باش بەت / ساقلايمەن

ئوربېتا(6)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-10 05:44 | ئاپتور: خالىدە ئىسرايىل | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

     سىرتتا مېنى ياز ئاخشىمىنىڭ سىم-سىم ساپ ھاۋاسى قۇچىقىغا ئالدى. مەن پىيادىلەر يولىنى بويلاپ ئالدىرىماي مېڭىشقا باشلىدىم، كەينىمدىن بىرسىنىڭ تېز-تېز، قاتتىق دەسسەپ ماڭغان قەدەم تىۋىشى ئاڭلاندى ۋە بارغانسېرى يېقىنلاشتى.كۈچلىك تاماكا پۇرىقى سىڭىپ كەتكەن ئەر كىشىنىڭ ھىدى بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى.
     - ياخشىمۇسىز ؟يېنىڭىزدا بىردەم ھەمراھ بولۇپ ماڭسام بولامدۇ؟
     مەن بۇرۇلۇپ قاراپ، بايىقى ئەر كىشىنىڭ غەمكىن كۈلۈمسىرەپ تۇرغان كۆزلىرىنى كۆردۈم ۋە كۈلۈمسىرىدىم. ئۇ مەن بىلەن يانمۇ-يان مېڭىشقا باشلىدى.
     - مەن سىزنى بىر يەردە كۆرگەنغۇ دەيمەن ؟__دەپ سورىدىم ئۇنىڭ سۆزلىرىگە جاۋاب بەرمەي. 
     - شۇنداقتەك تۇرىدۇ، بىراق ئۇنىڭ نىمە ئەھمىيىتى! بىر ئادەمنىڭ ئىسمىنىڭ نىمىلىكى، نەدە ئىشلەيدىغىنى، مەرتىۋىسى، جەددۇ-جەمەتى ۋاھاكازالارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە قۇرۇق گەپ. ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئاخماق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مۇھىمى، سىز كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈندىڭىز، بىر قاراپلا سىزنى كونا تونۇشۇمدەك ھېس قىلدىم، سىز بىلەن پاراڭلاشقىم كەلدى، شۇڭا كەينىڭىزدىن كەلدىم. مېنى يامان ئادەملەردىن ئىكەن دەپ ئويلاپ قالمىغانسىز ؟- ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى،- ھايات ئاجايىپ قىززىق نەرسە، بەزى ئادەملەر بىلەن ئۆمۈرۋايەت بىللەن ئۆتسەڭمۇ، ئۇلار ساڭا ئۆمۈرۋايەت يات پېتى قالىدۇ. بىراق بىرلا كۆرۈشكەن بەزى ئادەملەر ساڭا شۇنداق يېقىن بىلىنىدۇ...
     تېخى بايىلا خىيالىمدىن ئۆتكەن بۇ سۆز ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتاتتى.
     ئۇزاققىچە سۈكۈت ئىچىدە ماڭدۇق. ئىللىق، نەمخۇش، ساپ ھاۋا گويا يۈرەكنى يوغان، ئىللىق بىر قول سىلاۋاتقاندەك ھوزۇرلاندۇراتتى. مۇشۇنداق كەچتە، ئادەمسىز كوچىدا بىر ناتونۇش كىشى بىلەن كېتىپ باراتتىم-يۇ، كۆڭلۈمدە قورقۇش، ياتسىراشتىن ئەسەر يوق ئىدى. بەلكى ھېچ قاچان ھېس قىلمىغان بىر خىل خاتىرجەملىك ھەتتا بەختىيارلىق تۇيغۇسسىغا چۆمگەنىدىم.
     مەن ئۇنىڭ يەنە بىر نەرسە دەپ قېلىشىنى، ئارىمىزدىكى نازۇك ھەم سىرلىق مۇناسىۋەتنىڭ بىردىملا ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلاتتىم. ئەندىشە قىلغان ئىش ئاخىرى يۈز بەردى. بىر دوقمۇشتا ئۇ:
     - مۇشۇ كوچىدا بىر تۇققىنىمنىڭ ئۆيى بار. خالىسىڭىز بىردەم-يېرىمدەم ئولتۇرۇپ چىقايلى،- دېدى.
     - رەھمەت،- دېدىم ئوڭايسىزلىنىۋاتقانلىقىمنى كۈلكە بىلەن يوشۇرۇپ،- ئۆيدە بالىلىرىم يالغۇز قالغان. تېزرەك قايتمىسام بولمايدۇ...
     ئۇ يەنە بىر نىمىلەرنى دېمەكچىدەك يەرنى قاراپ بىر پەس تۇردى-دە،، بىردىنلا يانغا بۇرۇلۇپ تېز-تېز مېڭىپ كەتتى. ئۇنىڭ سەل مۈكچەيگەن قەددى كوچىنىڭ دوقمۇشىدا غايىپ بولغانغا قەدەر ھەسرەت ئىچىدە قاراپ تۇردۇم.ت ازا بىر يىغلىغۇم كەلدى، ئىنسان ئۆزى تەشنا بولغان مۇھەببەتنى كىشىلەر ئارىسىدىن تاپالماسمۇ؟ ئېغىر ھېسسىياتلار ئىلكىدە ئۆز- ئۆزۈمدىن يەنە بىر قېتىم سورىدىم.
     قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر مەن ئۇ كىشىنى ئۇنتۇمايمەن، ئۇنىڭغا قەلبىمنىڭ چوڭقۇر يېرىدە ئەڭ ياخشى تىلەكلىرىمنى ساقلايمەن.  چۈنكى ئۇ سوغۇق، بىپەرۋا، شەخسىيەتچى كىشىلەر توپى ئىچىدىن ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ كەلگەن ، قەلبىدە ئۆلگىلى ئۇزاق بولغان ھېسسىياتلارنى ئويغاتقان، ماڭا ئۆزۈمنىڭ بىر ئايا ل كىشى__يەنە كېلىپ كىشىلەرنى مەپتۇن قىلالىغۇدەك سېھرىي كۈچۈمنى تېخى يوقاتمىغان ھەقىقىي ئايال كىشى ئىكەنلىكىمنى تونۇتقان بىردىنبىر كىشى، ئۇنىڭغا رەھمەت .
     دەل شۇ چاغدا، سەل نېرىدا ، كوچا چىرىغىنىڭ ئاستىدا بىر ئەر بىلەن بىر ئايال ئۇچراشتى. ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى كونا ھەم پاسكىنا ئىدى. ئەرنىڭ چاچ-ساقاللىرى ئۆسۈپ كەتكەن، ئايالنىڭ چىرايى ئاپتاپتا قارىداپ كەتكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ چىرايىدىن چىقىپ تۇرغىنى ياسالمىلىق ئەمەس. بەلكى كۈچلۈك ھاياتىي ئىستەك . ئۇلار بىر-بىرىدىن بىرەر نەرسىنى يوشۇرۇپ كەتمەيتتى. ئانچە خەۋىپسىرىشىپمۇ كەتمەيتتى، كۆز يۇمۇپ ئاچقىچە ئارىلىقتا ئۇلار قول تۇتۇشۇپ كوچىنى كېسىپ ئۆتۈپ غايىپ بولۇشتى. شۇ تاپتا قەلبىمنى تىنىچسىزلاندۇرىۋاتقان نەرسىنىڭ نەپرەت ياكى سۆيۈنۈش ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. ئۆزۈمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ياكى ئاۋۇ ئاپتاپتا كۆيۈپ كەتكەن ئايالنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، پەقەت ماڭا قارىغاندا ئۇلارنىڭ خۇداغا يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلىمەن .
     خۇدا بەندىلىرىنى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشكە ياراتقان ئىدى. بىراق ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ تارىخىدا ئۆزلىرىنىڭ پۇت-قولىنى، ئەركىنلىكىنى چۈشەيدىغان ئەمىر-مەرۇپ، كويزا-كىشەنلەرنى كۆپەيتتىكى، ئازايتمىدى، تاكى يېقىنقى ئەسىرلەرگە قەدەر ئاتا-بوۋىلىرىمىز كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرگەن ئەر-ئاياللارنى، بولۇپمۇ ئاياللارنى جازالاشنىڭ ئىنسان ئەقلى يەتمەيدىغان ئاجايىپ ۋە قەبىھ ئۇسۇللىرىنى ئىجاد قىلىشتى. بىراق بۇ ئەمىر-مەرۇپ، جازالاش ئۇسۇللىرى يەنە بىر قىسىملارنىڭ چېكىدىن ئاشقان ئەيشى-ئىشرەتكىرى ۋە زىناخورلىقىنى ھېچقاچان توسىيالىغان ئەمەس...
     ئۆيۈمگە قايتىپ كەلدىم. دۇنيادا ئۆيدىن ياخشى نەرسىنىڭ يوقلىقىنى، بۇ دۇنيادا بالىلىرىمدىن يېقىن كىشىلىرىمنىڭ يوقلىقىنى ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك چوڭقۇر ھېس قىلغان ئەمەسمەن. شىرە ئۈستىدە قاتتىق-قۇرۇق نان، پېچىنىلەر چېچىلىپ ياتىدۇ، چەينەكتىكى چاي ئاللىقاچان سوۋۇپ قاپتۇ. مەن ئۇخلاۋاتقان بالىلىرىمنىڭ پىشانىسىدىن سۆيدۈم،يوتقانلىرىنى تۈزەپ قويدۇم. كىچىك قىزىمنىڭ كىرپىكلىرىدىكى ياش يۇقى تېخى قۇرىماپتۇ. قارىغاندا ئۇ ھازىرلا ئۇخلىغان ئوخشايدۇ. مەن ئاۋايلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ نەپ كۆزلىرىگە يەنە بىرنى سۆيدۈم.
     ئابلىكىم دېگەن قەرەلدە قايتىپ كەلدى.ئۇ كۆزۈمگە ئۆزگىرىپ، ياشىرىپ قالغاندەك كۆرۈندى. چاچلىرىنى كەينىگە قايرىپ تارىشىدا، ياش يىگىتلەردەك يۈرۈش-تۇرۇشىدا يوقالغىنىغا ئۇزاق بولغان بىر جۇشقۇنلۇق پەيدا بولغان ئىدى. بولۇپمۇ يەكشەنبە كۈنى ئۇنىڭ ئەتىگەندە قوپۇپ ھاجەتخانىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان يېپىلماس بولۇپ قالغان ئىشىكىنى ئوڭلاپ قويغىنى مېنى سەل ھەيران قالدۇردى. ئەتىگەنلىك تاماق ۋاختىدا ئۇ يەنە بالىلار بىلەن پاراڭلاشقاچ ئولتۇرۇپ «ئوغلۇم، چېچىڭ ئۆسۈپ قاپتۇ، ياسىتىۋەت» دېدى. قىزلارنىڭ باسنۇچكىسى كونىراپ قالغىنىنى كۆرۈپ، بازاردىن يېڭىسىنى ئېلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلدى. بالىلارنىڭ كۆزى ھەممىدىن ئۆتكۈر، ئۇلارمۇ «ۋۇي، دادام ئۆزگىرىپ باشقىچە ئادەم بولۇپ قاپتۇغۇ!»دېيىشتى. مەن ئىختىيارسىز ياش ۋاقىتلىرىمىزدىكى ماھىنۇر ئۈچىمىز بىللە يۈرگەن چاغلاردىكى خۇشخۇي، جۇشقۇن ئابلىكىمنى ئەسكە ئالدىم. ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭ چىن قەلبىدە سۆيىدىغان كىشىسى يېنىدا ئىدى، قەلبىدە مۇھەببەت ئوتى لاۋۇلداپ تۇراتتى. ئۇ شۇ تاپتا ئاشۇ يىللاردىكى ئابلىكىمگە نەقەدەر ئوخشايدۇ-ھە، مۇھەببەت ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ نەرسە. ئۇنىڭدا ھەممە ئادەمنىڭ ھەققى بار. ئابلىكىم مەندىن تاپالمىغان بەختىنى يەنە بىر يەردىن تېپىۋالسا نىمە بوپتۇ. ئۇنى مۇنچىۋالا ئۆزگەرتىۋەتكەن ئۇ ئايال كىمكىن ؟

     چۈشكە يېقىن ئۈستۈمدىكى قەۋەتتىن ئورۇندۇقلارنىڭ تاراق-تۇرۇقى ۋە ئاياغ تىۋىشلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. قارىغاندا قوشنىلار مېھمان چاقىرغان بولسا كېرەك. ھايال ئۆتمەي بىرى ئىشىكنى چەكتى. دەرۋەقە، ئۈستۈن قەۋەتتىكىلەر ئابلىكىم ئىككىمىزنى چىقىپ مېھمانلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇشۇپ بەرسەڭلار ، دەپ چاقىرىپ كىرىشىپتۇ.
