بويتاقلار
(بىر قىسىم قىز بويتاقلارغا)
ئابدۇسالام ئابدۇرېھىم(سەلكىن)
قەلبى‹‹ئوچۇق››پۇل ئۈچۈن،چىن سۆيگۈگە ‹‹تاقاق››لار،
بارمىدۇ سەن بارمىغان ئايرىمخانا، ياتاقلار؟
مەسىت-ئەلەس بوپ،رەسۋا بوپ،قىلغان ئىشى ‹‹چاتاق››لار،
سەۋەپسىزلا چىقارمۇ ھەرخىل يامان ‹‹ئاتاق›› لار ؟
ئۆمۈر بويى توى قىلماي ئۆتەرسەنمۇ بويتاقلار؟
سوراپ قالسا يىگىتلەر سەن ئۆزۈڭنى ‹‹تاق››دەيسەن،
پاك كۆرسۈتۈپ ئۆزۈڭنى قەلبىم سۈتتەك ‹‹ئاق››دەيسەن،
تەلەپ قويسا پۇلى يوق ئىككىلەنمەي ‹‹ياق››دەيسەن،
پۇلدارلارغا:‹‹بۈگۈن كەچ دېرىزەمنى قاق››دەيسەن،
كىملەردىندۇر ،بىرنېمە كۈتەرسەنمۇ بويتاقلار ؟
بىركۈنلەردە بىرىنى دىل خانەڭگە باشلايسەن،
ئۇچراپ قالسا زاردارلار دەرھال ئۇنى تاشلايسەن،
خۇددى غەمسىز سىياقتا،ئويناپ-كۈلۈپ ياشايسەن،
شۇ
ئويۇندا بىر كۈنى كۆزلىرىڭنى ياشلايسەن،
پۇشايماندا دەردىڭنى تۆكەرسەنمۇ بويتاقلار؟
جۇپ كۆزلىرىڭ ئوۋ ئىزدەرتېپىپ ياخشى پىنھاننى،
ئىلىندۇرۇپ قارماققا پۇل-ھوقۇق بار ‹‹سۇلتان››نى،
بۇلغىۋەتتىڭ پېتىغداپ ئەرزان سېتىپ ئىماننى،
گاھى بۇرنۇڭ قانايدۇ خاتا تاللاپ نىشاننى،
چەيلەپ ئەخلاق-بوستاننى ئۆتەرسەنمۇ بويتاقلار؟
يېشىڭ ئاشتى ئوتتۇزدىن ياراشمايدۇ بالىلىق،
قۇرداشلىرىڭ بوپكەتتى بىر-ئىككىدىن بالىلىق،
مەسئۇل بولغىن ئۆزۈڭگە قىلما ئەمدى چالىلىق،
بىر يىگىتنى چىڭ تۇتۇپ قىلماي كۆڭلى ئالىلىق،
چىن دىلىڭدىن تۇرمۇشنى سۆيەرسەنمۇ بويتاقلار؟
ۋەيران سانسىز ئائىلە قولۇڭلاردا سىلەرنىڭ،
ياتار شۇڭا شۇم قىسمەت يولۇڭلاردا سىلەرنىڭ،
نېمە باركىن بىلمىدىم ئويۇڭلاردا سىلەرنىڭ؟
قىساسى بار سىلەردە ئېھتىمالىم كىملەرنىڭ؟
شۇ قىساسنىڭ ئوقىدا ئۆلەرسەنمۇ بويتاقلار؟
ئەي بويتاقلار،بويتاقلار،قاش-كۆزلىرى ئويناقلار،
خۇلىقلىرى ئۆزگىچە،سۆزى شېرىن-قايماقلار،
رەڭ بوياقتا ھۆسنى ئۇز،ئەمما دىلى‹‹مايماق››لار،
بىلسەڭ قاچار سىلەردىن قەلبى پاكىز ئويغاقلار،
نام-نىشانسىز ھاياتتىن ئۆچەرسەنمۇ بويتاقلار؟
2015-يىل 2-ئاينىڭ7-كۈنى كەچ(ئۇچتۇرپان)
مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى