باش بەت / ساقلايمەن

ئوربېتا (1)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-9 12:58 | ئاپتور: خالىدە ئىسرائىل | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

     مەن كىم؟ نەدىن كەلگەن؟ مەنزىلىم قەيەر؟ بۇلارنى بىلمەيمەن.
     ئۆتمۈش مەن ئۈچۈن باش-ئۇچى ، چېكى يوق قاراڭغۇلۇق. بىر يىلنىڭ ھەممە چاغلىرىدا __ ئەتراپ ئىللىق نەم تۇپراقنىڭ ھەم بىخ سۈرىۋاتقان دەل-دەرەخ، ئوت-چۆپلەرنىڭ چۈچىمەل پۇرىقىغا تولغاندا ، ھەممە ياقتىن قويۇق يېشىللىق قاپلىغاندا، كۈز يوپۇرماقلىرى يەر-جاھاننى بىر ئېلىپ ئۇچۇشقا باشلىغاندا، يوللارنى ۋە يالىڭاچ دەرەخلەرنى قېلىن قار باسقان چاغلاردا مەن ساناتورىيىنىڭ جىمجىت يوللىرىدا سائەتلەپ ئايلىنىمەن. مېڭىپ چارچىغاندا قېرى قاراياغاچ تۈۋىدىكى يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا ئولتۇرىمەن.
    ئالدىمدا بىر يوچۇن دۇنيا سوزۇلۇپ ياتىدۇ. ياز قۇياشى غەرپكە پېتىپ كېتىۋاتىدۇ. قاچانلاردىدۇر ياغقان يامغۇر سېمونت يولنىڭ ئۇيەر-بۇ يېرىدە كىچىك كۆلچەكلەرنى قالدۇرۇپ ، قۇشلار ئۇ كۆلچەكلەرگە سۇ ئىچكىلى كېلىشىدۇ... سەل نېرىدا كىچىك بىر قىز يىڭناغۇچ قوغلاپ يۈرۈيدۇ، ئۇنىڭ كۆڭلىكى، چاچلىرى ۋە بۇدرۇق قوللىرىنى ئالدىغا سوزۇپ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن يىڭناغۇچقا يېقىنلىشىۋاتقان ئاشۇ قىياپىتى تولىمۇ سۆيۈملۈك، ئاشۇ قىياپەتنى مەن نەدىدۇر بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەن ... بەلكىم چۈشۈمدۇر؟
    قىزنىڭ قوللىرى  يىڭناغۇچنىڭ سۈزۈك قاناتلىرىغا تېگەي دېگەندە يىڭناغۇچ ئۇچۇپ كېتىدۇ، ئەتراپ سان-ساناقسىز يىڭناغۇچلارغا تولغان، مېنىڭ مېڭەمدىمۇ سان-ساناقسىز يىناغۇچلار ئۇچۇپ يۈرىدۇ، قاناتلىرىنىڭ شەكلى گويا يوغان سۇئال بەلگىسىگە ئوخشايدۇ، مەن خىيالىمدا ئاشۇ يىڭناغۇچلارنى تۇتىۋالماقچى بولىمەن، ئەمما تۇتالمايمەن . مېڭەم غۇڭۇلداپ كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىدۇ، مەن ئۇلارنى تۇتۇشنى خالىمايمەن، زادى خالىمايمەن.
     ئايال دوختۇر ماڭا تاۋار ياغلىققا ئورالغان بىر خاتىرىنى بەردى :
    - بۇنى ئوقۇپ كۆرۈڭ، ئاخىرىغىچە ئوقۇڭ، ئۇنىڭدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ بېقىڭ، بەلكىم سىز بىلىدىغان ئىشلاردۇر ...
    مەن چۈشتىن كېيىن زېرىكىش ئىچىدە ئەسنەپ ئولتۇرۇپ خاتىرىنى ئاچتىم، خاتىرىنىڭ بېشىدىكى بەتلىرى يىرتىلىپ كەتكەن ئىدى.  قالغان بەتلىرى ئىمىر-چىمىر خەتلەر بىلەن توشقان.  ئاي، كۈنى يېزىلمىغىنىغا قارىغاندا ، كۈندىلىك خاتىرىگىمۇ ئوخشىمايدۇ، مەن خاتىرىدىكى ناتونۇش پوچۇركىدا يېزىلغان خەتلەرنى ئالدىرىماي ئوقۇشقا باشلىدىم .

                                                                   *             *           *

      كېچە قىممەت باھالىق زۇمرەت مارجىنىم تۆكۈلۈپ كېتىپ چۈشەپتىمەن، مۇزدەك سوغۇق، پارقىراق قىممەتلىك تاشلار بوينۇم، بېلەكلىرىم ۋە ئېتىكىمدىن سېرىلىپ چۈشۈپ نەلەرگىدۇر دومۇلاپ كېتىپتۇمىش، مىڭ تەستە تېرىپ ئالغان بىر نەچچە تال مارجاننى قولۇمدا تۇتقىنىمچە قاپتىمەن . يۈرۈكىم ئېچىشقان ھالدا ئالاقزادە بولۇپ ئويغۇنۇپ كەتكىنىمدە ئەزەلدىن زۇمرەت مارجىنىمنىڭ بولمىغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم. بۇ بەلكىم ئاخشام كۆرگەن تېلىۋىزىيە تىياتىرىنىڭ مېڭەمدە قالدۇرغان تەسىرى بولسا كېرەك. ئامېرىكىلىق چوڭ زەردارنىڭ ئامراق ئايالى ئېرى ئېلىپ بەرگەن زۇمرەت مارجاننى سېتىپ، ئىلگىرىكى ئاشنىسىغا ياردەم قىلىدۇ. ئېرى ئۇنىڭ ئىشىنى سېزىپ قېلىپ، مارجاننى سۈرۈشتە قىلغاندا ئۇ قاتتىق دەككە-دۈككە ئىچىدە قالىدۇ...
    مەن ئەزەلدىن زۇمرەت مارجان تاقاپ باقمىغان، مېنىڭ زەردار ئېرىممۇ، ئاشناممۇ يوق. چۈش دېگەن ئاجايىپ نەرسە، بۇ چۈشۈمنى قوشنام ھەم خىزمەتدىشىم سائادەتكە ئېيتىپ بەرگەن ئىدىم، ئۇ تۇرۇپ كېتىپ: «دەرھال سەدىقە بېرىۋېتىڭ، يەتتە تال پوشكال سېلىپ، بىرەر دىۋانىگە ئەپچىقىپ بېرىڭ، سىڭلىمنىڭ ئۆيى بۇزۇلىدىغان چاغدا سىزدەك مۇشۇنداق چۈش كۆرۈپتىكەن،» دېدى.
     ئۆز تەغدىرىمنىڭ يەتتە تال پوشكالغا باغلىق ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىسەممۇ، سائادەتنىڭ ئېيتقىنىنى قىلدىم . 
    - ئېرىڭىزنى چىڭراق تۇتۇڭ جۇمۇ خېنىم، ئاخشاملىرى بىر يەرلەرگە يالغۇز بارغىلى قويماڭ. بارمىسا بولمايدىغان يەرلەرگە بىللە بېرىڭ، ئولتۇرسا تەڭ ئولتۇرۇپ، قوپسا تەڭ قوپۇپ، كۆزدىن نېرى قىلماڭ. بۇ كۈنلەردىزە ئەرلەردىغۇ ئىنساب قالمىدى، خوتۇن خەقتىمۇ ئىنساب قالمىدى ...
    ئۇنىڭ مۇنداق سۆزلىرىگە مەسخىرە ئارىلاش ھەسرەتلىك كۈلىمەن. ئۇ مېنىڭ ئۇنى ئەمەس ، ئۆزۈمنى مەسخىرە قىلىۋاتقىنىمنى بىلمەيدۇ، بەلكىم مەنمۇ ئۇنى چۈشەنمەيدىغاندىمەن. ئىنسان دېگەن شۇنداق نەرسە، بىرى بىرى ئۈچۈن مەڭگۈ نامەلۇمخانە .
    مەن توي قىلغان كېچىسى ئېرىمنىڭ ئىلگىرىكى سۆيگىنى زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋالغان ئىدى. ئاشۇ پاجىئە مېنىڭ بەختسىز تەغدىرىمنىڭ باشلىنىشى بولدى. كىم بىلسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسلى ماڭا تەۋە بولمىغان بەختنى قوغلاشقانلىقىمنىڭ جازاسىدۇر. بەلكىم، چىراغنى ئۆچۈرىۋاتقىنىمدا ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا بىر جۈپ ئەلەملىك كۆزنى كۆرىمەن، كېچىلىرى ئۇشتۇمتۇت ئويغۇنۇپ كەتسەم، قاراڭغۇ، جىمجىت ئۆي ئىچىدە بىرىنىڭ شىپىرلاپ ماڭغان تىۋىشىنى، ئىشىكلەرنىڭ بىلىنەر-بىلىنمەس ئېچىلىپ- يېپىلغانلىقىنى ئاڭلايمەن. ئېرىم ھاراق ئىچىۋالغان چاغلىرىدا «سەن مېنىڭ ھاياتىمنى ۋەيران قىلدىڭ ! نىمە قارا بېسىپ سەن بىلەن تونۇشۇپ قالغان بولغۇيتتۇم؟»دەيدۇ. مەنمۇ ئۇنىڭغا: «مېنىڭچۇ؟ مېنىڭ ھاياتىمنى كىم ۋەيران قىلدى؟ مەنمۇ ساڭا تېگىمەن دەپ چاپلىشىۋالغانمىدىم؟» دەيمەن. بۇ بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى مەڭگۈ ئايىغى چىقمايدىغان دەۋا، ئۇ مېنى ، ئاتا-ئانامنى، يەتمىش پۇشتۇمنى قويماي تىللاپ قارغايدۇ، تىللاپ ھارغاندا ئۇتتۇر كەلگەن يەرگە ئۆزىنى تاشلاپ خورۇلداپ ئۇيقىغا كېتىدۇ. مەن قاراڭغۇ تورۇسقا قاراپ يېتىپ، تارتقان ھەممە خورلۇقلىرىمنىڭ دەردىنى كۆزۈمدىن ئالىمەن. مۇنداق چاغلاردا گويا مېھرىبان ، جاپاكەش ئانام يېنىمغا كەلگەندەك، چاك-چاك يېرىلىپ كەتكەن قوللىرى بىلەن چاچلىرىمنى سىلاپ تۇرۇپ: «سەۋرى قىل قىزىم، ئۇلار دېگەن ئەر خەق، بىز بولساق خوتۇن كىشى... بىزنىڭ پىشانىمىزگە پۈتۈلگىنى سەۋرى-قانائەت، سەۋرى قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پۈتىدۇ دىيىشىدۇ ... » دەۋاتقىنىنى ئاڭلىغاندەك بولىمەن. شۇنداق، خوتۇن كىشىنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگىنى سەۋرى- قانائەت، سەۋرى-قانائەتچان خوتۇن كىشى بەخت- سائادەتلىك بولىدۇ . ھەر قېتىم ئانام ئاچچىقى يامان دادامدىن تاياق يەپ ئورنىدىن تۇرالمىغۇدەك ھالغا چۈشۈپ قالغاندا چوڭ ئاناممۇ بۇ سۆزنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى.
     ئانام ھەر كۈنى تاماقنى پىشۇرۇپ، قاچا-قۇچىلارنى تەييار قىلىپ قويۇپ، پەگاغا ئۆتۈپ يەرگە قاراپ تۇراتتى. قازان بېشىغا چوڭ ئاناپ ئۆتۈپ ئالدى بىلەن يوغان گەردىن چىنىگە دادامغا ئاتاپ تاماق  ئۇساتتى ، دادامغا ئۇسقان تاماقنىڭ يۈزىدە مايلىرى پارقىراپ تۇراتتى، ئىككىنچى قاچىنى ئۆزىگە ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى ئىنىمغا، چوڭ ئاچامغا ، كىچىك ئاچامغا، ماڭا، سىڭلىمغا، ئەڭ ئاخىرىدا ئانامغا ئۇساتتى. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئانامغا ئاشنىڭ سۈيىلا قالاتتى. ئۇ ئۈن-تىنسىز ئاشخانىغا كىرىپ كېتىپ تاختا بېشىدىن بىرەر پارچە زاغرا نان ئالاتتى-دە، ئاشنىڭ سۈيىگە چىلاپ يىيىشكە باشلايتتى. مۇنداق چاغلاردا چوڭ ئانامنىڭ غۇدۇراپ، جىملەشلىرىگە قارىماي: 
    - ئانا بۇ ئاشنى ئىچىپ بولالمىغۇدەكمەن، ساڭا يېرىمىنى بۆلۈپ بېرەي، - دەيتتىم. ئانام زادىلا ئۇنىمايتتى. بەزىدە كۆڭلۈمنى قالدۇرماسلىق ئۈچۈن بىر-ئىككى قوشۇق بۆلۈپ ئالاتتى، ئانام دادامدىن ئەيمىنىپ ئاشخانىدىكى يىرتىق بورىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ تاماق يەيتتى. مەن ئۇنىڭ دادام بىلەن ئېچىلىپ-يېيىلىپ پاراڭلىشىپ باققىنىنى ، دادام بىلەن بىللە بىر ياقلارغا چىققىنىنى زادىلا كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم.

                                                                        *                *              *

       ئەتىگەنلىك ۋاقىت بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ ئالدىراشلىق ۋاقىت، ئاخشىمى تېلىۋىزۇرنىڭ ئالدىدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ ئۇيقىسى قانمىغان بالىلىرىم ئەتىگەنلىك چېيىنى ئىچىپ مەكتەپكە ماڭغۇچە ئۆيدە قىيامەت قايىم بولغىلى تاسلا قالىدۇ. بالىلىرىمدىن كېيىن ئېرىم ماڭىدۇ، مەن ئەڭ ئاخىرىدا قالىمەن، توختىماي سائىتىمگە قارىغاچ قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرىۋېتىپ، ئەينەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ چاچلىرىمنى نېرى-بېرى تۈزەيمەن. ئەينەكتىكى ياداڭغۇ، ھارغىن چىراي ، بۇدرە قىلىنغان شالاڭ چاچلىرىنى ئارقىسىدىن بىر تال قىلىپ بوغىۋالغان ئايال __مەن . مەن ئۇنىڭغا قاراپ ئىچىمدە دەيمەن : قاپىقىغا ئاز-تولا سۈرمە سۈرىۋالغان بولسا كۆزلىرى ئۇنچە نۇرسىز كۆرۈنمەس ئىدى ... بىراق سائەت سىترىلكىسىنىڭ باغرى تاشلىق بىلەن يەتتە يېرىمنى كۆرسىتىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ، ھېچنىمىگە قارىماي، سومكامنى قولۇمغا ئالىمەن .
     ئىشىكنى سىرتتىن تاقاۋاتقىنىمدا ئۇدۇل قوشنامنىڭ ئىشىكىمۇ ئېچىلىدۇ. ئىككىمىز يۈزمۇ-يۈز دوقۇرۇشۇپ قالمىساقلا سالاملاشمايمىز، قەۋەتلىك بىنا دېگەندە ھەر بىر ئۆي ئۆز ئالدىغا بىر كىچىك دۇنيا، بىر دۇنيا يەنە بىر دۇنياسىزمۇ چۆگىلەۋېرىدۇ .
     سىرتقا چىقىپ ئىشقا كېتىۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئالدىراش ئېقىمىغا قوشۇلۇپ كېتىمەن ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە خۇددى بىر قېلىپتا قۇيۇلغاندەك بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئالتە قەۋەتلىك بىنالار قاتار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. سەرەڭگە قېپىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ ئۆيلەردە بىر كىم ئۈنلۈكرەك يۆتەلسە پۈتۈن بىنا ئاڭلايدۇ. ئەر-خوتۇن ئۇرۇشۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ جىدىلىگە بىنادىكى ھەممە ئادەم گۇۋاھچى بولىدۇ، ئىشقا بېرىش، ئىشتىن چۈشۈش، تىلۋىزۇر كۆرۈش، ئۇخلاش ... بۇ بىنالاردا ئولتۇرىدىغان ھەممىمىزنىڭ تۈرمۇش تەرتىۋى. كۈنلەر، ئايلار، يىللار تاكى بىزمۇ ھاسا تاياققا تايىنىپ ئاستا ئايلىنىپ يۈرۈشكەن، يولنىڭ چېتىدە گېزىت ئوقۇپ ئولتۇرۇشقان ئاۋۇ بوۋايلار ۋە ئۇلارنىڭ كېسەلچان مومايلىرىنىڭ ھالىغا چۈشۈپ قالغىچە شۇ تەرىزدە ئۆتىدۇ. بۇ خىل تۇرمۇش تەرتىۋى ھەممىمىزدە ئوخشاش تۇرمۇش قارىشى، ئوخشاش مىجەز-خاراكتېر، ئوخشاش ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى يېتىلدۈرگەن. بىرەر ئۆيگە بىرخىل جاھازا سېتىۋالسا، ئەتىسىلا ھەممە ئۆيلەردە  بۇ خىل جاھازا پەيدا بولىدۇ. بىرەر ئايال يېڭى پوسۇنلۇق كىيىم-كېچەك ياكى ئالتۇن زۇننار سېتىۋالسا ، ئەتىسىلا ھەممە ئاياللار تەڭ سېتىۋالماي قالمايدۇ. بۈگۈنى بىر ئايال بالكۇنغا پەردە تارتسا، ئەتىسى پۈتۈن بالكۇنلارغا رەڭگا-رەڭ پەردىلەر تارتىلىپ كېتىدۇ. بارغانسېرى كۆپۈيىۋاتقان ھەم بارغانسېرى قولايلىشىۋاتقان قەۋەتلىك ئۆيلەر تېخىمۇ كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى، تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ بولالىغىنى يوق.
    مەن دائىم ياپيېشىل قارغايلىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئىككى قەۋەتلىك ئاپئاق ئۆيدە ئايلىنىپ يۈرۈپ چۈشەيمەن، دېرىزەمنىڭ تۈۋىدە جىرا سۇلىرىنىڭ شارقىرىشى ئاڭلىنىدۇ. يىراقتىن ئۈستىنى قار قاپلىغان تەڭرىتېغى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ، ئويغىنىپ كەتكىنىمدە ئۆيۈم كۆزۈمگە دوزاختەك كۆرۈنىدۇ.  بىراق، چۈش دېگەن بەرىبىر چۈش، ئادەم دېگەننىڭ داۋاملىق چۈش ئىچىدە ياشىشى مۇمكىن ئەمەس.

                                                                       *              *             *

     ئىشخانىغا كىرىشىمگە ئۈستىلىمدىكى ئەينەكنىڭ ئاستىغا باستۇرۇپ قويۇلغان پوچتا ئاتكىرتكىسىغا كۆزۈم چۈشتى، ئۇنى ئاۋايلاپ ئالدىم . يۈرۈكىم دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى، ئۇنىڭدىكى يەنىلا خاتىرە ئاىرسىغا قىستۇرۇلغان يوغان بىر تال يوپۇرماق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا لەپىلدەپ چۈشىۋاتقان سانسىز يوپۇرماقلارنىڭ سۈرىتى ئىدى. ئاتكرىتكىنىڭ ئىچى تەرىپىگە «تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن !» دېگەن سۆز ماشىنىدا بېسىلغان، ھېچقانداق ئىمزا قويمىغان ، كۆزلىرىم غازاڭلار ئۈستىدە تېڭىرقاپ قالدى. ھۇدۇقۇپ ۋە پەرىشانلىق ئىچىدە گويا غازاڭلار ئارىسىدىن تونۇش مەنزىرە ، تونۇش چىرايلارنى ئىزدەۋاتقاندەك قارايتتىم، مەن ھەر قېتىمقىدەك ئۇنى يىرتىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتتىم.
     - ئاسىيە ھەدە، قالتىس ئامەتلىك جۇمۇ سىز ! بىراق سىز بۇ ئامەتنىڭ قەدرىگە يەتمەيۋاتىسىز، ئەگەر مۇشۇ دۇنيانىڭ بىر بۇرجىگىدە مېنى ئويلايدىغان، ماڭا ئۈن-تۈنسىز بەخت تىلەيدىغان بىر ئادەم بولىدىغان بولسا ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بارلىغىمنى قۇربان قىلغان بولاتتىم ... - ئۇدۇلۇمدىكى ئالتۇندەك ساپ-سېرىق چاچلىرى مۈرىسىدە يېيىلىپ تۇرىدىغان، ئەڭ يېڭى مودىدا كىيىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان خىزمەتدىشىم دىلنار ئاستىنقى لېۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.
     قاتىلنىڭ قولىدەك تىترەۋاتقان قولۇمنى ئۇنىڭغا كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن ئېڭىشىپ تارتمىلىرىمنى ئاختۇرغان بولىۋالدىم.  بەختىمگە كۆز ئەينىكىم قولۇمغا چىقتى، ئۇنى پەم بىلەن سۈرتۈشكە باشلىدىم.  دىلنار تېخىچە ئېڭىكىنى ئىككى قولى بىلەن يۆلىگىنىچە ماڭا قاراپ ئولتۇرىدۇ. 
     - ئاسىيە ، سىززە قالتىس ئەخلاقلىق ئايال جۇمۇ ! مەن سىزگە قايىل ئاسىيە، يىرتىۋېتىپ ياخشى قىلدىڭىز ، ھېچكىمدىن قالغۇسىز ئېرىڭىز، قىزىل گۈلنىڭ غۇنچىسىدەك بالىلىرىڭىز تۇرغان يەردە ...
     50-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، نەۋرىلىك بولۇپ كەتكەن سائادەتنىڭ بۇنداق ئىشلارغا قارىتا كۆز قارىشى ئېنىق، مەيدانى مۇستەككەم ، ئۇ دائىم 50 ياشقا كىرگەن كۈنۈم بۇ ئىشخانىغا باغلاپ قويسىمۇ تۇرمايمەن، پىنسىيەگە چىقىپ بالىلىرىمنىڭ راھىتىنى كۆرىمەن ، دەيدۇ ، ئەمما ئۇنىڭ قاچان 50 ياشقا كىرىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ . 
     - ھە، ئاسىگۈل، بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنىڭىزمۇ؟ مۇنداق ئىشلاردىن بىزنىمۇ خەۋەرلەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز، ئۆيىڭىزدە بىرەر ئاخشام ئولتۇرۇپ، تازا تەبرىكلىمەسمىدۇق؟ ھىم، سىززە، شۇنداق قىلىپ ئاتكىرىتكىنى يىرتىۋەتتىڭىز؟ بىر بىچارىنىڭ يۈرىكىنىمۇ پارە-پارە قىلىۋېتىپسىز-دە ! ھا-ھا-ھا ...
     بۇ، ئىشخانىدىكى بىردىن- بىر ئەر خىزمەتدىشىمىز لېتىپنىڭ سۆزلىرى، مەن ئۇنىڭ چىرايىغا قارىمىساممۇ كۆزلىرىدە، قىيسايغان لەۋلىرىدە ئەكس ئەتكەن مۇنداق خوتۇنلاردا يۈرەك نېمىش قىلسۇن، دېگەن مەنىنى كۆرگەندەك بولىمەن.
    يېڭى يىل ئاخشىمى ئىدارە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىگىدە تانسا ئويناۋېتىپ ماڭا ئەدەپسىزلىك قىلغاندا، ھېچكىمگە تۇيدۇرماي جاجىسىنى بېرىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇ ماڭا ئاداۋەت ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇنچىۋالا يامان ئادەممۇ ئەمەس، بىزگە پوخۇرلۇق قىلغىنى بىلەن ھاكاۋۇر، سوغۇق تەلەت خوتۇنىدىن ئۆلگىدەك قورقىدۇ. ئۇنىڭ چىرايىدىن ئۇپا-ئەڭلىك توزۇپ تۇرىدىغان خوتۇنى مېنىڭ كۆزۈمگە خۇددى نىقاب تارتىۋالغاندەك كۆرۈنىدۇ. كۆڭلۈمدە كۈنلەرنىڭ بىرىدە لېتىپ ئاچچىقىغا چىدىماي خوتۇنىنىڭ يۈزىدىكى ئاشۇ نىقابنى يىرتىپ ئېلىۋەتسە، ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ ئادەتتىكى، ياۋاش بىر ئايالغا ئايلىنىپ قالاتتىمىكىن، دەپ قالىمەن.
     قىسقىسى، ئىشخانىدىكى ھەممىمىز بىر- بىرىمىزدىن ئانچە كۆپ پەرىقلەنمەيدىغان ئاددىي كىشىلەرمىز، بىز پەنەركە بىلەن توسۇپ ياسالغان كىچىككىنە ئىشخانىمىزنى، ئۇنىڭدىكى ئۆتۈنۈش ھىدى كېلىپ تۇرىدىغان ھەر بىر ۋاراق قەغەزنى، ھاياتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىنى تالىشىش-تارتىشىش ئىچىدە بىللە ئۆتكۈزىدىغان خىزمەتداشلىرىمىزنى ياخشى كۆرىمىز. ئۇلارسىز ئۆتكەن ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز، ئىنسان بەرىبىر ئىنسان.  تۇرمۇش دېگەن بەرىبىر تۇرمۇش، ئۇ ھامان ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە گاھ شادلىق، گاھ قايغۇ، گاھ كۈلكە، گاھ يىغا ئىچىدە مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.
    مەن خىزمەتداشلىرىمنىڭ سۆزىنى جاۋابسىز قالدۇرۇپ، ئالدىمدىكى قېلىن بىر پارچە ماقالىنى ئوقۇشقا باشلىدىم.
     «مىسوپوتامىيە-گىرىكچە ئىككى دەريانىڭ ئارىلىقىدىكى جاي دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇ غەرپتە ئەرەب چۆلىگە، شەرقتە زاگرىس تاغ تىزمىسىغا تۇتىشىدۇ... ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى ئىنسانلار ئۇ يەردە بابىل قاتارلىق دۆۋلەتلەرنى قۇرغان. پارلاق مىسوپوتامىيە مەدەنىيىتىنى ياراتقان... »
    مەن بۇ سۆزلەرنى ئون قېتىمچە ئوقۇپ مەنىسىنى ئاران چۈشەندىم. خىيالىم ھە دېسىلا يوللارنىڭ ئىككى چېتى، كۆز يېتىدىغانلىكى يەرلەرنىڭ ھەممىسى توپ-توپ قىزىلگۈللەر بىلەن تولغان ئاجايىپ بىر ماكانغا، يىراقتىكى غازاڭ باسقان يېزا يوللىرىغا كېتىدۇ. خىيالىمنى مىڭ بىر جاپادا يىغىمەنۇ، يەنە ھايال ئۆتمەي قېتىپ قالغاندەك بىر نۇقتىغا تىكىلىپ قالىمەن ...
     ئۇ دەل قىزىلگۈل ئېچىلغان مەۋسۈم ئىدى، يوللارنىڭ ئىككى چېتى، ئەتراپتىكى كۆز يېتىدىغانلىكى يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە توپ-توپ قىزىلگۈللەر ئېچىلىپ كەتكەنىدى.
    ھېلىلا ياغقان يامغۇردىن تازىلانغان ھاۋادىن قىزىلگۈلنىڭ پۇرىقى كېلەتتى. كىتابىمنى قولتۇقۇمغا قىستۇرۇپ، قولۇمدىكى گۈلنى ھىدلىغىنىمچە كېتىپ بارىمەن . ھەر يەكشەنبە ساناتورىيىنىڭ مۇشۇ يولىدىن بالىلىرىم قۇشتەك ئۇچۇپ كېلىشەتتى. بىراق ئۇ كۈنى يامغۇردا يۇيۇلغان يول يىراق-يىراقلارغىچە ئادەمسىز، جىمجىت. ئۇ يەر ، بۇ يەردە توختاپ قالغان يامغۇر سۇلىرى كەچكى شەپەقنىڭ ئەكس ئېتىشى بىلەن ئەينەكتەك ۋالىلدايدۇ ... تۇيۇقسىز ئۇ خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولدى. ئەزبىرايى خۇدا، راست شۇنداق، قاراپ تۇرۇپ ئۇنىڭ چوڭ دەرۋازىدىن قانداق كىرگىنىنى كۆرمىگىنىم قىززىق ... ئۇنىڭ قولىدا چوڭمۇ ئەمەس ، كىچىكمۇ ئەمەس بىر سومكا بار ئىدى. ئۇ كۈلۈمسىرەپ يېقىنلىشىپ كەلدى. شۇ چاغدا ... ئۇشتۇمتۇت قولتۇقۇمدىكى كىتاب پالاققىدە يەرگە چۈشۈپ كەتتى. مەن شۇنداق كالامپاي، مەن ئېڭىشىپ بولغۇچە ئۇ، كىتابنى يەردىن ئېلىپ ماڭا تەڭلىدى. كۆزلىرىم ئۇچراشقان دەقىقىدە كەچكى شەپەقنىڭ قىزغۇچ نۇرى چاقناپ تۇرغان قوي كۆزلىرىدىن ئاققان ئىللىق بىر ئېقىم ۋۇجۇدۇمغا قۇيۇلدى. ئۇ قىزىلگۈل پۇرىقى ئىچىدە يىراقلاپ كەتتى. مەنمۇ ئۆز يولۇمغا - كەچكى شەپەققە چۆمۈلۈپ سوزۇلۇپ ياتقان، قەبرىستانلىقتىكى چىغىر يولدەك جىمجىت يولنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىگە قاراپ ماڭدىم. بىراق ،قەلبىمدە چۇقان كۆتۈرۇلدى: 
     - ئىسكەندەر ! ... ئۇ ئىسكەندەرغۇ! خاتىرەمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلانغان بىر ئىسىم ئاغزىمدىن ئېتىلىپ چىقتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرمەكچى بولۇپ توختاپ قالدىم . ئۇ مېنى تونىدىمىكىن ؟ ياق ، تونالمايدۇ . شۇنچىلىك ياداقغۇ، سۇلغۇنمەنكىن، شۇتاپتا تۇغقان ئانام كۆرسىمۇ تونۇيالماس مېنى .
 


ئوربېتا باشقا تېمىلار
ئوربېتا (1)ئوربېتا(2)ئوربېتا(3)ئوربېتا(4)ئوربېتا(5)
ئوربېتا(6)