېتىۋالىدىغان قىزلىرىممۇ يېقىندىن بېرى مىكائىل جېكسۇنغا مەپتۇن بولۇپ كېتىشتى. ھازىر ئۆينىڭ ھەممىلا يېرىدە ، ئۇلارنىڭ كىتاب-دەپتەرلىرىنىڭ تېشىدىمۇ بۇ مەشھۇر نېگىر چولپاننى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
بالىلارغا نىسبەتەن تېلىۋىزۇرنىڭ پايدىسى كۆپمۇ ياكى زىيىنىمۇ؟ مەن دائىم شۇنداق ئويلايمەن، ئۇلارنىڭ ئەتىدىن-كەچكىچە تېلىۋىزۇردىن كۆرىدىغىنى خەقنىڭ، چەت ئەلنىڭ نەرسىلىرى، مۇنداق كېتىۋەرسە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالماسمۇ؟ كىچىك چاغلىرىمىزدا بىز ئۈچۈن مەجبۇرىيەت ھېسابلىنىدىغان مال بېقىش ، سۇ توشۇش، ئوتۇن يېرىش ،ئوت قالاش ، كۈل ئېلىشتەك ئىشلار ئۇلارنىڭ نەزىرىدە «ئالتۇن كەش» چۆچىكىدىكى يېتىم قىزنىڭ سەرگۈزەشتىسى، خالاس . ئۈچ كۈندە بىر قېتىم نۆۋەت بىلەن ئەخلەت تۆكۈش ئۇلار ئۈچۈن بىر بەختسىزلىك. جىلتىسىنى تاشلاپلا يۇمشاق دىۋاندا يانپاشلاپ يېتىپ كەچكىچە تېلىۋىزۇر كۆرۈش بىلەن ئۆتكەن بالىلىقتىن ئارزۇلىغۇدەك ، ئەسكە ئالغۇدەك بىرەر نەرسە قالارمۇ؟ ئۇزاقتىن بۇيان گېزىتكە مۇشۇ ھەقتە ماقالە يېزىشنى ئويلاۋاتىمەن. بىراق ئارزۇيۇم ئارزۇ پېتىچە قالدى. ھەر ئاخشىمى ئورنۇمغا ئۆزۈمنى ئاتقۇچە ئاران ماڭغۇدەك ھالغا كېلىپ قالىمەن . قايسى بىر كۈنى سائادەتلەرنىڭ ئۆيىگە كەلگەن چەتئەللىك تۇققىنى: «سىلەر ياشاشنى بىلمەيدىكەنسىلەر، ھاياتنى قەدىرلىمەيدىكەنسىلەر. نىمە ئۈچۈن چىرايلىق كىيىنىپ، گىرىم قىلىپ يۈرمەيسىلەر؟ نىمە ئۈچۈن كەچلىك كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بېرىپ كۆڭۈل ئاچمايسىلەر؟ ئايال كىشى ئۇيقۇسىز ، تاماقسىز قالسا مەيلىكى، پەردازسىز قالماسلىقى كېرەك»دېدى. ئۇنىڭ ئېيتقىنىمۇ توغرىدۇ،بىراق، ئۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ئېرىمنىڭ بىر كۈن بولسىمۇ ھاراق ئىچمەي ، بالدۇرراق قايتىپ كەلگنلىكىنى كۆرۈش ئىكەنلىكىنى بىلسە، نىمە دەركىن؟

     مەن تاتلىق ئۇيقىغا كەتكەن بالىلىرىمنىڭ ئايىغىدا ئولتۇرۇپ خىيال سۈرىمەن، قولۇم ئىشقا بارمايدۇ. ئۇ بۈگۈن ساق كېلەرمۇ ياكى مەستمۇ؟ خۇشال كېلەرمۇ ياكى خاپىمۇ؟ يېرىم كېچىدىكى تاراق-تۇرۇق، قىيا-چىيادىن بالىلىرىمنىڭ قارا باسقاندەك چۈشەكەپ ئويغانغان چاغدىكى بىچارە ھالىتىنى كۆرۈش، ئاشۇ نارىسىدىلەرنىڭ ئەڭ مەدەنىيەتسىز ئادەملەرنىڭمۇ ئاغزىدىن چىقمايدىغان ئەپسانە تىللارنى ئاڭلاۋېرىشىنى خالىمايمەن، زادىلا خالىمايمەن.
     بىر قېتىم ئابلىكىم يېرىم كېچىدە كېلىپ ، ئۇرىدىغاننى ئۇرۇپ، چاقىدىغاننى چېقىپ خورۇلداپ ئۇيقىغا كەتكەندە كىچىك قىزىم ئۇشتۇمتۇت: «ئاپا، ئۇنى بالكۇندىن تاشلىۋېتەيلى!» دېدى. يىگەن تاياقلىرىمغا يىغلىماي، قىزىمنىڭ ئاشۇ بىر ئېغىز گېپىگە يىغلىدىم. مۇشۇمۇ ئائىلە بولدىمۇ؟ مۇشۇنداق كېتىۋەرسە بالىلارنىڭ كۆڭلىدە ئۆچمەنلىكتىن باشقا نەرسىمۇ قالارمۇ؟
     يېشىمنى سۈرتىۋېتىپ: 
     - ئۇنداق دېمەڭ قىزىم، ئۇ سىلەرنىڭ داداڭلار ، ھەممىڭلارنىڭ دادىسى... - دېدىم. بىراق ئوغلۇم نەپرەتلەنگەن ھالدا سۆزۈمگە سۇئال بىلەن جاۋاب بەردى:
     - ئاپا، سىز قانداق بولۇپ مۇشۇنداق ئادەم بىلەن توي قىلىپ قالغانسىز ؟ مەن ئۇنىڭ مېنىڭ دادام بولۇپ قالغىنىدىن ئەپسۇسلىنىمەن.
     راست، قانداق بولۇپ مۇنچە بەختى قارا بولۇپ قالغاندىمەن؟ بىر-بىرىنىڭ قەدرىنى، ئىززەت- ھۆرمىتىنى قىلىشىپ ئۆتىدىغان ئادەملەر قانداق ئادەملەردۇ؟ دەپ ئويلاپ كېتىمەن .
     مەن دادامنىڭ تاماكا ھەم ناسۋال سېتىپ تاپقان جۇل-جۇل، پارچە -پۇرات پۇللىرى بىلەن باققان ۋە ئوقۇتقان ئالتە بالىسى ئىچىدىكى ئەڭ «تەلەيلىكى»ئىدىم. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يۇرتۇمغا ئاتا- ئانامنى يوقلاپ بارغان چېغىمدا دادامنىڭ مەن بىلەن ئەيمىنىپ ھەتتا سەل ئىزا تارتقاندەك كۆرۈشكۈنىم ھېلىمۇ شۇنداق ئېسىمدە. مەن ئۆيدە تۇرغان بىر ئاي جەريانىدا ئۇ ھېيت-بايراملاردا كىيىدىغان چىبەرقۇت شىم-تۇجۇركىسىنى كىيىپ يۈرگەن. ئانامغا، بىر تۇققانلىرىمغا ئىلگىرىكىدەك قوپاللىقمۇ قىلمىغان ئىدى. سىڭلىم بىلەن بىر قېتىم دۇكىنىغا تاماق ئېلىپ بارساق، دادامىڭ قېشىدا مېھمان بار ئىكەن. ئۇ مېھمانغا : «بىزنىڭ جەمەتىمىز ئەسلى ماڭا ئوخشاش مۇنداق ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇنلىنىدىغان كىشىلەر ئەمەس ئىدى. چوڭ دادام مىسىردا ئوقۇغان ، توشقان موللا كىشى بولىدىغان . خۇدانىڭ ئىلتىپاتى، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ ئەرۋاھىنىڭ قوللىشى بىلەن مېنىڭ بالىلىرىمنىڭ ئىچىدىن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى چىقتى. بۇنى ئويلىسام بالا باقىمەن دەپ چەككەن جاپايىم كۆزۈمگە كۆرۈنمەيدۇ... » دەۋېتىپتۇ. ئۇ ناھايىتى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ مېنى مېھمانغا تونۇشتۇردى. مېنىڭ ئۈرۈمچىدە كاتتا ئورۇنغا تەقسىم قىلىنغانلىقىمنى سۆزلەپ بىر ھازا ماختاندى. بىچارە دادام... ئەنە شۇندىن كېيىن ئۇ مېنىڭ كۆزۈمگە ئىلگىرىكىدەك تاش يۈرەك ، قوپال كۆرۈنمەيدىغان بولغان ئىدى. 
     بىر ئايدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە دادام كىشىلەر ئالدىدا ماختانغان «كاتتا ئىدارە»گە كەتتىم . دەسلەپتە مۇساپىرچىلىق ، يالغۇزلۇق خېلىلا ئېغىر كەلدى. ئۆزۈم چوڭ بولغان نامرات، ئەمما ئاۋات ئائىلەم، بىر تۇققانلىرىم، ئاتا-ئانام كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى. شۇ كۈنلەردە ماڭا قولىنى سۇنغان، كۈندەك ئوچۇق چىراي، ئىللىق مېھرى بىلەن قەلبىمنى ئىسسىتقان دوستۇم ماھىنۇر بولمىغان بولسا، ئىس-تۈتەك ئىچىدىكى بۇ سوغۇق، مېھرىسىز شەھەردىن كېتىپ قالغان بولاتتىم. ئۇ ئالىي مەكتەپنى مەندىن بىر يىل ئىلگىرى پۈتتۈرگەن ئېگىز بوي، ئاق يۈزلۈك، يوغان قارا كۆزلىرى چاقناپ تۇرىدىغان قىز ئىدى. توم قارا چېچىنى بىر تال قىلىپ ئۆرۈپ بېشىغا چەمبىرەك شەكلىدە ئورىۋالاتتى. بۇ ئۇنىڭغا بەك يارىشاتتى. مەن ئۇنىڭ چىرايلىقلىغىغا ، شوخ، ئەركىن مىجەزىگە ھەۋەس قىلاتتىم. ئۇنىڭ يىگىتى ئابلىكىممۇ مېنىڭ نەزىرىمدە دۇنيادا ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك يىگىت ئىدى. شەنبە، يەكشەنبىلەرنى ئۈچىمىز بىللە ئۆتكۈزەتتۇق. ھەر قېتىم ، ئابلىكىم كەلگەندە ئۇلارنى خالىي قالدۇرۇش ئۈچۈن سىرتقا ماڭسام ، ماھىنۇر: «ئابلىكىمنىڭ كەلگىنىگە خاپا بولدۇڭمۇ نىمە؟ ئۇنداق بولمىسا بىز بىلەن بىللە ئولتۇرىۋەر. ئابلىكىم ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ تويۇشۇپمۇ بولغان.» دەپ قولۇمدىن تارتىپ ئولتۇرغۇزۇپ قوياتتى. ئابلىكىم كېلىشكەن، چاخچاقچى يىگىت ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇش كىشىگە ئىنتايىن كۆڭۈللۈك تۇيۇلاتتى. بەزىدە ئۈچىمىز باغچىلارغا ، شەھەر سىرتىغا پۇخادىن چىققىچە ئويناپ قايتاتتۇق. شەنبە-يەكشەنبىلەردە توي-چايلارغا بىللە باراتتۇق، بۇ جەرياندا ماڭا تەكلىپ قويغۇچىلارمۇ بولدى. ماينۇر بىلەن ئابلىكىممۇ بىر نەچچە ساۋاقدىشىنى سايە قىلىپ بېقىشتى. ھەممىسىلا خېلى يامان ئەمەس بالىلار ئىدى. بىراق ، ئابلىكىم بىلەن ماھىنۇرنىڭ مەندە قالدۇرغان تەسىرى شۇنچە كۈچلۈك ئىدى. ماڭا دۇنيادىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى ماھىنۇرغا، يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى ئابلىكىمگە ئوخشىشى كېرەكتەك تۇيۇلاتتى. ئالدىمغا كەلگەن يىگىتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئابلىكىمگە سېلىشتۇراتتىم . ئۇلار يا ئابلىكىمدەك قامەتلىك ئەمەس، يا ئۇنىڭدەك چاخچاقچى ئەمەس، يا بولمىسا ئۇنىڭدەك قولى ئوچۇق ئەمەس بولۇپ چىقاتتى. خىيال قىلسام نى-نى ياخشى بالىلارنى ئەنە شۇنداق قىلىپ قولدىن بېرىپ قويغان ئىكەنمەن .
     ئۇلار ئىككىنچى يىلى ئۆكتەبىردە توي قىلماقچى بولۇپ يۇرتىغا كېتىشكەنىدى . بىر ئايدىن كېيىن ئابلىكىم ئۆزى يالغۇز قايتىپ كەلدى. بىر ئاخشىمى ئۇ مېنى يوقلاپ كېلىپ، ئازاپلانغان ھالدا ماھىنۇر ئىككىسىنىڭ توي ئىشى قانداق بۇزۇلغانلىقىنى ، ماھىنۇرنىڭ ئاتا-ئانىسى تاپقان لايىق بىلەن توي قىلماقچى بولۇپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. شۇنچە يىل يۈرۈپ ماھىنۇرنىڭ مال-دۇنياغا مۇنچە ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىكەنمەن، دەپ بەكمۇ ھەسرەتلەندى. شۇنىڭدىم كېيىن ئۇ پات-پات كېلىدىغان بولدى. كۈز ئايلىرىنىڭ سوغۇق ھەم تۇمانلىق بىر ئاخشىمى ئۇ مېنى سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى. ئىككىمىز قاراڭغۇ كوچىلاردا كىشىنىڭ يۈز-كۆزىگە مۇزدەك ئۇرىنىدىغان نەمخۇش ھاۋادا يۈرۈپ، شەھەرنى ئايلاندۇق. قاچانلاردىدۇر سىمىلداپ يېغىشقا باشلىغان يامغۇر ئۇشتۇمتۇت ئەدەپ كەتتى. ئىككىمىز يول بويىغا تاشلاپ قويۇلغان كونا قاراۋۇل بوتكىسىغا كىرىپ يامغۇردىن پانالاندۇق. تاماكا بىلەن قوي تېرىسىنىڭ ۋە چىرىگەن ياغاچنىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇرىدىغان كىچىككىنە بوتكا ئىچىدە ئابلىكىم ياغاچ تامغا چاپلىشىپ تۇرۇپ قەلبىدىكى ئازاب ۋە مۇھەببەتنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلىقىنى، يالغۇزلۇق، غېرىپلىق دەردىدە ئۆرتىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆكسۈپ يىغلىدى. ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئازاب ۋە مۇھەببەتنىڭ، ئاشۇ كۆز ياشلىرىنىڭ ماڭا تەئەللۇق ئەمەسلىكىنى مەن كېيىن بىلدىم . ئاشۇ كېچىنى كىرپىك قاقماي ئۆتكۈزدۈم. ئىچىمدە ئوتتەك بىر نەرسە لاۋۇلداپ ياناتتى، تامىقىم قۇرۇپ ، نەپىسىم بوغۇلاتتى. مەن بارلىقىم-ياشلىقىم ۋە مۇھەببىتىم بىلەن ئۇنى بەختلىك قىلىشنى ، ئۇنىڭ دەردلىك قەلبىگە ھەمدەم بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم-يۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، يېقىن دوستۇمنىڭ ياخشى كۆرگەن كىشىسى بىلەن توي قىلىشنى خالىمايتتىم. چۈنكى كۆڭلۈمنىڭ بىر يېرىدە ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ راستىنلا تۈگىشىپ كەتكەنلىكىگە ئىشىنەلمەيتتىم ھەم قىيالمايتتىم. بىراق مەن ئازابلىق روھىي كۈرەش قاينىمىدىن تېخى ئۈزۈپ چىقالماي تۇرۇپ ، تېخى بىر قارارغا كەلمەي تۇرۇپ ئۆزۈمنى تويى بولىدىغان قىز ھالىتىدە كۆردۈم. دەل توي كۈنىمىزگە ئۈلگۈرۈپ يۇرتىدىن قايتىپ كەلگەن ماھىنۇر ئۆز ھاياتى بەدىلىگە مېنىڭ مۇھەببەت، بەخت ھەققىدىكى خام- خىياللىرىمنى بىتچىت قىلىۋەتتى. ئابلىكىم بىرەر يىللارغىچە مېنىڭ چىرايىمغا قارىمىدى، يېنىمغا يېقىن يولىمىدى. ئويلىسام ئاشۇ چاغلاردا قانداقمۇ ئۆينى، ئابلىكىمنى تاشلاپ بېشىم قايغاني اقلارغا كېتىپ قالمىغىنىمغا، ئاشۇ كۇنلەرنى قانداقمۇ چىداپ ئۆتكۈزگىنىمگە ھەيران قالىمەن . بۇ بەلكىم مۇھەببەتنىڭ كۈچى بولسا كېرەك . چۈنكى مەن ئۇ چاغلاردا ئابلىكىمنى چىن قەلبىمدىن سۆيەتتىم، ئۇنىڭ ئاستا-ئاستا ماھىنۇرنى ئۇنتۇپ، رىئاللىقنى ئېتىراپ قىلىشقا تەشنا ئىدىم. بىراق كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلمىدىم. ماھىنۇرنى ئابلىكىملا ئەمەس ، مەنمۇ ئۇنتىيالمىدىم. ئۇخلاۋاتقاندا ، تاماق يەۋاتقاندا ياكى گەپلىشىپ ئولتۇرغاندا بولسۇن، ئۇنىڭ ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلاتتىم. يېرىم كېچىلەردە ئۇشتۇمتۇت ئويغۇنۇپ كېتىپ قالسام، ئابلىكىمنىڭ دېرىزە ئالدىدا پۇرقىرىتىپ تاماكا چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم. ئۇ شۇ ھالەتتە سائەتلەپ ئولتۇراتتى، گاھىدا مېنى قۇچاقلاۋېتىپ كۆزلىرى نەگىدۇر بىر يەرگە تىكىلىپ قالاتتى-دە ، ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ نېرى كېتەتتى. مەن ئۇنىڭمۇ ئۆينىڭ بۇلۇڭلىرىدىن ماھىنۇرنىڭ ئاپئاق نۇردەك سىماسىنى، ئەلەملىك كۆزلىرىنى كۆرىدىغانلىقىنى ، ئۇھ تارتىشلىرى ۋە ئاياق تىۋىشلىرىنى ئاڭلايدىغانلىغىنى بىلەتتىم. ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ماھىنۇر بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا، مۇھەببەت بىلەن مەجبۇرىيەت ئوتتۇرىسىدا نەقەدەر ئازاپلىنىپ، تېڭىرقاپ يۈرۈيدىغانلىقىنى سېزەتتىم. ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىيتتى، ھەممىدىنمۇ بىر ئەرۋاھ بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقان ئۆزۈمگە ئېچىناتتىم.
      بۇ ئېچىنىش بارا-بارا غەزەپكە، قارشىلىققا ئايلاندى. مەن ئۆيۈمدىكى ماھىنۇرنى ئەسلىتىدىغان ھەممە نەرسىنى ئۈچىمىز بىرگە چۈشكەن سۈرەتلەرنى، ئۇنىڭ ئابلىكىمگە توقۇپ بەرگەن پوپايكىسىنى، ئىككىسى بىللە ئالغان ، ئابلىكىم پات-پات قولىغا ئېلىپ سىلاپ كېتىدىغان كىتابلارنى كۆيدۈرىۋەتتىم. مۇشۇ ئىش تۈپەيلىدىن ئابلىكىم ماڭا تۇنجى قېتىم قول تەككۈزدى. مەن ئەسلى شۇ چاغدا بولسىمۇ ئۆينى تاشلاپ چىقىپ كېتىشىم كېرەك ئىدى. بىراق مەن چىقىپ كەتمىدىم، كېيىنمۇ چىقىپ كەتمىدىم. شۇنى ئويلىساملا ئۆزۈمدىن قاتتىق نەپرەتلىنىمەن .
      شۇندىن باشلاپ ئابلىكىم ھە دېسىلا ھاراق ئىچىۋېلىپ مېنى ئۇرىدىغان بولدى. ئۇ مېنىڭ ئېغىر ئاياغلىقىمنى ياكى تۇغۇتتىن يېڭى تۇرغانلىقىمغا قارىماي، چاچلىرىمنى تولغاپ ، تېگىگە بېسىپ مۇشتلايتتى، تېپەتتى. بۇنىڭغا پەقەت بىرەر ئېغىز گەپ ياكى يوقىلاڭ تاكاللىشىشلار باھانە بولاتتى. مەن ئۇنىڭ تەلۋىلىكىدىن ئالايغان ، قان، ئۆچمەنلىك تولغان كۆزلىرىگە قاراپ ئۇنىڭ نورمال ئادەملىكىگە ئىشىنەلمەي قالاتتىم. قورقۇپ تالاغا قېچىپ چىقىۋالاتتىم. بالىلىرىمنىڭ چوڭىنى يېتىلەپ، كىچىكىنى باغرىمغا بېسىپ، قاراڭغۇ كوچىلاردا بىر - ئىككى سائەت ئايلىنىپ يۈرەتتىم. ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىمدە ئۇ خورەك تارتىپ ئۇخلاپ قالغان بولاتتى. ئەتىسى ئەتىگەندە گويا ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك قوپاتتى ياكى بالىلاردىن، مەندىن ئەپۇ سورايتتى. ھەپتە-ئايلارنى تىنىچلىق، ئىناقلىق ئىچىدە ئۆتكۈزەتتۇق. ئاشۇ تىنىچ، خاتىرجەم كۈنلەرنىڭ ئالدىدا يىگەن تاياقلىرىم، ئىشتكەن ئاھانەتلىرىم كۆزۈمگە كۆرۈنمەيتتى. بىراق ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمايتتى. تۇيۇقسىز بىر كۈنى ئۇ يەنە غەرق مەست كېلىپ «سەن مېنىڭ ھاياتىمنى ۋەيران قىلدىڭ، قانداق بولۇپ سەن بىلەن تونۇشۇپ قالغان بولغايتتىم؟» دەيتتى. ھۇجرا ئۆيگە سولىۋېلىپ كېچىچە قوپاللىق بىلەن ئازاپلايتتى، خورلايتتى ، ئۇ خۇددى تۇرۇپلا ئادەمگە، تۇرۇپلا ئىبلىسقا ئايلىنىپ قالىدىغان غەلىتە مەخلۇققا ئوخشايتتى. كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇراتتى، سەسكەندۈرەتتى. لېكىن ئۇنى ئىبلىسقا چىقىرىۋېتىشكىمۇ كۆڭۈل ئۇنىمايتتى. چۈنكى ئۇنىڭ بىچارە، ئاق كۆڭۈل ۋاقىتلىرىمۇ بولاتتى. ئادەمنىڭ ئادەم بولمىقى تەس بولغىنىدەك، باشقىلارنى چۈشەنمىكى__ مەيلى ئۇ ئۆزى بىلەن شۇنچە ئۇزاق بىللە ياشىغان ئادەم بولسىمۇ __ ئاجايىپ تەس بىر ئىش ئىكەن . مەن ئابلىكىمنىڭ ماھىيىتىنى، ئۇنىڭ تۇغۇلىشىدىنلا شۇنداق ئىنسان ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ مۇنداق بولۇپ قېلىشىدا ئۆزۈمنىڭ ئەيىپلىك ئەمەسلىكىنى ناھايىتى كۆپ يىللاردىن كېيىن ئاستا-ئاستا چۈشەندىم. ئۆتكەن كۈنلىرىمنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم، ئۇنىڭ مېنى ھېچقاچان چىن كۆڭلىدىن سۆيمىگەنلىكىنى ئازراق بولسىمۇ قەدىرلىمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا ماڭا ھېچقاچان ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ باقمىغانلىقىنى ھېس قىلاتتىم. كەلگۈسىنى بولسا تەسەۋۋۇر قىلىشتىن قورقاتتىم ، ئۇ گويا تۇمان باسقان قەبرىلەر چوقچىيىپ تۇرغان ۋەھىمىلىك ھەم ئازابلىق دالىدەك كۆز ئالدىمغا كېلەتتى.
يىللاردىن بۇيان كۆزۈمنى توسىۋالغان خىيالىي پەردىلەر ئېلىپ تاشلىنىپ، خام خىياللىرىم بەربات بولغاندىن كېيىن، ھايات مەن ئۈچۈن يۈك، ئازاب بولۇپ قالدى. مەن خۇددى كېسەل تەگكەن قۇشتەك قانات-قۇيرۇقۇمنى يىغىپ، بېشىمنى ئىچىمگە تىقىپ شۈمشىيىپ قالدىم. دۇنياغا ھارغىن، سوغۇق نەزەر تاشلايتتىم. بىراق تۇرمۇش غېمى، خىزمەت يۈكى ماڭا بىردەممۇ ئارام بەرمەيتتى.
     ئادەملەرنىڭ پارتلاش خاراكتىرىدە كۆپۈيۈپ، ھايات يوللىرىمىزنىڭ ئېتىلىپ كېتىۋاتقانلىقى، بۇلغىنىپ كېتىۋاتقان ھاۋا، تەبىئىي پۇرىقى، تەمىنى يوقاتقان، گۈپۈلدەپ خىمىيىۋى ئوغۇت پۇراپ تۇرىدىغان كۆكتاتلار، بارغانسىرى ساختىلىشىپ كېتىۋاتقان ماللار ۋە ئادەملەر روھىم ھەم جىسمىمغا ھەر مىنۇت، ھەر سېكۇنت تەسىر كۆرسىتەتتى. تۇيۇقسىز يەر تەۋرەپ ئېگىز بىنالارنىڭ تېگىگە تىرىك كۆمۈلۈپ قېلىشتىن، راك كېسىلىگە گىرىپدار بولۇپ بولۇپ قېلىشتىن ۋايىم يەيتتىم. بالىلىرىم ئەتتىگەندە ئىشىكتىن چىقىپ كەتكەندىن تارتىپ كەچتە ساق-سالامەت قايتىپ كەلگۈچە، قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان جىنايى ئەنزە ۋە قاتناش ھادىسىلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ يۈرۈكۈم سۇ بولاتتى. مەن نورمال ئادەممۇ؟ بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل روھىي ھالەت بارمىدۇ، بۇنى بىلمەيتتىم. بىراق، بىر ئەتىيازدا ئىشخانامدىلا يىقىلىپ قالدىم. دوختۇرلار مېنىڭ كېسىلىمگە ئېنىق دىياگىنوز قويالمىدى. ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە غەرپچە دورىلار ماڭا ئانچە كۆپ تەسىر كۆرسىتەلمىدى. ئەكسىچە، ئاشۇ قېتىمقى داۋالىنىشتىن كېيىن تېخىمۇ جىمغۇرلىشىپ كەتتىم. مەن خۇددى پىلە قۇرۇتىدەك خىياللىرىمدا توقۇغان پىنھان ماكاندا ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم ياشايتتىم. ئۆزۈمنى گويا 100 ياشلىق مومايلاردەك سېزەتتىم. ئەمەلىيەتتە مەن تېخى بۈگۈن 39 ياشقا كىردىم. بۇنىڭدىن39 يىل ئىلگىرىكى مۇشۇنداق بىر كېچىدە ئانام بىر ئەسكى ئۆيدە تۇغۇت ئانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن مېنى تۇغۇپتۇ، مېنىڭ قىز ئىكەنلىگىمنى ئاڭلاپ، ماڭا قاراشنى خالىماي بېشىنى تام تەرەپكە قىلىپ يىغلىۋېتىپتۇ . بىچارە ئانام، ئۇ بەلكىم ئوغۇل تۇغۇش ئارزۇسىنىڭ يوققا چىققىنىغا يىغلىغاندۇ ياكى ئىككىلا سەۋەب باردۇ... ئەنە شۇنىڭدىن بۇيان مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمدىن خۇشال بولغان ياكى ئۇنى ئېسىمدە ساقلىغان بىرەر كىشى بولغان ئەمەس، پەقەت بىر تال پوچتا ئاتكىرىتكىسى، خاتىرىدە ئۇزاق ساقلانغان يوپۇرماق، جاھاننى بىر ئېلىپ تۆكۈلىۋاتقان كۈز يوپۇرماقلىرىلا ئۇنىڭ سىرتىدا، ئۇلار مېنى ئۇنتىمايدۇ، ھايات بەخش ئەتكۈچى لېرىك مۇزىكىغا ئوخشاش تەنھا، ئازابلىق قەلبىمنى يىلدا بىر قېتىم ئىللىتىدۇ...


ئوربېتا باشقا تېمىلار
ئوربېتا (1)ئوربېتا(2)ئوربېتا(3)ئوربېتا(4)ئوربېتا(5)
ئوربېتا(6)