تۈرى : خەۋەر يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-01-08 12:02:44
سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كىيىن، بەھرەين بىلەن سۇدان 4-يانۋار ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى ئارقا-ئارقىدىن جاكارلىدى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھۆكۈمىتى ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى جاكارلىدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈلۈشى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەندىشىسىنى پەيدا قىلدى، خەلقئارا جەمئىيەت بەس بەستە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشىدىن ساقلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون 4- يانۋار باياناتچى ئىشخانىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى جۇبەر ۋە ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف بىلەن ئايرىم ئايرىم تېلېفونلىشىپ،ئىككى تەرەپنى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشىدىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلدىم، ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ مەزكۇر رايوننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن داۋاملىق ئىجابىي تۆھپە قوشۇشنى تەكىتلىدىم.
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى موگەيرىنى 4-يانۋار ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئىران ۋەزىيىتى توغرىسىدا تېلېفونلىشىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقنىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرى بۆلۈمى باياناتىدا مۇنداق دېدى: ھەر قايسى تەرەپلەر جىددىي ۋەزىيەتنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشىدىن تىرىشىپ ساقلىنىشى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت ۋە رايوندىكى ئاساسلىق دۆلەتلەر پائال ھەمكارلىشىپ، سۇرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ھەمدە ئىتتىپاقلىشىپ تېررورچى تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ، بۇ تىرىشچانلىقلار يېڭى مۇقىمسىزلىق ۋەزىيىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك.
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99
تايلاندتىكى تۆت بالىسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالدى

مەملىكىتىمىزدە تۇنجى زىكا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بىمار بايقالدى

تاشكەنتتىكى ئەلىشىر نەۋائىي ھەيكىلى ئالدىغا گۈلدەستە تىزىلدى

بېرمىدا بىر ھەربىي ئايروپىلان پايتەختتە يەرگە چۈشۈپ پاچاقلىنى

شياڭگاڭ ساقچى دائىرىلىرى زوراۋانلىق ۋەقەسىدە 54ئادەمنى تۇتتى

ئامېرىكا دەرىجىدىن تاشقىرى ماشىنا ئادەم ياسىماقچى بولۇۋاتىدۇ

ئافغانىستان ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئاپتوبوسى ئادەمبومبا ھۇجۇمى

ئۇتۇق مائارىپى ئۇيغۇرچە مەمۇرلۇق ئىمتىھان ماتېرىيال تارىخىدا چوڭ يېڭىلىق ياراتتى
خەۋەر ئانىسى ئوغلىغا ياتلىق بولىدىغان غەيرىي دۆلەت - كامېرون
خەۋەر ياپونىيە پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز بىنا سالماقچى ئىكەن
خەۋەر ‹‹ تائام رىسالىسى ›› قاپلىق DVD پىلاستىنكىسىنى تارقىتىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۇلدى
توي قىلغان ئەرلەر بىلىشكە تىگىشلىك 5 مەخپىيەت
ياپونىيىلىك ئەرلەر نېمىشقا ئاسانلا تالاغا قارايدۇ؟
بويتاقلار ئاسان سەمرىپ كېتىدىكەن
خانىم-قىزلار گرىم بويۇملارنى ۋاقىتقا قاراپ ئىشلىتىشى كېرەك
قورقۇتۇش بالىلارنىڭ خارەكتېر ساغلاملىقىغا زىيانلىق
يازدا توڭلاتقۇ كېسىلىدىن ئېھتىيات قىلىڭ
كىتاب ئوقۇشنىڭ جىسمانىي ساغلاملىققا بولغان پايدىسى
نامراتلارغا خاس 6 خىل تەپەككۇردىن نېرى تۇرۇڭ تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ
© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006
邮箱:global@eldiyar.com 电话:13325555422 0991-2506623 QQ:2663600
تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长