     قوشنىلارنىڭ ئۆيىدە ئابلىكىم ئىككىمىز خۇددى ئۇستا ئارتىسلاردەك خۇشال-خۇرام، بەختلىك بىر جۈپنىڭ رولىنى ئالدۇق. مۇنداق چاغلاردا ئابلىكىم كونا ماھارىتىنى__ماڭا يادا بولۇپ كەتكەن بىر يۈرۈش قىززىق پاراڭلىرىنى ئىشقا سالىدۇ. بۈگۈنمۇ ئەر-ئايال مېھمانلار ئۇنىڭ چاخچاقلىرىغا، كېلىشكەن قەددى-قامىتىگە مەپتۇن بولۇپ كېتىشتى. مەن ساھىپخانلاردىن ئۆزرە سوراپ بالدۇرلا قايتىپ چىقتىم. بالىلارغا تاماق ئەتتىم، يۇيۇپ تەييارلاپ قويغان دەرىزە پەردىلىرىنى تاقىدىم، ئارقىدىن كىيىم تىكىش ماشىنىسىدا قىزلىرىمغا كۆينەك تىكىشكە باشلىدىم.
كەچكە يېقىن سىرتتا ئۇشتۇمتۇت شامال كۆتۈرۈلدى. ئىشىك-دېرىزىلەر تاراقلاپ، پەردىلەر ئۇچۇشقا باشلىدى. ئۇزاق ئۆتمەي شامال توختاپ، يامغۇر قۇيىۋەتتى. قورادا ئويناۋاتقان كىچىك بالىلار ھۈركىگەن قۇشلاردەك تاراپ كېتىشتى. ئاياللار بالكونغا يېيىلغان كىرلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى. ئۇدۇلدىكى بىنادا ئولتۇرىدىغان قۇش خۇمار بوۋاينىڭ ئايالى چىقىپ بالكونغا قاتار ئېسىۋەتكەن قەپەزلىرىنى ئەكىرىپ كەتتى. ئوغلۇم بىلەن چوڭ قىزىم تىلىۋىزۇر ئالدىدا ياپونىيەنىڭ كارتون فىلىمىگە مەپتۇن بولۇپ ئولتۇرىدۇ. پەقەت كىچىك قىزىملا يوق. كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىدىن قوپۇپ ئۇنى ئىزدەپ سىرتقا چىقتىم.
     يەر-جاھان يامغۇرنىڭ شاۋقۇنى بىلەن تولغان ئىدى. يامغۇر تامچىلىرى گويا ئاسمان بىلەن زىمىننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان سان-ساناقسىز سۈزۈك يىپچىلاردەك كۆرۈنەتتى. يۇيۇلۇپ پارقىراپ كەتكەن دەرەخلەر تەنتەنە قىلىۋاتقاندەك شالدىرلايتتى، دەرەخلەرنىڭ يوغان-يوغان يوپۇرماقلىرى سوغۇق سۇدىن شۈركەنگەندەك تىترەپ، سىلكىنىپ مەرۋايىت تامچىلارنى سىرغىتاتتى. قىزىم دەرۋازا تەرەپتىكى گۈللۈكتە، يۇمۇلاق شىپاڭنىڭ ئاستىدا يەرگە قاراپ زوڭزىيىپ ئولتۇراتتى. قولىدىكى ئىنچىكە تاياق بىلەن رەڭدار قاناتلىرىنى جۈپلەپ قېتىپ قالغان ئۆلۈك كېپىنەكنى ئاستا مىدىرلىتىپ، يىغلامسىراپ گەپ قىلىۋاتاتتى:
     - قاناتلىرىڭنى ئاچە، ئاچقىنە قاناتلىرىڭنى... ئەمدى ئۇچۇپ كەتسەڭ سېنى قوغلىمايمەن، ھەرگىز تۇتىۋالمايمەن، گېپىمنى ئاڭلىدىڭمۇ؟ ئۇچۇپ باققىنە قېنى...- ئۇ بىردىنلا قولىدىكى تاياقنى تاشلاپ يىغلىۋەتتى،- سەن ئۆلۈپ قالدىڭما؟ نىمىشقا مىدىرلىمايسەن؟ مەن...مەن...
قىزىم ئىككىمىز كېپىنەكنى يوغان بىر تۈپ دەرەخ ئاستىدىكى قۇرۇق يەرگە دەپتە قىلدۇق. ئۇ كېپىنەكنىڭ قەبرىسىگە كىچىككىنە بىر تال تاش بىلەن بەلگە سالدى. بالا قەلبى دېگەن - ھە ... 
     قىزىمنىڭ يۇمران قوللىرىدىن تۇتۇپ ئۆيگە قايتىۋاتقىنىمدا بىردىنلا ئىچىم ئاچچىق بولۇپ، كۆزۈمگە ياش كەلدى. ئۇ چوڭ بولۇپ ئادەم بولغۇچە قانچە-قانچە شېرىن چۈشلىرىنى، گۈزەل ئارزۇلىرىنى دەپنە قىلىۋېتەركىن...
     قىزىمنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆزۈمنى، ھاياتىمنىڭ داۋامىنى كۆردۈم. بىر ۋاقىتلاردا مەنمۇ ئۇنىڭدەك چېچىمنى ئىككى تال ئۆرۈپ، كېپىنەك ، يىڭناغۇچ قوغلايتتىم، ئويناپ ھارمايتىم، خۇددى ئۇنىڭدەك ھېسسىياتچان، رەھىمدىل ئىدىم، چوڭ بولۇپ مەكتەپكە كىردىم. ھەر قېتىم ئىمتاھان قەغىزىنى ئۆيگە كۆتۈرۈپ كەلسەم، ئانام: «سەن بولساڭمۇ ياخشى ئوقۇپ ئەركىشىنىڭ قولىغا قاراپ قالمايدىغان بول» دەيتتى، مەن ئانامنىڭ قولىدىن تارتىپ ئاشخانىغا ئېلىپ چىقىپ، قۇلىقىغا:«ئانا، مەن چوڭ مەكتەپلەردە ئوقۇپ، چوڭ يەرلەردە ئىشلەيمەن، شۇ چاغدا سېنى يېنىمغا ئېلىپ كېتىمەن، شۇنداق قىلسام سېنى داداممۇ، موماممۇ بوزەك قىلالمايدۇ»دەيتتىم.ئانام بۇ گەپلىرىمگە يىغلاپ تۇرۇپ كۈلەتتى. «خۇدايىم نىسىپ قىلسۇن، شۇ كۈنلەرگە يەتكۈزسۇن!»دەپ پىشانەمدىن سۆيەتتى.
     تالاي يىللار ئۆتۈپ كەتتى. ئالىي مەكتەپنىمۇ ئوقۇدۇم، چوڭ شەھەردىمۇ ئىشلىدىم. بىراق، تەقدىرىم ئانامنىڭكىدىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمىدى. مەن ئۆزۈمنى ئوڭشاپ، ھالىڭ قانداق ئانا ، دەپ بولغۇچە، ئانام بۇ دۇنيانىڭ ھەممە ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى تاشلاپ كېتىپ قالدى. ئانام ئۈچۈن ، كۆپۈككە ئايلانغان ئارمانلىرىم ئۈچۈن زار يىغلىدىم. بىراق، يەنە بىر ئويلىسام ئانامنىڭ مەندىن خاتىرجەم بولۇپ ،تەبەسسۇم ئىچىدە كەتكىنى ھەممىدىن چوڭ تەسەللىي ئىكەن.
     يامغۇر توختىماي يېغىۋاتىدۇ. گاھ ئىتتىك، گاھ ئاستا، يوغان-يوغان سۈزۈك تامچىلار چىراغتا پارقىراپ تۇرغان سېمونت يولغا ئوقتەك ئېتىلىپ چۈشۈشى بىلەنلا، سان-ساناقسىز ئۇششاق پارچىلارغا بۆلۈنۈپ يوق بولۇپ كېتىدۇ. نەدىدۇر يىغىلىپ كىچىك ئېقىن بولۇپ، زېرىكەرلىك شىرىلداپ، يەر ئاستى سۇ يوللىرىغا قۇيۇلىدىۇ.تېلىۋىزۇر تۈگىگىلى نەۋاق، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى مېھمانلارمۇ بىردەملىك تاراق-تۇرۇق، تەكەللۇپ سۆزلەردىن كېيىن ئۇزاپ كەتتى .مەن چىراقلارنى ئۆچۈرۈپ ئورنۇمغا كېلىپ يېتىپ، كۆزلىرىم بىلەن ماھىنۇرنى ئىزدەشكە باشلىدىم. مەن ئابلىكىمنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئۇزۇن كېچىلەردە ماھىنۇر بىلەن مۇڭدىشىمەن،دەرد-ئەلەملىرىمنى ئۇنىڭغا تۆكىمەن،بۈگۈن مەن ئۇنىڭ بۇلۇڭدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇق چۆككەن كۆزلىرىدە ھەرقاچانقىدەك ئەلەم ئەمەس، مۇلايىملىق ئىلتىچا يېلىنجايتتى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ:
     - سەن بىر ئەخمەق، ماھىنۇر، مەنمۇ شۇ ...

* * *

     ئۈستىلىمدە ئىككى پارچە باغاق تۇرىدۇ، بىرى قىزىل، بىرى ئاق. پەرىزەنى كۆمۈپ قويدۇق. دەل شۇ كۈنى بۆلۈم باشلىقىمىزنىڭ قىزىنىڭ تويى بولدى. بىر تەرەپتە يىغا - زارە، بىر تەرەپتە نەغمە-ناۋا. بىر ئايال خوتۇنلۇق ، ئانىلىق مەجبۇرىيىتىدىن خالاس بولدى، ئازابلىق ھاياتلىق مۇساپىسىنى ئاياغلاشتۇردى. يەنە بىر قىز قىزغىن ئارزۇ -ئۈمۈدلەر بىلەن بۇ مۇساپىگە قەدەم قويدى. بۇ يولدا ئۇنى نىمىلەر كۈتۈپ تۈرىدىكىن؟
پەرىزەنىڭ ئۆلۈمى ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ئانچە تەسىر قىلغاندەك كۆرۈنمەيتتى. ئۇنىڭ ھاياتىنى خورۇتۇپ، ئۆلگەندىمۇ بىر كۆزىنى ئارقىسىدا قويغان بىر تاللا شورلۇق قىزى بېشىغا كەلگەن پاجىئەدىن قىلچە خەۋەرسىز، ئادەملەر ئارىسىدا ناخشا ئېيتىپ، ئوسۇل ئويناپ، ئەڭ باغرى تاش ئادەملەرنىمۇ يىغلىتىۋەتتى. ئۇنىڭ ئېرى چىرايىنى قىلچە ئۆزگەرتمەي، ئادەتتىكىدەك سالاپەت بىلەن ئىشلەپ يۈردى. ئەرلەر تۇپراق بېشىغا چىقىپ كەتكەندە، بىر نەچچە ئايال بىر يەرگە يىغىلىۋېلىپ: «چاندۇرماي يۈرگىنى بىلەن خۇشلۇقتىن قىن-قىنىغا سىغماي قالغاندۇ...رەھمەتلىكنى خويمۇ قاخشاتقان ئىدى. ئۇنى ۋاقىتسىز ئۆلتۈرگەن ئاشۇ ۋاپاسىز ئېرى بىلەن ساراڭ قىزى!» «قاراپ تۇرۇڭلار، قىرقى توشا-توشماي ئۆيگە خوتۇندىن بىرنى ئەكىرىۋالىدۇ»دەپ غەيۋەت قىلىشتى.
