باش بەت / ساقلايمەن

ئوربېتا(5)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-10 05:43 | ئاپتور: خالىدە ئىسرايىل | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

     مېنىڭ سۆزۈمگە ھېچكىم جاۋاب قايتۇرمىدى، بىراق كۆڭلىمىزگە كەچكەن ئويلار بىر-بىرىمىزگە ئايان ئىدى. ئۈچىمىز خېلىغىچە سۈكۈت ئىچىدە ئولتۇرۇشتۇق.
     سائادەت يېقىندىن بېرى ئوڭ بېقىنىنىڭ سانجىپ ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، بىراق دوختۇرغا كۆرۈنۈشتىن قورقىۋاتقانلىقىنى، ئېرىنىڭ يەنە يېڭى ئاشقا تېپىۋالغانلىقىنى، ئوغلىنىڭ مەكتەپتىن قېچىپ يۈرگەنلىكى توغرىسىدا سۆزلەپ، بىردەم كۆز يېشى قىلدى. ئارقىدىن ئىككىمىز بىرلىكتە دىلنارغا تېزرەك توي قىلىۋېلىڭ، دەپ نەسىھەت قىلىشقا چۈشتۇق. 
     - بولدى، مېنى قىستاۋەتمەڭلا،سىلەرگە راست گېپىمنى قىلسا، توي قىلىشتىن قورقىمەن،-دېدى ئۇ .
     - توۋا، ماۋۇ گەپنى قاراڭ، توي قىلىشنىڭ قانداق قورققۇدەك يېرى باردۇ ئەمدى. 
     - خۇدايىم ئىنسانلارنى جۈپى-جۈپى، خىلى-خىلى بىلەن يارىتىدۇ، دېيىشىدىكەن. بىراق، ئىنسانلار يەر يۈزىگە كەلگەندە ئادىشىپ كېتىپ، ئۆز جۈپتىنى زادىلا تاپالماسمىش. دۇنيادىكى ھەممە بەختسىزلىكنىڭ سەۋبى شۇنىڭدىنمىش. مەنمۇ سىلەردەك ئۆز خىلىمنى تاپالماي ھەسرەت-نادامەت ئىچىدە قېلىشتىن قورقىمەن-دە.
     - ئۇنداقتىزە مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتىدىكەنسىزدە؟
     - بەلكىم شۇنداقمۇ بولار ياكى بولماس، بىراق مېنىڭچە توي قىلىش بۇ دۇنيادا ياشاشنىڭ بىردىنبىر شەكلى ئەمەس. مېنىڭچە توي قىلمايمۇ ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ.
     - قېرىغاندا يالغۇز قالىسىز، بۇ ياشلىقىڭىز، كۈچىڭىز سىزگە باقىۋەندە ئەمەس جۇمۇڭ، خېنىم ...
     - زۆرۈر تېپىلسا يېتىم بالىدىن بىرەرىنى بېقىۋالارمەن. بىراق، مەن 10 بالىسى بار بىر قېرى خوتۇننىڭ كوچىدا تىلەمچىلىك قىلىپ جان بېقىۋاتقىنىنى كۆرگەن... 
     بۈگۈنمۇ سائادەت ئىككىمىز ئۇنىڭغا گەپ تېپىپ بېرەلمەي قالدۇق. ھەر قېتىم شۇنداق بولىدۇ. بىراق، بۇ بىزنىڭ ئۇنى قايىل قىلىش ئىرادىمىزگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ. بىز ئۇنىڭ قەلبىدىكى خام-خىياللىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەممە تىرىشچانلىقىمىزنى ئايىماي ئىشقا سالىمىز.
     بىز قالغان ۋاقىتنىڭ كۆپ قىسمىدا بىلىنەر-بىلىنمەس ھەسەت، ئاچكۆزلۈك ھەم ھەۋەس ئارىلىشىپ كەتكەن ھاياجان ئىچىدە كۆزلىرىمىزنى ئوتتەك چاقنىتىپ، رەڭگا-رەڭ يېڭى رەختلەر ۋە مودا كىيىملەر توغرىسىدا زوق بىلەن پاراڭلاشتۇق.
     بىز كۆپ ھاللاردا بىر- بىرىمىزگە ۋە باشقىلارغا كىيىنىش ئادىتىنىڭ يۇقۇرى- تۆۋەنلىكىگە قاراپ باھا بېرىمىز. ئىدىتلىق، يارىشىملىق كىيىپ يۈرۈيدىغان كىشىلەر بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھۆرمەتكە سازاۋەر. بىزنىڭچە كىيىم-كېچەك بىر ئايالنىڭ پەم-پاراسىتىنى، گۈزەللىك تۇيغۇسى، ھاياتقا ۋە ئۆزىگە بولغان پوزىتسىيىسىنىڭ ئىپادىلىنىشى. بۇ قارىشىمىز بىر تەرەپلىمە بولىشى مۈمكىن، لېكىن بۇنىڭغا ئامالمۇ يوق، چۈنكى ئاياللار دېگەن بەرىبىر ئاياللاردە. ئۇلارنىڭ ئەرلەردىن ئۆزگىچىلىكى بولمىسا بولامدۇ.
     مېھمانلار خېلى كەچتە ئۇزىدى، ئابلىكىم تېخىچە يوق. مەن ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇپ بولۇپ، ئۇخلاپ قېتىپ كەتكەن بالىلىرىمنىڭ يېنىدا بىردەم تۇردۇم، ئوغلۇمنىڭ چېچى يەنە ئۆسۈپ قاپتۇ. يېقىندىن بۇيان ئۇ كىيىنىشكە ئالاھىدە قىلىدىغان، ئەينەك ئالدىدا ئۇزاققىچە تۇرۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. چوڭ بولىۋاتسا كېرەك. بىراق، مېنىڭ نەزىرىمدە تېخى گۆدەك بالا، مەن ھەر قېتىم ئۇنىڭ كارۋىتى ئالدىغا كېلىپ پۇت-قوللىرىنى ئۇزۇن سوزۇپ ئۇخلاۋاتقان ئاشۇ چىرايلىق يىگىتكە قاراپ تۇرغىنىمدا، 15 يىلنىڭ ئالدىدا دوختۇرخانىنىڭ بوۋاقلار ئۆيىدىكى كىچىككىنە كارۋاتتا ئاپئاق ئەدىيالغا ئورۇلۇپ ياتقان پۈتۈن ئەزايىنى قورۇق باسقان، قىزغۇچ ھەم يۇمران تەننى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىمەن. شۇ چاغدا مەن بوۋاقلار ئۆيىگە ئوغرىلىقچە كىرىۋالغان ئىدىم. قاتار قويۇلغان كارىۋاتلارنى ئارىلاپ كېتىۋېتىپ، ئوغلۇمنىڭ كارۋىتى ئالدىدا چىپپىدە توختاپ قالدىم، مەن ئاستا ئېڭىشىپ ئۇنىڭ قېرى ئادەملەردەك قورۇق باسقان پىشانىسىدىن سۆيدۈم. ئۇ ئويغۇنۇپ كەتتى . مېنىڭ كۆزۈمگە ئوخشايدىغان يوغان، سەل چوڭقۇر كۆزلىرىنى لەپپىدە بىر ئاچتى-دە، بىردىنلا تىپىرلىدى، قورۇقلىرى كۆپۈيۈپ، چىرايى بېغىررەڭ بولۇپ ئۆزگەردى. خۇددى مېنى قارشى ئېلىۋاتقاندەك ياڭراق ئاۋازدا يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنى كۆتۈرىۋالماقچى بولۇپ قولۇمنى تەككۈزۈشۈمگە ، كۈتمىگەندە يۆگىكى يېشىلىپ، يۆگىمەچتەڭ ئىنچىكە، ئۇزۇن پۇت-قوللىرى گويا كۈچلۈك بورانغا دۇچ كەلگەندەك لەپپەڭشىپ كەتتى. ئاشۇ ئاجىز ۋۇجۇد گويا ئېغىرلىقىنى يوقۇتۇپ چەكسىز قاراڭغۇلۇق قوينىغا چۆكۈپ كېتىۋاتقاندەك قورقۇنۇچ ئىچىدە تىپچەكلەيتتى. مەن ئۇنى دەرھال قۇچۇقۇمغا ئالدىم، شۇ ھامان ۋۇجۇدۇمنى چۇلغىۋالغان ئىللىق بىر ئېقىم پۇت-قوللىرىمنىڭ ئۇچىدىن، تومۇر-تومۇرلىرىمدىن كۆكسۈمگە قاراپ ئاقتى. كۆڭلىكىمنىڭ ئالدى ھۆللەنگەنلىكىنى سەزدىم. تىترەپ تۇرغان ، ھېچ قولاشمايۋاتقان قوللىرىم بىلەن كۆڭلىكىمنىڭ تۈگمىسىنى ئالدىراپ يەشتىم. سېستىرا ئايالنىڭ كايىشلىرىغا پەرۋا قىلماي، يۈرەكلىرىم دۈپۈلدىگەن ھالدا سەل قىزىقىش ھەم ھەيرانلىق ئىچىدە ئوغلۇمنى ئىمىتىشكە باشلىدىم. ئابلىكىم چۈشتىن كېيىن كەلدى. ئۆزىنىڭ دادا بولۇپ قالغانلىقىغا ئىشەنگىسى كەلمىگەندەك ئوغلىنى ھېيىقىپ تۇرۇپ قولىغا ئالدى. ئۇ بۇ ئوغۇلنىڭ نەقەدەر كەسكىن، ھايات-ماماتلىق ئېلىشىش ئىچىدە دۇنياغا كەلگەنلىكىنى كۆرمىگەن ئىدى. مەن يوغان بىر داس كىرنى يۇيۇشقا باشلىغاندا ئۇ سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىدى. كىرنى يۇيۇپ بولۇشۇمغا قورسۇقۇم ئاغرىشقا باشلىدى. مېنى دوختۇرخانىغا قوشنىلار ئاپىرىپ قويدى. مەن ئاياللارنىڭ سۈرلۈك داد-پەريادى ئاڭلىنىپ تۇرغان تۇغۇتخانىغا ئۆزۈم يالغۇز كىرىپ كەلدىم. كېچىچە ئۆلۈم بىلەن ئېلىشىۋاتقىنىمدا، باشقا ئاياللارنىڭ ئەرلىرىدەك ماڭىمۇ ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ مەدەت بېرىدىغان ئادەم چىقمىدى. مەن تۇغۈتخانىنىڭ چاقلىق ھارۋىسىدا جالاقلاپ تىترەپ يېتىپ ياتاققا قايتىۋاتقىنىمدا ، بىرەرىنىڭ ئۈستۈمگە قېلىنراق بىر نەرسە يېپىپ قويۇشىنى شۇبچىلىك ئارزۇ قىلغان ئىدىم. بىراق ماڭا ھېچكىم بىر نەرسە يېپىپ قويمىدى. بىر خەنزۇ ئايال توڭۇپ كەتكىنىمنى، قارايدىغان ئادىمىمنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ، يوغان بىر چىنە قايناقسۇغا قارا شېكەر چېلىپ بېشىمغا ئېلىپ كەلدى. مەن ئۇنى گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋەتكەندىن كېيىنلا بىر ئاز ئىسسىغاندەك بولدۇم.
     ئانا ھاياتى بىلەن باراۋەر مۈشكۈلچىلىك بەدىلىگە پەرزەنتتىنى يورۇق دۇنياغا كەلتۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىگە چۆمىلىدۇ. ئۇنداقتا دادىچۇ؟ ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتى يوقمۇ؟ ئابلىكىمنىڭ كەمدىن-كەم ئۆيدە بولىدىغان چاغلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشى__ئۇيقۇ، شۇ تاپتا ئۇ نەلەردە يۈرۈيدىكىن؟ 
     مەن چىراقلارنى ئۆچۈرۈپ، ئۆيلەرنى ئايلاندىم. تور پەردىلەر دېرىزىلەردىن غۇرقىراپ قىرىۋاتقان سالقىن شامالدا توختىماي لەپىلدەيتتى، ئاي نۇرى تۆكۈلگەن گېلەم ئۈستىدە ، ئاپئاق تاملاردا يوغان قارا سايىلار ئەلەڭلايتتى. كارىدۇردىن، بالىلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئاشخانىدىن شىپىرلىغان ئاۋازلار، ئوتلۇق خۇرسىنىشلار ئاڭلانغاندەك بولاتتىم. ئىشىكلەر ئۆزىچە ئېچىلىپ-يېپىلاتتى. ئاشۇ ئاۋازلارنى، ئاشۇ خۇرسىنىشلارنى ئىزدەپ چىققىنىمدا ھەممە يەر جىمجىتلىققا چۆكەتتى ...
     ئالدىمدا كېتىۋاتقان مۈرىلىرى تىككىدە، ئىنچىكە بەل، پۇتلىرى تۈپتۈز ھەم ئۇزۇن كەلگەن ئايالنىڭ كېلىشكەن قامىتىگە سەپسالغاچ كېتىپ بارىمەن. ئاددىيلا يەڭسىز كۆڭلەك، كۆڭلەك بىلەن ماسلاشقان باسنۇچكا باشقا ئايالنىڭ ئۇچىسىدا بولسا مۇنچىۋالا چىرايلىق كۆرۈنمىگەن بولاتتى، ئۇ چوقۇم گۈزەل بولسا كېرەك...
     ئايال دەل مەن كىرمەكچى بولغان ماگىزىنغا، يەنە كېلىپ يەر ئاستى قەۋىتىگە قاراپ ماڭدى. ئۇ يانغا بۇرۇلغاندا ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قاراپ، بىردىنلا ئۇنى تونۇۋالدىم. ئۇ مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم ئىبادەت ئىدى! مەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يېقىنلاپ بېرىپ قولۇمنى ئاستاغىنە مۈرىسىگە قويدۇم. ئۇ چۆچۈپ كەينىگە قارىدى. كۆزلىرىدە تەئەججۈپ، خۇشاللىق چاقنىدى.ئارقىدىن ياش قىزلاردەك چۇقان-سۈرەن بىلەن بوينۇمغا گىرە سالدى ...
     مەن ئىبادەتنىڭ مېھمانخانىسىدا ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قاراپ ئولتۇرۇپ يىللارنىڭ رەھىمسىزلىكى ۋە سېھرىي كۈچىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۆزگەرمىگەن بىردىنبىر نەرسە بەلكىم ئەينى ۋاقىتلاردىكى پاكىزلىق، سەرەمجانلىقنى ياقتۇرىدىغان مىجەزى بولسا كېرەك. ئۇنىڭ مېھمانخانىسىدىكى ھەممە نەرسە كىشىگە گويا ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان مۇشۇنداق تازا ۋە سۈرلۈك سۈكۈنات ئىچىدە پېتى بۇزۇلماي تۇرغاندەك، بۇ يەرگە بىرەر جانلىق ئەمەس، چاڭ توزانمۇ كىرەلمەيدىغاندەك تەسر بېرەتتى. بىراق، ئىبادەت نان-توغاچ، تاتلىق-تۈرۈملەرنى شىرەگە تىزىشى بىلەنلا ئۆي تەۋرەپ كەتكەندەك بولدى. يەرگە تېگىپ تۇرغان يىپەك تور پەردىلەر، ياپقۇچ-داستىخانلار مىدىرلاپ، ئۆينىڭ بۇلۇڭ-بۇلۇڭلىرىدىن، يوغان-يوغان تۆت-بەش مۈشۈك ئوتتۇرىغا سەكرەپ چىقتى. تاتلىق-تۈرۈم تىزىلغان شىرەنى ئايلىنىپ، چۆگىلەپ يۈرۈشكەن مۈشۈكلەر ئىبادەت چەينەكنى كۆتۈرۈپ ئاشخانىغا چىقىپ كېتىشىگە مېنىڭ ئۆزلىرىدىن قورقۇپ ئولتۇرغىنىمنى سەزگەندەك بىردىنلا جانلىنىپ كەتتى. مەن كۆزلىرىمنى چەكچەيتكىنىمچە مۈشۈكلەنىڭ كەينى-كاينىدىن شىرە ئۈستىگە سەكرەپ چىققىنىغا ، ھال رەڭ ئېغىزلىرىنى يىرتقۇچلارچە يوغان ئېچىپ مىياڭلىشىپ، بىر-بىرىگە خىرىس قىلىشقىنىچە نازۇ-نېمەتلىرىنى تالىشىۋاتقىنىغا قاراپ قېتىپ قالدىم، ئىبادەت كىرمىگەن بولسا بەلكىم ئۆينى مۈشۈكلەرگە تاشلاپ قېچىپ كېتەتتىممىكىن-تاڭ. ئۇ مۈشۈكلىرىنى مېھرىبانلىق بىلەن سىلاپ بىر-بىرلەپ يەرگە ئېلىپ قويدى-دە، مۇلايىملىق بىلەن:
     - قۇندۇز، ئالتۇن، بۈگۈن ئۆيدە مېھمان بار، گەپ ئاڭلاڭلار جۇمۇ خانلىرىم،- دېدى ۋە پىيالىلارغا چاي قۇيغاچ مۈشۈكلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكە باشلىدى،- مېنىڭ بۇ بالىلىرىم بەك غەرەز ئۇقىدۇ دېگىنە، دىققەت قىلدىڭمىكىن، ھەممىسىنىڭ نەسلى ئېسىل، ئاۋۇ ئالتۇن چەتئەل مۈشۈكى بىلەن يەرلىك مۈشۈكنىڭ ئاسلىنى... بالىلىرىم دېگىنىمگە كۈلىۋاتامسەن؟ سەنلا ئەمەس، ھەممە ئادەم كۈلىدۇ. كۈلسەڭلار كۈلىۋېرىڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ ئاغزى. لېكىن مېنىڭ كۈنۈم شۇلار بىلەن ئۆتىدۇ. شۇلارغا قاراپ كۆڭلۈم خوش بولىدۇ... خەقنىڭ ئېرى، بالىلىرى باردۇ، مېنىڭچۇ؟ مېنىڭ ھېچ نىمەم يوق ...
     ئۆزلىرى توغۇرۇلۇق گەپ بولىۋاتقىنىدا باشلىرىنى ئېگىپ مۇلايىملىق بىلەن مىياڭلىشىپ تۇرۇشقان مۈشۈكلەر ئەمدى ئىگىسىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن كارى بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇشتۇمتۇت كەينى-كەينىدىن شىرە ئۈستىگە سەكرەپ چىقىشتى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە شىرەنىڭ ئۈستى يەنە جەڭ مەيدانىغا ئايلاندى، چايلار تۆكۈلۈپ، پىيالىلەر سۇندى.
     - پەش، پەشە! ھايۋانلار، چىقىشە ئۆيدىن! ھۇ...- ئىبادەت مۈشۈكلەرگە قەھرى بىلەن ۋارقىرىدى، پۇتىدىكى ساپما كەشنى ئېلىپ ھەممە ئىشنى باشلاپ قويۇپ ئەمدى شىرەنىڭ ئاسرىغا كىرىۋالغان قۇندۇزغا قارىتىپ ئاتتى. نەسلى ئېسىل مۈشۈكلەر پەقەت شۇ چاغدىلا ياۋاشلىق بىلەن بىر-بىرلەپ ئىشىككە قاراپ مېڭىشتى. مۈشۈكلەر چىقىپ كېتىشى بىلەنلا ئۆي ئىلگىرىكى تىنچ ھالىتىگە قايتتى. ئىبادەت سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
     - ...خەقنىڭ ئېرى، بالىلىرى باردۇ، مېنىڭچۇ؟... ئۈچ ئېغىزلىق ئۆينى چوغدەك ياساپ قويدۇم، لېكىن تاملىرىدىن مۇز ياغىدۇ... ئاخشىمى مۇزدەك يوتقاندا يالغۇز ئۇخلاپ قالسام، ئەتىگىنى يالغۇز قوپىمەن. كېچىلىرى ئويغۇنۇپ كېتىپ قالسام قورقىمەن . يالغۇزلىقتىن، قاراڭغۇدىن، كېيىنلىكىمدىن... شۇنداق چاغلاردا ئايىغىمدا، باشلىرىمدا مىدىرلاپ يۈرگەن مۈشۈكلىرىمنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئازىراق بولسىمۇ تەسكىن تاپىدۇ. ئۇلارنىڭ غېمىدە يۈرۈپ ئۆز غېمىمنى ئۇنتۇيمەن...
     ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىشكاپتىن بىر قاپ «خوڭتاسەن»ماركىلىق تاماكا بىلەن چىرايلىق چاقماقتىن بىرنى ئېلىپ كەلدى. تاماكىدىن بىر تال چىقىرىپ، ئورۇق، ئۇزۇن بارماقلىرى بىلەن قىستۇرۇپ ئوت تۇتاشتۇردى-دە، تاماكا ئىسىنى ئاچكۆزلۈك بىلەن ئىچىگە تارتىشقا باشلىدى. بىردەم خۇمارىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ، تاماكا ئىسىدىن كۆزلىرىنى قىسىپ تۇرۇپ سۆزلىدى:
     - ئانچە-مۇنچە چېكىپ قويىمەن .يالغۇزلۇق دەردى يامان ئىكەن . خاپىلىقتىن ئۆلۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ھەممىنى ئۆگىنىدىكەنسەن. قانداق قىلىسەن ، ئايال كىشىنى ئوڭشايدىغانمۇ، بۇزىدىغانمۇ شۇ تۇرمۇش ئىكەن... قېنى ئۆزۈڭچۇ؟ ئېرىڭ قانداقراق؟ ياق توختا، مەن پەرەز قىلىپ باقاي، ھىم ... سەن ماڭا قارىغاندا ئەقلىڭ بىلەن ئىش قىلىسەن، ئادەمنىڭ ھالىغا يېتىسەن، سەن بەختلىك ئۆتىدىغانلاردىن...
     ئىبادەتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ ئولتۇرىمەن، كۆز ئالدىمغا ئوقۇغۇچىلىق ۋاقىتلىرىدىكى ئۇزۇن چاچ، ئىككى مەڭزى ئاناردەك قىزىل، شوخ ۋە قىززىقچى ئىبادەت كەلدى. ئۇزۇن چاچلىرىنى ئېگىز تۈرىۋېلىپ، ئەتىدىن كەچكىچە توپ مەيدانىدىن كىرمەيدىغان، ئولتۇرۇش - كۆڭۈل ئېچىشلاردا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ ، يىگىتلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چىقىرىۋېتىدىغان ئاشۇ ئىبادەت بۈگۈن مۈشۈك بېقىپ كۆڭۈل ئاچىدىغان بەختسىز تۇل خوتۇنغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. 
     ئىنسان كۆڭلى ئاجايىپ نەرسە، داۋاملىق بىرگە تۇرىدىغان جان-جىگەر، يېقىن ئادەملىرىڭگە، ھەتتا ئاتا-ئاناڭغا، ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭغا تۆكمىگەن كۆڭۈل سىرىڭنى بىرەر ناتونۇش كىشىگە ياكى ئايدا، يىلدا ئۇچرىشىدىغان بىرسىگە تۆككۈڭ كېلىدۇ. ئىبادەت مەندىن «ئېرىڭ قانداقراق، ئاداش؟» دەپ سورىغاندا، مەنمۇ ئەزەلدىن ھېچكىمگە تىنمىغان، ئىچىمگە توشۇپ كەتكەن دەرد-ئەلىمىمنى تۆكۈپ-تۆكىۋەتتىم. ئۇ سۆزۈمنى ئاڭلاپ بولۇپ سوغۇققىنە ئاھاڭدا سورىدى:
     - ئەمدى قانداق قىلاي دەيسەن؟
     - بىلمەيمەن.. .نىكاھ ئۇلۇغ دىيىشىدىكەن، ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن ئۆزۈڭ بىر ئۆيدە ياشىغان ئادەمگە يەنە بىر يەرلىرىڭ تارتىشىدىكەن... يەنە بىر تۇرۇپ ئۆمرۈڭگە ئىچىڭ ئاغرىيدىكەن.
     - مەندىن نەسىھەت بولۇپ قالسۇن ئاداش، ئاجرىشىمەن دېگەن گەپنى ھەرگىز ئاغزىڭغا ئالما، ئوتنىڭ تېشىدا كۆيگەندىن، ئىچىدە كۆيگەن ئەۋزەل. ئېيىق بولسىمۇ ئېرىم بولسا، دەپ بىكار ئېيتماپتىكەن. يالغۇز خوتۇن كىشىگە بۇ كۈنلەرنى ئۆتكۈزمەك بەك تەس ئىكەن... بەزىدە ئويلاپ كېتىمەن، مېنى ئالىدىغان تۈزۈكرەك بىرەر ئەر بولسا، بىر تىيىن چىقىم قىلدۇرماي، توينى ئۆزۈم قىلىپلا تېگەتتىم.. .سېنىڭ قانداقلا بولمىسۇن ئېرىڭ، بالىلىرىڭ بار، بىلمەيسەن...
     - بولدى، ئەرنىڭ گېپىنى قويە، ئەردېگەن شۇنداق قالتىس نەرسىمۇ زادى؟ 

      بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ جىم بولۇشۇپ قالدۇق، ئىككىمىزنىڭ دەردى بىر-بىرىمىزگە ئايان ئىدى، ئىككىلىمىز بەختسىز ئىدۇق.
     - بۇ كۈنلەرنى قانداقمۇ ئۆتكىزەرمىز ئاداش؟ ئۆلىۋالغىلى تېخى بولمىسا...
     - ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئىشقا كەتسەك، قاراڭغۇ چۈشكەندە ئىشتىن چۈشىمىز، تېلىۋىزۇر كۆرىمىز، تاماق يەيمىز، ئۇخلايمىز... ئەتىسىمۇ شۇ، ئۆگىنىمۇ شۇ، ھەر قېتىم ئەينەككە قارىغىنىمىزدا كۈنلەرنىڭ مەنىسىز ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، قېرىپ كېتىۋاتقانلىقىمىزنى ئويلايمىز ... مەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە سومكا بىلەن يامغۇرلۇق چاپىنىمنى ئېلىپ، يىراق بىر يەرلەرگە كەتسەم، ئېگىز تاغلارغا چىقسام، قۇملۇقلارنى كەزسەم، زېرىككەندە ئاندىن ئۆيگە قايتىپ كەلسەم ، دەپ ئويلاپ كېتىمەن...
    - شۇ چاغدا مېنىمۇ چاقىرىۋالغىن، بىراق جۈرئەتلىكرەك بولۇش ئۈچۈن ئاۋۋال بۇنى كۆتۈرىۋەت. سەندە كەم نەرسە جۈرئەت!

    ئىبادەت مەن بىلەن چېقىشقاچ، ئىككى رومكىغا تولدۇرۇپ ئۈزۈم ھارىقى قۇيدى؛ ئاۋۋال ئۆزى رومكىنى قولىغا ئېلىپ بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتتى. بىراق ، مەن لەۋلىرىمنى تەگـكۈزدۈم - يۇ، ئىچىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم. ئىبادەت كەينى-كەينىدىن بىر نەچچە رومكىنى بوشاتتى. مېنىڭ ئالدىمدىكى بىر رومكا_ قاندەك قىزىل سۇيۇقلۇق شۇ پېتى قالدى.

 * * *

     دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئابلىكىم بىر نەچچە قۇر كۆڭلىكى بىلەن ئىچ كىيىملىرىنى سومكىغا سالدى، ئۇزاقتىن بىر چەتتە تاشلاقلىق تۇرغان ئاپپاراتىنى ئالدى، ئىشىكتىن چىقار چېغىدا ئادەتتىكىدەك قىلىپ:
     - ئىدارىنىڭ ئىشى بىلەن كېتىۋاتىمەن، شەنبە كۈنى كېلىمەن،- دەپ قويدى.
     مەن ئىشخانىدىن چىقىللا ئۇنىڭ ئىدارىسىگە تىلفۇن بەردىم، «ئابلىكىمنى چاقىرىپ قويسىڭىز»دېۋىدىم، ئىلتىماسىمغا بوم ئاۋازلىق بىر ئەر كىشى«ئابلىكىم ئائىلىسىدە دەم ئېلىۋاتىدۇ»دەپ جاۋاب بەردى. بىرەرى ماڭا چاخچاق قىلىۋاتامدىكىنە؟!تىلىفۇننى قويۇپ ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇردۇم، قولۇمنى پىشانەمگە تىرەپ ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم كۈلدۈم. كۈلكەمنىڭ ئاخىرى ئېسەدەشكە ئايلاندى. يىغامنى ،كۆز يېشىمنى باشقىلارغا كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن سۇخانىغا چىقىپ كەتتىم.
     كوچا ئاپتۇۋۇزىدا ئۆرە تۇرىمەن ، بىر قولۇم يۇقۇرىدا ، بىر قولۇم سومكامدا ، ئايىغىم قىستاپ ئاغرىتىۋاتقان پۇتۇمنى سەل ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈن كۆتەردىم-يۇ، ئىككىنچىلەپ ئورنىغا قويالمىدىم، ئاپتوۋۇزدا مېنىڭ بىر پۇتۇم ئەمەس ، يىڭنە سىققۇدەكمۇ ئورۇن يوق، نەگىلا قارىماي، ھاسىراۋاتقان، ۋايساۋاتقان، تىللىشىۋاتقان ئېغىزلار، چاپلىشىپ تۇرغان باشلار، مۈرىلەر، بىلەكلەر... خۇددى بىر يۇمۇردا ئېيتىلغاندەك جۇڭگۇدا ئادەم ئەڭ كۆپ جاي__ئاپتوبۇس. ئاپتوبۇس جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. 
     سائادەت بىلەن دىلشاتنىڭ مەنىلىك قاراشلىرى، كوچىلاپ گەپ سوراشلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنلا، چۈشتىن كېيىن ئەرزىمەس بىر ئىشنى باھانە قىلىپ، باسما زاۋۇتىغا بېرىپ كەلدىم. ۋاقىت تېخى بالدۇر. ئادەتتىكى كۈنلەردە بولسا، ئۆيگە بىردەم بولسىمۇ بالدۇرراق قايتالىغىنىمغا خۇشال بولاتتىم. ئەمما بۈگۈن ئۆيگە قايتقىم يوق. ئاپتوۋۇز توختىمىسا، تىقما-تىقماق، ئۇرۇشۇپ-تىللىشىۋاتقان، ماڭا ھېچكىمگە دىققەت-نەزەرىنى سېلىپ قويمايدىغان كىشىلەر توپى ئىچىدە ھېچ نەرسىنى ئويلىماي كېتىۋەرسەم، كېتىۋەرسەم...
     ئاپتوۋۇز خۇددى يۈكىنىڭ زىيادە ئېغىرلىقىدىن زارلىنىۋاتقاندەك سوزۇپ غىچىلدايدۇ. سانسىز مىتال زاپچاس، ۋېنتىلارنىڭ تىترىشى، سۈركىلىشىدىن ھاسىل بولغان ئۇ غەلىتە ئاۋاز ئادەملەرنىڭ ئاۋازى، كوچىدىكى شاۋقۇن بىلەن قوشۇلۇپ، كىشىنىڭ نېرۋىسىغا تېگىدىغان، بوغۇق ھەم زېرىكەرلىك بىر مىلودىيە ھاسىل قىلىدۇ. كىشىلەر ئاپتوبۇسنىڭ تاسقىشى، ئاشۇ مىلودىيەنىڭ ئەللەيلىشى ئىچىدە مۈگدەۋاتقاندەك خىيالغا پېتىپ تۇرىشىدۇ. بۇنداق پەيتلەردە كىشىنىڭ خىيالىغا خەيرلىك ئىشلار كەچمەيدۇ. ئىشخانىدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەر ، ئورۇندالماي قالغان ، كىشىنى ئارام تاپقۇزمايدىغان قايسى بىر ئىشلار ، ئەرلەرنىڭ ۋاپاسىزلىقى، تۇرمۇشنىڭ مەنىسىزلىكى، بالىلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە ياتلىشىپ، سىر بەرمەس بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى ...
     ئاپتوۋۇز تۆت كوچىنىڭ ئايلانمىسىدىن بۇرۇلۇشى بىلەن ، ئاپتوۋۇز ۋە ئادەملەر بىر تەرەپكە قىيسىيىپ قالدى، ئاپتوۋۇزنىڭ ئالدى تەرىپىدىن كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرغىدەك كۈچلۈك بېنزىن پۇرىقى كېلەتتى.
     ئەگەر مۇشۇ پەيتتە كىچىككىنە ئېغىرلىق ئارتىپ كەتسە ئاپتوۋۇز ئۆرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن، ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسىچۇ؟ ئاپتوۋۇز بىردىنلا لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان دوزاققا ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭدىكى كىشىلەر بىر-بىرىنىڭ بېشىغا، تېنىگە دەسسەپ نىجاتلىق يولىنى ئىزدىشىمىز، بىراق ھېچ قايسىمىز تەغدىرىمىزدىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز.
     كۆڭۈلسىز خىياللاردىنمىكىن ياكى بېنزىن پۇرىقىدىنمىكىن، بېشىم ئاغرىپ، كۆڭلىم ئېلىشقىلى تۇردى. قىستىلىپ دېرىزە تەرەپكە ئۆتتۈم.  سىرتقا، ئەتراپتىكى كىشىلەرگە نەزەر سېلىشقا باشلىدىم. ئۆزۈم داۋاملىك كۆكتات، تۇز ، سەرەڭگە، پېچىنە-پىرەنىكتەك نەرسىلەرنى سېتىۋالىدىغان دۇكانلار، كىچىك دوراخانا، كىتابخانا، ئالىي دەرىجىلىك كىيىم-كېچەكلەر ماگىزىنى، بىر -ئىككى تونۇش چىراي لىپ-لىپ قىلىپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. ئالدىمدىكى ئورۇندۇقتا ئوتتۇر ياشلىق ئىككى ئايال ئولتۇراتتى. قاش -كۆزلىرىنىڭ ئوخشىشىغا قارىغاندا ئاچا-سىڭىل بولسا كېرەك. يېشى چوڭراقى تەشۋىشلىك ھەم ھارغىن كۆرۈنەتتى، ئۇنىڭ غەمكىن، مەنىسىز نەزىرى ئەتراپقا تاشلىناتتى-دە،ئۇزاقتىن-ئۇزاققا بىر نۇقتىغا تىكىلىپ قالاتتى. چىرايى ئۇزاققىچە ئاپتاپ كۆرمىگەندەك تاتىراڭغۇ، ئەمما تېخى ھۆسنىدىن كەتمىگەن، يەنە بىرى سىرتقا سۇس قىزىقىش بىلەن قاراپ ئولتۇراتتى. ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاغزى ئوچۇق يوغان سومكىدىن كىيىم-كېچەك، شالاڭ يوغان چىشلىق تاغاق، ئەينەك، بىر-ئىككى پارچە كىتاب-ژۇرنال كۆرۈنۈپ تۇراتتى. قارىغاندا دوختۇرخانىدىن چىققانلار بولسا كېرەك. تولۇق ساقىيالمىدىمىكىن، چىرايىدا خۇشاللىقتىن ئەسەر يوق بىچارىلارنىڭ. 
     يول بويىدىكى بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ كەتكەن ئىگىز بىنالار شالاڭلىشىشقا ، ئۆيلەر ، قورولار پاكارلىشىشقا باشلىدى. ئەمدى بۇ يەرلەر شەھەر سىرتىغا تەۋە، تېخى بايىلا يۈكنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئىنجىقلاپ، غىچىلداپ ئاران ماڭغۇدەك ھالغا چۈشۈپ قالغان ئاپتوۋۇز ئەمدى تاراقلاپ ئۇچقاندەك كېتىپ بارىدۇ، ئاپتوۋۇز دېرىزىسىدىن شەھەر سىرتىغا خاس ساپ، سالقىن ھاۋا ئۇرۇلىدۇ، ئاخىرقى بېكەتتە ھېلىقى ئىككى ئايالمۇ چۈشۈپ قالدى. بىلەر ساتقۇچى ئاپتوۋۇزدىن چۈشمەي قايتىپ كېتىمەن دېگىنىمنى ئاڭلاپ، مېنى «ماۋۇ خوتۇن ساراڭمۇ نىمە ؟»دەپ تىللىدى.
تىللىسا تىللىمامدۇ، بۈگۈن ماڭا ھەممىسى بەرىبىر. بۈگۈن ئۆيگە قايتقىم يوق. ماڭا ئۆزۈمنىڭ پەقەتلا بىر ئايال خىزمەتكار ئىكەنلىكىمنى ئەسلىتىدىغان، قەپەزگە ئوخشايدىغان ئاشۇ ئۆينى كۆزۈم كۆرمىسۇن . دالاندىكى ئاياق جازىسىدا تىزىلغان يوغان بىرجۈپ ئەرەنچە بەتىنكە كىيىم ئاسقۇچتىكى يالاڭ پەلتۇ، ئىشكاپتىكى كاستىيۇم-بۇرۇلكا، ئەينەك ئالدىدىكى ئاپتوماتىك ساقال ئالغۇچلارنى كۆزۈم كۆرمىسۇن. بىردەمدىن كېيىن بالىلىرىم مەكتەپتىن قايتىپ كېلىدۇ، سومكىلىرىنى قويا-قويماي تىلىۋىزۇر قاناللىرىنى تالىشىشقا چۈشۈپ كېتىدۇ. بىرەرىمۇ مېنىڭ چىرايىمغا سىنجىلاپ قاراپ: «ئاپا،بۈگۈن نىمە بولدۇڭ؟مىجەزىڭ يوقمۇ نىمە؟»دەپ ھال سوراپ قويمايدۇ. ئۆينىڭ قالايمىقان بولۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ئۆي تازلاشقا چۈشۈپ كەتسەم ، قورساقلىرىنىڭ ئېچىپ كەتكىنىدىن قاخشىشىدۇ-يۇ، بىرەرىمۇ كېلىپ قولۇمدىن پول سۈرتكۈچنى ئالمايدۇ. زادى نىمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ مەن قەلبىمدە بارىنىڭ ھەممىسىنى، ھەتتا ھاياتىمنى ئۇلارغا ئاتىغان ئىدىمغۇ؟
     بۈگۈن كەچتە ئۇلار ئۆز ھالىدىن ئۆزلىرى خەۋەر ئالسۇن، پەقەت بۈگۈنلا ، يەيدىغان نەرسە ئىزدەپ ئۆينىڭ ھەممە يېرىنى قېزىۋەتسۇن. كۆزى تۆت بولۇپ يوللىرىمغا تەلمۈرسۇن ...
     قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى.
     يېرىم يولدا، چىراقلار چاقناپ تۇرغان بىر قايناق بازاردا ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ قالدىم. ھەشەمەتلىك كاتتا رېستۇران، قەھۋەخانا، قاۋاخخانىلارنىڭ ئالدىدىن ئىتتىك ئۆتۈپ كىچىك ئەمما پاكىز بىر ئاشخانىگە كىردىم. ئاشخانىدىكى خېرىدارلارمۇ، چىرايى پاقىراپ تۇرىدىغان، ئايال خوجايىنمۇ ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قارىدى. قارىسا قارىمامدۇ. ئۆيۈمدىكىدەك ئاچچىق ھەم ئىسسىق چايدىن ئوتلىغاچ ئولتۇرۇپ ، ئۆزۈم بۇيرۇتقان بىر چىنە سۇيقاشنى ساقلاشقا باشلىدىم. ياق ، ساقلاۋاتقىنىم يوق، مېنىڭچە بولسا ئاشپەز ئۇستام ھەممە ئادەمنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ بولۇپ ، ئاندىن مېنىڭ سۇيقىشىمغا تۇتۇش قىلسۇن، ئەڭ ياخشىسى، ئۇنتۇپ قالسۇن.
     ئالدىمدىكى شىرەدە ماڭا ئارقىسىنى قىلىپ ئۈچ قىز بالا ، ئۇلارنىڭ قارشىسىدا تاتىراڭغۇ، ئىللىق چىراي بىر ئوغۇل بالا ئولتۇراتتى. قىزلار ئوقۇغۇچى پاسۇندا، ئەمما زامانغا ماسلاشتۇرۇپ كىيىشكەن ئىدى، گىرىم قىلىشمىغان ئىدى. ئوغۇل بالا قىزلارنى مېھمان قىلىۋاتسا كېرەك، ئۆزى چوڭ ئادەملەردەك، تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشاتتى، ئارىلاپ قىززىق گەپلەرنى قىلىپ قىزلارنى كۈلدۈرەتتى. ئەتراپتىكى ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇشقان قىز ھەمرايى يوق ئوغۇل بالىلار چىرايلىق قىزلارغا ، ئۆزى يالغۇز ئۈچ قىزنى مېھمان قىلىۋاتقان تاتىراڭغۇ يىگىتكە ھەۋەس بىلەن قارىشاتتى. 
      مەن يېقىن ئەتراپتا بىر ئالىي مەكتەپ بارلىقىنى ئېسىمگە ئالدىم. مېنىڭ بىر ئوغۇل ساۋاقدىشىم ئاشۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ئۇ ماڭا تەلەپ قويغان، كېيىن بىر قىز بىلەن يۈرۈپ بولۇپمۇ «ئاسىيە، سەنلا ماقۇل دېسەڭ، مەن ھېچكىمگە قارىمايمەن»دېگەن ئىدى. قانچە يىللار بولۇپتۇ-ھە، ئۇنىڭ كۆرمىگىلى. بۈگۈن ئۇ مېنى بۇ ئاشخانىدا كۆرۈپ قالسا ھەيران قالار، چاقچاققا ئېلىپ تۇرۇپ «ئۆز ۋاقتىدا ماڭا تەگكەن بولساڭ بۇ كۈنلەرگە قالماستىڭ»دەر ، ياكى چاندۇرماي ئۆزىنىڭ بەختىنى كۆز-كۆز قىلىۋالار... بىراق بىز يەنە چاخچاق بىلەن خوشلىشىمىز، ئاشخانىدىن چىقىپلا مەن ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىمەن.
     ئاشخانىغا ئېگىز بوي، سالاپەتلىك بىر ئەر كىشى كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ كىرىپ كېلىشى بىلەنلا ئاشخانا تېخىمۇ كىچىكلەپ كەتكەندەك كۆرۈندى، ئۇ ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ ئاشخانا ئىچىگە كۆز يۈگۈرتكەندە كۆزلىرىمىز ئۇچراشتى، ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى، مەن ئۇنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلدىم-يۇ، نەدە كۆرگەنلىكىمنى ئېسىمگە ئالالمىدىم. ئۇ ئىشىك تۈۋىدىكى ئورۇندا ماڭا ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇردى، مەن ئۇنىڭ سەل دۈمچىيىپ ئولتۇرۇپ يانچۇقىدىن تاماكا ئېلىپ چېكىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.
     تاتىراڭغۇ يىگىت بىلەن قىزلار چىقىپ كەتتى. خوجايىن ئايال ئىككى قاچا سۇيۇقئاش ئېلىپ چىقىپ، بىرىنى مېنىڭ ئالدىمغا، يانا بىرىنى بايا كىرگەن كىشىنىڭ ئالدىغا قويدى.ي اندىكى ئورۇندا تاماق ساقلىشىپ ئولتۇرغان ئۈچ يىگىت بىردە ئۇ باشتا يالغۇز ئولتۇرغان كىكشىگە، بىردە بۇ باشتا يالغۇز ئولتۇرغان ماڭا تەئەججۇپ بىلەن قارىشىپ قويۇشاتتى. ئۇلارغا قاراپ كۈلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئالدىمدىكى ئاشقا ئېڭىشتىم، سۇيۇقئاش ئاچچىق ھەم تەملىك ئىدى. ھەر بىر قوشۇقنى پۈۋلەپ سوۋۇتۇپ، ئالدىرىماي ئىچىشكە باشلىدىم. ئۇزۇن ئۆتمەي لەۋلىرىمنىڭ ئۈستىدە، پېشانەمدە ئۇششاق تەر تامچىلىرى پەيدا بولدى. تەر بىلەن خاپىلىقلىرىم چىقىپ كەتكەندەك، خېلىلا يەڭگىللەپ قالدىم. ھەر قېتىم بېشىمنى كۆتۈرگىنىمدە بايىقى تەنھا ئەر كىشىنىڭ قاۋۇل، سەل مۈكچەيگەن دۈمبىسىنى كۆرەتتىم. قارىغانچە كۆڭۈل كۆزلىرىم بىلەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى يېرىپ ئۆتۈپ قەلبىنى كۆرىۋاتقاندەك بولىمەن. ئۇمۇ چوقۇم دۇنيانىڭ ئىسسىق-سوغۇقىنى كۆپ كۆرگەن، دۇنيادىن، ئادەملەردىن رايى يانغان، ئۆمۈرۋايەت چۈشۈنۈشكە، مېھرى-مۇھەببەتكە ئېرىشەلمەي كۆڭۈل ۋەيرانچىلىقىدا تەمتىرەپ يۈرگەن ئادەم، ئۇنىڭ ئۇستىخان-ئۇستىخانلىرىدىن چىقىپ تۇرغىنى تەسۋىرلىگۈسىز تەنھالىق. زېرىكىش ھەم ھەسرەت، ئۇنىڭدەك ھېسسىياتلىق ئادەملەر تەشنا بولغان نەرسىگە ئېرىشەلمىسە، يىلتىز-يىلتىزىدىن قۇرۇپ كېتىۋاتقان چىناردەك تېزلا غۇلاپ كېتىدۇ. ئەجەبا، ئىنسان ئۆزى تەشنا بولغان مېھرى-مۇھەببەتنى كىشىلەر ئارىسىدىن تاپالماسمۇ؟


ئوربېتا باشقا تېمىلار
ئوربېتا (1)ئوربېتا(2)ئوربېتا(3)ئوربېتا(4)ئوربېتا(5)
ئوربېتا(6)