چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 191|ئىنكاس: 0

ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرمەيلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan

ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرمەيلى
ئوسمان ئىسمايىل تارىم


          ئىككىنچى ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، جاھانناما، كارۋان، مۇزىكام قاتارلىق توربېكەت ۋە ئۈندىدار سالونلىرىدا «تۇغقان» ناملىق بىر پارچە شېئىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. مەزكۈر شېئىر ھازىرمۇ ئۈندىداردا كەڭ تارقىتىلماقتا. بۇ شېئىر يەتتە كوبلېتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنىڭ بارغانسېرى سۈسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىش ھېسسىياتى ئىپادە قىلىنغان.

      «تۇغقان» ناملىق بۇ شېئىر گەرچە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدا ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرى بىلەن تونۇش ھەرقانداق ئوقۇرمەن بىر قاراپلا، بۇ شېئىرنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ۋەزىن ئۆلچىمى، ھېسسىيات ئىپادىلەش دەرىجىسى ۋە شېئىرىي تىل ئىشلىتىش جەھەتلەردە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرىلىرىدىن تولىمۇ تۆۋەن دەرىجىدە تۇرىدىقانلىقىنى بايقىۋالالايدۇ.

          بىزنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، 3-ئاينىڭ 1-كۈنى بۇ شېئىرنىڭ ھەقىقى ئاپتۇرى ئوتتۇرىغا چىقىپ، بۇ ھەقتە كارۋان تورىدا مۇنداق چۈشەنچە بەردى: « يېقىندا ‹بىر تۇغقان› دېگەن شېئىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدا ھەرقايسى ئۈندىدار سالونلىرىدا ئېلان قىلىنىپ،  ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. بۇ شېئىرنى ئەسلى مەن يازغان، 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ‹بورىتالا گېزىتى› دە ‹ئۇنتۇپ قالما ئۆيۈمنى› دېگەن نامدا ئېلان قىلىنغان. مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر خەلقىمىزنىڭ سۆيۈملۈك ئالىمى. مەن ئۆز ئەسىرىمنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدا ئېلان قىلىنغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن. بىراق بەزى تورداشلار ماڭا ‹سەن نومۇس قىلماي ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئەسىرىنى كۆچۈرىۋاپسەن› دەپ مېنى ئەسەر ئوغرىسى قىلىپ قويدى. مەن ئامالسىز ئۆزەمنى ئاقلاشقا مەجبۇر بولۇپ، ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئەۋەتتىم. شۇڭا توغرا چۈشىنىڭلار. مەن ئوغرى ئەمەس. پەقەت ئازراق سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن بۇ ئەسىرىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدا ئېلان قىلىنغان. مەن ئەسىرىمنى ياقتۇرغان تورداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ ئىشنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھۆرمەت بىلەن بورتالا 5-دىۋىزىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى جۈرئەت نىزام.»

         مەن بۇ چۈشەندۈرۈشنى كۆرگەندىن كېيىن ، تولىمۇ بىئارام بولدۇم. بىز مەزكۈر باياندىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدىكى بۇ شېئىرنىڭ ھەقىقى ئېگىسى جۈرئەت نىزام ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدۇق. بىراق جۈرئەت نىزام «مەن ئۆز ئەسىرىمنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدا ئېلان قىلىنغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن» دەپتۇ. بۇ يەردە بىز ئاپتۇرغا ھەقلىق يوسۇندا شۇنى دېمەكچىمىزكى، سىز پەخىرلەنگەن بولسىڭىز، بىز نومۇس قىلدۇق!  سىزنىڭ بۇ بەدىئىلىكى تۆۋەن شېئىرىڭىز  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنىپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈردى. بىز بۇنىڭدىن غەزەپلەندۇق!

