باش بەت / ساقلايمەن

ئوربېتا(4)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-10 05:42 | ئاپتور: خالىدە ئىسرايىل | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

     ئىككى تەرىپى پورەكلەپ ئېچىلغان ئەتىر گۈللەر، ياپيېشىل چاتقاللار، گىلەس شاخلىرى بىلەن قاپلانغان تارغىنە يول... ئاشۇ يول سەھەر تۇمانىدا تۇمانىدا ئاقىرىپ كورۈنۈشكە باشلىغاندا، مەن دەرىزەمنىڭ تۈۋىدىكى قانداقتۇر بىر قۇشنىڭ سوزۇپ-سوزۇپ، خۇرسىنغاندەك سايرىشىدىن چاچراپ ئويغىناتتىم. ئورنۇمدىن تۇرۇپ، دېرىزىدىن قاراپ، يولدا ئايلىنىپ تۇرغان ئۇنى كۆرەتتىم. ئۇ يەردىن بېشىنى كۆتۈرمەيتتى. تاڭ شەبنىمىدە ياشناپ كەتكەن گۈللەر، قۇشلارنىڭ سايراشلىرى ئۇنى جەلب قىلالمايتتى. ئۇ ئادەملەردىن قېچىپ قانداقتۇر چوڭقۇر خىياللارغا پېتىپ يۈرەتتى. ھەر يەكشەنبە كۈنى ئۇنى14_15 ياشلاردىكى بىر قىز ئىزدەپ كېلىدۇ. ئۇ قىزى بىلەن قارا ياغاچلارنىڭ ئارىسىغا قويۇلغان ئورۇندۇقتا ئۇزاق ئولتۇرىدۇ. بىر قېتىم ئۇنى چىرايلىق بىر خانىم ئىزدەپ كەلدى، ئۇ قارىلىق تۇتقاندەك ئۇزۇن قارا كۆڭلەك، قارا پايپاق، قارا پەلەي كىيىۋالغان ئىدى. قولىدىكى قارا-ئاق يوللۇق سومكىسىدىن تاماق قاچىسى، قەغەز بولاقلار كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بۇ قېتىم ئۇلار سىرتقا چىقمىدى، مەن ئۇلارنىڭ قاراياغاچلىقتىكى ئورۇندۇقتا يانمۇ-يان ئولتۇرۇشقان، نەم چۆپلىكتە قولتۇقلىشىپ مېڭىپ يۈرگەن قىياپىتىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتىم. نىمە دېگەن قاملاشقان جۈپلەر-ھە، مەنمۇ شەنبە-يەكشەنبىلىرى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىمەن. كۆپۈنچە ئوغلۇم بىرەر سىڭلىسى بىلەن بىللە كېلىدۇ. بەزىدە بالىلار بىلەن بىللە ئابلىكىممۇ كېلىدۇ، بىراق ئۇ مېنىڭ يېنىمدا ئۇزاق تۇرمايدۇ، ئەگەر ئەتراپىمىزدا بالىلار بولمىسا ئىككىمىز قىلىشقۇدەك گەپمۇ تاپالماي قالىمىز. ئۇ بالىلارنى ئېلىپ كېتىپ قالغاندا ئۆزۈمنى ئادەمسىز يالغۇز ئارالدا تاشلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن.
     ھەش- پەش دېگۈچە بىر نەچچە ھەپتە ئۆتۈپ، ساناتورىيىدىكى ياز ئوتتۇرلاشتى. يېشىللىق گويا تەڭداشسىز، زور گۈلخاندەك كۈنسېرى زورىيىپ، ھەممە يەرنى قاپلىدى. ئۆستەڭ بويى، بىنالارنىڭ ئارقىسىدىكى تۆپىلىك قويۇق دەل-دەرەخ ، ئېگىز ئېگىز ئۆسكەن ئوت-چۆپلەرنىڭ ئاستىدا يوقالدى. كۈندۈز ئۇزۇن ۋە تىنجىق ئىدى. كېچىلىرى ئاسمانغا يۇلتۇزلار تولۇپ كېتەتتى. كىشىلەر ئاسمانغا قارىشىپ، ئەتە يەنە ئىسسىق بولىدىغان بولدى، دېيىشەتتى. ئەتىسى راستىنلا ئىسسىق بولاتتى، ئىسسىق كۈنلەرنىڭ چېكى يوقتەك تۇيۇلاتتى. بىراق بۇ ئىسسىقنىڭ ئۇزاققا بارمايدىغانلىقى، ئۈرۈمچىنىڭ يېزى چۈشتەك قىسقا بولىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان ئىدى.
     ھېلىھەم سەھەردە ئۇنىڭ دېرىزەمنىڭ ئۇدۇلىدىكى يولدا ياكى شەبنەم باسقان چۆپلۈكتە ئايلىنىپ يۈرگىنىنى، بەزى كۈنلىرى چۈشتىن كېيىن تاش ئۆستەڭنىڭ نېرىسىدىكى ئورمانلىقتا قولىنى كەينىگە تۇتۇپ مېڭىپ يۈرگىنىنى كۆرىمەن. ئۆتكەن شەبنبە كۈنى چىملىقتا ئۆتكۈزۈلگەن تانسىدا ئۇ ماڭا:«سېنى كۆزلىرىم ئەمەس يۈرۈكۈم تونۇيدۇ، مەن سېنى كەلگەن كۈنۈڭ تونۇۋالغان» دېدى. ئاشۇ ئىسسىق چىراي، ئاشۇ قامەت مېنىڭ قەلبىمگىمۇ شۇ قەدەر تونۇش، شۇ قەدەر يېقىن. ئۇ مېنىڭ بالىلىقنىڭ پاك ۋە خىيالىي دۇنياسىغا، سەبىي ياشلىقنىڭ، تۇنجى سۆيگىنىڭ شادلىق ۋە ئازابلىرىغا باغلايدۇ...
     ئەتىيازدىكى قار- يامغۇر، پاتقاق دەستىدىن ئوڭغۇل-دوڭغۇل بولۇپ كەتكەن، ئېشەك ھارۋىسى ئاران پاتىدىغان تار كوچا، بىر-بىرىگە چاپلاپ سېلىنغان دوپپىدەك كىچىك ئۆيلەر، ئۆيلەرنىڭ ئالدىدىكى بالىلىرىنى باققاچ مۇڭدىشىپ، باش بېقىشىپ ئولتۇرىشىدىغان ئاياللار، كوچا بېشىدىكى كونا مەسچىت، چىلەك، چۆگۈن، ئەپكەش كۆتۈرۈپ دەريا بويىغا سۇغا بارىدىغان قىز-چوكانلار ۋە ئۇششاق بالىلار... خىيالىمدىكى ئاشۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ قايسى بىرىدە ئۇ يوق؟ ئىسكەندەر ۋە ئۇنىڭ ئەخمەتجان ئىسىملىك ئىنىسى ھەر كۈنى ئەتىگەندە مېنى كوچىنىڭ بېشىدا ساقلايتتى. ئۈچىمىز ئاشۇ يوللاردا تالاي يىللار ماڭدۇق، ئاشۇ يوللاردا ئۆسۈپ يېتىلدۇق، كېيىن يىراق بىر يېزىغا «قايتا تەربىيە» ئېلىشقا ئۈچىمىز بىرلىكتە كەتتۇق. 
     ئەخمەتجان ئادەم يوق يەرلەردە مېنى «يەڭگە» دەپ چاقىرىپ جىلى قىلاتتى. ئوغۇت توشۇيدىغان، ئورما ئورۇيدىغان چاغلاردا ماڭا ياردەملىشەتتى. مۇنداق چاغلاردا مەن ئاكا-ئۇكا ئىككىسىنىڭ ئەمگەك نورمىسىنى يالغۇز ئۆزى ئورۇنداۋاتقان ئىسكەندەرنى ئويلايتتىم. بىكار بولساملا ئىككىسىنىڭ كىيىملىرىنى يۇيۇپ- ياماپ، تۈگمىلىرىنى قاداپ بېرەتتىم. ئەخمەتجان ئۆڭى قاراراق، يوغان قارا كۆزلۈك، ئاپئاق چىشلىرىنى كۆرسۈتۈپ كۈلۈپلا يۈرىدىغان ئىسسىق چىراي بالا ئىدى. زىيالى ياشلار ئەترىتىدىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى بىر تۇققان ئىنىسىدەك كۆرەتتى، ئەركىلىتەتتى، تۈرلۈك ئىشلىرىغا سالاتتى. ئىسكەندەر ئىنىسىنىڭ ئەكسىچە ئۇستىخانلىق، مىجەزى ئېغىر ئىدى. باشقا ئوغۇللاردەك قىزلارغا سۈركىلىپ يۈرمەيتتى. ئىشتىن كېلىپلا كىتابقا دۈم چۈشەتتى.
     يېزىدا ئۆتكەن كۈنلىرىمىزنىڭ ئىككىنچى يىلى كەلگەن پەسلىدە ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى دەرياغا سۇ چۆمۈلگىلى كېتىشتى. ئاخشىمى ئەخمەتجاننىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى كەلدى. ھەممىمىز دەريا بويىغا يۈگۈردۇق، كېچىچە قوللىرىمىزغا مەشئەل ئېلىپ، دەريانىڭ تېيىز جايلىرىنى، قىرغاقلارنى ئايلاندۇق. بىرەر مۆجىزە بىلەن ئۇنىڭ كۈلگىنىچە ئالدىمىزدىن چىقىپ قېلىشىنى، ھېچبولمىغاندا، جەسىتىنى بولسىمۇ تېپىۋېلىشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتۇق. ئەتىسى ھالىدىن كەتكەن قىز-ئوغۇللار بىر-بىرلەپ قايتىپ كېلىشتى. ئىسكەندەر ئىككىمىز دەريا ئېقىمىنى بويلاپ مېڭىۋەردۇق. سۇ يۈزىدە كۆرۈنگەن شاخ-شۇمبىلا، قىرغاققا چىقىرىپ تاشلانغان دەرەخ يىلتىزلىرى، كىچىك قۇم دۈمبەلچىلىرى، ھەممە نەرسە كۆزىمىزگە ئەخمەتجاندەك كۆرۈنەتتى. ئۈمۈدىمىز يوققا چىققاندا بولسا ھەسرىتىمىزنى ئىچىمىزگە يۈتۈپ يەنە ماڭاتتۇق، تاڭغا يېقىن ناتونۇش بىر يېزىغا يېقىنلاشقاندا ھەر ئىككىمىز ھالىمىزدىن كەتتۇق ئىسكەندەر ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدە ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ يىغلىدى، مەنمۇ ئۇنى يۆلەپ يىغلىدىم. ئاسماندا ئاخىرقى بىر تال يۇلتۇز نەمخۇش كۆزىنى گويا بىزگە ئىچ ئاغرىتىۋاتقاندەك چىمىلدىتاتتى. دەريا توختىماي شاۋقۇن سالاتتى، يىراقتىكى مەھەللىدىن خورازنىڭ چىللىغان ئاۋازى، ئىتنىڭ قاۋاشلىرى، ئەترەت باشلىقلىرىنىڭ كىشىلەرنى«ئەتتىگەنلىك دولقۇن»غا چاقىرىۋاتقىنى ئاڭلىناتتى. شۇ چاغدا ئەخمەتجاننى يۈتۈپ كەتكەن دەريانىڭ رەھىمسىز سۈيىگە قاراپ ئولتۇرۇپ ئىچىمدە بۇ دۇنيادا ئىسكەندەردىن باشقا ئەدەم بىلەن توي قىلمايمەن، دەپ قەسەم ئىچىۋەتكەن ئىدىم، ئارىدىن قانچە يىللار ئۆتۈپ كەتتى-ھە...تالاي ئىشلار ئۇنتۇلدى، لېكىن ئاشۇ ئىشلار، ئاشۇ كۈندىكى مەنزىرە ئۇنتۇلمىدى. ئاشۇ دولقۇنلۇق دەريانى، سەھەر ئاسمىنىدىكى ئاخىرقى بىر تال يۇلتۇزنى چۈشلىرىمدە تالاي قېتىم كۆردۈم. بولۇپمۇ 20 نەچچە يىلدىن كېيىن قايتا ئۇچراشقىنىمىزدا قەلبىمىزدىكى ئۆتمۈش خاتىرىلىرىنىڭ ئۇنتۇلمىغانلىقىنى ھەم مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق.
      بىر كۈنى گۈگۈم پەيتتە ئۇ مېنى ئىزدەپ كەلدى.
     - سەندە بىر كىتاب كۆرگەندەك قىلىۋېدىم، خاتالاشمىغان بولسام ماركوسنىڭ كىتاۋىغۇ دەيمەن؟
     مەن ئۇنىڭغا كىتابنى ئەپچىقىپ بەردىم. ئەتىسى، ئۆگۈنى ئۇنى ئۇچراتمىدىم. ئۈچىنچى كۈنى سەھەردە چىملىقتا گىمناستىكا ئويناۋاتسام ئۇ كەلدى. 
     - كىتابنى ئىككى كېچە-كۈندۈز ئوقۇدۇم. ئوقۇپ بولۇپ بىرەرى بىلەن شۇنچىلىك سۆزلەشكىم كەلدىكى... ئاخشام ئاۋۇ ئاغىنىمىزگە ساق بىر سائەت سۆزلەپتىمەن. سۆزلەپ بولۇپ قارىسام، كۆزىنى يېرىم ئېچىپ: «پولكوۋنىڭ ئورلىئانو دېگىنىڭىز ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىغا قاتناشقانمۇ؟» دەپ سورىمامدا...
     مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر ياتاقدا ياتىدىغان سۆلەتلىك كىشىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ ئىختىيارسىز كۈلىۋەتتىم.
     - مەن كىتاب ئوقۇپ بۇنداق ھاياجانلانمىغان... ئۇنىڭدا يېزىلغىنى ماڭا خۇددى ئۆزۈمنىڭ كەچۈرمىشى، ئۆزۈمنىڭ ھېسسىياتىدەك بىلىندى. مەنمۇ بۇنىڭدىن كېيىن بىرەر ھۈنەر ئۆگەنسەم، تا ئۆلۈپ كەتكىچە شۇ ئىش بىلەن شۇغۇنلانسام دەيتتىم... ئەدەملەردىن، ئىككى يۈزلىمىلىك، قۇۋلۇق-شۇملۇقلاردىن شۇنچىلىك بىزار بولدۇمكى...
     - ئۇنداق گەپنى ئامىتى قاچقانلار قىلسۇن،- دېدىم ئۇنىڭغا،- بىلىشىمچە سەن خېلى چوڭ بىر ئورۇننىڭ مەسئۇلىغۇ دەيمەن؟
     - ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا شۇنداق ئىدىم. بىر ئاخشىمى تۇيۇقسىز ۋەزىپەمدىن ئېلىپ تاشلاندىم، ئەتىسىلا سالامەتلىكىڭ ياخشى ئەمەس ئىكەن، داۋالان، دەپ بۇ يەرگە ئەكىلىپ تاشلاپ قويۇشتى...ب ۇ ئىشلارنىڭ ئارقىسىدىكى رەزىللىكلەرنىڭ تېگىگە يەتكەن ۋاختىمدا گويا ماركوسنىڭ كىتابىدىكى كىچىك بازار يەر شارىدىن غايىب بولغاندەك، قەلبىمدىكى سىرلىق قەسىرلەرمۇ غايىب بولدى. مەن يەنىلا ئەسلى ئۆزۈمگە__ئىككى تەرىپى ئۇششاق بالىلارنىڭ چوڭ-كىچىك تاھارىتى بىلەن توشۇپ تۇرىدىغان تار كوچىلارنى، كۆپ بالىلىق نامرات كاسىپنىڭ ئائىلىسىدە چوڭ بولغان ئىسكەندەرگە ئايلاندىم. بۇ بەرىبىر شۇنداق بولاتتى...
     كاشكى راست شۇنداق بولسا، ئۇ ئەينى يىللاردىكى ئىسكەندەرگە، مەنمۇ ئەينى يىللاردىكى ئاسىيەگە ئايلىنىپ قالالىغان بولساق... پەلەكنىڭ قىسمەتلىرىدىن ئايلىناي، ئۇ بىزنى ھەريان چۆگىلىتىپ، ئايلاندۇرۇپ، ھېرىپ-چارچىغان، گۈزەل ئارزۇلىرىمىزنى يوقىتىپ، ئۈمۈدسىزلىك پاتقىقىغا پاتقان چېغىمىزدا يەنە قايتا ئۇچراشتۇردى. بىز باراۋەر ئىدۇق، روھى ھاللىرىمىز، ئوي-پىكىرىمىز بىر يەردىن چىقاتتى. بىز بىرلا قاراش بىلەن ھېچقانداق گەپ-سۆزسىز بىر-بىرىمىزنى چوڭقۇر چۈشىنەلەيتتۇق.
     خۇددى ئەينى يىللاردىكىگە ئوخشاش، ئىسكەندەر ياتىقىنى كىتابخانىغا ئايلاندۇرىۋالدى. ئۇنىڭ كىتابلىرى ئىچىدە دىنغا، پەلسەپەگە، تارىخقا، ئىنساندىكى پەۋقۇلئاددە ئىقتىدار تەتقىقادىغا دائىر كىتابلار بار ئىدى.
     - مەن كىشىلىك ھايات قاينىمىدا ماجالىمدىن كەتكۈچە ئۈزدۈم. قاينام مېنى چەتكە چىقىرىپ قويغان چاغدا، تىنچ بىر قىرغاقنى ماكان تۇتۇپ، ئۆزۈم ۋە ھايات ھەققىدە چوڭقۇرراق ئىزدەنمەكچى بولدۇم. مەن ئىنسانىيەت تارىخىنى، دىننى، شەرق ۋە غەرپ پەلسەپىسىنى تەپسىلىي ئۆگىنىپ چىقماقچىمەن،__ دەيتتى ئۇ.
     ئەمدى ساناتورىيىنىڭ ئىسسىق ياز كۈنلىرى ئانچە زېرىكىشلىك بىلىنمەيدىغان بولدى. بىز ھەركۈنى تاڭ سەھەردە ياكى سالقىن كەچلەردە ئۇچرىشاتتۇق. خۇددى بالىلىق ۋاقىتلىرىمىزدىكىدەك ئىللىق، شېرىن ھېسسىياتلار ئىچىدە ئۇزاق پاراڭلىشاتتۇق.
     ھەر كۈنى كېچە بىر ۋاقىتلارغىچە ئۇخلىماي كۈندۈزدىكى ئىشلارنى، پاراڭلىرىمىزنى ئويلاپ ياتاتتۇق. ئۆزۈمنىڭ نىمانچە سۆزمەن بولۇپ كېتىۋاتقىنىمغا، كاللامغا شۇنچە يېڭى، ئۆتكۈر پىكىرلەرنىڭ نەدىن كېلىدىغانلىقىغا ھەيران قالاتتىم. بەزىدە ئابلىكىم ئىككىمىز نىمىشقا مۇشۇنداق پاراڭلىشالمايمىز، دەپمۇ ئويلاپ كېتەتتىم. ئۇ مېنىڭ بىرەر ئىش توغرىسىدا ئۆز كۆز قارىشىمنى ئېيتىشىمنى ياقتۇرمايتتى، سۆزۈمنى ئاڭلاشنى خالىمايتتى، ھەتتا سىلكىۋېتەتتى. «خوتۇن كىشى ئارىلاشقان ئىش بۇزۇلماي قالمايدۇ، خوتۇن كىشىدە ئەقىل نىمىش قىلسۇن»دېگەن سۆزنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى. شۇنچە يىللاردىن بۇيان ھەممىنى ئىچىمگە يۈتۈپ كەلگەن ئىدىم. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قالبىمدە ئۆز ئالدىمغا بىر دۇنيا شەكىللەنگەن، بۇ دۇنيارىمدا ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم ياشايتتىم، كۈتمىگەندە ئاشۇ پىنھان دۇنيارىمغا ئۇ كىرىپ كەلدى.  روھلىرىمىز يۈكسەك بىر مەنزىلدە ئۇچراشتى ۋە بىر-بىرىگە سىڭىشىپ كەتتى. ئەپسۇسكى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇچرىشىدۇ، ئۆزئارا ئالاقىلىشىدۇ، ھەتتا ئۆمۈرۋايەت بىللە ياشايدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى مەڭگۈ جىسمانىي ئالاقە بىلەن چەكلىنىدۇ، ئۇلار ئۆز ھاياتىنى ئاشۇ يوچۇن دۇنيادا غېرىپلىق ھەم قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە ئۆتكۈزىشىدۇ. 
     بىر ئاخشىمى قاراياغاچلىقتىكى ئورۇندۇقتا ئاسمانغا قاراپ جىمجىت ئولتۇرغان چېغىمىزدا__قەلبىمىزدىكى نۇرغۇن سۆزلىرىمىزنىڭ ئاغزىمىزدىن چىقىشى بىلەنلا ئۆز قىممىتىنى يوقۇتۇپ قويىشىدىن ئەنسىرەپ، ئەتراپىمىزنى قاپلىغان تىنچ، ھەمىمىي مۇھەببەت دولقۇنىغا چۆمۈپ ئولتۇرغان چېغىمىزدا مەن ئۇنىڭدىن20 يىلدىن بۇيان قەلبىمدە ساقلاپ كەلگەن بىر سۇئالنى__ كېيىن ماڭا نىمە ئۈچۈن خەت يازمىغانلىقىنى سورىدىم.
     - مەن يازغان، ناھايىتى كۆپ يازغان،__دېدى ئۇ، __مەن قەلبىمدىكى مۇھەببىتىمنى ناھايىتى مۇقەددەس بىلەتتىم. ئۇنىڭ مۇكەممەل، كەمكۇتىسىز بولىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم. سېنى مەڭگۈ بەختلىك قىلىشنى ئويلايتتىم. بىراق، مەن سېنى ئىزدەپ بارغىنىمدا توي تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش يۈرگىنىڭنى كۆردىم ...
     - سەن مېنى تارتىۋالغان بولساڭ، تويۇمنى بۇزىۋەتكەن بولساڭ بولماسمىدى! سەن شۇنداق قىلالايتتىڭ ئەمەسمۇ؟
     ياشلىرىمنىڭ تاراملاپ ئېقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم. بىرھازادىن كېيىن ئاغزىمدىن ئۆزۈممۇ ئويلىمىغان سۆزلەر چىقتى:
     - بەلكىم پىشانىمىزگە پۈتۈلگىنى شۇدۇ. ئەمەلىيەتتە ھازىرقى تۇرمۇشۇممۇ يامان ئەمەس، بالىلىرىم شۇنداق ئوماق ھەم ئەقىللىق. ھاياتىمنى شۇلارغا بېغىشلىغىنىمدىن ئەپسۇسلانمايمەن. 
     سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا تېخى زورمۇزور كۈلۈپمۇ قويدۇم.
     دېمىسىمۇ شۇنداق. ئىسكەندەر ۋە ئۇنىڭ مۇھەببىتى باشقىلارغا تەۋە. تەقدىر ماڭا ئاتا قىلمىغان نەرسىدىن ئۈمۈد كۈتۈشكە نىمە ھەددىم. ئىككىمىز خۇددى ئىككى لىنىيىدە ھەرىكەتلىنىدىغان ئىككى پاراۋۇز، قەلبلىرىمىز بىر بولسىمۇ، يولىمىز باشقا-باشقا.
بەختسىزلىكىم ۋە قايغۇ- ھەسرەتلىرىم مېنىڭ تەغدىرىم، ھاياتىمنىڭ بىر قىسمى. مەن ئۇلارغا كۆنۈك، ئۇلارسىز ياشاشنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. بىر كۈنلەردە ئۇلاردىن ئايرىلسام تېخىمۇ پېشكەللىككە يولۇقۇشتىن قورقىمەن، بەختتىن، ئەركىنلىكتىن قورقىمەن.

* * *

     مەن ھەر كۈنى ئەينەك ئالدىغا كەلگىنىمدە كۈنسېرى سۇلىۋاتقان چىرايىمغا قاراپ ئۆز-ئۆزۈمدىن دورايمەن: مەن كىم؟ قەيەردىن كەلدىم ؟ قايەرگە كېتىمەن؟ ھايات خۇددى غىل-پال كۆرۈنۈپ قالىدىغان چۈشتەك ساختا نەرسىمۇ؟ تېخى ئىچىپ قانمىغان ياشلىق ۋە مۇھەببەت شارابى راستىنلا شۇنداق قۇرۇپ كەتتىمۇ؟
     گۇگۇمدا قويۇقلىشىۋاتقان قاراڭغۇلۇققا چۆككىنىمچە مېھمانخانامدىكى گېلەم ئۈستىدە ئىككى تىزىمنى قوللىرىم بىلەن قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ ئۇزاقتىن-ئۇزاق خىيال سۈرىمەن، خىياللىرىم مېنىڭ بىردىن-بىر ھەمرايىم، بىر كۈننىڭ ئاخىرلىشىۋاتقان پەيتى مېنى گويا نامەلۇم بىر ھاياتلىقنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىۋاتقىنىدەك ھاياجانغا سالدى. ھېلىلا تامدا، ئەينەكتە، گېلەم ئۈستىدە چاقناپ تۇرغان قۇياش نۇرىنىڭ بارا-بارا خىرەلىشىشى، ئاستا-ئاستا، ئىز قالدۇرماي ئۆچۈپ يوق بولۇپقاراڭغۇلۇققا سىڭىپ كېتىشى ئىنسان ھاياتىنىڭ ئۆزى ئەمەسمۇ. تېخى بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى ئىشخانىدىن پەرىزەنىڭ كۈلكە-چاخچاقلىرى ئۈزۈلمەيتتىغۇ؟ 
     دۇنيادىكى ھېچنەرسە مۇزىكىغا بولغان ئىشتىياقىمنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. ھەر بىر مۇزىكىدىن ئىزھار قىلىنىۋاتقان بىر قەلبنى كۆرىمەن. ئۇنىڭدىكى ھەممە سادا گويا مېنىڭ قەلبىمدىن ياڭرايدۇ. مەن يەنە بىر چەينەك قېنىق چاي دەملەپ، چىن كۆڭلىدىن مۇڭدۇشۇپ ئولتۇرىدىغان شېرىن گەپلەرنى ياخشى كۆرىمەن. قۇرۇق پاراڭ، غەيۋەت-شىكايەت كۆز يېشى ئارىسىدىن غىل-پال كۆرۈنۈپ قالىدىغان نىقاپسىز قەلبلەر نەقەرەر قىممەتلىك. خۇدايىمنىڭ ئاياللارنى غەيۋەتخور قىلىپ يارىتىشى بىر خىل فىزىئولوگىيىلىك زۆرۈرىيەت. غەيۋەت ھەم كۆز يېشى بىزنىڭ ئادالەتسىز دۇنيا، كۈچلىك ئەرلەرگە ۋە ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان تەغدىرىمىزگە تاقابىل تۇرۇشتىكى قورالىمىز. مۇھەببەت، ئەرلەر، بالا ۋە ئائىلە بىز ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تىما. قەلبىمىز خۇددى قاغجىراپ چاك-چاك يېرىلغان تۇپراققا ئوخشايدۇ. بىز ئەرلەرگە ھەۋەس قىلىمىز، بىزنىڭمۇ ھاياتىمىزدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئاچچىق ھاراقتىن قانغىچە ئىچىپ بۇ تەڭسىز دۇنيانى، دۇيادىكى ھەممە نەرسىنى تىللاپ بىر تىيىنغا يارىماس قىلىۋەتكىمىز كېلىدۇ. ئەرلىرىمىز خۇپىيانە ئاشنا ئوينىغاندەك، بىزنىڭمۇ خۇپىيانە مۇھەببەتنىڭ لەززىتىنى تېتىپ باققۇمىز، كىملەر بىلەندۇر خەت يېزىشقىمىز، تېلىفۇندا سۆزلەشكىمىز كېلىدۇ. شۇنداق قىلالىغان ئاياللارنى ئاغزىمىزدا تىللىساقمۇ كۆڭلىمىزدە ئۇلارغا ھەۋەس قىلىمىز ، بىراق نېمىدۇر بىر نەرسە بىزنى توسۇپ تۇرىدۇ، كۆزگە كۆرۈنمەس چەمبىرەككە ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇ نەرسە بىزنى مومىلىرىمىز ۋە ئانىمىزغا، ھېلىغىچە ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىك ئورنى ۋە ھەققىنى چۈشەنمەيدىغان، كالا ئورنىدا ئىشلەپ ئۆلۈپ كېتىدىغان مىليونلىغان ئاچا-سىڭىللىرىمىزغا باغلاپ تۇرىدۇ. ھايات تۇرۇپ بۇ چەمبىرەكتىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەسلىكى بىزگە ئايان. سۈنئىي گۈللەر، دەبدەبىلىك سۆزلەر، چاۋاكلار ئارىسىدا، تەسىرلىك شېئىرىي مىسرالاردا مەدھىيىلىنىۋاتقان چېغىمىزدا ئىچىمىزدە ئاچچىق كۈلىمىز، چۈنكى ھەممىلا يەردە بىزدىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى جاپاكەش ئانا بولۇش، ئېرىمىز، پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن قۇربان بېرىش__تاكى ئۆلۈپ كەتكۈچە، بىز پەقەت قۇربان بېرىشكىلا يارالغان، باشقىلار بۇ قۇربان بېرىشلەردىن ھوزۇرلىنىشقىلا يارالغان، ھېچكىم ئورنىدىن قوپۇپ، بولدى ئەمدى، قۇربان بېرىۋەرمىگىن، سەنمۇ بىزگە ئوخشاش يارالغان ئىنسان، دېمەيدۇ.
     دىلنار: « مەن ئۆمرۈمنى سىلەردەك ئۆتكۈزۈشنى خالىمايمەن، سىلەرگە قارىسام ئىچىم سېرىلىدۇ،»دەيدۇ. ئۇنىڭ قوغلىشىدىغىنى جاننى ئېلىپ جاڭگالغا تاشلايدىغان، ھايات-مامات، قانۇن ۋە ئەخلاق مىزانلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر خىل مۇھەببەت. بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ بالا-چاقىلىق بىر ئەر بىلەن گەپ سۆزى چىققان ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئۇ ئەرنىڭ خوتۇنى__ئورۇق، جاۋىلداق بىر ئايال ھە دېسىلا ئىدارىغا كېلىۋېلىپ جېدەل چىقىراتتى. دىلنار قاتمۇ-قات بېسىم، خورلۇق ئاستىدا قالغان ئاشۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ ئاشىقى قۇلاق يۇپۇرۇپ يۈرىۋەردى. تېخى باشقارما باشلىقى بولۇپ ئۆستى، دىلنار ھاياتتا خام-خىيالغا ئورۇن يوقلىقىنى ئاللىقاچان چۈشىنىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئۇ توي قىلىش پۇرسەتلىرىنى كەينى-كەينىدىن يېنىكلىك بىلەن ئۆتكۈزىۋەتتى. رەھىمسىز يىللار بولسا ئۇنى بىلىندۈرمەيلا بەخسىز«قېرى قىز»لار قاتارىغا قوشۇپ قويۇشقا باشلىدى. ئۇ چېكىسىدە پەيدا بولۇشقا باشلىغان ئاق چاچلاردىن ياشلىق گۈلىنىڭ خازان بولۇشقا باشلىغانلىقىنى، ھايات بېغىغا بوران-چاپقۇنلۇق كۈز پەسلى يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى سەزمەمدىكىن؟ مەن ئۇنىڭ ئاخىرى بىر كۈنى بىزدىنمۇ ئېچىنىشلىق كۈنگە قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن.
     سائادەت دىلنارنىڭ دەل ئەكسى، ئۇنىڭ ئائىلىسىنى قوغداشتىكى غەيرىتى ئاچچىقى يامان كۈرۈك مىكىياننى ئەسلىتىدۇ. قاچانلا قارىسا ئېرىنى كۈنلەپ، ئاللىقانداق ئاياللار بىلەن سوقۇشقىنى سوقۇشقان. باشقا ئاياللارنىڭ، بولۇپمۇ تۇل ئاياللارنىڭ ئالدىدا: «بىزنىڭ دېگەن ئېرىمىز بار، تاغدەك يۆلەنچۈگىمىز بار، قولىمىزنى نەگە سۇنساق شۇ يەرگە يېتىدۇ» دەپ ماختىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇنىڭغا يارىشا ئۇنىڭ ئېرى شۇنچىلىك كۆرۈمسىز، شۇنچىلىك ئىزىلەڭگۈ ئادەمكى...
     تەقدىرىمىز، مىجەزىمىزنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىغا قارىماي نېمىدۇر بىر نەرسە ئۈچىمىزنى بىر-بىرىمىزگە باغلاپ تۇرىدۇ، بىر-بىرىمىزنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمىز، ئۆز-ئارا زەھەردەك ئاچچىق گەپلەر بىلەن تەنە قىلىشىمىز، يېغىرلىرىمىزنى ئېچىشىمىز. بىراق، بەختلىك، غەمسىز كىشىلەر ئارىسىدا، مېھرىسىز ئائىلىمىزدە غېرىپلىق تارتقان، ھەسرەتتىن، ئامالسىزلىقتىن بوغۇلغان چاغلىرىمىزدا ھامان بىر يەرگە جەم بولىمىز.
     شەنبە ئاخشىمى سائادەت بىلەن دىلنار چوڭ-كىچىك بولاقلارنى كۆتەرگىنىچە، كېچىككەن بولساقمۇ تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى تەبرىكلەپ قويايلى، دېدۇق دەپ كىرىۋىدى. بالىلىرىم گويا قىززىق تاماشا كۆرىۋاتقاندەك كۈلۈشۈپ كېتىشتى. 
     - كۈلمەڭلار، نېمىشقا كۈلىسىلەر؟ سىلەر ئاناڭلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنى يوق دەپ ئويلامسىلەر؟ سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايسىلەرغۇ؟ نىمىشقا سىلەرنى تۇغۇپ چوڭ قىلغان ئاناڭلارنى ئويلاپ قويمايسىلەر؟ھەي بۇ بالىلارمۇزە...- سائادەت ئىشىكتىن كىرىپلا ئەنە شۇنداق بىردەم قاينىۋالدى، - دېمىسىمۇ بىزمۇ ئادەمدە، نەۋرەم بەش ياشقا كىردى. قىزىم ھەر يىلى، ئاپا قىزىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزەتتىم. ئۇنى پىشۇرۇپ بەرسەڭ، بۇنى تىكىپ بەرسەڭ، دەپ بېشىمنى ئوچاق قىلىۋېتىدۇ. مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى يادىغا ئېلىپمۇ قويمايدۇ، ئىچىمدە خەپ توختاش دەيمەنغۇ، 50 ياشقا كىرگەن كۈنۈمنى تازا كاتتا ئۆتكۈزمىسەم...
     ئۇلار ئۆيدە پىشۇرغان تورت، توخۇ گۆشى، ھەم ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەر بىلەن شىرەنى توشقۇزىۋېتىشتى. مېنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ئۆزلىرى چاي دەملەشتى. ئەستا، شام ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالتۇق ئەمەسمۇ، دەپ بەك ئەپسۇسلىنىشتى. ئۈچىمىز بىللە ئالا-تاغىل توۋلاپ «تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!» دېگەن بالىلار ناخشىسىنى ئېيتتۇق. ئارقىدىن قاقاقلاپ كۇلۇشكىنىمىزچە دىۋانغا ئۆزىمىزنى ئېتىپ، يۇمىلاپ كېتىشتۇق.
     - ساجىدەنىڭ مەن يېڭى يىلدا تۇغۇلغان، دېگىنى يادىمدا،- دېدىم مەن ئۇلارغا،- خۇدايىم ئامان قىلسا، ئۇنىڭمۇ تۇغۇمغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن بولساق، نەقەدەر ياخشى بولاتتى، ھە ...


ئوربېتا باشقا تېمىلار
ئوربېتا (1)ئوربېتا(2)ئوربېتا(3)ئوربېتا(4)ئوربېتا(5)
ئوربېتا(6)