رىۋايەت كۆكلىگەن تۈنلەر
ئابلىمىت ئابدۇقادىر
مەن ياياق چۆللەر ئارا
سەندىكى ھەسرەت بىلەن يىغلار كۆزۈم قىرغاقلىرى،
مەن تامان ماڭغايمىكىن سەندىن ئۆلۈم قولۋاقلىرى.
دەردىما، سەنسىز ياشاپ يۈردۈم ھاپاشلاپ جەسىتىم،
ئەگمىدى بوينۇمنى ھېچ تەڭسىز ھايات قىيناقلىرى.
كۆرگىنىم غەمكىن شەھەر دىللار ساماسىدا ھامان،
سۆيگىنىم رۇخسارىسىز باشتا ئازاب چاقماقلىرى.
ئامرىقىم بوستان چېچىڭ يەلپۈندى ئورمانلار ئارا،
كۆكسىنى بارخان دېسەم تولغاندى تەن توغراقلىرى.
لەۋلىرىم پەريادىدا ماھىتابانىم ناز قىلۇر،
يار تىنىق ئالغان دەقىق تىترەر ۋۇجۇد ياپراقلىرى.
بىر كېچە يۇلتۇز بىلەن مەيىن خىيالىم سىردىشىپ،
تارىدى تۈن ساچىنى نەمخۇش ھەۋەس تارغاقلىرى.
مەن ياياق چۆللەر ئارا تاپسام نىگارىمنى بۈگۈن،
نە ئەجەپ يېرىم ئىكەن يارنىڭ ئىشىق بايراقلىرى.
رىۋايەت كۆكلىگەن تۈنلەر
مۇھەببەت يارىدار قۇشتەك ئۇچار كۆڭلۈم ساماسىدا،
كۆيەر بۇ تەندە مىڭ گۈلخان ئىشىقنىڭ مۇپتىلاسىدا.
دېڭىزغا تەلمۈرۈپ باقسام ئېچىلدى شادىمان گۈللەر،
غېرىب قىرغاق ياتار ئۆكسۈپ سۇنۇق كۆڭلۈم نىداسىدا.
تۇمان تارقالدى كۆڭلۈمگە سېنى ئەسلەشكە پۇرسەت يوق،
ۋۇجۇدۇم نۇر بولۇپ سۇنغاي كۆيۈك ھەسرەت قازاسىدا.
رىۋايەت كۆكلىگەن تۈنلەر پۈتەرمەن تاشقا مىڭ قىسسە،
ياتارمەن پۈركىنىپ گۈلگە ئۆلۈمنىڭ كەربالاسىدا.
قاچاندىن بۇ تېنىم يالغۇز سېنىڭ ئالقانلىرىڭ ئىچرە،
ياشارغاي ئەمدى بۇ روھىم ھامان نەپرەت جۇلاسىدا.
تەسەللى ئىزدىدىم كۆكتىن سادالار كەلمىدى ئەمما،
بۇلۇتلار ئۆركىشى ئاقتى دىلىمنىڭ ئىلتىجاسىدا.
كېتەرمەن نەگىدۇر بىر كۈن سېنىڭ قەبرەڭدە ياتماسمەن،
سۇنارمەن دارغا بوينۇمنى قاراڭغۇلۇق ئاداسىدا.
ئاشىق زارى
سېلىپ جانىمغا ئاتەشنى مېنى كۆپ ئىنتىزار قىلدىڭ،
يۈرەكنى ئەيلىدىڭ زەرداپ، قارا ساچىڭنى دار قىلدىڭ.
تىلەكلەر ئەۋجىدە كۆيدى دىلىم ياپراقلىرى تال-تال،
ۋىسالغا ئىنتىلىپ تۇرسام مېنى ئىشقىڭدا زار قىلدىڭ.
قارا تۈن شاخىدا كۈن-تۈن يۈتۈپ چوغنى ناۋا قىلسام،
ئۆزۈڭنى نە سەۋەپ ئەي يار، بىراۋغا ئىختىيار قىلدىڭ.
چېلىپ سازىمنى ھەسرەتكە كېتەي باشىم ئېلىپ ئەمدى،
نىگار دەپ بوزلىسام ھەرچاغ نىچۈن قەلبىمنى خار قىلدىڭ.
مېنىڭ تەنھالىقىم ئىچرە كېتەر ئەركەكلىكىم چاڭقاپ،
قۇياشقا قامچا ئويناتسام ماڭا مەنزىلنى تار قىلدىڭ.
يېرىپ تۈم كۆكسىنى دىلبەر، سۈزۈك تاڭدەك چىقىپ كەلدىم،
يولۇڭدا توزوتۇپ تەننى ئەجەپمۇ خاكىسار قىلدىڭ.
ئىشق نىداسى
«ئەجەپ بولدۇم، ئەجەپ بولدۇم، ئەجەپ بولغانغا يىغلايمەن»،
مۇھەببەتلىك يۈرەكىمگە ئازاب تولغانغا يىغلايمەن.
ئوغۇزخان ئات قىلىپ مىنگەن زېمىننىڭ كەۋسىرىدۇرمەن،
جالاقلاپ تىترىگەن تەننى سېلىپ چوغدانغا يىغلايمەن.
نېتەي، باغرىمدا بىر دىلبەر قىرىق يىل تارىدى ساچىن،
دىلمنى شەرمىسار قىلغان قارا ھىجرانغا يىغلايمەن.
مېنىڭ ئىشقىمنى بىر دەريا دېسەڭلار قاينىغان، تاشقان،
ئاشۇ دەريادا يار ئىزدەپ ئىزىققان جانغا يىغلايمەن.
ئۆلۈم قۇشقاچلىرى مەندە چۇرۇقلاپ سايرىدى ھەردەم،
ۋىسال باغىمدىكى گۈللەر تامام سولغانغا يىغلايمەن.
كىيىپ چۆللەردە جەندەمنى ئەزەلدىن شاھى
مەشرەپتەك،
ئىچىمگە پاتمىغان دەردنى تۆكۈپ
داستانغا يىغلايمەن.
مۇھەببەت سايىسى
نىگاھىڭ جاننى ئالغۇنچە يېتەي ۋەسلىڭگە پۇرسەت بەر،
كېتەرمەن ئاقىۋەت يالغۇز، سۇنۇق قەلبىمگە ئۈلپەت بەر.
مۇھەببەت سايە بولغايمۇ سېنىڭ تەكلىماكانىڭدا،
يېقىلسام لەۋلىرىم چاك-چاك پۇچۇق جامىڭدا شەربەت بەر.
قاچاندىن كۆزلىرىم نۇرسىز، چىرايىم زەپىران بۇنچە،
سالاي جەندە كۇلاھىمنى ماڭ ھەر جايدا خىلۋەت بەر.
كۈتۈشلەر بىخ سۈرۈپ چىققان قاقاس تاغلارغا ئوخشايمەن،
پەلەكتە قامچا ئويناتسام ئىشقتىن قەترە زۇمرەت بەر.
كۆزۈڭگە بىر قاراپ شۇندىن سېنىڭ نازىڭغا قۇل بولدۇم،
يولۇڭدا ئىزلىرىم سەرسان، جېنىمغا زەررە راھەت بەر.
ئەزەلنىڭ ھۆكمى شۇنداقمۇ، ماڭا مەستانىلىق خوپتۇر،
ئۇراي ھىجرانغا شەمشەرنى، مېنىڭ روھىمغا رىغبەت بەر.
كېتەي قەلبىڭگە يەتمەستىن ئۇپۇققا ئايلىنىپ تەنھا،
ئىچىمدە چاڭقىغنا دەردنى يېزىشقا ئەمدى پۇرسەت بەر.
قاراڭغۇ كەچمىش
غېرىبمەن يارغا تەلمۈرگەن، جېنىمنى ئاي سەنەم ئوينار،
دىلىمنى پارە-پار ئەيلەپ ئىچىمدە دەرد-ئەلەم ئوينار.
يېنىمدىن كۆكسى بارخانلىق چېچەكلەپ ئۆتتى ئاق لالەم،
باراقسان ھەسرىتىم ئىچرە ئەجەپ مۇڭلۇق ئەجەم ئوينار.
كىرەي مەن يار ماڭا يازغان لىرىك داستانغا ئوت پۈركۈپ،
ۋىسالغا بىر قەدەم ئالسام ئازابتا مىڭ قەدەم ئوينار.
بۇ يەردە بارۇ-يوق بىر تال پىغاننىڭ سايىسى قالدى،
قىلىپ كۆڭلۈمنى سەرگەردان تېنىم ئىچرە سىتەم ئوينار.
بۇ يەردە بارچە يۇلتۇزلار ئاۋارە نۇر تىلەپ ئايدىن،
قۇياشتىن سۇ تىلەپ تۇپراق كۆزىدە قەترە نەم ئوينار.
بۇ يەردە بار باراقسانلىق قاراڭغۇ كەچمىشى يارنىڭ،
رىۋايەت تاڭلىرى ئاتسا يەنە قەغەز، قەلەم ئوينار.
جانانغا يەتكىنىم جاندىن كېچىشنىڭ قوزا چۈش پەيتى،
ۋاپا داستانىدا ئاخىر نۇرانە بىر قەسەم ئوينار.
ئازابقا يۈزلىنىش
يىراقتىن بەرگىلى كەلدىم جانانغا ۋەسلى دارىمنى،
جاھانغا ياڭرىتىپ ئۈنلۈك ئەلەملىك سۆيگۈ زارىمنى.
تاپارمەن ساچىدىن يۇلتۇز ئۈزۈشكە ئەمدى بىر ئىمكان،
كېتەرمۇ بىر يولى يالماپ زىمىستان نەۋباھارىمنى.
كېلەرمەن ئات سېلىپ مەغرۇر كۆزۈمدە پارلىتىپ ئاپتاپ،
كۆرەپ دەپ مۇڭلىنىپ ياتقان رىۋايەتلىك مازارىمنى.
سۆيۈشنىڭ مەنىسى كۆيمەك دېدى كىم بەرقى ئاتەشتە،
كۆيەتتىم قايتۇرۇپ بەرسە ئۆزۈمگە ئىختىيارىمنى.
نېتەي بۇ جەسىدىم مۇزلاپ قالارمۇ جۇت-شىۋىرغاندا،
باغاشلاپ كەتكىلى پۇرسەت بولارمۇ گۈلئۇزارىمنى.
كېچەمنىڭ يۇلتۇزى بولغاي غېرىبلار نالىسى ئەمدى،
مۇقاملار ئىچرە ئىزدەيمەن قۇياشتەك بىغۇبارىمنى.
غازاڭلىق يول بىلەن ماڭدىم ئازابقا يۈزلىنىپ مەيۈس،
زاماننىڭ تەكتىدىن يالغۇز تاپارمەن ئۇز نىگارىمنى.
مەنبە:
شىنجاڭ يازغۇچىلىرى