يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىزدە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا قارىغۇلارچە ئىشىنىش، ھەتتا دوختۇر بۇيرۇغان دورا ۋە داۋالاشنى تەرك ئېتىپ، داۋانى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئىزدەيدىغان «يېڭى خۇراپات» باش كۆتۈردى. ئەلداۋا ساغلاملىق ئېكرانىنىڭ بۇ سانىدا، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى ئابدۇرېشىت غوپۇر بىلەن ياپونىيە توكيو تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى ئەخمەتجان نىياز ساغلاملىق يېمەكلىكى دېگەن زادى نېمە؟ ئۇ ھەقىقەتەن دورىدىن ياخشىمۇ؟ زادى كېسەل داۋالىيالامدۇ-يوق؟ دېگەن مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ سۆھبەتلىشىدۇ.
فىلىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى 18 مىنۇت، سىمسىز توردا كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

يانفوندا نورمال كۆرەلمىگەنلەر تۆۋەندىكى ئادرېسنى تور كۆرگۈچكە چاپلاپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
https://v.qq.com/x/page/e0381ddlr96.html
ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا بولغان تونۇشىمىزنى رۇسلاش مەقسىتىدە ئىشلەنگەن مەزكۇر فىلىمنى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، يېقىن-يورۇق، دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ تارقىتىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!