تەۋىسىيە
ئىزدەش

بېنگال ئالى سوت مەھكىمىسى ئىسلام پارتىيەسىنىڭ رەھبىرىگە ئۆلۈم جازاسى بەردى

تۈرى : خەۋەر يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-01-08 12:16:31

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

بېنگال ئالى سوت مەھكىمىسى 6-يانۋار، بېنگالدىكى ئىسلام قۇرۇلتاي پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى مودى راخمان نىزامىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمنى ساقلاپ قالدى ، بۇ پارتىيە ئارقىدىن 7-يانۋار مەملىكەت بويىچە چوڭ ئىش تاشلىدى.

بېنگال قانۇنىغا ئاساسەن، نىزامىنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلار ئۆمىكى يەنە 15 كۈن ئىچىدە ئالى سوت مەھكىمىسىگە ئەرزى سۇنسا بولىدۇ. 
2012- يىلى، نىزامى 1971- يىلدىكى بېنگالنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدە ئولتۇرۇش، ئۆت قويۇش، باسقۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن دەپ ئەيىبلەنگەن. 2014- يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى، بېنگال خەلقئارا ئۇرۇش جىنايىتى سوتى نىزامىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان.

ھازىرقى زۇڭلى ھاشىنا 2009- يىلى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كىيىن، ئىلگىرى كىيىن بولۇپ مەخسۇس ئىككى ئۇرۇش سوتىنى قۇرۇپ، ئەينى يىللاردا دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىغا توسقۇنلۇق قىلغان ئاتالمىش ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوتلاشقا مەسئۇل قىلغان. ئىسلام قۇرۇلتاي پارتىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى ئەيىبلەنگەندىن سىرت، يەنە ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە بولغان مىللەت پارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرىمۇ ئەيىبلىنىپ، ئۆكتىچىلەر پارتىيەسىنىڭ كۆپلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئۆلۈمگە ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى ھۆكۈم قىلىنغان. 
http://www.uycnr.com/xwzx/gjxw/201601/t20160107_999893.html

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

电话:13325555422 0991-2506623 QQ:2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长