-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/51303107.html
قەبرىگە بار ، قەبرىستانغا بار
دۇنيادا ئەڭ كاتتا ، زور ئىبرەت ،
ئىزلىسەڭ كۇپايە شۇ پەقەت .
پەيغەمبەر قىلغاندۇر نەسىھەت ،
قەبرىگە بار ، قەبرىستانغا بار .بەزىلەر ھاياتتىن نارىزار،
كۆڭلۈڭگە ئورنىشار مىڭ غۇبار .
ھەممىسى ئۆتكۈنچى بىر ئەسرار.
قەبرىگە بار، قەبرىستانغا بار.كاتتىلار كۆپ ئىدى ،خوش ،قېنى ؟
ھەممىسى كۈل بولدى يىغقىنى.
ھەقىقىي ئىلىملەر مىسكىنى
قەبرىگە بار ،قەبرىستانغا بار .يېقىنلىرىڭ ئازار بەرسە ،بەس .
دۇنيا ساڭا تۇيۇلسا قەپەس.
تىرىكلەرنىڭ ئۆيىگە ئەمەس ،
قەبرىگە بار، قەبرىستانغا بار.
ھەركۈنى ئۆلۈكتىن خەت كىلەر ،
كۈزۈڭدە كۆرىمەن ،خۇنۈكلەر.
جېنىڭغا تەگسە گەر تىرىكلەر ،
قەبرىگە بار ،قەبرىستانغا بار .
شاۋقۇنلۇق بۇ دۇنيا شىددەتتۇر ،
ئەلەم ھەم دەرتلىرى بىھەددۇر.
جىم تۇرغان ئۇ ،كاتتا ئىبرەتتۇر .
قەبرىگە بار، قەبرىستانغا بار.
ئۆزلەشتۈرگۈاچى : فانىي
收藏到:Del.icio.us