چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 1962|ئىنكاس: 1

3-نۆۋەتلىك «تارىم» سەپىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
3-نۆۋەتلىك «تارىم» سەپىرى-جەنۇبىي دېڭىزدا «تارىم» تىۋىشى

01.jpg

«تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتى 2013-يىللىق خىزمەت پىلانىغا ئاساسەن 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھرىدە< 3-نۆۋەتلىك «تارىم» سەپىرى-جەنۇبىي دېڭىزدا «تارىم» تىۋىشى> پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە «تارىم» ژۇرنىلىدىكى مۇھەررىرلەر ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن شائىر، يازغۇچىلار بولۇپ 23ئادەم قاتناشتى. پائالىيەت جەريانىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ باشلىقى، باش مۇھەررىر، شائىر ياسىن زىلال قاتارلىقلار نۆۋەتتىكى ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ يۆلىنىشى، ئىلغار مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، شائىر، يازغۇچىلارنىڭ تەربىيىلىنىشى ۋە ئۆز ئۆزىنى تەربىيەلىشى قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا لىكسىيە سۆزلىدى. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن شائىر، يازغۇچىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبى، ئىجادىيەت قارىشى قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئەركىن پىكىرلەشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە جارىي قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك ئارتۇقچىلىقلار ئۈستىدە ئۆز قارىشىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقانلار: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئەدەبىياتشۇناس ئازات سۇلتان؛ «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ باشلىقى، باش مۇھەررىر، شائىر ياسىن زىلال، «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى پاتىگۈل ئەخمەت؛ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن پەرىدە مالىك؛ «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرلىرىدىن خاسىيەت ئەمەت، مۇھەممەت ئەيسا ئۆزئەرك، ھەزرەتئەلى ئەخەت؛ خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شائىر ئابدۇللا سۇلايمان؛ «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، يازغۇچى مەتسېلىم مەتقاسىم؛ گۇما ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن شائىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي؛ قاراقاش ناھىيەلىك سۇ ئىدارىسىدىن شائىر ئەنۋەر ھىدايەت؛ كېرىيە ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن شائىر مەتسەيدى مەتقاسىم؛ «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلىدىن شائىر ئابدۇرېشىت ئېلى؛ شەرقىي جۇڭغار نېفىتلىكىدىن يازغۇچى دىلمۇرات تۆمۈر؛ شىنجاڭ جەۋلان ئادۋۇكاتلىق ئورنىدىن شائىر ئابدۇرېھىم غازى؛ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىك تەرەققىيات بانكىسىدىن شائىر ئاتىكەم سىدىق ئايقۇت؛ پەيزاۋات ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشتىن شائىر قاسىمجان ئوسمان غازى؛ يوپۇرغا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئابدۇناسىر يۇنۇس ياۋايى؛ «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر ئابلىز ئوسمان؛ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن يازغۇچى تۇرغۇن مىجىت؛ خېجىڭ ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىدىن يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي؛ «تۇرپان گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدىن شائىر ئەكبەر نىياز پەتتارى؛ ئاۋات ناھىيەسىدىن شائىر تۇراخۇن ئەھمەد دولانى قاتارلىقلار.
02.jpg

03.jpg

04.jpg

06.jpg

08.jpg

12.jpg

سۆرەتتىكىلەر:
ئارقا رەت ئوڭدىن سولغا: ئەكبەر نىياز پەتتارى، ئەنۋەر ھىدايەت، دىلمۇرات تۆمۈر، ئابلىز ئوسمان، تۇراخۇن ئەھمەد دولانى، ياسىن زىلال، ئابدۇللا سۇلايمان،
مەتسېلىم مەتقاسىم، ئابدۇرېھىم غازى، ئابدۇناسىر يۇنۇش ياۋايى، مۇھەممەد كامال خۇشخۇي، مەتسەيدى مەتقاسىم.
ئالدى رەت ئوڭدىن سولغا: ھەزرەتئەلى ئەخەت، مۇھەممەت ئەيسا ئۆزئەرك، ئابدۇرېشىت ئېلى، خاسىيەت ئەمەت، ئاتىكەن سىدىق ئايقۇت،
پاتىگۈل ئەخمەت، نۇرگۈل ئەبەي، پەرىدە مالىك، قاسىمجان ئوسمان غازى، تۇرغۇن مىجىت.
تارىم تور بېكىتى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-1-14 00:03:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پائالىيەت ئەھۋالى تولىمۇ كېچىكىپ خەۋەر قىلىندى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

زالىمنى يەر بىلەن تەڭ كۆر(موللا بىلال نازىمى)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-10 14:00 , Processed in 1.491508 second(s), 539 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش