ئەلداۋا ساغلاملىق تورى، نۇر تورى، چىمبۇلاق تورى بىرلەشمە خەۋىرى:
«4-نۆۋەتلىك جۇڭيى-غەرب-ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە يىپەك يولى خەلقئارالىق تېبابەت ئىتتىپاقى مەكتەپ مۇدىرلىرى مۇنبىرى» 10-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى.

مەزكۇر يىغىن ھەققىدە ئىشلەنگەن زىيارەت فىلىمى
دىيارىمىزدا ئېچىلغان بۇ خەلقئارالىق كاتتا يىغىننى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى، رۇسىيە Saint Petersburg Pavlov تېببىي ئۇنىۋېرسىېتى، رۇسىيە ئۇل تېببىي پەنلەر تەتقىقات ئورنى، ش ئۇ ئا ر پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، شىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ، شىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى باشقا ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى ئىكەن.
يىغىنغا رۇسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، ئىران، تۈركىيە قاتارلىق يىپەك يولى خەلقئارالىق تېبابەت ئىتتىپاقىغا ئەزا 14 دۆلەتتىن كەلگەن مۇتەخەسسىس-ئالىملار ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە جۇڭگو قۇرۇلۇش پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر، دىيارىمىز تېببىي پەن ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەربابلار ۋە شۇنداقلا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ 1000 غا يېقىن كىشى قاتناشتى.

سۈرەت: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا
ئېچىلىش مۇراسىمىغا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر رىياسەتچىلىك قىلدى. ئارقىدىن، ئۇنىۋېرسىتېت پارتكومىنىڭ شۇجىسى جۇ شۈيوڭ تەبرىك سۆزى قىلىپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇزاقتىن بېرى غەرب تېبابىتى، جۇڭيى تېبابىتى، ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە قازاق تېبابىتى قاتارلىقلارنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋى تېبابەت بىلەن ئەنئەنىۋىي تېبابەتنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، بولۇپمۇ، يېقىندىن بۇيان، دۆلەتنىڭ «بىر يول، بىر بەلباغ» ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يىپەك يولى مەدەنىيەت-مائارىپ مەركىزى، داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇشتەك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئۆزىدىكى پەن-تەتقىقات، ئوقۇتۇش، داۋالاش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپتىكى ئەللەر بىلەن بولغان تېببىي مائارىپ ۋە سەھىيە-داۋالاش جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەت ياراتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

سۈرەت: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جۇ شۈيوڭ تەبرىك سۆزى قىلماقتا
مۇراسىمدا، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى گوجېڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى يۈ خۇەن، رۇسىيە تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، رۇسىيە ئۇل تېببىي پەنلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى GenrikhSofronov ، رۇسىيە تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، رۇسىيە Saint Petersburg Pavlov تېببىي ئۇنىۋېرسىېتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم تەبرىك سۆزى قىلدى.

سۈرەت: رۇسىيە ئۇل تېببىي پەنلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى GenrikhSofronov تەبرىكنامە تەقدىم قىلماقتا.

سۈرەت: رۇسىيە Saint Petersburg Pavlov تېببىي ئۇنىۋېرسىېتىنىڭ مۇدىرى تەبرىك سوۋغىسى تەقدىم قىلماقتا.

سۈرەت: ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك قىزى، ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى ئادالەت قاسىمى مۇنبەردە
سۈرەت: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلماقتا
سۈرەت: ئۆزبېكىستان خەلق تېبابىتى ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى مۇھەممەدجان ھەمرايوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلماقتا

سۈرەت: شىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى خەبەر خالىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلماقتا

سۈرەت: سولدىن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسى ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىق ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەكرەم ھاشىم، لوقمان دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى خەبەر خالىق، لوقمان دوختۇرخانىسى دوختۇرخانا باشلىقى ياردەمچىسى ئابلەت ئىمىن، ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ مەسئۇلى ئەلقەم ئىلھام يۈكسەل.
مەزكۇر يىغىن يىپەك يولى زامانىۋى ۋە ئەنئەنىۋى تېببىي پەن ساھەسىدىكى ئالىم-مۇتەخەسسىسلەر جەم بولۇپ، جۇڭيى-غەرب-ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى توغرىسىدا قۇرغان كاتتا ئەنجۈمەن بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئەنئەنىۋىي تېبابەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىمىزدىكى مۇنداق بىر كاتتا ئەنجۈمەن نوپۇز ۋە تەسىرىنىڭ يۇقىرىلىقى، كەمدىن-كەم ئېچىلىشى بىلەن تولىمۇ قەدىرلىكتۇر. شۇڭا، تورداشلار، قېرىنداشلارنىڭ بۇ خەۋەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ قويۇشىنى سورايمىز!
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى
نۇر تورى
چىمبۇلاق تورى
2016-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى
بۇ ئۇچۇرنى سۆيۈنۈش ئىلكىدە كەڭ تارقىتىپ قويايلى، باشقا قېرىنداشلىرىمىزمۇ خەۋەر تاپسۇن!!