باش بەت / ساقلايمەن

ئوربېتا(3)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-10 05:41 | ئاپتور: خالىدە ئىسرايىل | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

     ئۆي ___ ئىنسان ئۈچۈن پاناھ جاي، ئارامگاھ، ئۇ ھەم جەننەت، ھەم دوزاخ. ئىشىكلىرى مەھكەم يېپىلغان، دېرىزىسىدىن چىراغ نۇرى پارقىراپ تۇرغان ئاشۇ سان-ساناقسىز ئۆيلەردە ھەر كۈنى، ھەر سائەت كىشىلىك ھاياتنىڭ ئاجايىپ-غارايىپ كومىدىيە ياكى تىراگېدىيىلىرى قويۇلۇپ تۇرىدۇ. ئاشۇ كىشىلەر سىرتقا چىقىدىغان چاغدا ساقال-بۇرۇتلىرىنى ئېلىپ، چۇۋۇق چاچلىرىنى تاراپ، ياقىسى قاردەك ئاپئاق كۆڭلەك، مودا كىيىملەرنى كىيىشىدۇ. يۈز-كۆزىنى ئۇپا-ئەڭلىكلەر بىلەن بويايدۇ، قەددى-قامىتى ۋە چىرايىغا ئۇلۇغۋار، مەغرۇر، لاتاپەتلىك تۈس بېرىشىپ ئۆزلىرى ۋە بىر-بىرىنى ئالدايدۇ. ئۆزلىرىنى ماختاش، باشقىلارنى چۆكۈرۈش، مەسخىرە قىلىش ھېسابىغا روھىي دۇنياسىدىكى تولدۇرۇپ بولغۇسىز بوشلۇقنى، قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى ۋە گاڭگىراشلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىنسان بىر-بىرىدىن ئانچە كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈم ئوتتۇرىسىدا، ھايۋانىي ئىستەك بىلەن ئەقىل ئوتتۇرىسىدا، دوزاخ بىلەن جەننەت ئوتتۇرىسىدا تىركىشىدۇ ۋە بۇ تىركىشىشتىن لەززەت ئالىدۇ، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى ھايات، ئۆي _ ھاياتنىڭ سەھنىسى.
     ئوتتۇرىھال كارىدورنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى مېھمانخانا، بالىلار ئۆيى، ھۇجرا ۋە ئىشخانىدىن تەركىپ تاپقان ئۈچ ئېغىزلىق كىچىك ئۆي__مېنىڭ ئۆيۈم. مېھمانخانام ئازادە، تىنچ، بۇ يەردە بۇلۇڭغا قويۇلغان كۆپ قىرلىق ئەينەكلىك ئىشكاپ، تامغا ئېسىلغان گېلەم، دىۋاندىن باشقا نەرسە يوق. دىۋاننىڭ يېنىدىكى كىچىك شىرەدە تاۋار تاشلىق يوغان ئەلبۇم تاشلاقلىق تۇرىدۇ، ئۇنىڭ بىرىنچى بېتىگە ئائىلە بويىچە چۈشكەن رەڭلىك سۈرىتىمىز چاپلانغان، بۇ سۈرەتنى دەسلەپ كۆرگەن ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭدىن خېلىغىچە كۆزىنى ئالالمايدۇ، نەقەدەر بەختلىك ئائىلە-ھە ...
     ھاۋارەڭ كۆڭلەك كىيىپ، جىگەر رەڭ گالىستۇك تاقىغان، قەددى-قامەتلىك، مەردانە ئەر، زىلۋا، يېقىملىق ھەم مېھرىبان كۆرۈنىدىغان ئاق كۆڭلەكلىك ئايال، ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرغان13__14 ياشلاردىكى چىرايلىق ئوغۇل بالا، بىر خىل كۆڭلەكلەرنى كىيىشكەن بىرى 10 ياشلاردىكى، يەنە بىرى 6 ياشلاردىكى ئوماق ئىككى قىز، ئوغۇل بالا بىلەن كىچىك قىزنىڭ چىرايىدىن شوخلۇق، ئەركىنلىك چىقىپ تۇرىدۇ. چوڭراق قىز جىمغۇر، ئويچان كۆزلىرىنى تىكىپ، ئۇدۇلغا چوڭ كىشىلەردەك جىددىي قاراپ تۇرىدۇ.
    بۇ ئالدىنقى يىلدىكى قۇربان ھېيتنىڭ خاتىرىسى، بىز بالىلارنى ئېلىپ سىرتتىن قايتىپ كېلىۋاتقاندا، چوڭ قىزىم: «ئاپا، دادا، بۈگۈن ھەممىمىز رەسىمگە چۈشىۋالايلىچۇ، بىز ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك ھەممىمىز بىللە سىرتقا چىقىپ باقمىغان» دەپ تۇرىۋالدى، شۇ يولدا دەل بىر رەسىمخانا بار ئىدى.
     كىچىك شىرەنىڭ يېنىدا قۇرۇغدالغان ياكى يېرىم ئېچىلغان ھاراق بوتۇلكىلىرى تىزىلىپ تۇرىدۇ، بۇلار بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدىكى بەزمىنىڭ خاتىرىسى. ئۇ كۈنى ئابلىكىم بىلەن ئۇنىڭ دوستلىرى تاڭ ئاتقۇچە ئىچىشتى، ناخشا ئېيتىشتى، ۋارقىراپ-جارقىراشتى، ئاخىرى ياتقىنى ياتقان، ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان يەردە ئۇخلاپ قېتىپ قېلىشتى، بۇ ئۇلارنىڭ ئادىتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىدىن ياخشى كۈتۈلگەن، قاۋۇل، كېلىشكەن ئەرلەر، ئۇلار ئىدارىلاردا بىكارچىلىقتىن زېرىكىپ كېتىدۇ. كەچ كىرىشى بىلەنلا ئىچىپ قىززىۋېلىپ، ئۆزلىرىنى پۈتۈن جاھاننىڭ خوجايىنىدەك سېزىشىدۇ. دۇنيانىڭ، مىللەتنىڭ ئۈستىدىن قايغۇرىشىدۇ، يىغلىشىدۇ، تىللىشىدۇ، دۇنيانى باشقىدىن قۇرماقچى بولىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆمۈرۋايەت ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالماي ئۆتۈپ كېتىشىدۇ، مەن ئۇنداق ئەرلەرگە قارىغاندا تىنىمسىز مېھنىتى بىلەن ئائىلىسىنى گۈللەندۈرىدىغان ۋات-ۋات خوتۇنلارنى، كوچىلاردا ھاراۋا سۆرەپ باققالچىلىق قىلىپ، كۆكتات سېتىپ خوتۇن-بالىلىرىنى باقىدىغان ئەرلەرنى ھۆرمەتلەيمەن.
     پەردە بىلەن ئىككىگە بۆلۈنگەن بالىلار ئۆيىنىڭ بىر تەرىپى ئوغلۇمنىڭ، يەنە بىر تەرىپى ئىككى قىزىمنىڭ دۇنياسى، ئۆينىڭ بۇلۇڭىدىكى يوغان كىتاب ئىشكاپى بىلەن رەڭسىز تېلېۋىزورغا ئۇلار ئورتاق ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن توختىماي ئۇرۇش-تالاش قىلىدۇ. بۇنداق ئۇرۇش -تالاشلار كۆپ ھاللاردا خۇددى چوڭ ئادەملەرنىڭ ئۇرۇش-تالاشلىرىغا ئوخشاش، ھەممىدىن چوڭ، كۈچلۈك ھەم قۇۋ كەلگەن ئوغلۇمنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياغلىشىدۇ. بۇلۇڭدىكى تار، ئۇزۇنچاق كەلگەن كىچىك ئۆي ئابلىكىم ئىككىمىزنىڭ ھۇجرىسى. بىر ئۆيدە ئىككى كارۋات، بىر كونىچە كىيىم ئىشكاپى، دېرىزە تەكچىسىدە قۇرۇپ قالغان بىر تەشتەك ئانار گۈل بار. مەن يىلتىزىدىن كۆكلەپ چىقىپ قالارمىكىن، دېگەن ئۈمۈدتە بۇ گۈلگە ھەر كۈنى سۇ قۇيۇپ تۇرىمەن . ئابلىكىم مېنىڭ بۇ ئەخمەقلىقىمنى مەسخىرە قىلىپ كۈلىدۇ. ئۆينىڭ بۇلۇڭىدىكى كىيىم ئىشكاپىنىڭ ئەينىكىمۇ گويا يوغان بىر پارچە مۇزدەك ماڭا سوغۇق نەزەردە قاراپ تۇرىدۇ، ئۇ مېنىڭ ھەممە ئازابلىرىمغا، كۆز ياشلىرىمغا ئەنە شۇنداق سوغۇققىنە قاراپ تۇرىدۇ. ئاشۇ قارشلىرى خۇددى ماڭا تەنە قىلىۋاتقاندەك ياكى قانداقتۇر بىر نەرسە دېمەكچىدەك بىلىنىدۇ.
     ئابلىكىم ئىككىمىز خۇددى پاراخوتنىڭ بىر بۆلۈمچىسىدە كېتىۋاتقان ھەمسەپەرگە، ئادەمسىز قۇملۇقتىكى بىر-بىرىگە تايىنىپ ياشايدىغان ھەمراھلارغا ئوخشايمىز. بىللە ياشايمىز، بىللە غىزالىنىمىز، ئۆزئارا ھەمكارلىشىمىز، ئەمما بىر-بىرىمىزنى ناھايىتى ئاز ئويلايمىز، ئاسانلا ئاچچىقلىنىمىز، بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ئولتۇرمايمىز، كۆزلىرىمىزدە ھاياجان، مېھرى-مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرى چاقنىمايدۇ.
ئۆي ئىچىدە قاچانلا قارىسا مەن كونا چىت خالات كىيىپ، بۈدۈرىسى قالمىغان چاچلىرىمنى پاخپايتىپ، پۇتۇمدىكى چوڭ نومۇرلۇق ساپما كەشتىن شالاپ-شالاپ ئاۋاز چىقىرىپ ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈرىمەن. كارىۋىتىدا ئېرەڭسىزلىك بىلەن كونا ژۇرناللارنى ۋاراقلاپ ياتقان ئابلىكىم پۇتۇمغا ئاچچىغى بىلەن قاراپ-قاراپ قويىدۇ، ئۇنىڭ يېتىۋېرىپ پۇرلىشىپ كەتكەن كىيىملىرى، ئۆسۈپ كەتكەن چاچ-ساقاللىرى، ھەددىدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلىنغان ئىسپىرت بىلەن نىكوتىندىن ئۆزگىرىپ كەتكەن بەدرەڭ چىرايى مېنىڭ كۆڭلۈمدىمۇ بىر خىل چۈشۈنىكسىز غەزەپ قوزغايدۇ. مەن ساپما كەشىمنى شالاپشىتىپ ئۇنىڭ ئالدىدىن بىر نەچچە قېتىم ئارتۇق ئۆتۈش، قاچا-قۇمۇچ، سۈپۈرگىلەردىن قەستەن ئاۋاز چىقىرىش ئارقىلىق ئاچچىقىمنى چىقىرىۋالماقچى بولىمەن. بەزىدە راستىنلا تاكاللىشىپ، ھەتتا ۋارقىرىشىپمۇ كېتىمىز. بىراق بۇ ۋارقىرىشىشلارمۇ شۇنچە مەنىسىز بىلىنىدۇ، ئۆيگە ئايال قولۇم-قوشنىلار كىرىپ قالسا، ئابلىكىم قەستەن:
     - مانا مۇنداق ئاياللارنى ئايال دېسە بولىدۇ، كۆڭلىكى نىمە دېگەن ياراشقان، چاچلىرىنى ياسىشىمۇ بۆلەكچە ... - دەپ قويىدۇ، مەنمۇ تەن بەرمەي:
     - سىز ئۇلارنىڭ ئۆيىدە كىيىپ يۈرۈيدىغان كىيىملىرى بىلەن چۇۋۇق چاچلىرىنى كۆرەلمەيسىز-دە! - دەيمەن.
     قەھرىتان سوغۇق دېرىزىگە نەپىس قار گۈللىرىنى نەقىشلىۋەتكەن ئۇزۇن قىش ئاخشاملىرىدا، سان-ساناقسىز يامغۇر تامچىلىرى دېرىزە ئەينىكىگە تاراسلاپ ئۇرۇلۇپ، ئارقىدىن كىچىك يېرىقچىلارنى ھاسىل قىلىپ ئېقىپ كېتىدىغان زېرىكەرلىك ياز ئاخشاملىرىدا، ئابلىكىمنىڭ بىرلا خىل، يېقىمسىز مۇزىكىغا ئوخشايدىغان خورىكىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ پوفايكا، پايپاق توقۇيمەن. خۇشال بولاي ياكى خاپا بولاي، مەيلى ساق بولاي ياكى ساقسىز بولاي، ئىككى قولۇم بىردەم بىكار تۇرمايدۇ. بىراق، ئۆينىڭ ئىشلىرى زادىلا تۈگەپ ئۆتمەيدۇ. 
      پەقەتلا غەرق مەست بولۇپ كەلگەن كۈنلىرى ئۇ قاسساپقا، مەن پۇت-قولى باغلانغان قويغا ئايلىنىمەن. ئۇ مېنىڭ سالامەتلىگىم، روھىي كەيپىياتىم، تەلەپ-خاھىشىم بىلەن ھېساپلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى قوپال ھايۋانىي ئىستەك، ھاراق، تاماكا ھەم تەرنىڭ قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان بىر خىل پۇراق مېنى سەسكەندۈرىدۇ. ئۇ مېنى ھەيكەلگە ئوخشايسەن دەيدۇ، ئۇ مۇھەببەت گۈلىنىڭمۇ قۇياش نۇرىغا، ساپ ھاۋاغا، كۆيۈنۈش ۋە پەرۋىشكە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ، ياكى چۈشۈنۈشنى خالىمايدۇ. بىر كۈنى ، ئىشتىن قايتىپ كېلىپ كىر يۇيىۋاتقىنىمدا ئابلىكىمنىڭ يانچۇقىدىن گۈپۈلدەپ ئەتىر پۇراپ تۇرىدىغان، چۆرىسىگە كەچتە ئىشلەنگەن ئايالچە قول ياغلىق تېپىۋالدىم. بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس، مېنىڭ ئورنۇمدا باشقا بىر ئايال بولىدىغان بولسا بەلكىم جىدەل چىقارغان، ئۆز مەنپەئەتىنى جان تىكىپ قوغدىغان بولاتتى. مۇشۇنداق قىلىش ھەممە ئادەمنىڭ نەزەرىدە يوللۇق ئىش، ۋىجداننىڭ، ئەخلاق پەزىلەتنىڭ ئىپادىسى. بىراق، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئېرىنىڭ كۆڭلىنى قايتۇرۇپ كېلەلەرمۇ؟ مەن بۇنىڭدىن گۇمانلىنىمەن. شىمنى يۇيۇپ بولۇپ، قول ياغلىقنى ئاۋالقىدەك چىرايلىق قاتلاپ، جايىغا سېلىپ قويدۇم، پەقەت ئەتىسى ئەتىگەندە ئابلىكىمنىڭ شىمنى كىيىپ، يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇپ باققاندىن كېيىن، چىرايىنىمۇ ئۆزگەرتمەي تاراقشىپ چىقىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرغىنىمدا ئۆزۈمنىڭ تارتقان خورلۇقلىرىمنى ئەسكە ئالدىم. بىر چاغلاردا ئۇ بىر تال ئاتكىرتكا ئۈچۈن ماڭا نىمە كۈنلەرنى كۆرسەتمىگەن-ھە .

     - ئېيتە، ئاشناڭنىڭ ئىسمى نىمە، ئۇ قەيەردە؟ __نەچچە قېتىم بىللە ياتتىڭ، راستىڭنى ئېيت! __ ئاشۇ تىل ھاقارەت، مۇشت-تېپىكلەر، روھىي ۋە تەننى خالىغانچە خورلاپ، دەپسەندە قىلىشلار ھېلىغىچە يۈرىكىمنى ئاغرىتىدۇ. ئۇ ئەمدى يۇمشاق باش دېگەن نامنى كۆتۈرۈپ يۈرۈيدىغان ئوغۇل بالىمىدىم، ئەمدى كىشىلەر ئالدىدا يۈزۈمنى قانداق كۆتۈرۈپ يۈرۈيمەن؟ دېگەن چاغلىرىدا مېنىڭ مېھرى-مۇھەببەتكە تەشنا ئىنسان ئىكەنلىكىمنى، مەندىمۇ غورۇر بارلىقىنى قىلچە ئويلاپ قويمىغانىدى. ئۇنىڭ ئاشۇ لەنىتى غورۇرى ئۈچۈن، ئۆزۈمنىڭ ۋە شەكىلدىلا مەۋجۇت ئائىلىمىزنىڭ نامى ئۈچۈن، بالىلىرىم ئۈچۈن نىمىلەرنى قۇربان قىلغانلىقىمنى ئۇ چۈشەنمەيتتى، چۈشىنىشنىمۇ خالىمايتتى. مۇنداق چاغلاردا مەن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئەخلاق ئۆلچەملىرىدىن گۇمانلانماي تۇرالمايتتىم. بىز نىمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ھەم بىر-بىرىمىزنى قىينايمىز؟ بىزنىڭ نەزىرىمىزدە گۈزەل پەزىلەت ھېسابلىنىدىغان قۇربان بېرىشلەر راستىنلا ئالىيجانابلىقمۇ ياكى قورقۇنچلىقمۇ؟ بىز كىشىلەر نەزىرىدىكى «ئەخلاقلىق»،«ۋاپادار» ئوبرازىمىزغا داغ تېگىپ قېلىشىدىن، ئاۋۇ ئەرزان باھالىق دىۋان، سۇلياۋ پالاز، سۈنئىي تالالىق گېلەم، فار-فۇر، ئەمما ساختا ماللار بىلەن توشقان ئىللىقلىقتىن ئەسەر يوق ئۆيلىرىمىزنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ئۆلگىدەك قورقىمىز. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئىچىدە پەرزەنتلىرىگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقمۇ يوق ئەمەس، ئەمما ئىش-ھەرىكىتىمىزدە بالىلارنى ناھايىتى ئاز ئويلايمىز. ئۇلارنىڭ كۆزىچە ئۇرۇشۇپ-تىللىشىمىز، بىر-بىرىمىزنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يېيىشىمىز، ئالدانچىلىق، ساختىپەزلىك قىلىمىز، مۇشۇنداق بولىۋەرسە، ئاشۇ يۇمران قەلبلەر ئاخىرى تاشتەك قېتىپ كەتمەسمۇ؟ بەزى كېچىلىرى تاسادىپىي ئويغۇنۇپ قالسام، ھالقا-ھالقا تاماكا ئىسى ئارىسىدىن يوچۇن بىر چىراينى، ئۆچمەنلىكتىن قىسىلغان يوچۇن كۆزلەرنى كۆرىمەن. كۆڭلۈمدە مەن ئون نەچچە يىللىق ئۆمرۈمنى مۇشۇ ئادەم بىلەن ئۆتكۈزدۈممۇ؟ دەپ ئويلاپ چۆچۈپ كېتىمەن . ئۇ مەندىن نەپرەتلىنىدۇ، مېنىڭ ئۆلۈمىمنى تىلەيدۇ. بۇنى يوشۇرۇپمۇ ئولتۇرمايدۇ، بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، مېنىڭ ئورنۇمدا ئۇ چىن قەلبىدىن سۆيىدىغان ئايال بولغان بولسا، ئۇ بەلكىم باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان بولار ئىدى. مېنىڭمۇ ھاياتىم بۇنداق ئۆتمەستى . . . شۇنداق كېچىلىرىدە ئۇيقۇسىزلىقتىن، باش-ئۇچى يوق خىياللاردىن، مېنى قوينىغا تارتىپ كېتىۋاتقان زۇلمەت قاراڭغۇلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بالكونغا چىقىۋالىمەن. ئادەملەرگە قارىغاندا دەل-دەرەخلەر ماڭا يېقىن، يۇلتۇزلار ماڭا سىرداش، دەل-دەرەختلەر مەيىن شامالدا يۇمشاق شىۋىرلىشىپ، ئازابلىق قەلبىمگە تەسەللىي بېرىدۇ. يۇلتۇزلار ماڭا قاراپ شوخلۇق بىلەن كۆز قىسىشىدۇ. مەن ئاقۇش تۇمان ئىچىدە لەيلەپ يۈرگەن يۇلتۇزلارغا كۆزلىرىم تالغۇچە تىكىلىمەن. تۇيۇقسىز ئوربىتىدىن ئايرىلغان بىر يۇلتۇز لاۋۇلداپ يانغىنىچە كۆك باغرىنى يېرىپ ئۇچۇپ ئۆتىدۇ، ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن بىر بىچارىمىدۇ ياكى ئۆز توپىغا ئاسىيلىك قىلغان خائىن يۇلتۇزمىدۇ؟ ئۇ ۋۇجۇدىدىن ئوت-يالقۇن چاچرىتىپ كۆيگىنىچە زەررىچىگە ئايلىنىپ ، كائىناتتا لەيلەپ يۈرگەن توزانلارغا قوزۇلۇپ كېتەرمىكىن ياكى باشقا بىر ئوربىتىغا كىرىپ، ئۆزى بېرىپ سوقۇلغان بىرەر سەييارە بىلەن بىرلىشىپ كېتەرمىكىن؟ يۇلتۇزلارمۇ ئىنسانلارغا ئوخشاش تۈركۈم-تۈركۈم بولۇپ جايلاشقان، ئۇلارنى قۇدرەتلىك بىر كۈچ بىر-بىرىگە مەھكەم باغلاپ تۇرىدۇ. ئىنسانلارنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان كۈچ__سۆيگۈ. بىراق، بىزنىڭ بۇ كىچىك ئوربىتىمىزدا سۆيگۈ-مۇھەببەت ئاللىقاچان يوقالغان، ئۇنىڭدا قالغىنى پەقەت بۇرچ ۋە مەجبۇرىيەت؛ سۆيگۈنىڭ ئورنىنى تۇيدۇرماي ئىگىلىۋالغان نەپرەت، ئۆچمەنلىك__ خۇددى ئۇزۇن يىل ساقلانغان زەھەردەك كۈچلۈك ئۆچمەنلىك... مەن يەنە بىر ئوربىتىنى __ ئىسكەندەرنى، ئۇنىڭ گۈزەل ئايالىنى، ياداڭغۇ قىزىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگىنىمدە نېمىشقىدۇر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مېھرى-مۇھەببەتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن يەنە ساناتورىيەدە ئىككىمىز بىللە ئۆتكۈزگەن ئاشۇ پۈتۈن بىر ياز ۋە قىشنى دائىم ئەسلەيمەن.


ئوربېتا باشقا تېمىلار
ئوربېتا (1)ئوربېتا(2)ئوربېتا(3)ئوربېتا(4)ئوربېتا(5)
ئوربېتا(6)