تېيىپجاندىن ئۆتۇپ كېتىمەن
ياسىن زىلال
قۇلاق سېلىڭلار كۆڭۈل گېپىمگە ،
مەن كىرىپ كەلگەن شېئىرىيەت سېپىگە .
«تۈگىمەس
ناخشا»نى ئوقۇپ دۈم يېتىپ ،
يادىغا ئېلىپ .
جۇشقۇن بىر شېئىرىي روھ چۇلغاپ دىلىمنى ،
گۈدەكلىك كەمىرىدە باغلاپ بېلىمنى ،
دەپ تاشلىغان مەن :
«تېيىپجاندىن ئۆتۈپ كېتىمەن .»
ئەمدى ئويلىسام ئاشۇ گېپىمنى ،
ئۆزۈمگە ئۆزۈم كۈلۈپ كېتىمەن .
شېئىرىيەت دالىسىدا يۈگۈردۈم ئون يىل ،
ئۇ ھارماس شېئىرنىڭ قوغلاپ كەينىدىن .
ئۇمۇ كېتىۋەردى داۋانلار ئاتلاپ ،
يېتىشىۋالمىسۇن دېمەي ،يانماي پەيلىدىن .
ئىزىدىن ئۇچراتتىم رەڭمۇ –رەڭ گۈللەر ،
كۆكسۈمدە شۇ گۈلدىن تۈزگەن گۈلدەستە .
ئاھ ،بۈگۈن ھەيرەتتە تىكىلسەم ئاڭا ،
سەزدىم مەن ئۆزۈمنى تۈمەن گەز پەستە .
«تېيىپجاندىن ئۆتۈپ كېتىمەن .»
بۇ گەپتىن راستىنلا كۈلۈپ كېتىمەن .
بۈگۈن ھەم بولماقتا شۇ گەپ ھەر جايدا ،
دەسلەپ چېچىلدىم ئاڭا بىر ھازا .
كېيىن ئەقىل تارازىسىدا مىسقاللاپ كۆرسەم ،
بۇ ئىكەن شائىرغا بەرگەن ھەق باھا !
بىر تۇغۇلماستا بولغان گەپكەن بۇ ،
ئۇكىلار شۇ گەپنى قىلماقتا بۇ دەم ،
ھە، بىزمۇ ئاشۇنداق دېگەن ئىدۇققۇ ؟!
شۇ سوزنىڭ مەنىسىنى چۈشەندىم ھازىر ،
بۈگۈنلا ئەمەس ،
ئەتە ھەم بولىدۇ شۇ گەپ مۇنازىر .
دېمەككى ،نەزمىگە دىلى كۆيگەننىڭ ،
روھىدا ياشايدۇ بۇ يارقىن ئوبراز .
ئۆزۈمگە ئۆزۈم قىلىمەن خىتاپ :
ئەي ،شائىرچىقىم ،
ئەگەر نەزمەڭنى ئەل سۆيسۇن دېسەڭ ،
شۇ ئاتا شائىردەك راۋان ،چۈچۈك ياز!
«تېيىپجاندىن ئۆتۈپ كېتىمەن »
بۇ گېپىمگە كۈلۈپ كېتىمەن .
ئۆتۈپ كېتىمەن دېگىنىڭ ھېچ ئەيپ ئەمەس ،
شۇنداق بىر روھ بولماي يەتمىكىڭمۇ تەس .
بولسىغۇ ئېشىپ كەت ،يۈزمىڭ ئاپىرىن ،
يېتىشىۋالساڭمۇ ئىشىڭ مۇققەددەس.
1988-يىلى 10-ئاي ،ئۈرۈمچى .