خان جەمەتى : كىرىشكە پىتىنالامسىز ؟ ياق ئەڭ ياخشىسى كىرمەڭ ! بىكا . مىنى تىللاپ كەتمەڭ ، بىكا ئاۋارە قىلدى دەپ !! {ئېلان}. |
-
2010/03/01
بەش ۋاخ نامازنى ئۇقۇمىساق، مەن مۇسۇلمان دېيىش ھەققىمىز يوق - [سەر خىل ئىسلامى تىمىلار]
بەش ۋاخ نامازنى ئۇقۇمىساق، مەن مۇسۇلمان دېيىش ھەققىمىز يوق. چۈنكى:
1 - ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «نامازلارنى ۋە ئوتتۇرا نامازنى مۇھاپىزەت قىلىڭلار» (بەقەرە سۈرىسى 238- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).
بۇ ئايەتتىكى «نامازلار» تۆت ۋاقىت نامازنى، «ئوتتۇرا ناماز» بىر ۋاخ نامازنى كۆرسىتىدۇ. «مۇھاپىزەت قىلىڭلار» دېگەن بۇيرۇق بولسا، ئۇ نامازلارنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
2- «ئۇلار تەۋبە قىلسا، نامازنى ئوقۇسا ۋە زاكاتنى بەرسە ئۇلارنى قويۇپ بېرىڭلار» (تەۋبە سۈرىسى 5- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).بۇ ئايەت ناماز ئوقۇمىغانلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ سېپىدە ئورۇن ئالالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
3 - «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ۋە كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا ناماز ئۆتىگىن. چۈنكى ياخشىلىقلار يامانلىقلارنى يوقىتىدۇ. مانا بۇ، نەسىھەت ئالماقچى بولغانلار ئۈچۈن بىر ئەسلىتىشتۇر» ( ھۇد سۈرىسى 114- ئايەت).
بۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە» كى ناماز، پېشىن نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى كۆرسىتىدۇ؛ «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا» كى ناماز بولسا نامازشام، خۇپتەن ۋە بامدات نامازلىرىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى بۇ ئايەتمۇ بىر كېچە - كۈندۈزدە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.4 - «نامازلارنى كۈندۈزى كۈن قايرىلغاندىن تارتىپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئوقۇغىن. بامدات نامىزىنىمۇ ئوقۇغىن؛ چۈنكى بامدات نامىزىغا كېچىنىڭ ۋە كۈندۈزنىڭ پەرىشتىلىرى ھازىر بولىدۇ» (ئىسرا سۈرىسى 78 - ئايەت).
بۇ ئايەت بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
تۆۋەندىكى ھەدىس ۋە رىۋايەتلەر يۇقارقى ئايەتلەرنى بايان قىلىدۇ:
5 - ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھتىن: «ئەڭ ئەۋزەل ئەمەل قايسى؟»، دەپ سورىغان ئىدىم، رەسۇلۇللاھ: «ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز»، دېدى. مەن: «ئاندىن قالسىچۇ؟»، دېسەم، رەسۇلۇللاھ: «ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش»، دېدى. مەن: «ئاندىن قالسىچۇ؟»، دېسەم، رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ تائالا يولىدا جىھاد قىلىش»، دېدى (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
6 - ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئىسلام دىنى بەش ئەركان ئۈستىگە قۇرۇلغان. بىرىنچىسى، ‹ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى، دەپ گۇۋاھلىق بېرىش›. ئىككىنچىسى، ناماز ئوقۇش. ئۈچىنچىسى، زاكات بېرىش. تۆتىنچىسى، ھەج قىلىش. بەشىنچىسى، روزا تۇتۇش» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
7 - ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن، ئىنسانلار ‹بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى›، دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنگە قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ئەگەر ئۇلار ناماز ئوقۇسا، زاكات بەرسە، ئۇلارنىڭ قانلىرى، ماللىرى مېنىڭ ئالدىمدا دەخلىسىز بولىدۇ. پەقەت ئىسلامدىكى ھەد، قىساس بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر. ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش ئاللاھ تائالانىڭ ئىشى» بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.8- مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئاز ئىبن جەبەلنى يەمەنگە ئەۋەتىش ۋاقتىدا مۇنداق دېگەن: «سەن يەھۇدىيلار ۋە خرىستىئانلارنىڭ يېنىغا كېتىۋاتسەن. بارغاندىن كېيىن ئۇلارنى ‹بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق. مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى›، دەپ گۇۋاھلىق بېرىشكە دەۋەت قىلغىن. بۇنى قوبۇل قىلسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاخ نامازنى پەرز قىلغانلىقىنى ئېيتقىن. بۇنى قوبۇل قىلسا، بايلىرىنىڭ ماللىرىدىن زاكات ئېلىنىپ، كەمبەغەللىرىگە بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقىن. بۇنى قوبۇل قىلسا، زاكاتنى ئۇلارنىڭ ياخشى ماللىرىدىن ئالمىغىن. زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بەد دۇئاسىدىن ساقلانغىنكى، مۇنداق دۇئا بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئارىسىدا پەردە يوق، يەنى بۇنداق دۇئا چاپسان قوبۇل بولىدۇ» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
9 - جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «كىشى بىلەن شېرىك ۋە كۇفرى ئارىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك ئېتىشتۇر» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
10 - بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىز بىلەن كاپىرلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەھدە نامازدۇر. كىمكى نامازنى تەرك ئېتىدىكەن ئۇ چوقۇم كاپىر بولىدۇ» (تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان).
11- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەندىدىن قىيامەت كۈنى تۇنجى ھېساب ئېلىنىدىغان ئەمەل نامازدۇر. ئەگەر ناماز دۇرۇس ئادا قىلىنغان بولسا، ئۇ ئادەم نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. ئەگەر نامىزى دۇرۇس رەۋىشتە ئادا قىلىنمىغان بولسا، ئۇ ئادەم زىيانكار بولىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ پەرز نامازلىرىدا نۇقسان كۆرۈلسە، ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ‹قاراڭلار، بەندەمنىڭ قىلغان نەفلى ئىبادەتلىرى بارمۇ؟ نەفلى ئىبادەتلىرى بولسا، پەرزدىن كەملەپ قالغان جايلىرى نەفلى ئىبادەتلىرى بىلەن تولۇقلانسۇن›. ئاندىن ئۇنىڭ قالغان ئەمەللىرى ئۈستىدىنمۇ شۇ بويىچە ھېساب-كىتاب قىلىنىدۇ» تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
12 - شەقىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرى نامازدىن باشقا بىرەر ئەمەلنىڭ تەرك ئېتىلىشىنى كۇفرىلىق، دەپ قارىمايتتى» (تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان).
历史上的今天:
ھەققى ئۇيغۇر مىللتى دىگەن 2010/03/01خەلقىم سەنئەتكە بەك چوقۇنمايلى! 2010/03/01بۇلار راسـتلا ئۇيغۇر قىزلىرىمۇ؟ 2010/03/01ياشلىرىمىزدا نېمىلەر كەم 2010/03/01بىر قاتار ئىسلامى شېئىرلار 2010/03/01
收藏到:Del.icio.us