دۇنيا مىنى ئەمەس ، مەن دۇنيانى ئۆزگەرتىمەن !!!

خان جەمەتى : كىرىشكە پىتىنالامسىز ؟ ياق ئەڭ ياخشىسى كىرمەڭ ! بىكا . مىنى تىللاپ كەتمەڭ ، بىكا ئاۋارە قىلدى دەپ !! {ئېلان}.

  • 2010/03/01

    خەلقىم سەنئەتكە بەك چوقۇنمايلى! - [تەۋسىيەلىك ئەسەرلەر ]

    خەلقىم سەنئەتكە بەك چوقۇنمايلى!

    ئەسسالامۇ ئەلەيكوم شەبنەم ئەھلى؟
      مەن بۈگۈن سىلەرگە يىقىنقى نەچچە كۈندىكى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمنى سۆزلەپ بىرىشنى لايىق تاپتىم !
      مەن بۇ مەۋسۈم باشلىنىشى بىلەن بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە پىراكتىكىلىق قىلدىم ! بۇ جەرياندا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى
    ئوقوغۇچىلارنىڭ قولىدىكى mp3ۋە قول تىلفۇنىدىن چىقىۋاتقان ناخشىلار بولدى .چوڭ كىچىك ھەممە ئوقوغۇچىدا دىگۈدەك باركەن ! ھەتتا دەرىس ۋاقتىدىمۇ ئوغۇرلۇقچە ئاڭلايدىكەن . ناخشىلارنىڭ تولىسى مۇھەببەت تىمىسىدا بولۇپ بالىلار تىكىستىنى بەكلا ياخشى كۆرىدىكەن . بۇنداق ناخشىلارنى تولا ئاڭلاۋىرىپ ھەممىسى دىگۈدەك مۇھەببەت مەستانىسىغا ئايلىناي دەپ قاپتۇ !بوش ۋاقىت چىقسىلا تاڭسىخانا ۋەktv تورخانىلارغا چاپىدىكەن.  مىنىڭ يىشىم ۋە چىرايىم كىچىك بولغاچقا ناھايىتى ئاسانلا ئۇلار بىلەن چىقىشىپ كەتتىم ، نۇرغۇن گەپلەرنى ئىزا تارتماي دەيدىغان بولۇپ كەتتى . شۇڭلاشقا ھەقىقىي دەرىس ئوقۇيدىغانلار بەك ئازلاپ كىتىپتۇ ، ھەتتا تىخىمۇ ئازىيىۋىتىپتۇ! ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيىسى بەك ئۈنۈمسىز!  قەتتئي رولى يوق ! بالىلار بىر بەز ، قەتئىي گەپ ئاڭلىمايدىكەن .            مەن ناھايىتى زور ئۈمۈت بىلەن كەلگەن ئورتا مەكتەپ مىنىڭ قايغۇرىدىغان ، بالدۇرراق قايتىپ كىتىشنى ئويلايدىغان جايغا ئايلنىپ قالدى .  مىللىي مائارىپىمىز راستىنلا يوقۇلۇش گىردابىغا بىرىپ قاپتۇ ! بىز تىزدىن ئامال قىلىپ بۇ ۋەزىيەتنى ئوڭشىشىمىز كىرەك ! ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ياخشى بولغان ساغلام ئۇقۇش موھىتى يارىتىپ بىرىشىمىز كىرەك !ئاتا - ئانا ئوقۇتقۇچى ۋە جەمىيەت بىرلىكتە كۈچ چىقىرايلى ! مىللەتنىڭ كەلگۈسى مۇشۇ بالىلارنىڭ قولىدا ئەمەسمۇ>      مەنچە بۇنىڭ ئۈچۈن بىر تەرەپتىن مۇشۇ مۇھەببەت ناخشىلىرىغا چەك قويساق !چۈنكى بۇ ناخشىلارنىڭ ئەڭ كۆپ تاماشىبىنى ئوقۇغۇچىلار ! تىلفۇن mp3لەرگە قاچىلىۋىلىپ بىكار بولسىلا ئاڭلاپ مۇھەببەت خىيالى سۈرۈپ ،ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلايدىغانغا ۋاقىت يوق! ھەتتا نىرۋىسى ئاجىزلاپ بارغانسىرى ھورۇنلىشىپ ، ئىسى يوق بولۇپ كەتمەكتە ! خەلقىم يىغلايلىمۇ كۈلەيلىمۇ؟
    ھەممە ئادەم ھازىر شائىر ،ھەممە ئادەم ناخشىچى . لىكىن بىزگە كېرىكى تەبىئىي پەن .  دۇنيانىڭ ماھىيىتى ماتىماتىكا. ناخشا ئەمەس .  ئەدەبىياتنىڭ ئاساسلىق رولى تىل ئارقىلىق ئەلنى تەربىيلەش .ھەممە ئادەمنى شائىر قىلىش ئەمەس . كەلسە كەلمەس مەزمۇندىكى ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە زىيانلىق بولغان رومانلارنى ئىجاد قىلىش ئەمەس !
    ناخشىچىلار بولسا خەلىقنىڭ روھىنى كۆتۈرىدىغان ،ئىرادە ۋە ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدىغان ناخشىلارنى كۆپرەك ئىجاد قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . خەلقىمنىڭ مۇشۇ مەسىلىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئويلىشىپ بىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن !
    تايىنى يوق ناخشا كىچىلىكى ۋە باھالاشلارنى توختىتايلى ! پۇل ئۈچۈن مىللەتنى سىتىۋەتمەيلى!    مەن بۇرۇن نۇرغۇن ناخشىلارنى تورغا چىقارغان ،ھازىر مەن خەلقىم ئۈچۈن بۇ قىززىقىشتىن كەچتىم !
    خەلقىم مىنىڭ ساڭا مىھرىم بەك چوڭقۇر ! گۈللە خەلقىم!

    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق