خان جەمەتى : كىرىشكە پىتىنالامسىز ؟ ياق ئەڭ ياخشىسى كىرمەڭ ! بىكا . مىنى تىللاپ كەتمەڭ ، بىكا ئاۋارە قىلدى دەپ !! {ئېلان}. |
-
2010/03/01
رەجەب تاييىپ ئەردوغان تۈركىي مىللەتلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر - [تۈرك قان سېستىمىسى ]
رەجەب تاييىپ ئەردوغان تۈركىي مىللەتلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر جەمئىيەتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدىخان جەمەتى خەۋىرى: دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەب تاييىپ ئەردوغان، ”يەھۇدىلارغا قارشى تۇرۇش“، ”ئىرقىي ئايرىمچىلىق“ ۋە ”ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش“ قاتارلىقلارنىڭ ئىنسانىيەتكە خىلاپ ئېغىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئازغىنە بىر تۈركۈم مىساللارنى ئاساس قىلىۋېلىپ، بارلىق مۇسۇلمانلارغا تۆھمەت چاپلاش پۈتۈنلەي ناھەقچىلىقتۇر» دېدى.تۇركىيە باش مىنىستىرى رەجەب تاييىپ ئەردوغان، تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا، تۈركىي مىللەتلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر جەمئىيەتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.ئەردوغان، قېرنداشلارنىڭ ھەر بىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە، تۈركىيىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.ئىنسانىيەتكە قارىتا ئىرقىي ئايرىمچىلىق پوزىتسىيىسىدە بولۇشنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئەردوغان، تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش باسقۇچىغا نىسبەتەن بىر قىسىم دۆلەتلەر تەرىپىدىن تۇتۇلغان سەلىبى پوزىتسىيىلەرنى تەنقىد قىلدى."تاشقى سىياسەتتە بۇرۇلۇش بولدى" دېگەن تالاش ـ تارتىشلار ھەققىدە توختالغان باش مىنىستىر رەجەب تاييىب ئەردوغان، «بۇ دەريا ئۆز لىنىيسىنى بويلاپ ئاقماقتا، ھېچ كىشى ئۇنى ئوڭغا ياكى سولغا تارتىمەن دەپ يورمىسۇن، بىز ئاسىيانى تاشلاپ ياۋروپاغا، ياكى ياۋروپانى تاشلاپ ئاسىياغا يۈزلىنىدىغان دۆلەت ئەمەسمىز. شىمالنى تاشلاپ جەنۇپقا ياكى جەنۇپنى تاشلاپ شىمالغا يۈزلىنىدىغان دۆلەتمۇ ئەمەسمىز. ئەكسىچە ئەمدىلىكتە بىز پۈتۈن دۇنياغا يۈزلىنىدىغان بىر دۆلەتمىز» دەپ سۆز قىلدى.تۇنجى نۆۋەتلىكى ئېچىلغان بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقۇچى قېرىنداش خەلقلەر ۋەكىللىرى بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى تەكىتلەشتى.历史上的今天:
ھەققى ئۇيغۇر مىللتى دىگەن 2010/03/01خەلقىم سەنئەتكە بەك چوقۇنمايلى! 2010/03/01بۇلار راسـتلا ئۇيغۇر قىزلىرىمۇ؟ 2010/03/01ياشلىرىمىزدا نېمىلەر كەم 2010/03/01
收藏到:Del.icio.us