|

شائىر روزى سايىتنىڭ تەرجىمھالى
شائىر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇماناھىيىسىنىڭ شەيدۇللا دېگەن يىرىدە تۇغۇلغان. 1951-يىلى ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللەخوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ، 1958-يىلىغىچە چايخانا(ھازىرقى خوتەن ناھىيىلىك ئۈمىدباشلانغۇچ مەكتىپى) مەكتەپتە، ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىزسىنىپلىرىدا ئوقۇغان، شۇنىڭدىن كېيىن 10 نەچچە يىل دېھقانچىلىق ئەمگىكى بىلەنشۇغۇللانغان. 1973-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىياتفاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خوتەن ۋىلايەتلىكدارىلمۇئەللىمىن ۋە لاڭرۇ يېزىلىق ئوتتۇر مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىبولۇپ ئىشلىگەن. 1980-يىلىدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە يېڭى قاشتېشى ژۇرنىلىدامۇھەررىر بولغان. شائىر روزى سايىت 1973-يىلى قەشقەر گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان <دېھقانمۇداشۆسىڭ بولدى>ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن.ھازىرغىچەھەر قايسى گېزىت-ژۇرناللاردا <چۈشنامە> قاتارلىق12 پارچە داستان، باللادىسى، 1000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ۋە روبائىيسى، <باراتيازغان ھېكايە>قاتارلىق بىر قانچە پارچە ھېكايىسى، <ئەتەبەتۇل ھەقايىق>نىڭ شېئىرىي يەشمىسى، ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرىيتىدىكى شەكىللەرتوغرىسىدا< قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرى> ئېلانقىلىنىپ، جامائەت ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. <قاشتېشىنىڭرىۋايىتى،بۇ قىز كىمنى تاللىسۇن،مەرھابا،ئاھ، ئۇزاققا سۇزۇلغان چۈش،كۆڭۈلدىكىگەپلەر،مۇھەببەتتىن پۈتكەن ناخشىلار،روبائىيلار، تۇيۇقلار،خىيالدىن تۆرەلگەنخىياللار،دېھقان كۈلكىسى، پاھ، دېھقاننىڭ ھەيكىلى> قاتارلىقداستان ۋە شېئىرلار توپلاملىرى نەشىر قىلىندى.روزىسايىتنىڭ يەنە <«ئاھ، سېنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىڭ، كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە، بۇ خوتەن،مەن خوتەن قىزى»...>قاتارلىق يۈزلىگەن ناخشا تېكىستى ئاھاڭغا سېلىنىپ ۋەتەننىڭيېزا-سەھرالىرىدا ياڭرىماقتا.بىرقىسىم شېئىر-ھېكايىلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىندى ۋە دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈلدى.شائىرنىڭ<دېھقان يىغلايدۇ، چۈشنامە، بالىلار پۇلغا زار، چېرىكلەر بەدخەج، باراتيازغان ھېكايە، يىپەك يۇرتىدا نۇرۇز>قاتارلىق داستان، شېئىر،ھېكايە ۋە تېلېۋىزىيە بەدىئىي سەنئەت فىلىملىرى،<بۇجاھان، جاھان كەڭرى، يول كەڭرى> ناملىق ناخشا تېكىستلىرىقاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلىرى مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىجادىيەتمۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر شېئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن < دېھقانبولماق تەس>ناملىق قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى نەشىر قىلىنىپ نەچچە ئونمىڭ نۇسخاتارقىتىلدى.خەلقشائىرى روزى سايىت 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن خوتەن شەھىرىدەۋاپات بولدى. مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيەت، تارىخ ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭمۇدىرىيەت ئەزاسى،ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىقنىقېلىپلاشتۇرۇش ئىلمىيجەمئىيىتىنىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق 12 مۇقام تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسىئىدى.خەلقشائىرى روزى سايىتنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى ئۈچۈن زور يۇقىتىش. شائىرمۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى بىلەن ئەل قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ. |
|