-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/51343645.html
ئىھيائىي ئۇلۇمىددىن ( دىنى ئىلىملىەرنى بەرپا قىلىش )
ۇججەتۇل ئىسلام، زەينۇددىن مۇجەددىدى كەبىر، ئالىمى رەببانى، مۇرشىدى كامىل، خادىمى شەرىئاتى مۇتاھھارا، ئەھلى سۈننەتنىڭ كۆز قارىچۇقى ئىمام ئەبۇ ھەمىد مۇھەممەد ئەل غەززالى
نەفىس تەربىيىسى قىسىمىئىنسان نەفىسنىڭ ئارقىسىدىن خۇدا قايتۇرغان ئىلارنى قىلىۋاتىدۇ ، نەفىسنىڭ ئارقىسىدىن زىنا قىلىۋاتىدۇ ،ھاراق ئىچىۋاتىدۇ ،نەفىسنىڭ كەينىدىن ئۆزئاتىسىنى ئۆلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ ،نەفسنىڭ ئارقىسىدىن،بالا-چاقىسىنى باقىمەن دەپ ،خۇدا قايتۇرغان قەسەملەرنى ئىچىپ تۇرۇپ ماللىرىنى ماختاپ سېتىۋاتىدۇ ،ئۈزىنىڭ ئاكا -ئىنىلىرىنى ئالداشقا ئۇرىنىۋاتىدۇ ،
ئۇنداقتا نەفىس ئۆزى نىمە ئۇ ؟
نەفىس سىز بىلەن مىنىڭ بارلىقىم،نەفىس سىز بىلەن مەندىن ئاجرىمايدىغان نەرسە،سىز بىلەن مىنى پەقەت گۇناھقىلا دەۋەت قىلىدىغان نەرسە . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ھەدىسى بار "دۈشمەنلىرىڭنىڭ ئىچىدە ئەڭ بەتتەر ، ئەڭ يامان دۈشمىنىڭ نەفسىڭدۇر "
ھەزرىتى سەئىدى رەھمەتۇللا ئەلەي ئېيتىدۇركى "مەن بۇ ھەدىسنى ئوقۇغاندا ،شەيىخلىرىمىزنىڭ بىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ،-قىلىچ تەڭلەپ چىققان دۈشمەندىن قانداقسىگە ئۈزەمنىڭ نەپسى ئەڭ يامان دۈشمەن بۇلىشى مۇمىكىن ؟ دەپ سورىدۇم .شەيىخ دىدى :"ھەرقانداق يامان دۈشمەنگە ئازراق نەسىھەت قىلساڭ ياكى ئازراق مال -دۇنيا سەرىپلەپ ياخشى سۆزلەرنى قىلساڭ سىنىڭ دوستۇڭغا ئايلىنىشى مۇمىكىن.ئىللا ،نەفسىڭ ئۇنداق ئەمەس .بۈگۈن زىناغا ، يامان ئىشلارغا دەۋەت قىلىدۇ . ئەتە قىمارغا ،ئوغۇرلۇققا دەۋەت قىلدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ،بولدى مىنىڭ دىگىنىمگە كۆندى دەپ قانائەت قىلمايدۇ .سىنى بارغانسىرى دۇزاخسىرى سۆرەپ بارىدۇ .ئاقىۋەتتە ساڭا دۈشمەنلىكى زىيادە ئېشىپ بارىدۇ ."
اللاھ تائالا":نەفىس سىلەرنى پەقەت يامانلىققىلا دەۋەت قىلىدۇ ، يامانلىققا چاقىرىدۇ ". دىمەك اللاھ تائالا نەفىسنى سىز بىلەن مىنى يامانلىققا دەۋەت قىلىشقا ،يامانلىققا مايىل قىلىپ يارىتىپ ، ئىنساننى نەفىسنى پاكلاشقا بۇيرىغان .ئۇنداقتا نەفىسنى قانداق پاكلاش كىرەك ؟
ئۈزەڭ بىر بىكار ۋاقىت تاپقاندا (سىز بىلەن مىنىڭ نەزىرىمدە بىكار ۋاقىت ،بىراق ئاساسىي ۋاقىتنى نەفىس تەربىيىسىگە سەرىپلەش كىرەك ) ئولتۇرۇۋېلىپ ئويلان .نەفىسنى تازلىغاندا قانداق تەربىيەلەش كىرەك ؟ئۇنىڭ قامچىسى نىمە ؟ ئۇنى توغرا يولغا سالىدىغان نەرسە نىمە؟ دەپ ئۆز-ئۈزۈڭگە گەپ قىلىسەن .
ئەي نەفسىم ، مەن دۇنيادا سەندىنمۇ بەك جاھىلراق ،سەندىنمۇ بەك نادانراق يەنە بىر نەرسىنى كۆرمىدىم . سەن دانالىقنى ،ھەكىملىكنى ، زاكاۋەتنى دەۋا قىلىسەن .ۋە ھالەنكى ئادەملەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەخمەق ئىنسان سەن ئۆزەڭسەن.
ئەي نەفسىم ، كۈزۈڭنى ئاچقىن،سىنى كۈتۈپ تۇرغان نەرسىلەر كاتتا سارايلار ئەمەس،بەلكى جەننەت بار ياكى دۇزاخ بار .ئىككىسىدىن بىرىگە كىرىشكە مەجبۇرسەن . مەن دۇزاخقا كىرەلمەيمەن دىيەلمەيسەن .ئۇ ئىككىسى تىز كۈندە ،كۈتۈلمىگەندە سىنىڭ يېنىڭغا كىلىدىغان جايلاردۇر .
سەن كۈلىسەن، سەن شاتلىنىسەن ،بىكارچى نەرسىلەربىلەن ،مال-دۇنيا بىلەن مەشغۇلسەن .بىرق سىنىڭ ئالدىڭدا شۇنچە ئۇلۇغ نەرسە كۈتۈپ تۇرۇپتۇ سىنى. شۇنچە چوڭ ئىمتىھان كۈتىۋاتىدۇ .يا بۈگۈندۇر ياكى ئەتە سىنى سۇۈۇرۇپ ئېلىپ كىتىدۇ .ياكى سەن ئۈلۈمنى ئۇزاق دەپ بىلەمسەن؟ ۋەھالەنكى اللاھ ئۈلۈمنى شۇنچە يېقىن دەپ بىلىدۇ . ئېي نەفسىم ،سەن بىلمەمسەن ھەربىر كەلگۈچ نەرسە يېقىن بولىدۇ .ئۇزاق دەپ ئاساسەن كەلمەيدىغان نەرسىگە ئېيتىلىدۇ .دىمەك ئۈلۈم ساڭا كەلدىمۇ ،ئۇ كەلگۈچى بولغانىكەن ساڭا يېقىندۇر .پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر سۈززى بار 'ئۈلۈم سىلەرنىڭ سايىلىرىڭلاردۇر،ئۈلۈم سىلەرنىڭ ئارقاڭلارغا ئاتقامنگۈشىۋالغان ئادەمگە ئوخشايدۇ .سىلەردىن ھېچ ئاجرىمايدۇ".
ئەي نەفسىم، بىلمەيسەنمۇ، ئۈلۈم كۈتۈلمىگەندە كىلىدۇ كىلىشتىن بۇرۇن بىرەر ئەلچى ئەۋەتمەيدۇ .سەن بىلەن ۋەدىلەشمەيدۇ . كىلىدىغان جاينى كىلىشىۋالمايدۇ .بىر نەرسىنىڭ ئۈستىدە ئەمەس ،ئىككىنچى بىر نەرسىنىڭ ئۈستىدە ،يازدا ئەمەس قىشتا. ياشلىقتا ئەمەس قېرىغانداكىلىدۇ دەپ ھېچكىم ئېيتالمايدۇ .بەلكىم سەن ئېلىۋاتقان ھەربىر نەپسىڭ كۈتۈلمىگەندە سىنىڭ ئۈستۈڭگە ئۈلۈمنى ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن.ئۈلۈم كەلمىگەندە كىسەللىك كىلىشى مۇمكىن.ئۇنداقتا نىمىشقا يەنە ئۈلۈمگە تەييارلىق قىلمايسەن؟ دىمەك ،ساڭا ئەڭ يېقىن نەرسىدىنمۇ يېقىنراقى ئۈلۈمدۇر .سەن نىمىشقا اللانىڭ :" ئادەملەرگە ئۈلۈم شۇنچە يېقىن تۇرسىمۇ مەندىن يۈز ئۆرۈپ ،غەپلەتتە يۈرۈشىدۇ "دىگەب ئايىتىنى تەپەككۇر قىلمايسەن؟
ئەي نەفسىم ،سەن كىچە-كۈندۈز شۇنچە چوڭ گۇناھلارنى قىلۋاتىسەن ،ساڭا شۇنچە چوڭ جاسارەت نەدىن كىلىۋاتىدۇ ؟ئەگەر ،سەن ئاشۇ جاسارەت ،ئاشۇ ئىشەنچ بىلەن اللاھ مەن قىلغان گۇناھلارنى كۆرمەيۋاتىدۇ دىسەڭ،ئەي نەاسىم سەن كافىرسەن .ئەگەر ،اللاھ مىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمدىن خەۋەردار ، كۈرۈپ بىلىپ تۇرىدۇ ،دەپ يەنە گۇناھ قىلساڭ ئۇنداقتا ئەڭ بىھايا ئىنسانسەن دۇر سەن.
ئەي نەفسىم ،ھالىڭغا ۋايلار بولسۇن .ئەگەر سىنىڭ قول ئاستىڭدىكى بىر خىزمەتكارىڭ سىنىڭ قارشى تەرىپىڭدىن چىقىپ ،سەن ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشنى قىلىپ سىنىڭ كۆڭلۈڭنى رەنجىتسە ،سەن بىر ئاددى ئىنسان تۇرۇپ قىلىدىغان غەزىپىڭنى ئويلاپ باق ،قارا سىنىڭ ھالىڭغا! ئەمدى سەن اللاھنىڭ غەزىپىگە قانداق قىلىپ يۈزلەنمەكچىسەن ؟ سەن قايسى جاسارەت بىلەن اللانىڭ غەزىپىگە قارشى كىلەلەيسەن ؟ ياكى سەن اللانىڭ ئازابىغا تاقەت قىلىمەن دەپ ئويلامسەن ؟ ھەيھات ! ھەيھات!...سەن ئۈزەڭنى سىناپ كۆرگىن ،سىنىڭ نەفسىڭ سىنى گۇناغا دەۋەت قىلىپ تۇرغان ۋاقتىدا اللانىڭ ئازاپلىرىنى تارتىشتىن سىنىڭ نەفسىڭ سىنى تۇسۇپ تۇرغان بولسا ئۆزەڭنى قاتتىق ئاپتاپقا سېلىپ سىناپ باققىن .سىنىڭ تاقىتىڭنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى مەۇم بولىدۇ .ھېچ بولمىغاندا بىرتال شامنى يېقىپ ئۈستىگە بارمىقىڭنى تۇتۇپ باققىن .ياكى سەن خۇدانىڭ فەزلى -كەرەمى بىلەن،خۇدانىڭ سىنىڭ ئائەت -ئىبادىتىڭگە بىھاجەت ئىكەنلىكى بىلەن ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ئالداپ يۈرەمسەن ؟ سەن نىمە ئۈچۈن ئۆزەڭنىڭ دۇنيا ئىشلىرى ئۈستىدە اللانىڭ اەزلى -كەرەمىگە سېغىنمايسەن ؟ بىر يۈەن ،ئىككى يۈەن پايدا ئۈچۈن ،كىچىككىنە مال -دۇنيا ئۈچۈن جېنىڭ چىققۇدەك كۈچەيسەن. بىلىدىغان ھىيلە -نەيرەڭلىرىڭنىڭ ھەممىنى ئىشقا سالىسەن .نىمىشقا اللانىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىگە سېغىنمايسەن ؟ سەن مۆمىنمەن ،ئىمانلىقمەن ،دەپ دەۋا قىلىسەن ،اللاھقا ئىشەنچىم باردەيسەن،لىكىن سەندە مۇناپىقلىقنىڭ ئالامىتى شۇنداق ئۇچۇق كۈرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. اللا تائالا يەريۈزىدىكى ھەممە مەۋجۇداتنىڭ ،ھەممە ،ھەممە نەرسىنىڭ رىزقىغا مەن كىپىل ، دەپ ۋەدە بەرسە . مەسىلەن، بىر ئاتا ئىشلەپ بىر ئائىلە كىشىنىڭ تۇرمۇشىغا كىپىل بولىدۇ . ئەمما ئاخىرەت ئىشىغا كەلگەندە اللاھ پەزلى -كەرەمىگە ئېلىپ ،رەھىم قىلىپ جەننىتىگە ئېلىپ كىرىدۇ دەپ ئويلامسەن ؟ياكى سەن ئاخرەتنىڭ خۇداسى باشقا ،دۇنيانىڭ خۇداسى باشقا دەپ ئويلامسەن ؟اللاھ بۇنداق ئىتىقادتىن ساقلىسۇن . اللاھ ئۈزىنىڭ سۈننىتىنى ،ئۈزىنىڭ ئادىتىنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەيدۇ .بۇ دۇنيانىڭ ئىگىسى بولغان زات ھەم اللاھ ،ئاىىرەتنىڭ ئىگىسى بولغان زات ھەم اللاھ. ياكى سەن تىل بىلەن ئېيتىلغان نەرسىنى ئىمان دەپ ئويلامسەن ؟ئەگەر،پەقەت تىل بىلەن ئېيتىلغان نەرسە ئىمان بولسا ،اللاھ نىمە ئۈچۈن مۇناپىقلارنى كاپىرلار كۆيىدىغان دۇزاختىنمۇ بەتتەر بولغان دۇزاختا كۆيدۈردۇ . ۋەھالەنكى ئۇلارنىڭمۇ تىلىدا ئىمان بار ئىدى .سىنىڭ ئالدىڭغا بىر يەھۇدىي تىۋىپ كىلىپ ،سەن بۇ تائامنى يىمە، بۇ تائام سىنىڭ كىسىلىڭنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋىتىدۇ دىسە،سىنىڭ نەفسىڭ خالاپ تۇرسىمۇ سەن يىمەيسەن ، سەۋىر قىلىسەن. ئەمما سىنىڭ نەزىرىڭدەئاللانىڭ سۈزى ،اللانىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۈ زى ، ئۆلىمالارنىڭ نەسىھەتلىرى بىر ئىپلاس ،نەسۇرانىي تىۋىپنىڭ گىپىچىلىك قىممەتكە ئىگە ئەمەسمۇ ؟ . بىر كىچىك بالا ساڭا كىيىمىڭنىڭ ئىچىگە بىر چايان كىرىپ كەتتى دىسە ،سەن شۇئان كىيىمىڭنى سېلىپ تاشلايسەن .ىىراق قۇرئاندا ھاراقنى ھارام دىسە ،يەنە باھانىلارنى كۆرسىتىپ ھۆججەت سورايسەن .نىمە ئۈچۈن اللانىڭ سۈزىگە بىر ئەخمەقلەرنىڭ جۈملىسىدىن بولغان كىچىك بالنىڭ سۈزىچىلىك ئىشەنمەيسەن؟ياكى سىنى نەزىرىڭدە ئۇ دۇنيادىكى چايانلار ، قەبرىدىكى يىلانلار ،خۇدا جازالاش ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان ئازاپلار بۇدۇنيادىلى چاقسا بىر سائەت ياكى بىر كۈن ئازاپ،ئەلەم بىرىدىغان ئازاپنىڭ تەسىرىچىلىك تەسىرى يوقما ؟ ئەگەر سىنى ھالىڭ بۇدۇنيادىكى ھايۋانلارغا مۇنكەشىپ بولىدىغان بولسا ئۇلار سىنىڭ ئۈستۈڭدىن كۈلەر ئىدى. ئەي نەفسىم ،سەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلگەن ئىكەنسەن ،يەنە نىمىشقا ئاللاھ بۇيرىغانغا بويسۇن،ئۇنڭغا ئەمەل قىلغىن دىسە ،يەنە نىمىگە ئەتىگە ،ئەتىگە دەيسەن ؟ ھەي ،،،سەن بىلەن مىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقىنى خۇتۇنۇم ئەمەس ،ئانام ئەمەس ياكى ئاتام ئەمەس . ۋە ياكى پەرزەنتىم ئەمەس .قۇچاغىنى كەڭ ئېچىپ ئۈلۈم كۈتۈپ تۇرىدۇ . ئۈلۈم ساڭا مۆھلەت بەرمەستىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ كىتىدۇ . كىم ساڭا ئۈلۈم تىز كەلمەيدۇ دىگەن خەۋەرنى بەردى. مەسىلەن ،بىر ئادەمگە يۈز يىل ئۆمۈر بىرىپ مۇشۇ ئۆمۈرنى سەرىپلە دىسە ،ئۇھەممىنى گۇناھ ئىشلارغا سەرىپ قىلسا قانداقمۇ جەننەتكە كىرەلىسۇن ؟ سەن ئەتىگە ،ئەتىگە دەيسەن ،ۋەقىت كۈنلەپ -كۈنلەپ ئۈتۈپ گۇناھىڭنىڭ ئۈسىتگە ھەسسىلەپ گۇناھ ئېرتىلىۋاتىدۇ . ئەگر بىرسى ساڭا ئۆمۈرنىڭ ئاخىرىدا قىلغان ئىبادەت مەنپەت بىرىدۇ دىسە ،كىم بىلىدۇ سەن ھازىر ئېلىۋاتقان مۇشۇ نەپەس سىنىڭ ئاىىرقى نەپسىڭمۇ. ياكى سەن بېرىپ -بېرىپ ئىبادەت قىڭسا نەفىسكە ئېغىر كەلمەيدىغان ،يەنى ئۆزلۈكۈمدىن ئىبادەت قىلىشنى خالايدىغان كۈننى كۈتۈۋاتىمەن دەپ ئويلامسەن؟ بۇنداق كۈننى خۇدا ياراتمىغان ھەم ياراتمايدۇ .ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا نەفىسنى ياراتمىغان بۇلاتتى .پەيغەبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر سۈزى بار "ئاللاھ جەننەتنىڭ ئەتراپىنى نەفىسكە ئۇېغىر كىلىدىغان ئىشلار بىلەن ئوراپ قۇيىدۇ ". يېرىم كىچىدە تۇرۇپ ،سوغوقلاادا تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇش كىرەك ، زاكات بېرىش كىرەك ،
ھەجگە بېرىشى كىرەك . بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى نەفىسكە ئېغىر كىلىدىغان ئىشلار دۇر . سەن بۇ ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بۇلالىساڭ ئاندىن جەننەتكە كىرەلەيسەن .جەھەننەم بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە . شۇڭا كىتابلار ئېيتىدۇركى بىر ئىشنىڭ گۇناھ ياكى سېۋاپ ئىكەنلىكىنى پەرىقلەندۈرىدىغان ئۆلچەم نىمە؟ ئۇنى پەرقلەندۈرىغان ئۆلچەم ، شۇ ئىشنىڭ ئىنساننىڭ نەفسىگە ئېغىر كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكى . مەسىلەن ، بىردەم ئارام ئېلىۋالغىن نامازنى ئەتە ئوقۇساڭمۇ بولىدۇ . سەن ناماز ئوقۇساڭ كىنونى كىم كۆرىدۇ. سەن يانچۇقۇڭدىكى پۇلنى خەقكە بىرىۋەتسەڭ نىمە خەجلەيسەن ،كەمبەغەل بۇلۇپ قالمامسەن، دىگەندەك . تەھقىقكى ، نەفىسكە ئېغىر كىلىۋاتقىنى شۇ ئىبادەت . نەفسىڭىز سىزنى بەزى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىراتتىمۇ،بىلىڭ شۇ گۇناھ .سەن ئىبادەتتىن قېچىپ ئارقىغا سۈرۈۋامسەن ، سەن بۈگۈن ئاجىزبولساڭ ،ئەتە تېخىمۇ ئاجىزلايسەن. نەفىس خۇددى مۇستەھكەم دەرەخكە ئوخشايدۇ . سەن ئۇنى قەلبىڭدىن يۇلۇپ تاشلىدىڭمۇ ئاللاھقا يېقىنلىشىسەن . سەن بۈگۈ ن ئۇنى يۇلۇپ تاشلىمىساڭ ئەتە تېخمۇ ئاجىزلايسەن ،دەرەخ ئۆسكەنگە ئوخشاش،نەفسمۇ قەلبىڭگە تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتىدۇ . ئەي نەفسىم، دۇنيا ھاياتى سىنى ئالداپ قويمىسۇن،شەيتان ئاللانىڭ نامىنى ئاتاپ،-ئاللاھ كەچۈرەۈچىدۇر ،ئەڭ كەرەملىك رەھىم قىلغۇچىدۇر ،ئۇ دۇنيادا سىنى كەچۈرىدۇ ،نىمىنى ئويلىغان بولساڭ شۇنى قىلىۋەر ،-دەپ سىنى ئالدايدۇ. ئەي نەفسىم ئۈزۈڭگە ئۈزۈڭنىڭ رەھىمى كەلسۇن. دۇنيادا ساڭا ئۆزەڭدىن باشقا ھېچىكىم سەنچىلىك رەھىم قىلمايدۇ.سىنىڭ كۈنلىرىڭ چەكلىك ،سەن ئانا قۇرسىقىدىن چۈشكەندىن كىيىنكى ھەربىر نەپەس بەدىلىگە سىنىڭ بىر قىسمىڭ ،يەنى ئۆمرۈڭ كىتىۋاتىدۇ . ھىلى كىسەللىك كىلىشتىن بۇرۇن سالامەتلىكنى غەنىيمەت بىلىۋال، نامراتلىق كىلىشتىن بۇرۇن پۇل -ماللىرىڭنى سەدىقە -ئىھسان قىلىۋال، پۇل -مال بىلەنمۇ باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى رازىلىقىغا ئېرىشكىلى ،كۈڭلىنى ئالغىلى بولىدۇ .ياخشى گەپ -سۆزبىلەن ھەم كۆڭۈل ئالغىلى بولىدۇ . قېرىلىق كىلىشتىن بۇرۇن ياشلىقىڭنى غەنىيمەت بىلىپ تائەت - ئىبادەت قىلىۋال . ئەڭ ئاساسلىقى بۇ دۇنيادىكى ھاياتىڭنى ئۆلۈم كىلىشتىن بۇرۇن غەنىيمەت بىلىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋال . ئۇ دۇنياغا قايتىشتىن بۇرۇن تەييارلىقنى پۇختا قىلىۋال .سەن ئۇ دۇنياغا قانداق قايتىشنى ئويلاۋاتسەن ؟ ياراتقۇچىنىڭ ئالدىغا قانداق ھالەتتە بارماقچىسەن ؟ ئەي نەفسىم، ئۈچ ئايدا ئۆتۈپ كىتىدىغان قىشقا قىلىۋاتقان تەييارلىقىڭغا قارا! تەييارلاپ قويغان ئۇتۇن -كۈمۈر،ئۇزۇق تۈلۈك ،كىيىم -كىچەك ،ئاشلىقلىرىڭغا قارا! نىمە ئۈچۈن ئاللاھ ئۆز فەزلى -كەرىمىگە ئېلىپ مەندىن قىشنىڭ سوغۇقىنى دەفئى قىلار دىمەيسەنۇ-، ئەجىبا نىمىشقا ئۇ دۇنيانىڭ ئىشىغا كەلگەندە ئاللاھ رەھىم قىلار دەيسەن؟ ئاللاھ تائالا سەندىن قىشنىڭ سوغىقىنى ئوتۇنسىز ، كىيىمسىز دەفئى قىلمىغاندەك ،ئاخىرەتنىڭ ئازابىنىمۇ ،ئىبادەتسىز ، ئەمەلسىز دەفئىي قىلمايدۇ . سەن ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىغا ھېچقانداق تەييارلىقسىز بارساڭ سىنى جەننەتكە كىرگۈزۈشى ئۇنىڭ رەھىمى ئەمەس ، پەقەت جەننەتكە ئېلىپ باردىغان يولنى كۆرسىتىپ قويغانلىقى ، جەننەتكە ئېلىپ باردىغان يولنى كۆرسىتىدىغان پەيغەمبەرنى ئەۋەتكەنلىكى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ رەھىمىدۇر . ساڭا سوغوقيىن ساقلىنىدىغان ئوتۇن ۋە كىيىمنى يارىتىپ قويغانلىقى ، ئەقىل -ئىدراكنى ئاتا قىلغانلىقى ئاللانىڭ ئەڭ چوڭ مىھرىبانلىقىدۇر .
ئۆزبېكچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى:فانىي
收藏到:Del.icio.us