-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/51443392.html
نۆۋەت ساڭا
ئۈلۈم دىگەن پادىشاھ ،بىر كۈن ئىشىك قاقار،
ئاللاھ بىلەر ،ئۇ كىملەرگە خۇشرۇي باقار .
بۇ ھەقىقەت كىمگە ياقماس، كىمگە ياقار .
ئاتاڭ ئۆلدى ،ئاناڭ ئۆلدى نۆۋەت ساڭا.ياشلىقىڭدا ئاتا-ئاناڭ تۈگكەن تۈگۈن،
ئېچىلىشقا تەيياگەرلىك قىلار بۈگۈن.
ئۆلۈم ئۈچۈن تەييارلىقىڭ يوقتۇر نىچۈن ؟
ئاتاڭ ئۆلدى ،ئاناڭ ئۆلدى نۆۋەت ساڭا.پەيغەمبەر لەر كەتتىلەريۇ،ئىبرەت يوقتۇر.
تاۋۇت تۇرار ساڭا ،ئۇلھەق ، كۆڭلۈڭ توقتۇر.
ئۇھەممىگە تەڭ ئېتىلغان ئېنىق ئوقتۇر.
ئاتاڭ ئۆلدى ،ئاناڭ ئۆلدى نۆۋەت ساڭا.كۆككە يەتكەن بىنالار ھەم دەز كەتتىلەر ،
ئەڭ چىرايلىق سەنەملەر ھەم قەرز كەتتىلەر
ۋە ھەممىسى بىر مەنزىلنى ئۆي ئەتتىلەر .
ئاتاڭ ئۆلدى ،ئاناڭ ئۆلدى نۆۋەت ساڭا.
بالاڭ ماڭسا ئىلىم ئىزلەپ ،نان تۇتىسەن ،
جاھىل ئۆتسە يىغلا يەنە قان يۇتىسەن.
ئېيىت ،بۇنچىلەر سەن نىمىنى زار كۈتىسەن ؟
ئاتاڭ ئۆلدى ،ئاناڭ ئۆلدى نۆۋەت ساڭا.نادان ئەسلى كىبىر بىلەن كۆكرەك كىرۇر،
ئىمانىنى پۇچۇق نانغا سېتىپ بىرۇر .
ئۆلمەيسەن دەپ ئالداۋاتقان شەيتان ئىرۇر.
ئاتاڭ ئۆلدى ،ئاناڭ ئۆلدى نۆۋەت ساڭا.خاراپ ئەيلەپ گۈل -بوستاننى ،گۈل ھاياتنى،
ئاللاھ تۇرۇپ دوست تۇتمىغىن ئۆزگە ياتنى.
ئۇنۇتمىغىن ئەڭ ئەزەلى تەرغىباتنى .
ئاتاڭ ئۆلدى ،ئاناڭ ئۆلدى نۆۋەت ساڭا.ئۆزبېكچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى :فانىي
收藏到:Del.icio.us
评论
دۇنيادا پەقەت ئۆلۈملا ھەقىقى ھەم ئەڭ ئادىل باھالىغۇچى ...