نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاياللارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئەرلەرنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى بىلەن تەڭ دېگۈدەك بولۇپ، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش يولىنىڭ تەلتۆكۈس ئۈزۈلمەسلىكى تۈپەيلى گۆدەك بالىلارنىڭمۇ رەھىمسىز ئەيدىزنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ كېتىشى بىزنى چۆچۈتىدۇ ۋە چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
نېمە ئۈچۈن ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ئەيدىزدىن ئوڭاي يۇقۇملىنىپ قالىدۇ؟
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى پوزىتسىيەسى قانداق؟
ئانىدىن بالىغا يۇقۇش يولى بىرقىسىم ئەللەردە تەلتۆكۈس ئۈزۈلۈپ، بالىلارنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىش نىسبىتى نۆلگە چۈشكەن بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن دىيارىمىزدا بۇ ئەھۋال يەنىلا مەۋجۇت؟
كۈنسېرى مودا بولۇۋاتقان گىرىم قىلىش-قىلدۇرۇشتىن ئەيدىز يۇقامدۇ؟

ئەلداۋا ساغلاملىق ئېكرانىنىڭ بۇ سانىدا، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى ئابدۇرېشىت غوپۇر بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزى ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىر ۋىراچى زۆھرە تۇردى خانىم يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ سۆھبەتلىشىدۇ.
فىلىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى 14 مىنۇت، سىمسىز توردا كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز.