يىڭى يىلغا سۇئال.
ئەسسالام يىڭى يىل،
بوۋايمۇ سەن.
مومايمۇسەن.
سىكىلىكى بار،
چىمىلدىقى بار،
شەرمى ھايالىق قىزچاقمۇسەن .
بۇرتى خەت تارتقان،
كۆڭلى قىز تارتقان،
دەرىزە چىكىپ،
مۇڭغا-مۇڭ قاتقان،
ئون سەككىز ياشلىق يىگىتمۇ -سەن؟
قىرىق كوكولغا ،
چاچ تەڭگە ئاسقان،
خۇلقى ئانا تارتقان،
نازلىنىپ باققان،
جۇۋانمۇ -سەن؟
ئالدىڭدىن قاراپ،
قىزچاقنى كۆردۈم.
يىنىڭدىن قاراپ،
جۇۋاننى كۆردۈم.
ئارقاڭدىن قاراپ،
بوۋاينى كۆردۈم.
ئاھ!
سەندە نە خىسلەت،
ھەممىنى كۆردۈم.
جاۋاپ بەر ماڭا،
سەن كىمنى تارتقان؟
تەنھا
نامرات چاغدا،سىنى سۆيۆپ،باغرىمغا باسقان،
مۇھەببەتنى ئۇلۇغ بىلىپ،"ئانام"دىن تانغان.
"بولايدۇ""بولمايدۇ"دىسە يامانلاپ ماڭغان،
قىنى ئۇ مۇھاببەت،نەدە شۇ ئانام،قالدىم ،مەن تەنھا.
كۆزلىرىم تىكىلەر توروسقا ھامان،
ياشلىرىم يۇزۇمنى يۇغىنى -يۇغان.
ئەسلىمەم يۇرەكنى غاجىلار پىنھان،
مەن قالدىم ،بۇ مىسكىن كەپەمدە تەنھا.
مەن قانچە قىلساممۇ،يىنىپ پۇشايمان،
قايتمايدۇ ياشلىغىم كەينىگە ھامان.
دەرتلىرىم،كۆتۆرۇپ،قىلسىمۇ غەليان،
ئۆمرۇمنى "ئوق"قىلىپ ياشايمەن تەنھا.
مەنبە:ھەدىيە تىلىدىن،2016-يىل 1-ئاي 7-8-كۈن