     ئادەم دېگەن غەلىتە نەرسە، ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە يېتىپ ئاشقىدەك بەختسىزلىكىمىز تۇرۇقلۇق، باشقىلارنى كەچۈرەلمەيمىز، باشقىلارنىڭ دەردىگە يەتمەيمىز. نېمە دېگىلى بولىدۇ، پەرىزەنىڭ ئۆلۈمى ئازاپلانغان، بۇرۇقتۇرما بولغان ئىككى روھ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى قۇتۇلۇش بولىدۇ، بەلكىم...
     خېلى كۈنلەر بولدى. ماھىنۇر پەقەتلا كۆرۈنمەس بولدى. قەلبىمگە سىغمايدىغان ھېسسىياتلىرىم ،خىياللىرىممۇ، شۇلار بىلەن بىللە ساقلىنىپ قالغان ئاز-تولا كۈلكەممۇ يوقىلىشقا باشلىدى. ئۇ خۇددى مۇھەببەتمۇ، نەپرەتمۇ، شادلىقمۇ، قايغۇمۇ يوق، گۆردەك تىمتاس قاراڭغۇ ئۆيگە ئوخشاپ قالدى. بۇ بەلكىم قېرىپ كېتىۋاتقانلىقىمنىڭ ئالامىتىمىكىن؟ كۈن بويى ماشىنا ئادەمدەك ئىشلەيمەن، ئىشتىن چۈشۈپلا تاماق ئېتىمەن، ئۆي تازىلايمەن، كۆكتاتچى، يايماكەشلەردىن ھەربىر موچەننىڭ ئۈستىدە تىك تۇرۇپ نەرسە-كېرەك سېتىۋالىمەن، چىرايىم سوغۇق، جانسىز، مۇردىنىڭ چىرايىغا ئوخشايدۇ.
     گويا بىر مۆجىزە يۈز بەرگەندەك، ئابلىكىم كۆز ئالدىمدىلا ئۆزگەردى. مەنمۇ، بالىلارمۇ ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تېگىگە يېتەلمەي ھەيران قالدۇق. ئۇنىڭ كىيىنىشى، قەدەم ئېلىشى، چاچلىرىنى تارىشى... قىسقىسى ھەممىلا تەرىپى ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ .ھەممىدىن مۇھىمى، ئۇ بىردىنلا مۇلايىملىشىپ، خۇشخۇيلىشىپ قالدى. چىرايىدا چىن كۆڭلىدىن ئۇرغىغان كۈلكە پارلاپ تۇرىدۇ. ھەممىمىز ئۈچۈن ھايات ئىلگىرىكىدىن كۆپ يەڭگىللەشتى. ئۇ مەن بىلەن يالغۇز كېلىشتىن ئامال بار ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.ئىككىمىز يالغۇز قالغان چاغلىرىمىزدا كۆزۈمگە تىك قاراشقا پېتىنالمايدۇ، مەن ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇپ، ھۇجرىغا كىرىپ بولغۇچە ئۇخلىغان بولۇپ تام تەرەپكە قاراپ يېتىۋالىدۇ. ئەمما مەن ئۇنىڭ تۇرۇپ-تۇرۇپلا خۇرسىنىپ قويۇشلىرىدىن ئۇنىڭ ماڭا ئىچ ئاغرىتىۋاتقانلىقىنى، ئۆز بەختىدىن خىجىل بولىۋاتقانلىقىنى ۋە ۋىجدان ئازابى تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. بىراق مەن ئۇنى ئەيىپلىيەلمەيمەن. مۇھەببەت ئىنسان ئۈچۈن ھاۋادەك زۆرۈر نەرسە، دۇنيادا ئەسكى ئادەم بولمايدۇ. ھەر قانداق ئادەم__مەيلى ئۇ قەبىھلىكتە ھەر قانچە ئۇچىغا چىققان ئادەم بولسۇن، يۈرەك تارىنى تىترەتكۈدەك ھەقىقىي مۇھەببەتتىن بەھرىمان بولغىنىدا دۇنياغا قايتىدىن كۆز ئاچىدۇ .ئۇنىڭ قەلبىدە ئەڭ گۈزەل، ئەڭ نازۇك ھېس تۇيغىلار ئويغىنىدۇ. ئۇ پۈتۈن دۇنياغا مۇھەببەتلىك نەزەر تاشلايدۇ. ئۇنىڭ قەلبى ھېسداشلىق، چۈشىنىش ۋە كۆيۈمچانلىق بىەلن تولۇپ-تاشىدۇ، دۇنيا مۇھەببەت بىلەن نۇرغا تولىدۇ. قەلبى مۇھەببەتكە تولغان كىشىنى قانداقمۇ ئەيىبلىگىلى بولسۇن؟ 
     كۈز ئايلىرى كىرگەندە ئاغرىپ قالدىم، ھەر يىلى مۇشۇ پەسىلدە ئاغرىپ قالىمەن. كۈز مەنزىرىسى، تۆكۈلىۋاتقان يوپۇرماقلار ماڭا قېرىلىقنى، جۇدالىقنى، بىتخۇۋىننىڭ«ئۆلۈم»ناملىق سىمفونىيىسىنى ئەسلىتىدۇ. بىر نەچچە كۈندىن بېرى توختىماي قىززىپ كارۋاتتىن چۈشەلمىگەن ئىدىم. بۈگۈن ئۆزۈمنى خېلىلا يەڭگىل سەزدىم. بالكۇنغا ، تالا-تۇزىگە چىققىم كەلدى، بىراق تېخى چىقالمايمەن. چۈشتىن كېيىن سائادەت بىلەن دىلنار يوقلاپ كىردى. دىلنارنىڭ ئالتۇندەك سېرىق چاچلىرى، ياشلىق كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان قىياپىتىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالدى. سائادەت بىر ئاز پەرىشان كۆرۈندى، سەۋەبىنى سورىسام بۈگۈن ئەتتىگەن پېنسىيىگە چىقىش رەسمىيىتىگە قول قويغانلىقىنى ئېيتىپ كۆزىگە ياش ئالدى.
     - نىمىشقا يىغلايسىز؟ بالىلىرىڭىزنىڭ راھىتىنى كۆرىدىغان پەيتىڭىز ئاخىرى يېتىپ كەپتۇ! خۇشال بولۇڭ.50 يېشىڭىزنى تازا ئوبدان تەبرىكلەيلى، تەييارلىق قىلىڭ. ئۇ كۈنى سىز خانىشلاردەك ياسىنىپ تۆردە ئولتۇرىسىز، ئىبراھىمكام يېنىڭىزدا ئولتۇرىدۇ، مېھمانلارنى دىلنار ئىككىمىز كۈتىمىز...
     - بالدۇرراق پۇل يىغىش قىلىپ بىر نەرسە ئالايلى. ياخشىراق بىر نەرسە... بىر ئايال ياشلىقىنى، ئۆمرىنى سەرپ قىلغان ئىشلارنى تاشلاپ پېنسىيىگە چىقسا ، ھېچكىم ئۇنىڭ قەدىرىنى قىلمىسا قانداق بولىدۇ. بىز تازا بىر قەدىرىڭىزنى ئۆستۈرەيلى...
     سائادەت بارغانسېرى ئەدەپ خىرتىلداپ يىغلاشقا باشلىدى. بوپتۇ ، بىردەم يىغلىۋالسۇن، مۇنداق چاغدا سۇدەك ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمرى، نى-نى خۇشاللىق، خاپىلىقلىرى ئېسىگە كەلمەي قالمايدۇ كىشىنىڭ.
     كۈتمىگەندە، ئۇ ھېچكىم كۈتمىگەن بىر گەپنى قىلدى: 
     - ئۇكام... ئۇكام ئاسىيە، مەن ... ئەقىلسىز ھەدىڭىزنى كەچۈرەرسىزمۇ؟ ئاشۇ ... ئاتكىرتكىلارنى مەن سىزگە يىرتقۇزىۋەتكەن ئىدىم. سىز مېنىڭ گېپىمگە كىرىپ ھەممىنى يىرتىۋەتكەن ئىدىڭىز . . . ئەمەلىيەتتە ، مەن دەردىڭىزنى چۈشىنىمەن، ئابلىكىم تالادا كۆڭۈل ئاچىدۇ... بۇلارنى ئويلىسام...
     - نېمىلەرنى دەيدىغانسىز سائادەت ھەدە! ئۇلارنى مەن ئۆزۈم يىرتقان، سىز بىلمەيسىز... بۇ ئىشتا سىزنىڭ ھېچقانداق سەۋەنلىكىڭىز يوق. پەقەت تەغدىر شۇنداق.
     يالغۇز قالغان چېغىمدا ئۆزۈممۇ بىردەم يىغلىۋالدىم. ئابلىكىمنىڭ سىرتتا كۆڭۈل ئاچىدىغىنى ماڭا ئايان ئىش بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاش ماڭا ئېغىر كەلدى. بىر تۇرۇپ سائادەتنىڭ ساددىلىقىغا كۈلسەم، بىر تۇرۇپ ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكىدەك تاش يۈرەك ، ھېسسىياتسىز ئايال ئەمەسلىكىدىن سۆيۈندۈم. بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەك يارامنى ئېچىپ، ئۇنتۇلغان، يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قېتىغا كۆمۈلگەن ھېسسىياتلارنى يەنە ئويغاتتى. مەن غېرىپلىق باسقان كارۋىتىمدىكى يوغان ياستۇقلارغا چۆكۈپ يېتىپ ئىسكەندەرنى ئەسلىدىم. ئۇ شۇ تاپتا نەلەردە ،نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈيدىكىن؟ توۋا، بىر شەھەردە تۇرۇپ كۆرۈشمەيمىز، ئىزدەشمەيمىز، بىر چاغلاردا ئۇنى كوچىلاردا، ئاپتوبۇستا، ۋېلىسىپىتلىك كېتىپ بارغان چاغلىرىدا غىل-پال كۆرۈپ قالاتتىم. كېيىن پەقەتلا ئۇچراتماس بولدۇم. ئەگەر ئۆلۈپ قالسام ئۇ خەۋەرسىز قالىدۇ. ئۇ بىرەر ئىشقا يولۇقسا، مەنمۇ خەۋەرسىز قالىمەن. نېمىشقا ئۇنداق بولىدۇ؟ ئەجەبا بۇنىڭ ھەممىسىگە مەن ئەيىپلىكمۇ ؟مەن ئىسكەندەرگە ھەم ئۆزۈمگە ھەددىدىن ئارتۇق رەھىمسىزلىك قىلغاندىمەنمۇ؟ ياكى بۇ تەغدىرنىڭ ئىشىمۇ؟ ئاشۇ جىمجىت قىز كېچىسىنى مەن كىرپىك قاقماي ئۆتكۈزگەنىدىم. تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ تالاغا قارىسام، ئىسكەندەرمۇ دېرىزەمنىڭ ئارقىسىدىكى يولدا مېڭىپ يۈرۈپتۇ. ئۈستىبېشىنى قاپلىغان قار ئۇنى قار بوۋايغا ئوخشۇتۇپ قويۇپتۇ. كېتىپ بېرىپ دېرىزەمنىڭ ئالدىغا كەلگەندە قەدىمىنى ئاستىلاتتى، ئۈمۈد بىلەن بېشىنى كۆتۈرۈپ قارايتتى ۋە دىلىغۇللۇق ئىچىدە يۈرۈپ كېتەتتى، يەنە كېلەتتى... مەن ئۇنىڭ سوغۇق تەككۈزىۋېلىپ ئاغرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم.
     ئۇ ئۇشتۇمتۇت قەتئىي نىيەتكە كەلگەندەك بېشىنى كۆتۈردى. ئىتتىك-ئىتتىك مېڭىپ بىنانىڭ ئالدى تەرىپىگە قاراپ كەتتى. يۈرىكىم قاتتىق سوقۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى يەر يۈزىدىكى ھەممە سادانى بېسىپ كەتكەندەك بىلىنەتتى. شۇڭا ئىشىك چېكىلگەن دەسلەپكى مىنۇتلاردا مەن ئۇنىڭ يۈرۈكۈمنىڭ سوقىشى ياكى باشقا سادا ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلمىدىم.
     ئىشىك كەينى-كەينىدىن چېكىلدى، خېلىدىن كېيىن بىرىنىڭ يىراقلاپ كېتىۋاتقان ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى. ئارقىدىن گۆردەك جىمجىتلىق ئەسلىگە كەلدى. كۆز ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ تاراملاپ ئېقىشقا باشلىدى. تۇزلۇق كۆز ياشلىرىمنى يۈتۈپ، ئۇزاققىچە ھەيكەلدەك قېتىپ تۇردۇم. 
     قۇياش چىقتى، قۇياش نۇرى كېسەل چىرايلارغا ئوخشاش تاتىراڭغۇ، ھەسرەتلىك كۈلكىگە ئوخشاش جانسىز، ھارارەتسىز ئىدى. دېرىزەمنىڭ يېنىدىن قارا رەڭلىك پىكاپ ئوتۈپ كەتتى. ئۇنىڭدىن ياۋرۇپالىق ئاقسۆڭەك ئاياللارغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھېلىقى ئايال چۈشتى. مەن يالىڭاچ دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدىن ئۇدۇلدىكى بىنا ئالدىغا توپلاشقان كېسەللەر، دوختۇر، سېستىرالارنى كۆردۈم. كۆپ ئۆتمەي پىكاپ كۆز ئالدىمدىن غۇيۇلداپ ئۆتۈپ، دەرۋازا تەرەپكە قايرىلدى ۋە ئاشۇ يەردە غايىپ بولدى.
     دەسلەپكى ياز ئايلىرىدا ئىككىمىز ئاشۇ يەردە ئۇچراشقان، كېيىنمۇ قىزىلگۈل پۇرىقى ئىچىدە يىراقلاپ كەتكەن. مەنمۇ قەبرىستانلىقتىكى چىغىر يولدەك جىمجىت مەنزىلىمگە يۈرۈپ كەتكەنىدىم.
     ھەممە بىر پەستىلا ئۆتمۈشكە ئايلاندى. ئۇنىڭدىن كۆڭۈللەردىكى ئەسلىمىلەردىن باشقا نەرسە قالمىدى.
     مۇھەببەت گۈلى ئىنتايىن نازۇك، ئۇ پەقەت يۈرەكتىلا سۇلماي ساقلىنىپ قالالايدۇ. ئۇ رىئاللىقتىكى بوران-مۆلدۈرلەرگە، پاسكىنا سۇلارغا بەرداشلىق بېرەلمايدۇ.
     مەن پۇشايمان قىلمايمەن. مېنىڭ كۆڭلۈم تىنچسىزلىقتىن، ۋىجدان ئازاۋىدىن خالىي. بارى پەقەت كونا كېسەلدەك پات-پات قوزغۇلۇپ تۇرىدىغان ھېجران ئازابى، تۈگىمەس ئەسلىمىلەر، ئۇلارنى مەن گۆرۈمگە ئېلىپ كېتىمەن.
     كەچ كىرىشكە باشلىدى. ئۇزۇن، ئىسسىق ياز ئايلىرى قېنى؟ سىرتتا ئادەملەرنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى، ئۇششاق بالىلارنىڭ قىيا-چىيالىرى كۆپەيدى. قايسى بىر ئۆينىڭ بالكونىدىن ۋالىس مۇزىكىسى ئاڭلىنىۋاتاتتى. بالكونغا شۇنچىلىك چىققىم بار، قاچانمۇ ساقىيىپ چىققۇدەك بولارمەن؟ سائادەتنىڭ 50 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەش چېيىغىچە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتسەم بولاتتىغۇ.

     خاتىرىگە يېزىلغان خەتلەر مۇشۇ يەردە ئاياغلاشقانىدى. ئاخىرىغا بىر نەچچە بەت ئايرىم قەغەز چاپلانغان بولۇپ، بۇ قەغەزلەرمۇ ئىمىر-چىمىر خەتلەر بىلەن تولغانىدى. مەن بۇ خەتلەرنىمۇ قالدۇرماي ئوقۇدۇم:
     يات بىر ئۆينىڭ بالكونىدىن قاراپ تۇرغانلىقىم ئېسىمدە، كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرە شۇ قەدەر يوچۇن. بىر-بىرىگە شۇ قەدەر ئوخشاپ كېتىدىغان سۈرلۈك بىنالار، تەرەپ-تەرەپكە سوزۇلغان يوللار، پارچە-پارچە گۈللۈكلەر، توپا، ئەخلەت دۆۋىلىرى... بۇ ئوڭۇممۇ -چۈشۈممۇ؟ بۇ قەيەر؟ ئاۋۇ يوللاردا پېتىشماي كېتىۋاتقان ئادەملەرچۇ؟ ئۇلر قەيەردىن كەلگەن ، قايەرگە مۇنچە ئالدىرىشىدۇ؟ ئاللىقاچان پەيسى كەتكەن گۈللۈكتە ئويناپ يۈرگەن كېپىنەكتەك رەڭدار لېنتا چىگكەن كىچىك قىز نېمىدىگەن ئوماق...
     يىراق بىر يەردە ئىشىك چېكىلدى. بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم، ئالدىمدا قەددى-قامەتلىك، ئەمما يات بىر ئەر كىشى تۇرىدۇ. قولىدا سومكا، خۇددى ئۆز ئۆيىگە كىرگەندەكلا كىرىپ كېلىۋاتىدۇ.
     - بىرىنى ئىزدەمسىز؟__مەن ئالدىغا ئۆتۈپ سورىدىم. ئۇ ماڭا غەلىتە بىر قاراپ قويۇپ يانداپ ئۆتۈپ كەتتى.مەن ئۇنى يەنە توسىۋالدىم. 
     - سىز كىمسىز؟ نىمە ئىشىڭىز بار؟
     ئەر كىشى ماڭا دىققەت بىلەن قارىدى. سەل مەسخىرە ئارىلاش، ئەستايىدىل قىياپەتتە:
     - ئاسىيە، چاخچاق قىلىۋاتامسەن، ياكى راستىنلا ئېلىشىپ قالدىڭمۇ؟__دېدى.
     - ئاسىيە؟ ئاسىيە دېگەن كىم ؟ ئۇنى تونۇمايمەن، سىزنىمۇ تونىمايمەن، سىز چىقىپ كېتىڭ، چىقىپ كېتىڭ!
     - چىققىڭ بولسا سەنلا چىق، بۇ مېنىڭ ئۆيۈم.
     مەن بىردىنلا ئەتراپىمغا ئەلەڭلەپ قارىدىم. يۈگرەپ ئۆيلەرگە كىرىپ چىقتىم. بۇ شۇنچىلىك يوچۇن، مەن ئەزەلدىن كۆرمىگەن ئۆيلەرغۇ؟ مەن كىم ؟ بۇ قەيەر؟
     مەن بىردىنلا ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتىم. كېپىنەكتەك رەڭدار لېنتا چىگكەن كىچىك قىز كىرىپ كەلدى، قوللىرىمنى تارتتى، ياشلىرىمنى سۈرتتى، مەن ئۇنى تونۇمىدىم. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتمەكچى بولىۋىدىم، قىزچاق ماڭا ئېىسلىۋالدى، مەن گاڭگىراپ قالدىم، باياتىن بىر چەتتە چەكچىيىپ قاراپ تۇرغان ئەر كىشى ماڭا ۋارقىرىدى:
     - ئاسىيە، ساراڭلىق قىلما، بۇياققا كەل، بۇ سېنىڭ قىزىڭغۇ، تونىيالمايۋاتامسەن؟
     - يالغان، مەن بۇ قىز بالىنى تونۇمايمەن، سىزنىمۇ تونۇمايمەن... مەن بۇ يەرگە قانداق كىرىپ قالغاندىمەن...؟
     - ئاسىيە، بۇياققا كەل، كارۋاتتا يېتىپ بىردەم ئۇخلىۋال، بەك چارچاپ كەتكەن ئوخشايسەن، ئۇخلىۋالساڭ ياخشى بولۇپ قالىسەن....
     قانداقلارچە ئۇخلاپ قالدىمكىن، كۆزۈمنى ئاچسام ئۆي ئىچى يوچۇن ئادەملەر بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ. ئاق خالات كىيىۋالغان بىر ئەر بىلەن بىر ئايال مەندىن توختىماي سوئال سورىدى. مەن ئەزەلدىن كۆرمىگەن بىرمۇنچە ئەر -ئاياللار، بالىلارنى كۆرسۈتۈپ «بۇلارنى تونۇمسىز»دېدى. 
     - تونۇمايمەن ،مەن تونۇمايمەن! سىلەر مېنى قىينىماڭلار...__ مەن يەنە ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتىم. ئۇلار مېنى ئاپئاق كىچىك مىنبوسقا سېلىپ دوختۇرخانىگە ئاپاردى. ئۇ يەردىكى كىشىلەرمۇ مەندىن توختىماي سۇئال سورىدى. ئۇلار ئاخىرىدا مېنىڭ يىراق، تېپتىنىچ بىر يەرگە ئاپىرىۋېتىشتى. بۇ بۈككىدە ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان مەنزىرىلىك جاي. يولنىڭ ئىككى چېتىدە گۈللەر بىلەن قاراياغاچلارنىڭ ئارىسىدا يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقلار بار. مەن ھەر كۈنى ئاشۇ ئورۇندۇقلاردا سائەتلەپ ئولتۇرىمەن. ئۇدۇلدىكى تارغىنە سىمۇنت يول سەھەردە ھەم كۈن پېتىۋاتقان پەيتتە ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەندەك ۋالىلدايدۇ. چۈشتە ئىسسىقتىن ھاسىراۋاتقاندەك كۆرۈنسە، چۈشتىن كېيىن تىنجىق ھەم زېرىكەرلىك بولۇپ قالىدۇ. يامغۇر ياغقاندا ئۇ يەر-بۇ يەردەكىچىك كۆلچەكلەر ھاسىل بولىدۇ. يامغۇردىن كېيىن قۇشلار ئۇ كۆلچەككە سۇ ئىچكىلى كېلىدۇ.
     ئۆتمۈش مەن ئۈچۈن باش -ئۇچى يوق قاراڭغۇلۇق، ھازىر بولسا تۈگىمەس سۇئالدىنلا ئىبارەت. بۇ سۇئاللار مېنى قىيناپ ھالىمنى قويمايدۇ. مەن سۇئاللاردىن ئەرۋاھتىن قورققاندەك قورقىمەن. ئۇ ھەقتە ئويلاشنى خالىمايمەن. مەن كۆز ئالدىمدىكى ناتونۇش دۇنياغا ھارغىن نەزەر تاشلايمەن. سەل نېرىدا كىچىك بىر قىز يىڭناغۇچ تۇتۇپ ئويناۋاتىدۇ. ئۇنىڭ كۆڭلىكى، چاچلىرى، كىچىك قوللىرىنى ئالدىغا سوزۇپ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن يىناغۇچقا ئاستا يېقىنلىشىۋاتقان ئاشۇ ھالىتى شۇ قەدەر سۆيۈملۈك، ئۇ بۈگۈن بىر تالمۇ يىڭناغۇچ تۇتالمىدى. ھەر قېتىم يىڭناغۇچلار ئۇنىڭ بارمىقى ئارىسىدىن ئۇچۇپ كەتكەندە مېنىڭ كاللامدىكى يىڭناغۇچقا ئوخشايدىغان سوئال بەلگىلىرىمۇ غايىپ بولىدۇ... يىڭناغۇچ ئەينەكتەك سۈزۈك قاناتلىرىنى دىرىلدىتىپ ئۇچۇپ كەتمەكچى بولدى-يۇ، يەنە توختاپ قالدى. قىزنىڭ بۇدۇرۇق بارماقلىرى يىڭناغۇچقا تېخىمۇ يېقىنلاشتى، قاناتلىرىغا تېگەي-تېگەي دەپ قالدى... ئاھ ، ئۇنىڭ ئاشۇ چىرايلىق يىڭناغۇچنى تۇتىۋېلىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتىم-ھە ! مەن كۆزلىرىمنى يۇمۇۋالدىم ...


ئوربېتا باشقا تېمىلار
ئوربېتا (1)ئوربېتا(2)ئوربېتا(3)ئوربېتا(4)ئوربېتا(5)
ئوربېتا(6)