-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/51303019.html
مەجنۇنتال
يۇلۇمدا ئۇچرىغان مەجنۇنتال .
كۆڭلۈمدە سۇئاللار بىسىيادۇر .
ھەرقانچە كۆرۈنسەڭ قەددىڭ دال ،
باتىنىن مەنزىلىڭ بىقاراردۇر.پايىڭدا ئاشىقلار بىر -بىرىن ،
ۋىسالنى تاپىدۇ بىمەھرەم .
ئەۋرەتتىن ئايرىلغان ساچلىرىڭ ،
ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ياپقاندەم .سۆيگۈگە يۇغۇرۇلغان گۇناھلار ،
قىلسا ھەم يەتكۈزۈپ ئار ھەممىگە.
ئاللاھقا ئاسىيلار، گۇمراھلار ،
پايىڭنى تولغازدى ھارامگە.تېخى ئون گۈلىدىن بىر گۈلى
ئېچىلماي سۆيگۈ دەپ يۈرگەنلەر .
قەددىڭنى ئۆيبىلىپ ، پايىڭنى
گۇۇناھقا ماقۇل جاي كۆرگەنلەر .ھەركۈنى ئۆرىمەن پايىڭدا ،
ئەلەملىك دۇنيانىڭ ھەسرىتى.
مەكتەپنى پۈتكۈزمەي سايەڭگە
سۆيگۈ دەپ يول ئالغان لەنىتى.كاززاپلار جار سالار ئۇيالماي ،
سۆزلىشەر سۆيگۈ،ئىشىق -مۇھەببەتتىن.
گۇناھلار قەددىڭنى دال قىلغان ،
ئىگىلىپ قالغانسەن ئۇياتتىن.ئۆزبېكچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى :فانىي
收藏到:Del.icio.us