        سىز يەنە بەزى تورداشلار مېنى ئەسەر ئوغرىسى قىلىپ قويغاچقا، مەن ئامالسىز ئۆزەمنى ئاقلاشقا مەجبۇر بولدۇم دەپسىز. بۇ سۆزىڭىزدىن، ئەگەر بەزىلەر بۇ ساختىلىقنى سىزىۋالمىغان بولسا، سىزنىڭ بۇ ھەقتە مەڭگۈ سۈكۈت قىلماقچى بولغانلىقىڭىز، شېئىرىڭىزنىڭ مەڭگۈ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدا تارقىلىپ يۈرىشىگە يول قويماقچى ئىكەنلىكىڭىز بىلىنىپ تۇرىدۇ. سىز نېمە دېگەن قاپ يۈرەك ھە؟ ئۆزىڭىز يازغان شېئىرنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدا ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ يۈكسەك ئىززەت-ھۆرمىتىگە نۇقسان يېتىشىگە سۈكۈت قىلىدىغان، ھەتتا ئۇنىڭدىن خۇشال بولىدىغان ھوقۇقنى كىم بەردى سىزگە؟! سىزنىڭ «ئازراق سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن بۇ ئەسىرىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدا ئېلان قىلىنغان. مەن ئەسىرىمنى ياقتۇرغان تورداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ ئىشنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دىگەن سۆزىڭىزنى قانداق چۈشەنسەك بولار؟ ئۆزىڭىزنىڭ شېئىرىنى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ نامىدا ئېلان قىلىش سەۋەنلىكتىن بولغانمۇ؟ ئۇ قانداق سەۋەنلىك؟ سىز بۇ «سەۋەنلىك»تىن پۇشمان قىلىش ئورنىغا خۇش بولدىڭىز، پەخىرلەندىڭىز، شۇنداقمۇ؟

     شۇنى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سەمىگە سالماقچىمىزكى، يېقىندىن بۇيان بەزىلەر ئۆزى ئويلاپ تاپقان ئىنتايىن ئاددىي سۆزلەرنى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ سۆزى، ئۆزى يازغان تايىنى يوق شېئىرلارنى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شېئىرى دەپ،  تور ۋە ئۈندىدارلاردا ئېلان قىلىدىغان بولۇۋالدى. مېنىڭچە بۇنداق يارىماس قىلىقلارغا قەتئىي يول قويغىلى بولمايدۇ. مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلشىر ناۋايى قاتارلىقلار قەدىمقى زامان ئەدەبىياتىمىزدىكى ئۇلۇغ ئەدىپلەر، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى، غۇرۇرى ۋە مەنىۋى تۈۋرۈكى.  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرمۇ  20-ئەسىردىكى بۈيۈك يازغۇچى. شۇڭا ئەھمىيىتى يوق ئاتالمىش«ئەقلىيە» سۆزلەرنى ئەشۇ پىشىۋالىرىمىزغا ئارتىپ قويۇپ، قاملاشمىغان شېئىرلارنى ئۇلارنىڭ نامىدا ئېلان قىلىپ، ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ يۈزىگە قارا سۈرتۈشكە ۋە ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرۈشكە ھەرگىز بولمايدۇ!
   مۇشۇنداق بولمىغۇر ئەسەرلەرنى مەشھۇر ئەدىپلىرىمىزنىڭ نامىدا ئېلان قىلىدىغان ئىشنى، مەيلى بىرقىسىم تور بېكەتلىرى ۋە سالونلار پۇل تېپىش غەرىزىدە قىلسۇن، مەيلى بىرقىسىم ئاپتۇرلار نام چىقىرىش غەرىزىدە قىلسۇن، بۇنىڭ ئۆزى زادى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان يامان قىلمىش! بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدىن چىققان ساناقلىق ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ شان-شەرىپىگە نۇقسان يەتكۈزىدىغان بۇنداق ئىش-ھەركەتكە سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمىز!
                              2016 – يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت دەرياسىنىڭ سۈيى خاتالىق ئېرىقىدىن ئېقىپ كېلىدۇ.(تاگۇر)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-5-12 20:46 , Processed in 0.192933 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش