تەۋىسىيە
ئىزدەش

ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك يامانلىشىشقا باشلىدى

تۈرى : خەۋەر يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-01-08 12:11:14

\
ئافغانىستان مەسىلىسى بويىچە تۆت تەرەپ سۆھبىتىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك يامانلىشىشقا باشلىدى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى.

تۇنجى نۆۋەتلىك ئافغانىستان مەسىلىسى بۇيىچە تۆت تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، پايتەخت كابۇل خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېقىن رايوندا ھەتتا بىر كۈندە ئىككى قېتىم پارتلاشتەك ئاز كۆرۈلىدىغان ۋەقە يۈز بەردى.

5-يانۋار، ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نەنگارخار ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى جالالئاباد شەھەر سىرتىدىكى رايوندا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى، بىراق ئۆلۈم يېتىم بولمىدى. ھىندىستان، پاكىستان ۋە ئىراننىڭ كونسۇلخانىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان رايونغا يېقىن ئىكەن.

4-يانۋار، كابۇل خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېقىن جايدا ئىككى قېتىم ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز دېگەندە 36 كىشى يارىلاندى، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان رايونغا يېقىن جايدىكى ماگىزىن ۋە پۇقرالارنىڭ ئويلىرى ئېغىر زەخىمگە ئۇچرىدى.

3-يانۋار، ھىندىستاننىڭ ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى شەھەر مازارىشەرىفدە تەسىس قىلغان كونسۇلخانىسى سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان قوراللىق خادىملارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندە 10 كىشى يارىلاندى. ساقچى تەرەپ ئارقىدىن قوراللىق توقۇنۇشتا قوراللىق خادىمدىن ئۇچنى ئېتىپ تاشلىدى.

گەرچە ھازىرغىچە يۇقىرىقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قايسى تەشكىلات ياكى شەخسىنىڭ پەيدا قىلغانلىقى ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ، بىراق ئافغانىستان بىخەتەرلىك تارماقلىرى قوراللىق خادىملارنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلىغا قارتا، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئافغانىستان تالىبان قوراللىق خادىملىرى پەيدا قىلدى دەپ قارىغان. يېڭى يىل باشلىنىش بىلەن، كابۇلدىكى بىر فىرانسىيە رېستورانى 1-يانۋار كەچتە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىشقا ئۇچراپ، ئۇچ كىشى قازا قىلدى، ئۇندىن باشقا 15 كىشى يارىلاندى. ئافغانىستان تالىبان قوراللىق كۈچلىرى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى ئۆزلىرىنى پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
http://www.uycnr.com/xwzx/zdxw/201601/t20160107_999944.html

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

电话:13325555422 0991-2506623 QQ:2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长