ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم «گۇما دىيارى»مۇنبىرىنىڭ قەدىرلىك ئىشتىراكچىلىرى!
مۇنبىرىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «گۇما دىيارى»مۇنبىرىنىڭ باش بەت ۋە مۇنبەر قىسمىنىڭ چوڭ تۇغى ئالماشتۇرۇلدى.
باش بەتكە گۇما ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئالدىدىكى خەلق مەيدانىنىڭ چوڭ سۈرىتى تەگلىك قىلىنىپ،ئۈستىگە ناھىيەمىزدە تۇغۇلۇپ ۋە ياشاپ نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى ئىجات قىلىپ ئاۋامغا تەقدىم قىلغان
كىلاسسىك شائىر ئىسمائىل ھاجىم، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر
شېئىرىيىتىنىڭ توھپىكارى مامۇت زايىت، تالانتلىق
يازغۇچى،ئىقتىدارلىق شائىر ئابدۇقادىر سادىر،لىرىك شائىر مۇھەممەد چاۋار قاتارلىقلارنىڭ سۈرىتى كىرگۈزۈلدى.
مۇنبەر تۇغىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە گۇما جاماسىنىڭ ھازىرقى كۆرۈنىشى،سول تەرەپكە گۇما يەر شەكلىگە تەقلىد قىلىنغان ئىكىنزارلىق ۋە قاراقورۇم تېغىنىڭ يىراقتىن كۆرۈنىشى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.كەڭ زىيارەتچىلىرىمىزنىڭ ئەستايىل قاراپ چىقىپ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى سورايمىز.
ئاخىرىدا بۇ ئىككى پارچە تۇغنى ئىشلەشكە ئالاھىدە زېھىن سەرىپ قىلغان ھۆرمەتلىك دوستىمىز ھەزرەتئىلى ئەخەتكە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
گۇما دىيارى مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى
2014-يىلى 4-فىۋرال