شائىر بولماق
ئابدۇلھەي روزى
خېلى بولدى شائىر بولماق ئىستىدىم،
شېئىرلارغا باشنى مەجبۇر قىستىدىم.
مىسرالارغا توشتى دەپتەرنىڭ بېتى،
شۇنچە تولا مەنىسىدىن چېكىتى.
ئەسەرلەرنى ھەر جەھەتتىن توغرىلاش،
ئىجادىيىتىم كىتابلاردىن ئوغرىلاش.
يالۋۇرۇپمۇ باردىم قانچە تەھرىرگە،
قارىمىدى خوشامەتلىك تەدبىرگە.
دوق قىلىپمۇ باقتىم ھەتتا بىر قېتىم،
ئۈستەل ئۇرۇپ قالمىغاندا تاقىتىم.
شۆھرەت تاپماي باشلىرىمنى تاتلىدىم،
ئۆز شېئىرىمغا ئۆزۈم قىزىپ ياتلىدىم.
بۇ غەرەزدىن ھەر كىشىگە داتلىدىم،
رەقىبلەرنىڭ كۆزلىرىنى ياشلىدىم.
دوستۇم ئېيىتقىن شائىر قانداق بولىدۇ؟
قانداق قىلسام شائىرلىقىم ئۆڭىدۇ؟
-ئېيىتسام سېنىڭ بېشىڭ تېخى خام ئىكەن،
سەندە يەنە خېلى سۈپەت كەم ئىكەن.
كىتاپ-كىتاپ قاپىيەلەر تاپىسەن،
تاقىر-تۇقۇر قوشاقلارغا قاتىسەن.
ئۆزۈڭ ئوقۇپ ئايىغىغا چىقالماي،
باشقىلاردىن سەۋەبىنى ئۇقالماي.
بۇ تۈگۈننى يەنە شۇنداق يېشىسەن،
ياكى ئۇندىن بىر يولىلا كېچىسەن.
ياكى يوغان سۈرەتلەرگە چۈشىسەن،
«شائىرمەن»دەپ ئارقىسىغا پۈتىسەن.
مەھبۇپلارغا خەت يازىسەن پىشىسەن.
ئويلاپ باققىن ئۆزۈڭ قانداق كىشىسەن.
قاتار-قاتار كوچىلاردا ماڭغاندا،
يېتەلمەستىن باشقىلاردىن قالغاندا.
سەن ئۆزۈڭنى ئاستا تىڭشاپ كۆرىسەن،
شۇندا شائىر بولغىنىڭنى بىلىسەن.
مەنبە:خەلق ئاغزىدىن ئاڭلاپ رەتلەندى.