رۇبائىيلار
( ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر )
1
شۆھرەت كەمىرىگە ئۇزاتقىچە قول،
ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئارغامچىسى بول.
تاجۇدارلار تاجىنىڭ كۆزى بولغىچە،
كۆكلەم يامغۇرىنىڭ بىر تامچىسى بول.
2
ئەجەپ بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن،
ھەر تەندە ئۇ ھەرخىل ھېس قىلار ئىكەن،
ناۋادا ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن،
ئىلغىدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن.
3
بىراۋلار ئەلگە قىلدى جاننى قۇربان،
بىراۋلار تەر بىلەن گۈللەتتى بوستان.
ئالار قۇش تۈلكىنى ئۈنسىز- تاۋۇشسىز،
قاقاقلار بىر تۇخۇم تۇققانغا مىكىيان.
4
مېنى باغدىن ئەمەس چۆلدىن ئىزلەڭلار،
ۋە يا باغراش دىگەن كۆلدىن ئىزلەڭلار؛
ئۇنىڭدىن ياخشىسى ئۇزۇن سەپەردە-
يېقىلغان گۈلخاندىكى كۈلدىن ئىزلەڭلار.
5
ئاسمانغا نەزەر سال، يۇلتۇز بىساناق،
ئۈسۈشمەي ئۆتىدۇ ئەزەلدىن ئىناق.
جاھان كەڭرى، دوستۇم، يېتەر ھەممىگە،
ئادەمگە ياراشماس سۆڭەك تالاشماق.
6
ھەر قانچە ئىگىزدە قۇش پەرۋاز قىلۇر،
ئوزۇغى، ئۇۋىسى يەر ئۈزرە بولۇر.
يەتتىنچى ئاسمانغا يەتسىمۇ بېشىڭ،
پۇتلىرىڭ ھامان شۇ تۇپراقتا تۇرار.
7
كۆڭۈل بوستانىغا جاھان سىغىدۇ،
جاھان تۇرماق ھەتتا ئاسمان سىغىدۇ.
ناۋادا رەشك-ھەسەت قاپلىسا ئۇنى،
تېرىقنىڭ قاسرىقىمۇ ئاران سىغىدۇ.
8
بىرەر نادان ساڭا ئۆگەتسە دانىش،
كۈلۈپ قويغىن ئاڭا سەن قىلما كايىش.
ئىشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭراپ تاشلىشى،
ئاتوم دەۋرىدىمۇ تۇرمۇشتا بار ئىش.
9
ئالتۇن جام ئىچرە مەي سېنى قىلسا مەس،
گۈزەلنىڭ كۆزلىرى قوزغاتسا ھەۋەس،
كۈنۈڭ ئۆتسە ماختاش ، ئالقىشلار ئارا ،
ئاگاھ بول ھاياتنىڭ بۇ ئۆزى ئەمەس !
10
ئالتۇن گەر يالاتساڭ كېسەكتۇر كېسەك ،
گەر ھالۋا بەرسەڭمۇ تېزەكلەر ئېشەك .
شۇ كۆرۇمسىز پىلە قۇرتىغا باققىن،
يەپ ئاددى يوپۇرماق بېرىدۇ يىپەك.