"چىنتۈرك مۇنبىرى"دە مۇنبەر تىللاسى تېپىش ئۇسۇلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ ئەزىزلىرى! يىقىندىن بىرى مۇنبىرىمىزگە يوللانغان مېھنەت ئەجرى كۆپرەك بولغان بىر قىسىم تېمىلار،ماتىرىياللار،دېتاللار،دەرسلەرنى مۇنبەر تىللاسىغا سېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن بىر قىسىم ئەزالىرىمىز بىزگە ئۇچۇر يوللاپ تىللانى قانداق تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى سوراشتى. شۇڭا مۇنبەر تىللاسى تېپىش ھەققىدە كونكىرىتراق چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتۇق.
بىرىنچى ئۇسۇل: مۇنبەرگە كۆپرەك تېما يوللاپ"ھەپتىلىك ئالتۇن ئەزا "بولۇش ئارقىلىق تىللا تېپىشقا بولىدۇ.
ئىككىنچى: نادىر تېمىلارنى يوللاپ مۇكاپاتقا ئىرىشىش ئارقىلىق تىللا تاپقىلى بولىدۇ.
ئۈچىنچى: چىنتۈرك ئۈندىدار سالونىنى تەشۋىق قىلىپ ئابۇنىت جەلىپ قىلىش ئارقىلىق تىللا تاپقىلى بولىدۇ.(2 ئابۇنىت باشلاپ كىرسە بىر تىللا مۇكاپات بېرىلىدۇ). سالوننىڭ ئىزدەش سۆزى: gumadiyarim
تۆتىنچى: قىممىتى بار تېما ۋە ئەمگەك مېۋىلىرىنى سېتىش ئارقىلىق تىللا تاپقىلى بولىدۇ.
بەشىنجى: خەلق پۇلىغا تىللا سېتىۋىلىش ئارقىلىق تىللا تاپقىلى بولىدۇ.
يۇقىرىدىكى بەش خىل ئۇسۇلنىڭ خالىغان بىرسىدە ياكى ھەممە تۈرىدە پائالىيەت يۈرگۈزۈپ تىللا تاپسا بولىدۇ. چىنتۈرك مۇنبىرىدە بىر تىللا بىر يۈئەن خەلق پۇلىغا تەڭ بولۇپ،مۇنبەردە تاپقان تىللانى خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرسا بولىدۇ. 10 تىللاغا يەتكەنلەر تىللانى خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن:
چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى
2014-يىل 24-مارت