جاۋابىڭنى بەرگىنە
( تېپىشماقلار )
ئابلىكىم ئابلەت مىرزابەگ
1
ئۆزى يۇملاق بىر مىۋە ،
گۆشى تەملىك شىرىندۇر .
قارا تەڭگە ئۇرۇغى ،
توخو ،ئۆردەك دېنىدۇر .
ئېيتىڭ ئاشۇ مىۋىنىڭ ،
نام شەرىپى نىمىدۇر ؟
2
ئېگىز ئۆسەر ئېتىزدا ،
گۈلى كۈنگە قارايدۇ .
ئۇششاق دانە مىۋىسى ،
ھەر كىملەرگە يارايدۇ .
ئاپتاپ بىلەن ئىسىمداش ،
نامى ئۇنىڭ نىمىدۇ ؟
3
شاپىقىنى قوي يەيدۇ ،
ئۇرۇقىنى توخۇجان .
شىرىن ئەتلىك مىۋىسى ،
قوزغار تەندە ھاياجان .
ھەممە ئامراق ئۇنىڭغا ،
ئىسمى نىمە ئۇكىجان ؟
4
ساۋادىڭنى چىقارغان ،
ئۆزى ئاددى كىتاپتۇر .
ھەربىر ھەرىپ دوردانە ،
سەبىيلەرگە خىتاپتۇر .
ئېيتىڭ ئوماق دوستلىرىم ،
قايسى گۆھەر كىتاپتۇر ؟
5
«تۇلۇن ئاي» بىرسى بار،
ئەمما «كۈن» دە ئەسلا يوق .
«ئالىمجان»دا ئىككىسى ،
«بۇمەرەم»دە پەقەت يوق .
نىمىكىنە جاۋابى ،
تاپالايدۇ قايسى شوخ .
6
ئۆزى كۆيۈپ ئاقسىمۇ ،
نورتارىتار خانەڭگە .
گەرچە ئاددى بولسىمۇ ،
ھەمرا بولار غايەڭگە .
جاۋابىڭنى بەرگىنە ؟
ياخشى ئويلاپ بىزلەرگە .
2015-يىلى 30-ئۆكتەبىر ( گۇما - قوشتاغ )
|