چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 1290|ئىنكاس: 12

مامۇت ئۆمەر:-تەسىرلىك سۆيۈش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mamutomar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-8 14:21  

تەسىرلىك سۆيۈش
ئۆزەڭدە يوق ئارتۇق نەرسىنى،
بەرمىسەڭلا بولدى ئەمەسمۇ.
يىراق كۆرسەڭ ئارلىقنى ئەگەر،
كەلمىسەڭلا بولدى ئەمەسمۇ.

رەت قىلىشقا كۆڭلۈڭ چىدىماي،
ياكى سۆيۈپ قەلبىڭگە ئالماي.
قوغلاپ كەلسەم بەرمىدىڭ تۇتۇق،
كەتسەم ئىزدەپ كەينىڭگە يانماي.

پاختەكنىڭمۇ ئىزى بار بەلكى،
كەپتەر قونۇپ ئۇچقان پەغەزدە.
ئەبجەش چۈشتە تەسىرلىك سۆيۈش،
شېئىر بولۇپ قالدى قەغەزدە.



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-5-1 15:27:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيۇلۇشتىن كەتمە ئەنسىرەپ ،
چاڭقىغان لەۋ تاپار  تەسەللى .
ئامانەتكە قىلما خىيانەت  ،
ئاشىقىڭنىڭ رەنجىدۇ دىلى .

    ئۇستاز خاپا بولماڭ ياندىشىپ قويدۇم...


ۋاقتى: 2015-5-1 16:31:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشىقىڭنىڭ رەنجىيدۇ دىلى،
سەن كۆڭلىڭنى قىلمىغىن يېرىم.
سۆيگۈ كۈيى ياڭرىتايلى بىز،
ئۇنۇتمىغىن سەن مېنى گۈلۈم


ۋاقتى: 2015-5-1 18:36:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنۇتمىغىن سەن مىنى گۇلۇم ،
سۆيگىنىمنى شۇ تۇنجى قىتىم .
سۆيىلىشمۇ ئاجايىپ لەززەت ،
ئىشەنمىسەڭ سۆيۇپ باق جىنىم .

قىنى سىلەرمۇ ئەگىشىڭلار...


ۋاقتى: 2015-5-2 00:14:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېلىن قوشاق قاتقىلى تۇرۇپسىلەر.


ۋاقتى: 2015-5-2 00:34:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yultuz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-2 22:38  

ئىشەنمىسەڭ  سۆيۈپ باق جېنىم،
كەل بىغىمغا  گۈل تۇتاي خېنىم .
گەر سۆيمىسەڭ  پاك ۋىژدان بىلەن ،
يۈرەك  باغرىم بوپ كىتەر  تىلىم .

قاملاشمسىمۇ  ئەگىشىپ قۇيدۇم ....


ۋاقتى: 2015-5-2 00:50:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەھلا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-2 01:05  
yultuz يوللىغان ۋاقتى  2015-5-2 00:34
ئىشەنمىسەڭ  سۆيۈپ باق جېنىم،
كەل بىغىمغا  گۈل تۇتاي خېن ...


يۈرەك باغرىم بوپ كىتەر تىلىم،
غەملىرىمدە سەيلەيمەن چىلىم،
دەرتكە بىرنى ئەلەمگە بىرنى،
ئىشىقى توۋلاپ تارتايلى جېنىم.


ۋاقتى: 2015-5-3 18:07:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقى توۋلاپ تارتايلى جىنىم .
سەن سۈكۈتتە تۇرساڭمۇ مەيلى.
سۆيۈلۈشنىڭ ۋاقتى كەتمىدى.
قايتا بىررەت سۆيسەڭمۇ مەيلى.


ۋاقتى: 2015-5-4 01:50:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيۈشلەردىن ئويغانغان ھىسلار،
مەسىتخوشكەبى شاشلاپ قالىدۇ.
سۆيۈلىشتىن مەرھۇم بولغانلار،
ھىجران بىلەن داغدا قالىدۇ.

ئىشەنمىسەڭ سۆيۈپ باق جىنىم،
سۆيۈلۈشكە ئىنتىزار تىنىم.
سۆيگۈم ئۈچۈن ھەر بىر دەقىقە،
جەن تەسەددۇق ئەمەسمۇ جىنم.


ۋاقتى: 2015-5-13 18:06:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشەنمىسەڭ سۆيۆپ باق جىنىم،
سۆيگۈ بىلەن ياشنايدۇ دىللار.
قىرىمايدۇ ئەبەدىل-ئەبەت،
سۆيگۈ بىلەن ئۆتكەن شۇ يىللار.


ۋاقتى: 2015-5-13 18:14:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2191983595 يوللىغان ۋاقتى  2015-5-3 18:07
ئىشقى توۋلاپ تارتايلى جىنىم .
سەن سۈكۈتتە تۇرساڭمۇ مەي ...

قايتا بىر رەت سۆيسەڭمۇ مەيلى،
سۆيۈپ تۇرۇپ ئۆلتۆرۋەت مەيلى.
سۆيگۈ دىگەن شۇنداقكەن دەيلى،
سۆيگۈخۇمار يۈرەكنىڭ پەيلى.


ۋاقتى: 2015-5-22 22:32:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيگۈ بىلەن ئۆتكەن  شۇ يىللار،
قالدۇرغانمۇ لەۋلىرىڭدە ئىز.
سۆيگۈ دىگەن شۇنداقكەن دەيلى،
سۆيۈپ تۇرسۇن يارىڭ گۈزەل قىز.


ۋاقتى: 2015-8-17 23:40:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيگۈ دىگەن شۇنداقكەن دەيلى،
ئاھ ئەجەپمۇ زار قىلدى لەيلى.
سۆيۈشلەرگە بىرىپ خاتىمە ،
چاك يىرىلدى پەرھاتنىڭ دىلى.
كەچۇرۇڭلار ئوزەمنى چاغلىماي ياندىشىپ باقتىم.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئاتقا مىنىپ خوش-خوش دېگۈچە،ئېشەككە مىنىپ پوش-پوش دېگەن تۈزۈك.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-8 09:54 , Processed in 0.195961 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش