چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1467 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1067|ئىنكاس: 3

مەشرەپ غەزەللىرى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
مەشرەپ غەزەللىرىدىن تاللانما
**************************
1
كۆرسەت جامالىڭ مەستانەلەرگە ،
ئىشقىڭدا كۆيگەن پەرۋانەلەرگە .

مەندىن دۇئايى سەندىن ئىجابەت ،
جانىم تەسەددۇق جانانەلەرگە ..

ئەي باغرى قاتتىق رەھىم ئەيلىمەسسەن ،
قىلغىن نەزارە(1) بىچارەلەرگە .

مەشرەپ سېنى دەپ كەچتى جاھاندىن ،
باشىنى قويدى ئاستانەلەرگە(2) .
2
كۆردۈم يۈزۈڭنى دىۋانە بولدۇم ،
ئەقلى ھۇشۇمدىن بىگانە بولدۇم .

تارتسام جاپالار ، ئۆلسەم كويۈڭدە ،
تاپماي مەن ئۇنى جۇيانە(3) بولدۇم .

كەۋسەر شارابى يادىمغا كەلمەس ،
لەئىلى لېۋىڭدىن مەستانە بولدۇم.

كۆردۈم چۈشۈمدە شەمئى جامالىڭ ،
كۆيدۈمۇ - ياندىم پەرۋانە بولدۇم .

يۇمدۇم كۆزۈمنى سەندىن بۆلەكتىن ،
كەچتىم بارىدىن ، رىندانە (4)بولدۇم .

ئىشقىڭ مەيىغە پۇر بولدى جىسمىم ،
ھەمساقىيۇ ھەم پەيمانە بولدۇم .

بولدۇم فەنا مەن تۇپراق ئىچىدە ،
بىر دانە ئەردىم مىڭ دانە بولدۇم .

ئول يۈز ئوتىدىن تەن بولدى نابۇت ،
جان جانغە يەتتى ، جانانە بولدۇم .

كافىر(5) كۆزىڭدىن ھەريانە بىر ئوق ،
تەگدى يۈرەككە ، ۋەيرانە بولدۇم .

قويماس دېدىلەر مەئمۇر(6)بولدۇم ،
ئاۋات ئەردىم مەن، ۋەيرانە بولدۇم .

مەشرەپكە مەي سۇن ، كىرسۇن قەدەھكە ،
مەسچىت ئىچىدە بۇتخانە بولدۇم .
3
ھەركىشىنىڭ دەردى بولسا يىغلاسۇن يار ئالدىدا ،
قالمىسۇن ئارمان يۈرەكتە ، ئەيتسۇن ئىزھار ئالدىدا .

ئەندەلىپى (7)بى نەۋادەك نالەيۇ ئەفغان بىلە ،
دائىمە يىغلاپ تۇرارمەن ئەيىن (8)گۈلزار ئالدىدا .

مەنسۇرى ھەللاجىدەك ئىچىپ شارابى ئەنتەھۇر (9)،
چەرخ ئۇرۇپ يىغلاپ تۇرارمەن ئۇشبۇ دەم دار ئالدىدا .

ھەركىشى بىر جۇرئەتى 10)نۇش ئەيلىسە بۇ بادەدىن ،
ئول قىيامەتتە قىلۇر ئەرزىنى جەببار 11))ئالدىدا.

تەلبە مەشرەپ قىلمىغىل سىرىڭنى زاھىدغە ئايان ،
ئەيتىپ - ئەيتىپ يىغلاغايسەن ئاشىقى زار ئالدىدا .
4
ھەزرەتى ئادەم بىنا بولغاندا مەن بىللە ئىدىم ،
ھەقرەسۇل مىراجىغە (12)چىققاندا مەن بىللە ئىدىم .

چۇن خەلىل ئاتەشكە كىردى ، ئوتنى پەرۋا قىلمىدى ،
ئوتنى بوستان ئەيلەگەن ، گۈلشەندە مەن بىللە ئىدىم .

ھەزرىتى ياقۇپنى كۆر ، يۈسۈپ ئۈچۈن قان يىغلادى ،
تاجۇ - تەختى دەۋلەتىن قىسقاندا مەن بىللە ئىدىم .

زىكرىيانىڭ باشىغە ھەرە قويۇپ پارە ئەيلىدى ،
زىكرى ھەقنى دىلغا جا قىلغاندا مەن بىللە ئىدىم .

چۇن ئەنەلھەق دېدىلەر ، مەنسۈرنى دارغا ئاستىلەر ،
قان بىلەن مەنسۈر يۈزىن يۇۋغاندا مەن بىللە ئىدىم .

مەشرەبا لاپ ئۇرمەغىل ، قىلغان سۆزۈڭگە تۆۋبە قىل ،
گەر خۇدا لۇتف (13)ئەيلەسە،روھىمدا مەن بىللە ئىدىم .
___________________
(1)نەزارە-قارىماق ،باقماق .
(2)ئاستانە-بوسۇغا.!
(3)جۇيانە - ئىزلىگۇچى .
(4)رىندانەبولدۇم - ئازات بولدۇم ،قۇتۇلدۇم .
(5)كافىر - نېمەتكە شۈكۈر قىلمىغۇچى .
(6)مەئمۇر - ئاۋات.
(7)ئەندەلىپ - بۇلبۇل .
(8)ئەيىن - ھەقىقى ، كۆز ، بۇلاق .
(9)ئەنتەھۇر - جەننەت ، شارابى ئەنتەھۇر - جەننەت شارابى .
(10)جۈرئە - يۇتۇم .
(11)جەببار - ھۈكۈميۈرگۈزگۈچى (خۇدانىڭ بىر ئىسمى).
(12)مېراج - ئەرش .
(13)لۇتف - رەھىم - شەپقەت ، ئىلتىپات .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxhuy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-19 12:14  




چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-5-19 23:02:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن ئۇستاز مۇھەممەت كامال خۇشخۇي ئەپەندىنىڭ بۇ ئىسىل غەزەللەردىن بىزنى بەھىرلەندۈرگىنىگە چىن قەلبىمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن .
غەزەللەرنى كۆرۈپ بىر سوئال مېنى قىيناۋاتىدۇ . ئەدەبىيات نەزەرىيسىدە غەزەل تاق كۇبلىت بولىدۇ دەيدىغان گەپلەر بار ئىدى . كىلاسسىك غەزەللەردىمۇ جۈپ مىسرالىق غەزەللەر ئۇچۇرمايتتى . بىراق بۇ غەزەللەرنىڭ بىرنچىسى تۆت بىيىت ( كۇبلىت ) ئىكەن . بۇ غەزەلنىڭ تېپىلغىنى مۇشىمىدۇ يا مەشرەپ قەلىمىدە مۇشۇنداق تۆت بىيىت قەلەمگە ئېلىنغان بولغىيمىدى .


ۋاقتى: 2012-5-20 00:36:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە،ئۇزبېكچىدىن ئاغدۇرغانلارنىڭ تاللىشى بولىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن.


ۋاقتى: 2012-5-23 13:15:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىلىقى نەمانگانلىق  بابارەھىم شاھ مەشرەپىنىڭ غەزەللىرى ئوخشىمامدۇ، مەن رادىئۇ دىن ئاڭلىغان.
رەھمەت سىلىگە .


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

زالىمنى يەر بىلەن تەڭ كۆر(موللا بىلال نازىمى)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-4-5 07:18 , Processed in 0.255998 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش