تۈرى : خەۋەر يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-05-02 21:07:29

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرى:
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، نېپال ئىچكى ئىشىلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2-چىسلا ئاشكارلىغان ئەڭ يېڭى سانلىق-مەلۇمات ماتېرىيالىدىن ئايان بولىشىچە، نېپالدا 4-ئاينىڭ 25-كۈنى يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 6659 كىشىگە، يارلانغانلارنىڭ سانى 14 مىڭ 62 كىشىگە يەتكەن. قازا قىلغانلارنىڭ ئارىسىدا 76 نەپەر چەت ئەللىك كىشىمۇ بار بولۇپ، ئۇندىن باشقا يەنە 204 نەپەر چەت ئەللىك يوقاپ كەتكەن.
نېپال ئىچكى ئىشىلار مىنىستىرلىقى بۇندىن بۇرۇن ئاپەتكە ئۇچرىغان 29 رايون ئىچىدە ئۆلۈم-يىتىم ئەڭ ئېغىر بولغىنى جوكسىن دۇپار ناھىيىسى (Jock Sin Dupare County) دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە قازا قىلغانلار سانى 2000 كىشىگە يەتكەن، ئۇندىن باشقا يەنە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارلانغان. يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، مەزكۇر ناھىيىدىكى بىر قىسىم پۇقرالار ئۆرۈلۈپ چۈشكەن تۇرالغۇ خارابىيلىكى ئاستىدا قالغان بولۇپ، ئۇلار يەنىلا قۇتقۇزغۇچى خادىملارنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ.

ھازىر گوركا (Gorkha) قاتارلىق ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان رايونلار ئاشلىق، دورا-دەرمەك ۋە ئىچىملىك سۇ قاتارلىقلارغا جىددى ئىھتىياجلىق بولۇپ، يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن يوللار توسۇلۇپ قالغان، قاتناش راۋان بولمىغاچقا قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى بىر قەدەر چەت بولغان گوركا رايونىغا بارالمايۋاتىدۇ.
نېپال ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇم بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، 5-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە، نېپال پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە يەنىلا ئىككى مىليون 500 مىڭ كىشى سىرىتتا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى، بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ۋاقىتلىق چېدىر بارگاھلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاشلىق، تازلىق ئەسلىھەلىرى، ئىچىملىك ۋە ھاجەتخانا قاتارلىقلار بەكلا قىس بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ھازىر ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش لاگىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىمۇ بارغانسىرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. كاتماندو شەھىرىدىكى بىر قىسىم پۇقرالار بىخەتەرلىك ئەھۋالىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ باشقا يۇرتلارغا قېچىپ كېتىشتى.

4-ئاينىڭ 30-كۈنى ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ئاموس (Amos) نېپالدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نېپالغا بولغان ياردەم قىلىش كۈچىنى تېخىمۇ زورايتىشىنى، تېخىمۇ كۆپ چېدىر ۋە ئاشلىق قاتارلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى ئەۋەتىشنى ۋە بۇنداق قىلىش ئارقىلىق نېپالدا يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغان يامغۇرلۇق پەسلىگە تاقابىل تۇرۇشقا چاقىردى.
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99
تايلاندتىكى تۆت بالىسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالدى

مەملىكىتىمىزدە تۇنجى زىكا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بىمار بايقالدى

تاشكەنتتىكى ئەلىشىر نەۋائىي ھەيكىلى ئالدىغا گۈلدەستە تىزىلدى

بېرمىدا بىر ھەربىي ئايروپىلان پايتەختتە يەرگە چۈشۈپ پاچاقلىنى

شياڭگاڭ ساقچى دائىرىلىرى زوراۋانلىق ۋەقەسىدە 54ئادەمنى تۇتتى

ئامېرىكا دەرىجىدىن تاشقىرى ماشىنا ئادەم ياسىماقچى بولۇۋاتىدۇ

ئافغانىستان ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئاپتوبوسى ئادەمبومبا ھۇجۇمى

ئۇتۇق مائارىپى ئۇيغۇرچە مەمۇرلۇق ئىمتىھان ماتېرىيال تارىخىدا چوڭ يېڭىلىق ياراتتى
خەۋەر ئانىسى ئوغلىغا ياتلىق بولىدىغان غەيرىي دۆلەت - كامېرون
خەۋەر ياپونىيە پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز بىنا سالماقچى ئىكەن
خەۋەر ‹‹ تائام رىسالىسى ›› قاپلىق DVD پىلاستىنكىسىنى تارقىتىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۇلدى
توي قىلغان ئەرلەر بىلىشكە تىگىشلىك 5 مەخپىيەت
ياپونىيىلىك ئەرلەر نېمىشقا ئاسانلا تالاغا قارايدۇ؟
بويتاقلار ئاسان سەمرىپ كېتىدىكەن
خانىم-قىزلار گرىم بويۇملارنى ۋاقىتقا قاراپ ئىشلىتىشى كېرەك
قورقۇتۇش بالىلارنىڭ خارەكتېر ساغلاملىقىغا زىيانلىق
يازدا توڭلاتقۇ كېسىلىدىن ئېھتىيات قىلىڭ
كىتاب ئوقۇشنىڭ جىسمانىي ساغلاملىققا بولغان پايدىسى
نامراتلارغا خاس 6 خىل تەپەككۇردىن نېرى تۇرۇڭ تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ
© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006
邮箱:global@eldiyar.com 电话:13325555422 0991-2506623 QQ:2663600
تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长