چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 466|ئىنكاس: 4

شىپايى:ھايالىق سۆيگۈ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-20 11:18:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
pasan
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شىپايى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-20 12:28  

ھايالىق سۆيگۈ
شىپايى

چاچلىرىڭدا تۈنەيدۇ قۇشقاچ،
پىشانەڭگە سۆيگەندە ئاپتاپ.
كىرپىكىڭدە مىڭ تال ئوقيا بار،
زىنىقىڭدا ئاتىسەن نىشانلاپ.

پىشىپ قاپتۇ مەي باغلاپ گىلاس،
شاتۇت ماراپ يۈرىدۇ كۈندە.
ئايمۇ خىجىل ئۆز شولىسىدىن،
بۇسۇغىدىن ئاتلىما تۈندە.

ئاي يۈزىدە چاقنايدۇ يۇلتۇز،
كۈن نۇرىدا ئەتلەنگەن سىھىر.
رومال ئىچرە سۆزلەيدۇ گۈللەر،
مومام ئىيتقان  قەدىمى قەسىر.

ئالقىنىڭدا گۈللەيدۇ سەھەر،
تاپىنىڭدا شەھەر كۆكلەيدۇ.
گۈل يۈزىدە ھەسەل ھەرىسى،
ئاي قۇياشتىن سىنى كۈنلەيدۇ.

دولقۇن ياساپ ئۆركەشلەر دىڭىز،
جان تەسەددۇق چەكلەنگەن چىگىر.
تومۇرۇڭدا ئاققىنى ساپ قان،
ھامان چىللاپ كىلىدۇ خىزىر.

مەن يەنىلا ئۇستازلارنىڭ تەلىم بىرىشىگە مۇھتاج.ئۇستازلارنىڭ تەنقىد-پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى سورايمەن.

2015-12-20



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-12-20 13:08:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن،خېلى مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىپتۇ.
«چىگىر»ئەمەس «چىگرا»دېيىلىدۇ. سۆز بۇزۇلمىسۇن!


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-20 13:39:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
huxhuy يوللىغان ۋاقتى  2015-12-20 13:08
مۇبارەك بولسۇن،خېلى مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىپتۇ.
«چىگىر»ئ ...

ئۇستازنىڭ كۆرسەتمە بەرگىنىدىن سۆيۆندۈم،مەن ئۆزگەرتىۋالاي.


ۋاقتى: 2015-12-22 18:44:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شېئىر بوپتۇ. مەنمۇ ياقتۇردۇم.

شۇغىنىسى 1- كۇپلىتنىڭ 1-مىسراسىدا "چاچلىرىڭدا تۈنەيدۇ قۇشقاچ،" دېيىلگىنگە قارىغاندا، سىز كۈيلىگەن نازىنىننىڭ جىمى سۈپەتلىرى سىز سۈرەتلىگەندەك ئىۋەنسىز بولسىمۇ بىراق چاچلىرى پاخماق، قۇچقاچ چاڭگىسىدەك نامايەن بولغانمۇ،يا يىنىكلىك بىلەن  شۇنداق يېزىلىپ قالغانمۇ قايتا قاراپ باقسىڭىز!


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-23 14:59:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
HOJAKABIZ يوللىغان ۋاقتى  2015-12-22 18:44
ياخشى شېئىر بوپتۇ. مەنمۇ ياقتۇردۇم.

شۇغىنىسى 1- كۇپلىتن ...

ئۇستازنىڭ تەلىم بەرگىنىگە تەشەككۇر.   مەن بۇنىڭدا ئاساسلىقى چاچنى ئاپتاپ كۆرمەيدۇ دەپ ئىپادىلىمەكچى ئىدىم.    ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە مەندىكى سەۋەنلىككەن .بۇندىن كىيىن دىققەت قىلىشقا تىرىشىمەن.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايغا يىقىنلاشساڭ ماياق يەيسەن،نامراتقا يىقىنلاشساڭ تاياق

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-11 01:39 , Processed in 0.633680 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش