ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تېز خەۋىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2016-يىللىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا، ش ئۇ ئا ر ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىلشات ياقۇپ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2016-يىللىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتىدىن قىسقىچە دوكلات بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
ش ئۇ ئا ر ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىلشات ياقۇپ ئەھۋال تونۇشتۇرماقتا.

ش ئۇ ئا ر ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ فېڭ ئەھۋال مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەكتە .

ش ئۇ ئا ر ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىلشات ياقۇپ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا

شىنجاڭنىڭ 2016ـ يىللىق ئەڭ يېڭى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى
2016ـ يىلى 1ـ ئايدىن 10ـ ئايغىچە ،مەملىكەت بويىچە دوكلات قىلىنغان ، تۇرۇشلۇق جايى شىنجاڭ بولغان ئەيدىز يۇقۇمدارى 3708 نەپەر، ئەيدىز بىمارى 1565 نەپەر ، قازا قىلغۇچى 1072 نەپەر
شىنجاڭدىكى 2016ـ يىلى 10ـ ئاينىڭ ئاخىرغىچە دوكلات قىلىنغان ھايات ئەيدىز يۇقۇمدارى ۋە بىمارىنىڭ سانى
ئومۇمىي سان 39840 نەپەر بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز بىمارى 10207 نەپەر قازا قىلغۇچىلارنىڭ سانى 10851 نەپەر
يۇقۇش يولى:
ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر چىكىش 24.9%
جىنسي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش 67.9%
شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ ئالاھىدىلىكى :
1. يۇقۇم ئومۇمىي جەھەتتىن تۇراقلىشىشقا يۇزلەنگەن بولسىمۇ، رايۇنلار ئارا پەرىق روشەن.
2. ئىلى قازاق ئابتونوم ئوبلاستى كونا يۇقۇم رايونى بولۇپ،يۇقۇم ۋەزىيتى تۇراقلىشىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەيدىز يۇقۇمدارلىرنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ.
3. ئاقسۇ ، قەشقەر ، خوتەن ، تۇرپان ، قاتارلىق جايلارنىڭ ئەيدىز يۇقۇمى تىز ئۆرلەش يۈزلىنىشىدە بولۇپ ، ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيتى ئىنتايىن كەسكىن.
4. يۇقۇش يولى جەھەتتە جىنسي ئالاقە ئارقىلىق تارقىلىش ئاساسلىق تارقىلىش يولىغا ئايلانغان بولۇپ ، ئەر ھەمجىنىسلەرنىڭ يۇقۇملىنىش سانى بىر قەدەر تىز ئېشىۋاتقان بولۇپ ، 2016ـ يىلى بايقالغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 7.8% گە يەتكەن.
5.ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمارلىرى ئىچىدە ،زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ نىسبىتى 10.1% بولسىمۇ ، . ئەمما ئاقسۇ ، ئىلى قاتارلىق جايلاردىكى بىر قىسىم ناھىيەـ شەھەرلەردە 25% دىن ئاشىدۇ.
6. ئەيدىزنىڭ تارقىلىش خەتەرلىك ئامىللىرى يەنىلا مەۋجۇد بولۇپ ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش قىيىنچىلىقى ئۈزلۈكسىز زورايماقتا .